سىتوپا مۇنارى تۇرپان شەھىرىنىڭ ئاستانە يېزىسىغا جايلاشقان بولۇپ، تىپىك بۇددىزم سىتوپاسى بولۇپ، ‹‹ سۇپىلىق مۇنار›› دېگەن مەنىدە. ئۇنىڭ قايسى ۋاقىتتا ياسالغانلىقى توغرىسىدا يازما ماتېرىيال يوق. لېكىن، ئۇنىڭ ئەينى چاغدا قۇچۇ خانلىقىنىڭ خانلىق ئىبادەتخانىسى بولغانلىقى مەلۇم. ئارخېئولوگىيە خادىملىرى نەق مەيداننى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مۇنارنىڭ دەۋرىنى مىلادىيە 6- ئەسىردىن 10- ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىققا توغرا كېلىدۇ، دەپ بېكىتكەن. شۇنداق بولغاندا، بۇ مۇنار سەككىز ئەسىر ئىشلىتىلىپ، 14- ئەسىرنىڭ ئاخرىلىرىغا كەلگەندە ئاستا- ئاستا تاشلىۋېتىلگەن.
ستوپا مۇنارىنىڭ كۆلىمى 939 كۇۋادىرات مېتىر، ھازىرقى ساقلىنىپ قالغان قىسىمنىڭ ئېگىزلىكى 20 مېتىردىن ئاشىدۇ. مۇنار جەنۇپتىن شىمالغا قارىتىپ سەل قىيپاش ھالەتتە چاسا شەكىلدە ياسالغان. جەنۇپتىن شىمالغا ئۇزۇنلىقى 36 مېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىگى 34 مېتىر، ئۇلىنىڭ كەڭلىكى 8دىن 12 مېتىرغىچە كېلىدۇ. مۇنارنىڭ ئىچى چاسا شەكىلدىكى بوشلۇق بولۇپ، ئۇ ئېھتىمال ئەينى ۋاقىتتا بۇددا پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان سورۇن بولۇشى، جەنۇبىي تېمىدىكى كەڭلىكى ئۈچ مېتىر كېلىدىغان ئوچۇق ئورۇن ئىبادەتخانىنىڭ ئىشىكى بولۇشى مۇمكىن. مۇنارنىڭ شەرقىي تېمىدا ئۈچ رەت بۇت تەكچىسى، ئۈستۈنكى رېتىدە جەمئىي ئالتە ئويۇق بۇت تەكچىسى بار. ئەڭ شىمالىي تەرىپىدىكى تەكچىنىڭ تۆرىسىدە ئازراق تام رەسىمى ساقلىنىپ قالغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ستوپا مۇنارىدا بىر چوڭ بۇت بار بولۇپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20- يىللىرى چېقىۋىتىلگەن.
·مۇنارنىڭ كۆپ قىسمى تۇرپاننىڭ ئەنئەنىۋى قۇرۇلۇش شەكلى بولغان سېغىز توپىنى خاڭداش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان، ناھايىتى ئاز بىر قىسمىغا كېسەك ئىشلىتىلگەن.
ستوپا مۇنارى 2001- يىلى 6- ئايدا گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن ‹‹ مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ›› قىلىپ بېكىتىلگەن. ماتېرىياللاردا ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە روسىيە ئېكىسپېدىتسىيىچىلىرى بۇ يەردە تەكشۈرۈش ۋە قېزىش ئېلىپ بېرىپ، بىر قىسىم قىممەتلىك تام رەسىملىرىنى ئېلىپ كەتكەن.
قىسقىسى، ستوپا مۇنارى شىنجاڭدىكى كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ، ساقلىنىشى بىر قەدەر ئۇزاق بولغان بۇددا بىناكارلىق خارابىسى بولۇپ، ئۇ جۇڭگو- غەرب مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخى ۋە بىناكارلىق تارىخى، دىن تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
مەنبە:تەڭرىتاغ تورى
http://www.xjtsnews.com/normal/c ... 3/content_10141.htm