-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، كامبۇدژادا 30 يىل جەريانىدا تۇنجى قېتىم سايلام ئۆتكۈزگەن. 8-ئاينىڭ 1-كۈنى كامبۇدژا سايلىمى ئاخىرلاشقان، خۇنسېن باشچىلىقىدىكى خەلق پارتىيىسى غەلىبە قىلغان. كامبۇدژانىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، خەلق پارتىيىسى ئۆكتەبىردە بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللەيدىكەن، خەلق پارتىيىسىنىڭ بىردىنبىر كۆرسىتىلگەن ئادىمى خۇنسېن بولۇپ، ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى بولغان.
1978-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۇنجى پروبېركىلىق بوۋاق لوندۇندا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، بۇ قىز بوۋاق بولۇپ، ئەھۋالى نورمال. پروبېركىلىق بوۋاقنى يېتىلدۈرۈش ئۇسۇلى مۇنداق:ئوپىراتسىيە ئارقىلىق تۇخۇم ھۈجەيرىسىنى تۇخۇمداندىن ئېلىپ چىقىپ، ئىسپىرما بىلەن بىرلەشتۈرگەندىن كېيىن، بۇ تۆرەلمىنى قايتىدىن ئايالنىڭ بالىياتقۇسىغا سېلىپ يېتىلدۈرۈش.
1963-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، يۇگۇسلاۋىيەدە يەر تەۋرىگەن، 1000 كىشى قازا قىلغان. شۇ كۈنى ئەتىگەندە يۇگۇسلاۋىيەدە ئۈچ سائەتكە يېقىن80 نەچچە قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن.
1954-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئايروپىلانى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياسالغان ھەمدە ئۇچۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. بۇ خىل ئايروپىلان ھاۋا بوشلۇقى مەشقىگە ئىشلىتىلگەندىن سىرت، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ۋە پوچتا توشۇش ئىشلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.
1947-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچى بىرلىككە كەلگەن. زۇڭتۇڭ تىرومان بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ-دۆلەت مۇداپىيەسى مىنىستىرلىكى قىلغان.
1856-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئەنگلىيەنىڭ ھازىرقى زامان تىياتىرلوگى جورج بېرنېر شوۋ ئېرلاندىيەنىڭ دۇبلىن شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1950-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى ۋاپات بولغان. جورج بېرنېر شوۋ قىزىقچى، مەنپەئەتنى كۆزلىمەيدىغان كىشى ئىدى. ئىنقىلابىي ئۇستاز ئېنگلىس ئۇنىڭ مۇنداق باھا بەرگەن:« جورج بېرنېر شوۋنىڭ ئەدەبىياتتىكى قابىلىيىتى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. ئۇ ئىنتايىن پەزىلەتلىك، مەنپەئەت قوغلاشمايدۇ.»، ئۇ 1925-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن چاغدا، يۇمۇرلۇق قىلىپ: « نېمە ئۈچۈن مەندەك بىر قېرىنىڭ بوينىغا ئالتۇن قوڭغۇراق ئېسىپ قويىسىلەر؟» دېگەن. ئۇ نوبېل مۇكاپاتى ئۈچۈن بېرىلگەن 6500 فوندسىتېرلىڭنى ئېلىشنى رەت قىلغان، كېيىن بۇ پۇل ئارقىلىق فوند تەسىس قىلغان. ئۇنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىدىن «ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ يەنە بىر ئارىلى»، «ئالما ھارۋىسى» قاتارلىقلار بار.
مەنبە:جۇڭگۇ ئۇيغۇر رادىئوسى تورى