مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2217|ئىنكاس: 2

قىرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىپەك يولى مەڭگۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15628
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10746
تۆھپە نۇمۇرى: 1247
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-26 11:58:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خۈيزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى


پولات ئاماننۇرى



* فىگۇرا چىقىرىپ ئارغامچا سەكرەش خېبېي ساڭجۇ ئەتراپىدىكى يېزا-بازار، شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان خۇيزۇلار ئىچىدە كەڭ تارقالغان ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرى. ساڭجۇ ئەزەلدىن «چامباشلىق يۇرتى» دېگەن نامغا ئىگە بولۇپ، ئارغامچا سەكرەش چامباشلىق مەشىقىدە كەم بولسا بولمايدىغان قوشۇمچە مەشىق تۈرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. دەسلەپتە سەكرەش قېتىم سانىدا بەسلەشكەن بولسا، كېيىن ئارغامچىدا ماھارەت كۆرسىتىشكە تەرەققىي قىلغان.

* يەكمۇ يەك ئېلىشىش ماھارىتى ئون يۈرۈشلۈك بولۇپ، ھەر بىر يۈرۈشنىڭ ئۆز ئالدىغا خاس قائىدىلىرى بار. بۇ ماھارەت خېنەن ئۆلكىسىدىكى خۇيزۇلار ئىچىدە كەڭ تارقالغان.

* ياغاچ توپ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى كەڭ دېھقانلار، بولۇپمۇ خۇيزۇ ئۆسمۈرلىرى ياخشى كۆرىدىغان تەنھەرىكەت تۈرى. ياغاچ توپ 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. مۇسابىقىگە چۈشكەنلەر قولىغا ئۇزۇنلۇقى 65 سانتىمېتىر كېلىدىغان توپ كالتىكىنى تۇتۇپ، كەڭلىكى 25 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر كېلىدىغان مەيداندا دىئامېتىرى 4.5 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 7.4 سانتىمېتىر كېلىدىغان تۇخۇمسىمان توپنى ئېلىپ مېڭىپ، مەيداننىڭ ئىككى بېشىدىكى دىئامېتىرى 80 سانتىمېتىر، چوڭقۇرلۇقى 40 سانتىمېتىر كېلىدىغان قارشى تەرەپنىڭ ئورىكىگە كىرگۈزۈشكە تىرىشىدۇ.

* توپاق يىقىتىش ئويۇنى خۇيزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرىدىن بىرى.

* تاش قۇلۇپ ئېتىش بېيجىڭ رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق خۇيزۇلار ئىچىدە كەڭ ئەۋج ئالغان ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرىنىڭ بىرى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، چىڭ سۇلالىسىنىڭ شۈەنتۇڭ يىللىرىدا تاش قۇلۇپ ئېتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان.

* شىنيىچۈەن ماھارىتى خېنەندىكى خۇيزۇلار ئىچىدە كەڭ تارقالغان. بۇ ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش ۋە قوغدىنىش تېخنىكىسىغا تەقلىد قىلىپ ئىجاد قىلىنغان ماھارەت. تارىخىي خاتىرىلەردىن قارىغاندا، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئاتاقلىق ھەربىي ئەمەلدار يۆفېي ئۇستازى ئۆگەتكەن نېيگۇڭ ماھارىتىگە ئون تۈرلۈك ھايۋاننىڭ ماھارىتىنى قوشۇپ شىنيىچۈەن ماھارىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان.


قىرغىزلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى



* ئىككى كىشلىك ئىلەڭگۈچ

قىرغىز قىزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئويۇن پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. بۇنىڭدا ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىر كېلىدىغان ئۈچ بۇرجەكلىك تىرەكنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۈچ تال ئارغامچا باغلىنىدۇ. بىر قېتىمدا ئىككى ئادەم ئارغامچىغا چىقىپ ئوتتۇرىدىكى ئارغامچىنى دەسسەپ ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل تۇرىدۇ ھەمدە ھەر بىرىنىڭ بېلى ئىككى ياندىكى بىردىن ئارغامچىغا يۆلىنىپ، ئىككى قولىنى كېرىپ ئارغامچىنى تۇتۇپ ئۇچۇشقا تەييارلىنىدۇ.

* ئات ئۈستىدە تەڭگە ئېلىش

قىرغىزلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئات ئۈستى تەنھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى. بۇ مۇسابىقە كەڭرى ۋە تۈز مەيداندا ئۆتكۈزۈلىدۇ، مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر تۈز سىزىق سىزىلىپ، سىزىق ئۈستىگە ھەر 10 مېتىر ئارىلىققا كەڭلىكى 15 سانتىمېتىر، چوڭقۇرلۇقى 10 سانتىمېتىرلىق قول پاتقۇدەك ئۈچ ئورەك كولىنىدۇ. بۇ ئورەكلەرگە ھەر خىل تەڭگىلەر سېلىپ قويۇلىدۇ. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ئورەكتىن 50 مېتىرچە يىراقلىقتىن ئات چاپتۇرۇپ كېلىپ، ئات ئۈستىدىن ئېڭىشىپ تۇرۇپ تەڭگىنى ئالىدۇ، ئېلىۋالغۇچىلار مۇكاپاتلىنىدۇ.

* ئۈزۈك چىشلەش

قىرغىزلارنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە قىزىقارلىق ئەنئەنىۋى ئويۇنىنىڭ بىرى. بۇ ئويۇندا بىر دانە ئۈزۈك تەكشى يەرگە قويۇلىدۇ، ئويۇنغا قاتناشقۇچى ئىككى پۇت ئارىلىقىنى 80 سانتىمېتىر ئېچىپ، ئىككى قولىنى بېلىگە تىرەپ ياكى كەينىگە قىلىپ تىك تۇرىدۇ، ئاندىن ئىككى تىزىنى ئەگمەي ئېڭىشىپ يەرگە قويۇلغان ئۈزۈكنى ئاغزى بىلەن چىشلەپ ئېلىپ ئەسلىي قىياپىتىگە قايتىدۇ.

* بۆرە-قوتان ئويۇنى

قىرغىز ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ چارۋىچىلىق ھاياتىدىكى رېئال تۇرمۇشنىڭ مەزمۇنىغا تەقلىد قىلىپ ئىجاد قىلىنغان ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى. بۇ ئويۇندا بىر توپ بالىلار يەرگە چەمبەر سىزىپ «قوتان» ياسايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىچىگە تۇماق، چاپانلىرىنى قالايمىغان تاشلايدۇ (بۇ قويغا تەمسىل قىلىنغان)، «بۆرە» بولغۇچىلار «قوتان» غا ھۇجۇم قىلىپ، «قوي» دىن بىرەرىنى ئېلىپ قاچالىسا غەلبە قىلىدۇ.

* ئايدىڭدا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى

ئايدىڭ كېچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇنىڭغا پەقەت ئاياللارلا قاتنىشىدۇ. بۇ ئويۇن ئۈچ خىل تۈردە ئېلىپ بېرىلىدۇ.


قازاقلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى




* تۇماق قامچىلاش

قازاقلارنىڭ ئاتلىق ئوينايدىغان ئەنئەنىۋى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. ئويۇنغا قاتناشقۇچىلار نۆۋەت بىلەن كۆزى تېڭىلغان ھالدا ئات بويى ئېگىزلىكىدىكى مومىنىڭ ئۇچىغا كىيدۈرۈلگەن تۇماقنى يىراقتىن ئات چاپتۇرۇپ كېلىپ ئۈچ قېتىم قامچىلايدۇ.

* قامچىلاپ تېرە يىرتىش

قازاقلارنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى پائالىيىتى. بۇ پائالىيەت توي مەرىكىسى قاتارلىق چوڭ يىغىلىش سورۇنلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭدا بىر تەكشى مەيداندىكى 30-40 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىكى قوزۇققا ئۆكۈزنىڭ بويۇن تېرىسى باغلاپ كېرىپ تارتىلىدۇ. قاتناشقۇچىلار رەت بويىچە يىراق ئارىلىقتىن ئات چاپتۇرۇپ كېلىپ قامچا بىلەن تېرىنى قامچىلايدۇ، تېرىنى قامچىلاپ يىرتىۋەتكۈچى غەلىبە قىلىدۇ.

* تاغار كىيىپ چېلىشىش

قازاقلارنىڭ توي-تۆكۈن، ھېيت-بايراملاردا ئېلىپ بارىدىغان، تارىخى ئۇزۇن، قىزىقارلىق ئەنئەنىۋى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىككى كىشى تاغار كىيىپ چېلىشىدۇ، چېلىشقاندا پۇتنى ئىشلەتمەي بەلدىن يۇقىرى قىسىمنىڭ كۈچى بىلەن چېلىشىدۇ.

* بۇقا بىلەن ئېلىشىش

قازاقلارنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى پائالىيىتى. بۇقا بىلەن ئېلىشقۇچى بۇقىنىڭ ئىككى مۈڭگۈزىدىن تۇتۇۋېلىپ، كۈچ بىلەن تولغاپ بۇقىنى بېسىۋېلىشقا تىرىشىدۇ. كۈچلۈك، باتۇر يىگىتلەر بۇقىنىڭ مۈڭگۈزىدىن تولغاپ بۇقىنىڭ يۇلۇنىنى ئۈزۈۋېتىدۇ.

* قىز قوغلاش

قازاقلارنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. بۇ قازاق قىز-يىگىتلىرى ئات ئۈستىدە ئۆزئارا تونۇشۇپ، مۇھەببەت ئىزھار قىلىشىدىغان ئەنئەنىۋى پائالىيەت.

* ئات قىسىپ چىقىرىش

قازاقلارنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە، رىقابەتچانلىقى كۈچلۈك، قەبىلىلەر ئارا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەنئەنىۋى ئات ئۈستى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. بۇنىڭدا مۇسابىقىلەشكۈچىلەر چەمبەر ئىچىدە ئات چاپتۇرۇپ كېلىپ، قارشى تەرەپنى چەمبەردىن قىسىپ چىقارسا يەڭگەن بولىدۇ.

* ئاتلىق تاسما تارتىشىش

قازاقلارنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. بۇنىڭدا مۇسابىقىلەشكۈچى ئىككى كىشى ئاتقا مىنىپ، بىر قولىدا ئۈچ مېتىر كېلىدىغان تاسمىنىڭ ئۇچلىرىنى بىر تەرەپتىن چىڭ تۇتۇپ تۇرىدۇ ۋە مۇسابىقە باشلىنىش سىگنالى بېرىلگەن ھامان قارىمۇ-قارشى يۆنىلىشكە قاراپ تارتىدۇ. تاسمىنى قارشى تەرەپنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان تەرەپ يەڭگەن بولىدۇ.

* تاي بەيگىسى

قازاقلارنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. بۇ ئويۇن توي-تۆكۈنلەردە، بوۋاق تۇغۇلغاندا، كېلىن چۈشۈرگەندە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

* يىلىك سۇندۇرۇش

قازاقلارنىڭ ئەنئەنىۋى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، قۇرامىغا يەتكەن قىران يىگىتلەر قاتنىشىدۇ. يىلىك سۇندۇرۇش ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى، ئوشۇق يىلىكنىڭ بېشى ئۇچۇرۇۋېتىلىپ گۆشلىرى پاكىز قىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، مەزمۇن ۋە تەكشى بولغان تاختىنىڭ ئۈستىگە قويۇلۇپ مۇشت ياكى قولنىڭ قىرى بىلەن ئۇرۇپ سۇندۇرۇلىدۇ. يەنە بىرى، ئىككى قول بىلەن ئىككى بېشىدىن تۇتۇپ تولغاپ سۇندۇرۇلىدۇ.

* تارغاق سۆڭىكىنى سۇندۇرۇش 

قازاقلارنىڭ ئەنئەنىۋى پائالىيىتى بولۇپ، تاغاق (قوي ياكى ئۆچكىنىڭ) سۆڭىكى گۆشتىن تازىلىۋېتىلىپ تاغاق سۇندۇرۇشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر بىر كىشى نۆۋەت بىلەن بىگىز ياكى ئوتتۇرا بارمىقى بىلەن تۇتۇپ تاغاق سۆڭەكنى سۇندۇرىدۇ.

تاتارلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى



تاغار كىيىپ يۈگۈرۈش

تاتار ياشلىرى ۋە ئۆسمۈرلىرى ياخشى كۆرۈپ ئوينايدىغان قىزىقارلىق تەنتەربىيە ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. بۇ ئويۇندا، يۈگۈرۈشكە قاتناشقۇچىلار تاغارنى بېلىگىچە كىيىپ، پۇتلىرىنى تاغارنىڭ ئىككى بۇلۇڭىغا قويۇپ، ئالغا قاراپ سەكرەپ ماڭىدۇ ياكى يۈگۈرىدۇ، ئاخىرقى پەللىگە ئەڭ بالدۇر يېتىپ بارغۇچى بىرىنچى بولىدۇ.

پۇت چېتىپ يۈگۈرۈش

تاتارلارنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. بۇ ئويۇندا، بىر ئوغۇلنىڭ (قىزنىڭ) ئوڭ پۇتىغا بىر قىزنىڭ (ئوغۇلنىڭ) سول پۇتى چېتىپ قويۇلىدۇ. بۇلار بىر قانچە جۈپ بولۇپ تۈز مەيداندا مۇسابىقىلىشىدۇ. مۇسابىقىلەشكۈچى جۈپلەرنىڭ قايسىبىر جۈپى مەيلى سەكرەپ، مەيلى مېڭىپ ياكى يۈگۈرۈپ بولسۇن بەلگىلەنگەن ئاخىرقى پەللىگە ئالدى بىلەن يېتىپ كەلسە شۇ بىرىنچى بولىدۇ.

سۇ كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈش

تاتار ياشلىرى ۋە ئۆسمۈرلىرى قىزىقىپ ئوينايدىغان، يۇقىرى ماھارەت ۋە كۈچ تەلەپ قىلىدىغان تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. مۇسابىقىلەشكۈچىلەر باش پەللە سىزىقىنىڭ كەينىدە ئىككى قولىنى ئىككى يانغا مۈرە ئېگىزلىكىدە تۈز كېرىپ سۇ تولدۇرۇلغان ئىككى چېلەكنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. سىگنال بېرىلگەن ھامان چېلەكنى تۆۋەنگە چۈشۈرمەي، بىر خىل ئېگىزلىكتە كۆتۈرۈپ يۈگۈرىدۇ. ئاخىرقى پەللىگە ئەڭ بۇرۇن يېتىپ بارغان كىشى غەلىبە قىلىدۇ.

قوشۇق چىشلەپ يۈگۈرۈش

تاتارلارنىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس بولۇپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ بىرى. بۇنىڭدا مۇسابىقىلەشكۈچىلەر ئىچىگە تۇخۇم قويۇلغان ياغاچ قوشۇقنى چىشلەپ باش پەللە سىزىقىنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ. سىگنال بېرىلگەن ھامان تۇخۇم قويۇلغان قوشۇقنى چىشلەپ يۈگۈرىدۇ، تۇخۇمنى چۈشۈرمەي ئاخىرقى پەللىگە بۇرۇن يېتىپ بارغان كىشى بىرىنچى بولىدۇ.



مەنبە: http://www.uycnr.com/wh/wwewh/

پۇراقسىز گۈلدىن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9690
يازما سانى: 676
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12986
تۆھپە نۇمۇرى: 414
توردا: 2305 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2013-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 03:17:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ تاتارلارغا بەكلا قىزقىمەندىسە

رەنابولسا،مەھبۇبەڭ بولسۇن، دانابولسا،ئۆيۇڭدە قونسۇن، بىلمگەننى سوراپ بىل،لىكىن، ئازبولسىمۇئۆزئەقلىڭ بولسۇن

كۆزۈڭنى ئاچ ،ئۆز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19684
يازما سانى: 594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8504
تۆھپە نۇمۇرى: 613
توردا: 6914 سائەت
تىزىم: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 09:51:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنىلا بىزنىڭ ياخشى جۇمۇ؟

دۇست كۇلدۇرۇپ ئېيتار.دۈشمەن يىغلىتىپ ئېيتار .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش