مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 784|ئىنكاس: 1

تور سودا ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38656
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 200
تۆھپە نۇمۇرى: 103
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2011-4-25
ئاخىرقى: 2011-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-26 09:27:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تور سودا ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە
نۇرغۇن كىشلەر ئېلىكتىرونلۇق سودىنى ئەنئەنىۋى سودىدىن پەرىقلىنىدىغان ،كومپىيۇتېر ئارقىىلق توردىن كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالىدىغان بىر خىل كەسىپ دەپ چۈشەنسىمۇ ئۇنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكلىرى ،شەكىللىرى،ئەۋزەللىك ۋە كەمچىلىكلىرى توغرىسىدا يېتەرلىك چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس .بىز بۇ تېمىدا نوقتىلىق قىلىپ ئېلىكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ زادى نىمە ئىكەنلىكى،ئۇنىڭ قانداق شەكىللىرى بارلىقى ئۈستىدە توختىلىمىز .

ئۇنداقتا ئېلىكتىرونلۇق سودا دىگەن نىمە ؟

ئېلىكتىرونلۇق سودا (Electronic Commerce) كومپىيۇتېر ئېلىكتىرون تېخنىكىسىنى ۋاستە قىلغان ، سودىنى مەركەز قىلغان ،يەر يۈزىدىكى ئەنئەنۋى سېتىش-سېتىۋىلىش يولىنى ئىنتىرنېت تورىغا ئېلىپ چىققان،دۆلەت ،رايۇن ،زامان ۋە ماكاننىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلىغان بىر خىل يېڭىچە سودا شەكلى.ئېلىكتىرونلۇق سودا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى يەرشارىلاشقان،تورلاشقان،شەكىلسىز بولغان سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ،ئىستىمالچىلارنى ئائىلىدە ئولتۇرۇپلا مال سېتىۋىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىدۇ ،ئسىتىمالچىلار ۋە سودىگەرلەر ئوتتۇرسىدىكى سېتىش ۋە سېتىۋىلىش پائاليەتلىرى،كارخانىلار ۋە ئىستىمالچىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسىپلرى ،بانكا ھېسابات ئىشلىرى ۋە مۇشۇنىڭغا مۇناسۋەتلىك پائاليەتلىرى ئېلىكتىرونلۇق سودا كەسپى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئېلىكتىرونلۇق سودا ئۇقۇمى ئۈزلىكسىز تەرەققى قىلىپ تۇرىدىغان ئۇقۇم بولۇپ ، بۇ ئۇقۇم بارلىققا كەلگەندىن تەرتىپ ھازىرغا قەدەر مەنسى كېڭىيىپ ۋە چوڭقۇرلىشىپ ماڭدى.ئېلىكتىرونلۇق سودىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى IBM شىركىتى 1996-يىلى ئېلىكتىرونلۇق سودا(Electronic Commerce) ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى.1997-يىلىغا كەلگەندە بۇ ئۇقۇم IT ئۇچۇرلىرىغا ئەگىشىپ جۇڭگۇغا كىردى.ئەڭ دەسلەپتە كارخانىلار بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرسىدىكى سودا پائاليەتلىرىگە رول ئوينىدى.(بۇنىڭ تىپىك مىسالى 1999-يىلى قۇرۇلغان ئەلى بابا سودا تورىدىن ئىبارەت)

ئېلىكتىرونلۇق سودىنىڭ تىپىك شەكىللىرى

ھازىر خەلقئارادا ئىشلىتىۋاتقان ئېلىكتىرونلۇق سودا شەكىللىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ C2A、B2A、M2C、B2M、C2C、B2C、B2B قاتارلىق يەتتە چوڭ تۈرگە ۋە يېقىندا تىنىچ ئوكيان بىۋاستە سېتىش تورى ياراتقان يېڭىچە ئۇقۇمدىكى سودا ئەندىزىسى BMC بىلەن قوشۇلۇپ سەككىز چوڭ تۈرگە بولىنىدۇ.(2 ئىنگىلىزچە to غا ۋەكىللىك قىلىدۇ)

كارخانا بىلەن كارخانا ئوتتۇرسىدىكى ئېلىكتىرۇنلۇق سودا شەكلى (Business to Business ، يەنىB2B)

بۇ خىلدىكى ئېلىكتىرونلۇق سودا شەكلى كارخانىلار بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى مەھسۇلات ،مۇلازىمەت ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرش پائاليەتلىرىدە پائاليەتلىرىدە قوللىنىلىدۇ.كونكىرىت قىلىپ ئېيىتقاندا بۇ خىىل سودا شەكلىدە سودا پائالىيتىگە قاتنىشىدىغان ھەر ئىككى تەرەپ كارخانا ياكى شىركەت بولىدۇ،ئىككى تەرەپ ئىنتىرنېت تېخنىكىسى ياكى سودا تورى سۇپىسى ئارقىلىق ئالماشتۇرۇش پائالىيتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

بۇ خىل ئېلىكتىرونلۇق سودا شەكلىگە مايۈن قۇرغان ئەلى بابا تورىنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ.ئەلى بابا سودا تورى تىپىك بولغان B2B ئېلكتىرونلۇق سودا شەكلىدىن ئىبارەت.

كارخانا بىلەن ئىستىمالچى ئوتتۇرسىدىكى ئېلىكتىرۇنلۇق سودا شەكلى (Business to Customer ، يەنىB2C)

بۇ خىلدىكى ئېلىكتىرونلۇق سودا شەكلى ئىستىمالچىلار ئىنتىرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ بىۋاستە ئىقتىسادىي پائاليەتكە قاتنىشىدىغان سودا شەكلىدىن ئىبارەت.بۇخىل سودا شەكلىدە سودىگەرلەر ياكى كارخانىلار تور ئارقىلىق مەھسۇلات ياكى مۇلازىمىتىنى ئىستىمالچىلارغا ساتىدۇ.كارخانا ياكى سودىگەرلەر بىۋاستە مەھسۇلات ياكى مۇلازىمىتىنى تورغا چىقىرىپ ئىستىمالچىلارنىڭ تاللاپ سېتىۋىلىشىغا قويىدۇ.

بۇ خىل سودا شەكلىنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى شۇكى بۇ خىل سودا تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئۆزى مەھسۇلات ئىشلەپ چىقارمايدۇ ھەمدە مال ساتمايدۇ،پەقەت باشقا سودىگەر ۋە كارخانىلار ئۈچۈن يېتەرلىك بولغان تور سودا مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ،باشقا سودىگەر ۋە كارخانىلار ئۆز ئالدىغا تور دۇكىنى ئېچىپ مال ساتىدۇ.

بۇ خىل ئېلىكتىرونلۇق سودا شەكلىگە ئەلى بابا گۇرۇھى باشقۇرشىدىكى تاۋباۋ تورىنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ.تاۋباۋ تىپىك بولغان B2C ئېلكتىرونلۇق سودا شەكلىدىن ئىبارەت.

ئىستىمالچىلار بىلەن ئىستىمالچىلار ئوتتۇرسىدىكى ئېلىكتىرۇنلۇق سودا شەكلى ( Consumer to Consumer، يەنى C2C)

بۇ خىلدىكى ئېلىكتىرونلۇق سودا شەكلى ئىستىمالچىلار بىلەن ئىستىمالچىلار ئوتتۇرسىدىكى ئالماشتۇرۇش پائالىيتى بولۇپ ،ساتقۇچى تەرەپ ئاكتىپ ھالدا ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىنى كىم ئارتۇق قىلىپ (باھا تالاشتۇرۇپ) تورغا چىقىرىدۇ ،سېتۋالغۇچى كىم ئارتۇق قىلىنغان تاۋارلارنىڭ باھا پەرقىگە ئاساسەن تاللاپ سېتىۋالىدۇ ياكى ئسىتىمالچىلار ئۆزىنىڭ ئىككىنچى قول مەھسۇلاتلىرى ياكى يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئۇچۇر تورى ياكى سودا تورلىرىغا سېتىش ئۈچۈن چىقىرىدۇ.شۇڭلاشقا بۇ خىل سودا تور بەتلىرىدىكى ماللار بىر قەدەر ئەرزان،ھەمدە ئىككىنچى قول ماللارمۇ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ.

بۇ خىلدىكى ئېلىكتىرونلۇق سودا شەكلىگە eBay ۋە تاۋباۋ سودا شەھەرچىسىنى  مىسال قىلىشقا بولىدۇ.

كارخانىلار، ئىستىمالچىلار ۋە ۋاكالەتچى ئەزالار ئوتتۇرسىدىكى ئېلىكتىرۇنلۇق سودا شەكلى ( Business MiddleMan Customer ،يەنى BMC)

BMC ئېلىكتىرونلۇق سودا ئەندىزىسىنى تىنىچ ئوكيان بىۋاستە سېتىش تورى يۇقىرىدىكى سودا ئەندىزلىرى ۋە ئەنئەنىۋى سودا ،كىشلىك مۇناسۋەت توى قاتارلىق سودا شەكىللىرىنى نەچچە يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئىستىمالچىلار بىلەن كارخانىچىلار ئوتتۇرسىدىكى ئىشەنىچ كۆۋرۈكى بولغان BMC سودا ئەندىزىسىنى ياراتقان بولۇپ،بۇ خىل سودا ئەندىزىسى ئىنتىرنېت ساھەسى ۋە پۇل مۇئامىلە ساھەسىگە دەۋىر خارەكتىرلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە ۋە خەلقئارادىكى ئەڭ ئىلغار ئېلىكتىرونلۇق سودا ئەندىزىسى دەپ قارالماقتا.
مەنبە:ئىزچىلا تورى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30116
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1146
تۆھپە نۇمۇرى: 153
توردا: 284 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-1 09:02:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېنچ ئوكيان بىېۋاستە سېتىش تورىغا ئەزا ئىدىم.شۇ bmcدىگەننىڭ مەنىسىنى تازا بەك چۈشىنەلمەي كەلگەن ئىدىم.بىلىۋالدىم.رەھمەت!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش