مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3767|ئىنكاس: 17

تېرېخول كۆلىدىكى ئۇيغۇر قەدىمكى قەلئەسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-26 01:49:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تېرېخول كۆلىدىكى ئۇيغۇر قەدىمكى قەلئەسى
ئاپتۇر: چىن شۆشۈن



تېرېخول كۆلى(رۇسچەТерехоль) يېنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا، توۋا ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىنىڭ موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان جايىدىكى قوڭۇرتۇغ كەنتىنىڭ غەربىگە نەچچە 10 كىلومېتىر كېلىدۇ. تېرېخول كۆلى دېڭىز يۈزىدىن 1300 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغ ئويمانچىسىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلدە ئارال، ئارالدا قەدىمكى ئۇيغۇرلاردىن قالغان پورباجېن قەلئەسى بار. روسىيىلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قەلئە مىلادى 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياسالغانىكەن.

ھازىرغا قەدەر پورباجېن قەدىمكى قەلئەسى سىرلىق پەردىگە يوشۇرۇنۇپ كەلگەن. پورباجېن قەلئەسى ۋە تېرېخول توغرىسىدا يەرلىك ئاھالە ئارىسىدا بىر مۇنچە رىۋايەت تارقىلىپ كەلگەن. ئۇلارنى ئىچىدىكى ئىككى رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن.

بىرىنچى، ناھايىتى يىراق قەدىمكى دەۋرلەردە، بۇ يەردە ھازىرقى تېرېخول كۆلى بولمىغان. بۇ جايدا بىر ئېلىكخان ياشىغان بولۇپ، بىر كۈنى ئەتىگەندە ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاسمان زېمىننى باستۇرۇپ كېلىۋاتقان توپاننى ۋە ئۇنىڭ قەلئەسىنى غەرق قىلىۋېتىش خەتىرىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتكەن-دە، شۇ ئان مۇلازىم-خىزمەتكارلىرىنى باشلاپ تاغ چوققىسىغا چىقىپ، قەلئەنىڭ ئەتراپىنى بېسىپ كەتكەن سۇنى كۆرۈپ، كۆل تەرەپكە قولىنى سوزۇپ تۇرۇپ: «تېلە-خور، تېلە-خور!» دەپ ۋاقىرىغان. «تېلە» موڭغۇلچە «بۇ يەر»؛ «خول» توۋاچە «كۆل» دېگەنلىك بولىدىكەن. گەرچە بۇ بىر رىۋايەت بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا ئىلمىي ئاساسقا ئىگە، يەنى گېئولوگلار رەسەتخانىنىڭ ياردىمىدە، يىراقتىن تىزگىنلىنىپ تارتىلغان سۈرەتلەر ئارقىلىق تېرېخول كۆلىنىڭ ئاستىدا بىر چوڭ يول بارلىقىنى بايقىغان. بۇ ھەقىقەتەن بىر ئاجايىبات-تە!

ئىككىنچى، قەدىمكى زاماندا بىر خان تۈزلەڭلىككە جايلاشقان ئوردىسىدا ياشايدىكەن. بىر كۈنى مۇلازىمى ئۇنىڭغا قۇدۇقتا بىر چوڭ بېلىق كۆرگەنلىكىنى مەلۇم قىلىپتۇ. خان چىقىپ كۆرۈپ بېقىپ: «بۇ بېلىق ئەمەس، سازاڭ ئىكەن، مەن بۇ قۇدۇقنىڭ سۈيىنى ئىچمەيمەن» دەپتۇ. ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرى چۈشۈشىگىلا، قۇدۇقنىڭ سۈيى تېشىپ چىقىپتۇ. خان قورقۇپ كېتىپ، جېنىنى ئېلىپ قېچىپتۇ ۋە ئارقىسىغا قارىغىنىچە «تېلە-خور، تېلە-خور!» دەپ توۋلاپتۇ. قۇدۇق سۈيى ئەتراپتىكى زېمىننى بېسىپ، كۆپ ھاسىل بوپتۇ. خاننىڭ قەلئەسى بار جاي ئارال بولۇپ قاپتۇ...

يۇقىرىقى ئىككى خىل رىۋايەتنىڭ ئوخشايدىغان بىر يېرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، تېرېخول كۆلى كېيىن شەكىللەنگەن. تېرېخول كۆلى ۋە پورباجېن قەدىمكى قەلئەسى توغرىسىدا، رۇس تىلىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە مۇنداق چۈشەنچىلەر بېرىلگەن:

تېرېخول كۆلىدىكى قەلئە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد خانى مويۇنچۇر خاقان (مىلادى 747-يىلىدىن 759-يىللىرىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ بۇيرۇقى بويىچە 8-ئەسىردە ياسالغان. قەلئەنىڭ قورۇق تېمىنىڭ ئېگىزلكى 10 مېتىرغا يېتىدۇ. قەلئەنىڭ مەركىزى ئېگىز تۆپىلىك سۇپا ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ھۆكۈمدارنىڭ تۇرالغۇسى قىلىنغان. قەلئەنى قۇرغۇچىلار نەچچە مىڭ توننا نەم توپا ۋە خىش يۆتكەپ كەلگەن. پورباجېن قەلئەسىنىڭ قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بولۇپ، ئەگرى شەكىللىك چوڭ قورۇ ئىچىگە مۇكەممەل مەخپىي ئوردا جايلاشتۇرۇلغان. ئۇ بۇددا دىنى ۋە ھىندى دىنىنىڭ ماندۇراچىن قەسىرلىرىگە ئاجايىپ ئوخشايدۇ.ئۆز ۋاقتىدا، ھىمىرچىك دەريا جىلغىسىغا بىر مۇنچە قەلئەلەر ياسالغان بولۇپ، سانى 17 گە يېتىدۇ. لېكىن، پورباجېن قەلئەسىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى باشقىلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ لايىھىلىنىشى سوغدى مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. بۇنداق بولۇشىدا، جۇڭگودىن كەلگەن سوغدىلار قەلئە قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، سوغدىلار شۇ چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر بىلەن سودا-سېتىق قىلىشپ تۇراتتى. ھازىر كىشىلەر بۇ قەلئەنى يازلىق ئوردا، دېيىشمەكتە. چۈنكى بۇ يەردە ھەر خىل ياۋايى ھايۋان، بېلىقلار بولۇپ، دۈشمەنلەر باستۇرۇپ بارالمايدىغان جاي. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قارا بالغاسۇن ياكى ئوردۇبالىق، دەپ ئاتىلىدىغان پايتەختى بولغان. ھازىر بۇ ئىككى جاينىڭ خارابىسى موڭغۇلىيىدە بولۇپ، پورباجېن بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن ئىككى كۈنلۈك يول يىراقلىقتا. د. ئا. كېلىمىنتسىي 1891-يىلىدىن ئېتىبارەن، قارا بالغاسۇننى تەتقىق قىلىشقا باشلىغاندا، پورباجېن قەلئەسىنىڭ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن دوراپ ياسالغانلىقىنى بايقىغان. ھەر تەرەپتىن قارىغاندا، قەلئەنى قۇرۇشقا ئەتراپتىكى خەندەكلەردىن توپا ئېلىنغان. كېيىنچە بۇ خەندەكلەر جىلغا بولۇپ كەتكەن. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ كۆل بارغانسېرى چوڭايغان دېيىشىگە قارىغاندا، قەدىمكى چاغلاردىكى جىلغىدا بىر نەچچە كىچىك كۆپ بولغان بولسا، قەلئەنى قۇرغۇچىلار بۇ كىچىك كۆللەرنى سۈنئىي يوسۇندا بىرلەشتۈرۈۋەتكەن بولسا كېرەك. كېيىنكى رىۋايەتلەر موڭغۇللار دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن بولسا كېرەك. ھالبۇكى، بىر سىرلىق پەردىلەر چېلېخور كۆلى جىلغىسىدا قېلىپ قالغان ئىزنالار ۋە يېزىقلار تېپىلغاندىن كېيىن ئېچىلىشى مۇمكىن.

توۋالارنىڭ قىسقىچە تەزكىرىسى

تېرېخول كۆلى ۋە كۆل ئۈستىدىكى پورباجېن قەدىمكى قەلئەسى روسىيە فېدېراتسىيىسى توۋا ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە بولغاچقا، توۋالارنى قىسقىچە تونۇشتۇرماي بولمايدۇ. توۋالار ئولتۇراقلاشقان جايلار سىبىرىيىنىڭ جەنۇبىدىكى يېنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى، ئاساسەن سايانلىن ۋە تاڭنۇ تېغى ئارىسىدىكى كەڭ كەتكەن دائىرىگە تارقاق جايلاشقان بولۇپ، بۇ رايوننىڭ كۆلىمى 200 كۋادرات كىلومېتىرچە كېلىدۇ. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ جايلار تاڭنۇ ئۇلانخام، دېيىلىپ، 48 دائىرىگە ئايرىلىپ باشقۇرۇلغان. تۇڭجىنىڭ 3-يىلى جۇڭگو-روسىيە تارباغاتاي كېلىشىمى («جۇڭگو- روسىيە غەربىي شىمال چېگرىنى تەكشۈرۈپ ئايرىش كېلىشىمى») نى ئىمزالىغاندا، تاڭنۇ ئۇلانخامنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئون دائىرە روسىيىگە كېسىپ بېرىلگەن. 1914-يىلى چارروسىيە پۈتكۈل ئۇلانخامنى ئىگىلىۋالغان. روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، جۇڭگو ئوتتۇرا ۋە شەرقتىكى 36 دائىرىنى قايتۇرۇۋالغان بولسىمۇ، ئۇزاق ئۆتمەي چكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇلانخامنىڭ شەرقىدىكى توققۇز دائىردە موڭغۇلىيىگە تەۋە بولۇپ، روسىيە بېسىۋالغان ئوتتۇرا قىسىمدىكى 27 دائىرە 1924-يىلى تاڭنۇ توۋا خەلق جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. 1926-يىلى ئۇ توۋا خەلق جۇمھۇرىيىتى، دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1944-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى روسىيە سوۋېت فېدېراتسىيە سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇلۇپ، ئاپتونوم ئوبلاست ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغان. 1961-يىلى ئىسمى توۋا ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، دەرىجىسى ئۆسۈپ، روسىيە فېدېراتسىيىسى ئىچىدىكى جۇمھۇرىيەت بولۇپ قالغان.

توۋالارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى تېلى-تۈرك ۋە سىيانپى-موڭغۇل ئىككى تەرەپتىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. مىللەت ئىسمىدىن قارىغاندا، توۋالار، شۈبھىسىزكى، توپا (توپۇ) لار بىلەن خېلىلا زور بىر مەنبەگە ئىگە. توپا توققۇز تېلىلارنىڭ ئەڭ شىمالىي بىر بۆلىكى بولۇپ، ئۇلار ھازىرقى بايقال كۆلىنىڭ غەربىي جەنۇبىي دائىرىسى، يېنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى ساھىلىغا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. بۇ جايلار قەدىمكى تۈركلەرنىڭ جەنۇبىغا كۆچۈشىدىن ئىلگىرىكى پائالىيەت بۆشۈكى ئىدى. مىلادى 2-ئەسىرلەردە ھونلار ئاجىزلىشىپ، سىيانپىلار گوبىنىڭ شىمالىغا زور كۆلەملىك يۈرۈش باشلىدى. كېيىن مۇشۇ جايلاردا داۋاملىق ياشاپ قالغان ھون-دىڭلىڭ (تېلى) لارنىڭ قالدۇق قىسىملىرى بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئارىلىشىش، شالغۇتلىشىش يۈز بەردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە توپا سىيانپىلىرىنىڭ كۆچۈشى ئەڭ يىراق بولۇپ، گوبىنىڭ شىمالى ۋە غەربىي تەرىپى بۇ كۆچۈشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. توپا قەبىلىلىرىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشى ناھايىتى روشەن بولغانىدى. توپا ئىسمىنىڭ ئاشۇ سەۋەبلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى، ھېچبولمىغاندا، ئۇنىڭ تەركىبى ئىچىگە بەزى سىيانپىلار ئېلىمىنتى قوشۇلغانلىقى ئېنىق. تۈركلەر باش كۆتۈرگەندىن كېيىن، توپالار تۈركلەرگە قارام بولدى. ھازىرقى تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، توۋا تىلىدا ساقلىنىپ قالغان نۇرغۇن قەدىمكى تۈرك تىلى ئالاھىدىلىكى يۇقىرىقى ھالەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئەمەس. توۋا تىلى ئالتاي تىلى سىستېمىسى تۈركىي تىل ئائىلىسى — شەرقىي ھون تىل تارمىقى— ئۇيغۇر تىل گۇرۇپپىسى— ئۇيغۇر-تۈركىي تىللار ئىككىلەمچى تىللار گۇرۇپپىسىغا تەۋە.

توۋالارنىڭ يەنە بىر مەنبەسى ئورانقاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە: «ئورانقاي» تەرجىمە سۈپىتىدە «ئۇلياڭخەي» دەپ يېزىلغان. يۈەن، مىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە «ئۇلياڭخا» دەپ يېزىلغان. ئورانقاي موڭغۇللارنىڭ بىر قەبىلىسى بولۇپ، باتۇر سەركەردە سوبوتاي نويۇننىڭ ئوغلى ئۇلانخادا موڭغۇل يۈەن ئىمپېرىيىسىنىڭ قابىل سەركەردىلىرىدىن ئىدى. ئۇلانخانلار موڭغۇللار شەكىللىنىشتىن ئىلگىرى «ئۇلانگىر» ياكى «ئۇلانگا» نامى بىلەن گوبىنىڭ شىمالىنىڭ ئەڭ شىمالىي قىسمىغا ئولتۇراقلاشقان، يەنى ھازىرقى بايقال كۆلىنىڭ شەرقى، شىمالىي ئېرگۇنا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. تېخىمۇ ئىلگىررەك ۋاقىتقا سۈرۈپ تەكشۈرگەندە، ئۇلارنىڭ سۈي-تاڭ سۇلالىرى دەۋرىدىكى «قۇرىقانلار» ئىكەنلىكى مەلۇم. قۇرىقانلار توققۇز تېلىلارنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى بىر قىسمى بولۇپ، توپالارنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان. بۇ جايلار شۇ چاغدىكى پايتەخت چاڭئەنگە ناھايىتى يىراق بولغاچقا، تارىخچى-سالنامىلارغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. گەپنى قىسقارتقاندا، ئۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەنبەسى يەنىلا تېلىغا تاقىلىدۇ. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، موڭغۇللار يېڭىدىن باش كۆرتۈرگەن قەبىلە سۈپىتىدە، شەرقىي غۇز سىستېمىسىغا تەۋە شېرۋىيلارنىڭ بىر نەچچە قەبىلىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىگە ئۇلانخا قاتارلىق ئەسلىدە تېلى-تۈرك سىستېمىسىغا مەنسۇپ بىر مۇنچە قەبىلىلەرنىڭ قوشۇلغانلىقىدىن قىلچە ئەجەبلىنىشكە بولمايدۇ. قىزىقارلىقى شۇكى، توۋالارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، توپا ۋە قۇرىقانلارنى «باشقىچە يولدا مېڭىپ، بىر مەنزىلدە تېپىشقانلار» دېيىشكە بولىدۇ.

ھازىر جۇڭگو شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىدە بىر بۆلۈك توۋاچە سۆزلىشىدىغانلار بولۇپ، مىللەت تەركىبى موڭغۇل، دېيىلىدۇ. بۇ توۋالارنىڭ كۆپى لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلسىمۇ، شامان دىنىنىڭ خېلى چوڭقۇر تەسىرىنى ساقلاپ قالغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز ساندا روس-پروۋۇسلاۋ دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارمۇ بار. توۋالارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 200 مىڭچە بولۇپ، تەخمىنەن 20 مىڭى موڭغۇلىيىدە ئولتۇراقلاشقان. چەت ئەللەردىكى توۋالار كېلىر يېزىقىنى قوللىنىدۇ، جۇڭگودىكى توۋالارنىڭ يېزىقى يوق، قازاق ياكى موڭغۇل يېزىقىنى قوللىنىدۇ.

قەدىمكى موڭغۇل چۆللۈكىنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇر خانلىقى

تارىختىن قارىغاندا، توۋالار شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار، قازاقلار، موڭغۇللار بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئالاقىلىشىپ ئۆتكەن. ھەممىگە مەلۇم، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى كۆپ مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ قوشۇلما گەۋدىسى. جۇڭگو تارىخى ئۇيغۇرلاردىن ئايرىلالمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ نامى قەدىمكى خەنزۇچە تارىخ كىتابلىرىدا ئوخشىمىغان خەتلەر بىلەن تەرجىمە قىلىنىپ ئىپادىلىنىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، «يۈەنخې»، «ۋېيخى»، «ۋېيخۇ»، «ۋۇخۇ»، «خۈيخې»، «خۈيخۇ»، «ۋېيۋۇ ئېر»... دەپ ئاتالغان. ئۇيغۇرلار ئەڭ باشتا تېلىلارنىڭ بىر تارمىقى ئىدى. تېلىلار جەنۇبىي-شىمالىي سۇلالىلەر تارىخلىرىدا چېلى-گاۋچې (قاڭقىل) دەپ تىلغا ئېلىنغان. سۈي-تاڭ سۇلالىلىرىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا تېلىلار يەنە بىر مۇنچە قىسىملارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، ئاساسەن، بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبى ۋە گوبىنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا تارقىلىپ جايلاشقان.

تۈرك خاقانلىقى (مىلادى 552-يىلىدىن 745-يىللار) دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلەرنىڭ زۇلمى ۋە ئېكسپىلاتاتسىيىسى ئاستىدا ياشىغان. جىنگۈەننىڭ 3-يىلى (مىلادى 629-يىلى) ئۇيغۇرلار ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلپان تاپشۇرۇپ، تاڭ سۇلالىسى بىلەن بىۋاسىتە رەسمىي مۇناسىۋەت ئورنىتىپ جۇڭگونىڭ تارىخ سەھنىسىگە رەسمىي قەدەم قويغان. ئۇيغۇرلارنىڭ قەبىلە باشلىقى جىنگۈەننىڭ 21-يىلى (مىلادى 647-يىلى) قەبىلە ئىتتىپاقى ئىچىدە ئۆزىنى خاقان، دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغانلىقىنى كۆرسەتكەن ۋە 200 يىلدىن ئارتۇق دەۋر سۈرگەن. ئارىلىقتا مىلادى 745-يىلى كېيىنكى تۈرك خانلىقىنى يوقىتىپ، رەسمىي دۆلەت قۇرغان.

ئۇيغۇر خانلىقى مىلادى 840-يىلى قىرغىزلار تەرىپىدىن يوقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئۈچكە بۆلۈنۈپ غەربكە كۆچكەن. ئۇلارنىڭ بىر تارمىقى خېشى كارىدورىدا ماكانلىشىپ قالغان. يەنە بىر تارمىقى باركۆل يايلاقلىرى ۋە تۇرپان ئويمانلىقىدا قوچۇ خاندانلىقىنى، يەنە بىر تارمىقى پامىر ئېتەكلىرىگە بېرىپ، بالاساغۇن، قەشقەردە قاراخانىيلار خاندانلىقىنى تىكلىگەن.

قەدىمكى ئۇيغۇرلار تىكلىگەن ئۇيغۇر خانلىقى ھازىرقى موڭغۇل چۆللۈكىنىڭ شىمالىدىكى ئۆتۈكەن تېغىدا بولۇپ، چېلېخور كۆلىدىكى پورباجېن ئۇيغۇر قەلئەسىمۇ گوبى ئېگىزلىكىدە. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇيغۇر خانلىقى كۈچەيگەن چاغلاردا تۆت تەرەپكە كېڭىيىپ ئۇرۇش قىلىپ يۈرۈپ، بۈگۈنكى تېرېخول رايونىغا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. روسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پورباجېن قەلئەسى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد خاقانى مويۇنچۇرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قۇرۇلغان. بۇ خاقاننىڭ ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا ھازىرغىچە ئىككى مەڭگۈتاش ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئايرىم ھالدا «مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى» ۋە «تېرخىن مەڭگۈ تېشى» (مويۇنچۇر ئىككىنچى مەڭگۈ تېشى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ). بۇ مەڭگۈ تاشلار خېلى بۇزۇلغان بولسىمۇ، ئۇلارغا ئۇيۇلغان پۈتۈكلەردىن يەنىلا بەزى مۇھىم مەزمۇنلارنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. «قەدىمكى ۋە قوچۇ خاندانلىقى دەۋرىدىكى ئەدەبىيات» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ 1995-يىلى نەشرى) ماۋزۇلۇق كىتابتىكى ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر ئالىمى گېڭ شىمىن ئەپەندىنىڭ مەڭگۈ تاشنى تەرجىمە قىلغان ۋە تەمىنلىگەن ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، مەڭگۈ تاشنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى، دەل مۇشۇ مويۇنچۇر قاغان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى قۇتلۇق بىلگە تارقان سانغۇن (يەنى كېيىنچە تەختكە ۋارسلىق قىلغان ئىل تېكىن تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالىپ كۈلۈگ بىلگە قاغان، مىلادى 759-يىلىدىن 780-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) تۈركلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خاقانى ئۇزمىش تېكىن قاغاننى يوقىتىپ، ئۇ يەردىكى تۈركىي خەلقلەرنى بويسۇندۇرۇپ، تۈركلەرنى غەربكە كۆچۈشكە مەجبۇر قىلغان. بۇلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇرلار تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەت، ئەمما تۈركلەرنىڭ ئۆزى ئەمەس.

ئىككىنچى، دەل مۇشۇ مويۇنچۇر قاغان سوغدىلار ۋە جۇڭگولۇقلارغا سېلىنگا دەرياسى بويىدا بايلىققا تولغان شەھەر سالدۇرغان. ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يېقىن بولغان. مويۇنچۇر قاغانغا تاڭ سۇلالىسىگە ياردەملىشىپ، ئوڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭىنى تىنچىتقانلىق تۆھپىسى ئۈچۈن «تەڭرىدىن بولمىش ئېل ئېتمىش مەشھۇر بىلگە قاغان» دەپ نام بېرىلگەن. تاڭ سۇلالىسىنىڭ خانى قىزى نىڭگو مەلىكىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلغان. مەڭگۈ تاشقا ئويۇلغان يېزىقلاردىن يەنە بىلىش مۇمكىنكى، ئۇيغۇرلار شۇ چاغلاردىلا خەنزۇلارنىڭ ئون ئىككى مۆچەللىك ۋاقىت ھېسابلاش ئۇسۇلىنى قوللانغان. قىزىقارلىق يېرى، 1969-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈركشۇناسى كېلىياشتورنى قاتارلىقلار «مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى» بايقالغان جاينى قازغاندا سۇنۇپ پارچىلىنىپ كەتكەن ئۈچ پارچە مەڭگۈ تېشى (بىر پارچىسى تېپىلمىغان) ۋە مەڭگۈ تاشنىڭ ئۇلىغا قويۇلغان تاشتىن ياسالغان تاشپاقىنى تاپقان (بۇ ھازىر موڭغۇلىيە ئۇلانباتور پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ تەتقىقات ئورنىدا ساقلانماقتا). تاشتىن تاشپاقا ياساپ ئۇلغا قويۇش، جۇڭگو خانلىرىنىڭ قەبرىلىرى ئالدىغا تىكلىنىدىغان ئابىدىلەردىلا ئۇچراتقىلى بولىدىغان ئىش. بۇ كىشىلەرگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ يېقىن مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن ۋە ئىنتايىن چوڭقۇر.

ئۈچىنچى، بۇ ئىككى مەڭگۈ تاش گەرچە كەمتۈك بولسىمۇ، ئۇ ئۇيغۇر خاقانىنىڭ تۆت ئەتراپتا ئۇرۇش قىلغان تۆھپىلىرى ئ.ۈستىدە ئېنىق خاتىرە قىلدۇرغان. بۇلار روسچە خەرىتىدە بىرمۇبىر كۆرسىتىلگەن. شۇلارغا قارىغاندا، يەر كۆلىمى غەربتە ئالتاي تاغلىرىغىچە، جەنۇبتا گوبى، شەرقتە شېرۋىي (بۈگۈنكى نىنجياڭ، خېيلۇڭجياڭ دەريا ۋادىلىرى) گىچە بولغان پۈتكۈل گوبى ئېگىزلىكىنى ئىشغال قىلغان. بۈگۈنكى چېلېخور كۆلى ۋە پورباجېن قەدىمكى قەلئە خارابىسى ئاشۇ جايلاردا بولغاچقا، روسىيە ئالىملىرىنىڭ پورباجېن خارابە ئىزىنى «ئۇيغۇر قەلئەسى» دەپ ئاتىشى خاتا بولمىسا كېرەك.

روسىيىنىڭ بۇ يىلقى قېزىش، تەكشۈرۈش خىزمىتى 9-ئايدا ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، نېمىلەر بايقالغانلىقى تېخى ئېنىقلانمىدى. شۇنداقتىمۇ، روسىيىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىر سۈرەت ئېلان قىلدى. سۈرەتتىكى مەڭگۈ تاش ئۈستىدىكى قەدىمكى يېزىقلار قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىمۇ ئەمەسمۇ تېخى بىلگىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بولسا ئۇنىڭدا نېمە مەزمۇنلار خاتىرىلەنگەن؟ بۇلارنى بىلىش ئۈچۈن سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

مەنبە: شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلىرى
http://uyghur.xjass.com/uyghur/c ... 10/content_2860.htm

[color=#ff0000]تېرېخول كۆلى(رۇسچەТерехоль).ئاتالغۇلارنى يات تىللاردىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغاندا ئەسلى تىلدىكى تەرجىمىدىن بىۋاستە،ئەسلىسى بويىنچە ئالساق.چېلېخور خاتا. خەنزۇ تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر چەتئەل تىللىرىدا سۆزلىگەندە ئانچە تىلى كەلمەيدۇ،شۇنداقلا ئاتالغۇ جەھەتلەردە زور پەرق پەيدا قىلىپ قويىدۇ،شۇڭا بىز بولساقمۇ تىل ئەۋزەللىكىمىزدىن پايدىلىنىپ،ئىزدىنىپ تەرجىمە قىلساق،ھەرگىز خەنزۇتىلىدىن كاللىمىزغا كەلگەنچە تەرجىمە قىلىپ ئۆزلەشتۈرىۋالمىساق.
           ___ئۇيغۇرشاھ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
~yilan~ + 100 ئىسىل تىما

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك

ئۈزىنى تونۇش_ئۆزلۈك

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45130
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8807
تۆھپە نۇمۇرى: 2281
توردا: 2449 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-26 02:01:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخ بىلىملىرىنى قانچە ئۈگەنسە زىرىكمەيدۇ كىشى

مېنىڭ جەننىتىم قەلبىمدە، باغچام كۆكسۈمدىدۇر.

زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 3548
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19121
تۆھپە نۇمۇرى: 1997
توردا: 8358 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-26 02:17:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنى ئىزدەپ يۈرەتتىم ئەجەپ ياخشى يوللاپسىز سىزگە كۆپ رەھمەت جۇمۇ!

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25938
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8324
تۆھپە نۇمۇرى: 561
توردا: 6515 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-26 02:31:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمىشقا سۆرىتى يوق

oghuzkhan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-26 02:34:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
oghuzkhan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-26 02:37:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
oghuzkhan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-26 02:42:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18875
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2014-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-26 02:57:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخ دىمەك بىزنىڭ ئوتمۇشىمىز دىمەك ،قالايمىقان بىر نەرسىلەرنى يوللىغىچە مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى يوللىسا ياخشى ئەمەسمۇ ؟بىزمۇ خېلى بىلىملىرگە ئگە بولوپ قالاتتۇق.رەخمەت جاپا چىكىپسىز.

oghuzkhan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-26 03:13:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

خۇرلۇققابۇيسۇنغ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6358
يازما سانى: 274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9047
تۆھپە نۇمۇرى: 632
توردا: 1837 سائەت
تىزىم: 2010-8-14
ئاخىرقى: 2013-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-26 03:17:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باس-باس مۇنبىردە بۇئۇيغۇرلىرمىزنى كۆرۇپ :نىمە دىيشىمنى بىلەلمىدىم ؛قەيەردىكى ئۇيغۇرلار بىلدىغانلار بارمىدۇ............
http://bbs.basbas.cn/read.php?tid-39414.html

دوستۇم چىكىنمەي ئاداققەچەئالغا!يۇلۇڭ تولغان تىكەن چىغانغا!قارماي سەن ئۇياق-بۇياقلارغا!تىۋىن پەقەت بۇيۇك ئاللاغا!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش