ئۆمەرجان سىدىق 1971-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسىدا مەدەنىي ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1988-يىلى سىڭگىم ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1992-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى (تولۇق كورس) باكلاۋېرلىق ئۇنۋانى بىلەن تاماملاپ، «تۇرپان گېزىتى» ئىدارىسىغا تەقسىم قىلىنغان. 1998-يىلى «تۇرپان گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ ئىتتىپاق ياچېيكا شۇجىسى بولغان ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانىنى ئالغان. 1999-يىلى پارتىيىگە كىرگەن.2000-يىلى 10-ئايدىن 2005-يىلى 4-ئايغىچە «تۇرپان گېزىتى» ئۇيغۇر ئىجتىمائىي خەۋەرلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (مۇئاۋىن بۆلۈم دەرىجىلىك)، 2005-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ ئومۇمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىر، 2007-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ ھازىرغىچە «تۇرپان گېزىتى» ئۇيغۇر ئىجتىمائىي خەۋەرلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى (بۆلۈم دەرىجىلىك) بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ 2009-يىلى 12-ئايدا كاندىدات ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانغا يەنى مۇدىر مۇھەررىرلىك ئۇنۋانغا ئېرىشتى. ئۇ يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسى 7-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ خەلق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋن رەئىسى، تۇرپان شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش11-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.
ئۆمەرجان سىدىق پارتىيىگە، خەلققە، ئاخبارات خىزمىتىگە چوڭقۇر رىشتە باغلىغان لاياقەتلىك كادىر. «ئىلغار مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلىش»نى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە ياخشى ئىپادىلەۋاتقان، خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بىيىتىش يولىدا تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان ئېتىقادلىق يازغۇچى، ئۇ خىزمەتكە قاتنىشىپلا ئىدارە ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، ئىدارىدىكى ياشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئامما ئۈچۈن، ئىدارە ئۈچۈن نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلغان. ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى تەشكىلەپ، ياشلارنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى، كوللىكتىۋىزىملىق روھىنى ئاشۇردى. پارتىيە تەشكىلىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۆزىگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ماركىسىزىم، ماۋزېدۇڭ، لېنىن ئىدىيىسىنى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى قىتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئۆزىنى سىياسىي، ئىدىيۋى جەھەتتىن قوراللاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى. مۇخبىرلىق، مۇھەررىرلىك، يازغۇچىلىق خىزمىتىدە ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ پارتىيە ئەزاسلىق مەيدانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ھەر قانداق ئىشتا پارتىيىنىڭ ئوبرازىنى ساقلاش، خەلققە پايدىلىق بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇردى.
ئۆمەرجان سىدىقنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى 1989-يىلدىن باشلاپ، مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 700 پارچىغا يېقىن، شېئىر، ھېكايە، نەسىر ۋە ھەر خىل ژانېردىكى ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. 1995-يىلى ئۇ نەشىرگە تەييارلىغان (رازاق تۆمۈر بىلەن بىرگە) «پەرۋاز قىل تۇرپان»، «ئاتەش نەپەسلەر» ناملىق ئىككى كىتاب شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن، ئۇ يازغان «قايدىسەن دىلدار» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى 2001-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن، «بۇ شۇنداق مۇھەببەت، بۇ شۇنداق ئازاب» ناملىق شېئىرلار توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن، «ئىدىقۇت ئوغلانلىرى» ناملىق چوڭ ھەجىمدىكى تارىخىي ئوچېرىكى 2003-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. «قاناتلىق ئىنسان» ناملىق 4-كىتابى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 2004-يىلى 8-ئايدا نەشر قىلىنغان، 2005-يىلى 9-ئايدا ئۇنىڭ 5-كىتابى «سېھىرلىك زېمىن ـ تۇرپان»، 2007-يىلى 12-ئايدا 6-كىتابى «ياغاچچىلىق تېخنىكىسى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى، 2010-يىلى 3-ئايدا يەنە ئىككى كىتابى «قوش تىللىق» قوللانما «سۆيۈملۈك يۇرتىمىز» بىلەن ئەدەبىي خاتىرىلەر توپلىمى «بەرگەن ۋەدىمىز ۋەدە» » شنجاڭ ئېلېكترون نەشرىياتى ۋە قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتلىرى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى يەنە بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى قاتارلىق نەشرىياتلار نەشر قىلغان «يۈرەكسىز سۆيگۈ»، «قەشقەردىكى يەر شارى»، «كۆمۈلمەس ئىزلار»، «مېھنەت چېچەكلىرى»، «شانلىق 40 يىل»، «يۈرەك سوۋغىسى»، «ئۇيغۇر نەسىرلىرىدىن تاللانما»، «ئاپرېلدىكى گۇگۇم پەسىلى»، «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئابىدىسى» قاتارلىق كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ «يارغول قەدىمكى شەھىرى» ناملىق تېكستى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ «تىل ـ ئەدەبىيات» دەرسلىكىنىڭ 4-يىللىق 1-قىسىمىغا، «ئىدىقۇت ئوغلى» ناملىق تارىخىي ھېكايىسى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ «تىل ئەدەبىيات» دەرسلىكىنىڭ 6-يىللىق 1-قىسم كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن. «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ‹ئۈچ ئەڭگۈشتەر›» ناملىق ئەسىرى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە نەشىر قىلىنىدىغان «مەرىپەت» (سلاۋىيانچە) ناملىق ژۇرنالنىڭ 2007-يىللىق 8-سانىدا سۈرىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان. ئۇ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى، تۇرپان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئىشلىگەن «ئوت يۇرتى ئەدىبلىرى»، «كىتابلار ھەققىدە سۆھبەت»، «مەدەنىيەت بوستانى»، «كۆڭۈلدىكى سۆز»، «مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات»، «بېزەكلىك گۈلزارى»، «ياشلىق مىلودىيىسى» قاتارلىق مەخسۇس پروگراممىلاردا ئىش ـ ئىزلىرى بىلەن ، «ئىشچىلار ھەرىكىتى»، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»، «تۇرپان ژۇرنىلى»، «جۇڭگو مىللەتلىرى»، «شىنجاڭ ياشلىرى» قاتارلىق گېزىت ـ ژۇرناللاردا سۈرىتى، تەرجىمىھالى بىلەن تۇنۇشتۇرۇلغان.
مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى، تۇرپان خەلق رادىئو ئىستانسىسى، تۇرپان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىدا شېئىر، ھېكايىلىرى ئاڭلىتىلغان، كۆسىتىلگەن. «ئىدىقۇتتا باھار»، «مېھنەت ناۋاسى»، شىنجاڭ تېلېۋىزييە ئىستانسىسى ئىشلىگەن 2008-يىللىق «قۇربان ھېيت»لىق سەنئەت كېچىلىكى قاتارلىق سىنارىيىلىرى تېلېۋىيە بەدىئىي سەنئەت فىلىمى قىلىپ ئىشلىنىپ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، تۇرپان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن، «ئىدىقۇتتا باھار»فىلىمى vcd پلاستىنكىسى قىلىپ ئىشلەنگەن. 30دىن ئارتۇق ناخشا تېكىستى ھەر دەرىجىلىك رادىئو ـ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى ۋە سەھنىلەردە ناخشا قىلىپ ئېيتىلغان. كۆپلىگەن ئەسەرلىرىگە ئوبزور ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان. ئۆمەرجان سىدىق «ئىدىقۇت ئوغلانلىرى» ناملىق چوڭ ھەجىمدىكى تارىخىي ئەسىرىنى يېزىش ئۈچۈن ئىككى يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت سەرپ قىلغان، نەچچە يۈزلىگەن كىشىنى زىيارەت قىلىپ، نەچە يۈز پارچىلاپ كىتاب كۆرۈپ، ئۈرۈمچى، ئاستانە يېزىسى قاتارلىق جايلارنى نەچچە ئون قېتىملاپ زىيارەت قىلىپ، ئاخىرى 300 مىڭ خەتكە يېقىن ھەجىمدىكى بۇ كاتتا ئەسەرنى تاماملىغان. شىنجاڭنىڭ جۈملىدىن تۇرپاننىڭ يېقىنقى زامان مەدەنىيەت، مائارىپ تارىخىنى بىر قەدەر ئەتراپلىق ئەكس ئەتتۈرگەن زور ئىلمىي ئەمگەك بولۇش سۈپىتى بىلەن زور تەسىر قوزغىدى، ۋە بۇ كىتاب ھەققىدە مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۆمەرجان سىدىققا تون كىيگۈزۈلدى، ئۆمەرجان سىدىق ئىلمىي ئەمگىكىنىڭ بەدىلىگە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ ياش تون كىيگەن يازغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئىش ـ ئىزلىرى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا تەشۋىق قىلىنىپ، ئۇ ئۈزۈم يۇرتىدىكى تونۇلغان شەخس بولۇپ قالدى ۋە ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچىغا ئايلاندى.
ئۆمەرجان سىدىق 1994-يىلدىن باشلاپ ئۇدا تۆت يىل (8 قېتىم) شىنجاڭ ئاخبارات ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن 2-،3-دەرىجىلىك «مۇنەۋۋەر تەھرىر»لىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1995-يىلى تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات ـ سەنەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «يېڭى دەۋر تۇرپان ئەدەبىياتىدىكى مۇنەۋۋەر ئاپتور»، «كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تۇرپان ۋىلايەتلىك ئىدارىلەر كومىتېتى تەرىپىدىن «10 مۇنەۋۋەر ياش» بولۇپ باھالانغان، ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان «يۇرتۇمنى سۆيىمەن» تېمىسىدىكى ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتىدە بىر پارچە ئەسىرى مۇنەۋۋەر ئەسىرى بولۇپ باھالانغان. 1996-يىلى «كەشپىيات پەللىسىدىكى ئىجتىھاتلىق باغۋەن» ناملىق ئاخبارات ئەسىرى شىنجاڭ بويىچە رادىئو ماقالىلىرنى باھالاشتا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1992-يىلدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر 6 قېتىم «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2-، 3- دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئىختىيارىي مۇخبىرى، 2000-يىلى تۇرپان ۋىلايىتى بويىچە تەشۋىق، مەدەنىيەت سىستېمىسىدىكى ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ مۇكاپاتلانغان. 2001-يىلى بىر پارچە ھېكايىسى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئالىي مۇكاپاتى «شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىياتى» مۇكاپاتىغا، 2001-يىلى «شىنجاڭ ئىقتىسىاد گېزىتى» ئۇيۇشتۇرغان «ئارمان لوڭقىسى»نى تالىشىش ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتىدە كارىزلار ھەققىدىكى بىر پارچە ئەسىرى ئالاھىدە مۇكاپاتقا، «تەڭرىتاغ ژۇرنىلى» ئۇيۇشتۇرغان «كۆكنۇر مۇكاپاتى» پائالىيىدە بىر پارچە ئەسىرى 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
2003-يىلى «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»نىڭ 1-دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئىختىيارىي مۇخبىرى، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ مۇنەۋۋەر ئاپتورى (ئۇدا بىر قانچە قېتىم)، تۇرپان ۋىلايىتى بويىچە باھالانغان «10 مۇنەۋۋەر ياش»نىڭ دائىرىسىگە كىرگەن ياش بولۇپ باھالىنىپ، مۇكاپاتلانغان. 2004-يىلى تۇرپان ۋىلايىتى بويىچە يەنە بىر قېتىم «تەشۋىقات، ئىدىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغار شەخس» بولۇپ مۇكاپاتلانغان. 2004-يىلى 9-ئايدا «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۈچ ئەڭگۈشتەر» ناملىق ماقالىسى بىلەن 2-قېتىم «خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. 2005-يىلى تۇرپان ۋىلايىتى بويىچە «كۆزگە كۆرۈنگەن 10 ياش»نىڭ دائىرىسىگە كىرگەن ياش بولۇپ باھالانغان. شۇ يىلى «تۇرپان گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە سۇ كۆز يېشىمىز بولۇپ قالمىسۇن» ناملىق ئاخبارات ماقالىسى بىلەن 2-دەرىجىلىك شىنجاڭ ئاخبارات مۇكاپاتىغا، 2006-يىلى «تەۋرىنىشكە چىداملىق ئۆي ۋە دېھقانلار» ناملىق ماقالە بىلەن شىنجاڭ ئاخبارات مۇكاپاتىنىڭ 3-دەرىجىلىك تەھرىرلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2007-يىلى تۇرپان ۋىلايىتى بويىچە «ئون مۇنەۋۋەر ئاخباراتچى»نىڭ بىرى، «تارىخ ـ تەزكىرە خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس» بولۇپ مۇكاپاتلانغان.
ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى. ئۆمەرجان سىدىق شائىر، يازغۇچى بولۇپلا قالماي، ئىقتىدارلىق مۇھەررىر، مۇخبىر ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچى. ئۇ 1992-يىلى «تۇرپان گېزىتى»گە ئورۇنلاشقاندىن بۇيان ئىزچىل مۇخبىرلىق، مۇھەررىرلىك خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەلدى. ئۇ يازغان كادىرلارنى قۇتقۇزۋېلىش، يېزا مەكتەپلىرىدىكى خەتەرلىك سىنىپلارنى ئۆزگەرتىش، دېھقانلارنىڭ سېلىقىنى يېنىكلىتىش ھەققىدىكى ماقالىلەر جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغاش بىلەن بىرگە، مۇناسىىۋەتلىك تارماقلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. 1993-يىلى 7-ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە «ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى» تۇرپاندا ئېچىلغاندا ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرگە يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇش، تەشكىللەش ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالدى. 1998-يىلى تۇرپان شەھىرىدىكى قاراغۇجا يېزىسىدىكى مەرىپەتپەرۋەر دېھقان غوپۇر روزى بىلەن ئالاقىلىشىپ، 5 مىڭ يۈەن ھەل قىلىپ، «تۇرپان گېزىتى» ئەدەبىي بېتىدە تەسىرى ئاپتونوم رايونغا كېڭەيگەن «مەرىپەتپەرۋەر دېھقان غوپۇر روزى نامىدىكى بەدىئي ئەسەرلەر مۇسبىقىسى»، 1999-يىلى تۇرپان شەھەرلىك مىللىي بويۇملار سودا شىركىتىنىڭ دىرېكتورى بارىجان ئابدۇللا بىلەن ئالاقىلىشىپ، 8 مىڭ يۈەن ھەل قىلىپ، «ئاتەش سۆيگۈسى مۇكاپاتلىق بەدىئىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسى»نى، 2005-يىلى ئۈرۈمھى «ئاق تۇلپار» ئېلان لايىھىلەش شىركىتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تۇرپان گېزىتى ئەدەبىي بېتىدە «ئاق تۇلپار» نامىدىكى مۇكاپاتلىق بەدىئىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىنى، 2006-يىلى تۇرپان «ئىزچىلار» كىتابخانىسىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ «ئىزچىلار» نامىدىكى مۇكاپاتلىق بەدىئىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىنى، 2007-يىلى تۇرپان «خۇشناۋاھ ئارامگاھى» نىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ «خۇشناۋاھ» نامىدىكى مۇكاپاتلىق بەدىئىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسى»نى 2008-يىلى، ئادوۋكات ئەنۋەر ئابدۇگۈلنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، «ئىدىقۇت قەسىدىسى مۇكاپاتلىق بەدىئىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسى»نى ئۆتكۈزدى. 2009-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئەنۋەر ئابدۇگۈل مەشرىپى»دە يىگىت بېشىلىق ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلىدى.
كېلىش مەنبەسى:خەلق تور
مەنزىل:
http://www.radioxj.com/show.aspx?id=127&cid=3