[paragraph]
كومپيۇتېرنىڭ توساتتىن قاتتىق دىسكىنى تونىماسلىقى نېمە سەۋەبتىن بولىدۇ؟
كومپيۇتېرنىڭ توساتتىن قاتتىق دىسكىنى تونىماسلىقى قاتتىق دىسكا IDE ئۇلاش ئېغىزى، ئۇچۇر سىمى .... قاتارلىقلارنىڭ ھېچقايسىسىدا مەسىلە يوق شارائىتتا قاتتىق دىسكىنى تونىماسلىقى _ توك مەنبەسىنىڭ توك بىلەن تەمىنلىشى يېتەرلىك بولمىغانلىقىدۇر. ئادەتتە ATX2.1 توك مەنبەسىنىڭ چىقىرىش سىمىنىڭ توك بېسىمى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇ دائىرىدىن ئېشىپ كەتسە ياكى تۆۋەن بولسا قاتتىق دېتاللارنىڭ نورمال ئىشلىمەسلىكى، بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كومپيۇتېردا ئەسلىدە 30GB قاتتىق
كومپيۇتېردا ئەسلىدە 30GB قاتتىق دىسكا بار ئىدى. 80GB دىن يەنە بىرنى سەپلىگەندىن كېيىن، كومپيۇتېر قوزغالمىدى بۇ نېمە ئۈچۈن؟ بۇنى تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىش مۇمكىن بۇ ئىككى دېسكىنىڭ سىغىمى 100GB دىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن BIOS نىڭ نەشرى تۆۋەن كېلىپ قوللىيالمىغان بولۇشى مۇمكىن، BIOS نىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرۈپ، نەشرىنى يېڭىلاڭ.
قاتتىق دېسكا قىزىپ كەتسە...
سوئال: كومپيۇتېر كۆپىنچە قېتىۋالىدۇ. ئاساسىي ماشىنا قېپىنى ئېچىپ تەكشۈرسەم CPU، ئۆزەك پلاستىنكىسى، كۆرسىتىش كارتىلىرى قىزىپ كەتمەپتۇ، بىراق قاتتىق دىسكا بەك قىزىپ كېتىپتۇ. قاتتىق دىسكىنىڭ قىزىپ كېتىشىمۇ قېتىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟ جاۋاب: شۇنداق، بۇنداق ئەھۋالدا ئاساسىي ماشىنا قېپىنىڭ ئىچىگە قاتتىق دىسكىغا ئۇدۇللاپ شامالدۇرغۇچتىن بىرنى ئورناتسىڭىز مەسىلە ھەل بولىدۇ.
قاتتىق دېسكا ئىشلەۋاتقاندا يۆتكەشكە بولامدۇ؟
قاتتىق دېسكا ئىشلەۋاتقاندا يۆتكەشكە بولامدۇ؟ قاتتىق دېسكىنى ئىشلىتىۋاتقاندا يۆتكەشكە بولمايدۇ. چۈنكى قاتتىق دىسكىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز 10000 / 7200 / 5400 قېتىم ھەر مىنۇت بولۇپ، دېسكا ئايلانغاندا ماگنېت باش دېسكا يۈزىگە تېگىشمەيدۇ، پەقەت ناھايىتى كىچىك ئارىلىق قالدۇرۇپ، دېسكىغا نىسبەتەن ئوقۇپ _ يېزىش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارىدۇ، بۇنداق شارائىتتا دېسكىنى يۆتكىگەندە مېخانىك سىلكىنىش سەۋەبىدىن ماگنېت باش دېسكا يۈزىگە تېگىپ ماگنېت باش ۋە دېسكىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سۈرئەت توغرىسىدىكى خاتا چۈشەنچە
كومپيۇتېر قاتتىق دېتاللىرىنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈش سۈرئىتى، تور سۈرئىتى.... قاتارلىقلارنىڭ يەتكۈزۈش سۈرئىتىدە بەزىدە بەلگىلەنگەن سۈرئەت بىلەن ئەمەلىي سۈرئەت ئوتتۇرىسدا نېمە ئۈچۈن چوڭ پەرق بولىدۇ؟ دېگەندەك بىر قاتار سوئاللارغا ئۇچرايمىز. بۇ يەردىكى مەسىلە MB بىلەن Bb نى توغرا چۈشەنمىگەنلىك سەۋەبىدىن بولغان Byte بولۇپ، بىر ھەرپ بەلگىسىنى كۆرسىتىدۇ، b بولسا bit بولۇپ ئىككىلىك سىستېمىسىدىكى بىر خانى كۆرسىتىدۇ. ئىنگلىزچە بىر ھەرپ بەلگە (1B) بولۇپ ئىككىلىك سىستېمىدىكى سەككىز خانىدىن تەركىپ تاپقان. شۇڭا B بىلەن b ئوتتۇرىسىدا سەككىز خانە پەرق بار. مەسىلەن: USB2.0 نىڭ سۈرئىتى 12Mbps بولۇپ بۇنى ساقلاش بىرلىكىگە ئايلاندۇرساق 12Mb/8=1.5MB. شۇڭا بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا B بىلەن b ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئېنىق بىلىش كېرەك. پەرقىنى ئايدىڭلاشتۇرغاندىن كېيىن يەتكۈزۈش سۈرئىتىنى ئېنىق ئايرىغىلى بولىدۇ.
كومپيۇتېر ئەقەللى بىلىملىرى
运行 نىڭ ئەپچىل ئىشلىتىلىشى نۇرغۇنلىغان تورداشلىرىمىز 运行 نىڭ ئىشلىتىلىشگە سەل قارايدۇ.مەن ئۆزەم ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىۋاتقان 运行 نىڭ بەزى بۇيرۇقلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي. 运行نىڭ تېز كۇپكىسى بولسا win+r regedit - سېستىمىنىڭ تىزىملاش دەپتىرىنى ئېچىش . ئىقتىدارى ناھايىتى كۆپ بۇلۇپ تىزىملاش دەپتىرىنىڭ قىممىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كومپيۇتېرنىڭ ھەرخىل قاتتاق دېتال ۋە يۇمشاق دېتالغا ئائىىت ئۇچۇرلىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. .. - سېستىمدىكى ھۆججەت ۋە لاھىيلەشنى ئېچىش .سېستىمدىكى documnts and settings نى ئاچىدۇ dxdiag - قاتتىق دىتال ئۇچۇرلىرىنى كۆرسىتىش.بۇنىڭدا كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتال سەپلىملىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ notepad - خاتىرە دەپتەر پروگراممىسىنى ئېچىش ... msconfig - سېستىما ماسلاشتۇرۇش پروگراممىلىرى. سېستىما قوزغىلىش ھۆججەتلىرىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ gpedit.msc -گوروپپىلار تەڭشىكى ئېچىلىدۇ.كومپيۇتېرنىڭ ھەرخىل ئۇچۇرلىرىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ.مەسلەن :قاتتىق دېسكا رايۇنلىرىنى چەكلەش، قاتتىق دېسكا رايۇنلىرىنى يۇشۇرۇن قىلىش ، قوزغاتقۇچنىڭ ئوپتىك دېسكا ئۇيۇ ئىقتىدارىنى چەكلەش ، mmc- تىزگىنەك ئۇلىندۇ . بۇ تىزگىنەك ئارقىلىق تار دائىرىلىك تور ئىچىدە خالىغان بىر كومپيۇتېرنى كونترول قىلىش ،شەخسىى ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈش مەشغۇلاتىنى تاماملىغىلى بولىدۇ.ئەلۋەتتە بەھرلىنىش مۇلازىمىتى(共享) ئېتىك ھالەتتىمۇ قىلغىلى بولىدۇ. osk-كۇنۇپكا تاختىسى ئېچىلىدۇ sol- قارتا ئىجرابولىدۇ cmd -دوس پروگراممىسى ئىجرابولىدۇ. fonts-سېستىما خەت نۇسقىسى ئېچىلىدۇ temp-سېستىمىدىكى ۋاقىتلىق ھۆججەت ساقلش ئورنى ئېچىلىدۇ. explorer -مېنىڭ دوكمىنىتىم كۆزنىكى ئېچىلىدۇ charmap -ھەرپ بەلگىلەر كۆرۈنىدۇ calc - ھېسابلىغۇچنى ئېچىش... بۇ ئىقتىدارلىرى پەقەت مەن بىلىدىغانلىرىم .تورداشلارنىڭ باشقا بلىدىغانلىرى بولسا بىلقۇت تورىغا يوللاپ بىزگىمۇ ئۆگىتىپ قۇيۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك كومپيۇتېر بىلىملىرى
1. CMOS دىن قاتتىق دىسكىنى تەكشۈرۈلمىسە، قاتتىق دىسكىنى ئاۋازى يۇقىرى بولسا ئېلېكتر ماتورى، ماگنىت بېشى، دىسكا يۈزى، كونتروللاش توك يولى بۇزۇلغان، بۇ خىل كاشىلىنى ئاسان ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، چوقۇم كەسپىي رېمونتخانىغا ئاپىرىش كېرەك. 2. نۆلىنچى ماگنىت يولى بۇزۇلغان بولسا DM ئارقىلىق نۆلىنچى ماگنىت يولىنى ئەسلىدىكى 1_ ماگنىت يولىغا يۆتكەڭ. باشقا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، قاتتىق دىسلىنى قورال يۇمشاق دېتاللاردىن تەكشۈرۈڭ، ئەسلىگە كەلتۈرۈڭ، فورماتلاڭ، تۆۋەن دەرىجىدە فورماتلاڭ. قاتتىق دىسكىنى ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك. (1) سىلكىنىشتىن ساقلىنىش: قاتتىق دىسكا نازۇك ساقلاش ئۈسكۈنىسى بولۇپ، قاتتىق دىسكا ئىشلەتكەندە ماگنىت باش دىسكا يۈزىدە لەيلەپ تۇرىدۇ (دىسكا يۈزى بىلەن ماگنىت باش ئارىلىقى بىر نەچچە مىكرومېتر كېلىدۇ). قاتتىق دىسكا ئىشلىمىگەندە ماگنىت باش دىسكا يۈزىگە تېگىپ تۇرىدۇ، قاتتىق دىسكا ئوقۇش _ يېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا سىلكىنىشكە ئۇچرىسا ماگنىت باش بىلەن دىسكا تېگىپ دىسكا بۇزىلىدىغان، ئۇچۇر يوقاپ كېتىدىغان ئەھۋال شەكىللىنىدۇ، كومپىيۇتېر ئۆچۈرۋېتىلگەن شارائىتىمۇ قاتتىق دىسكا سىلكىنمەسلىكى كېرەك. (2) چاڭ - توزاندىن ساقلىنىش: چاڭ - توزان كۆپ، نەملىك مەۋجۇت شارائىتتا قاتتىق دىسكا نورمال ئىشلىمەيدىغان، قىسقا تۇتۇش ھاسىل بولۇپ، توك يولى بۇزۇلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. (3) قاتتىق دىسكا ئوقۇش - يېزىش مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقاندا توكتىن ئۈزۈۋەتمەسلىك كېرەك. قاتتىق دېسكا ئوقۇش - يېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا دىسكا يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتقان بولغاچقا، توساتتىن توك ئۈزۈلسە ماگىنىت باش بىلەن دىسكا سۈركىلىش نەتىجىسىدە قاتتىق دىسكىدا بۇزۇلۇش كۆرۈلىدۇ. (4) ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش: كومپيۇتېر ۋىرۇسى قاتتىق دىسىكىغا نىسبەتەن زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلالايدۇ، شۇڭا يېڭى نەشردىكى ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتاللىرى ئارقىلىق تازىلاپ تۇرۇڭ، كۆپ قېتىم فورماتلاشتىن ساقلىنىڭ، چۈنكى كۆپ قېتىم فورماتلىغاندا قاتتىق دىسكىنىڭ ئۆمرى قىسقىرايدۇ. (5) يۇقىرى تېمپىراتۇرىدىن ساقلىنىش: مۇھىت شارائىتىدا نەملىك يۇقىرى بولسا ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا ھەم ئارىلاپ - ئارىلاپ توكقا ئۇلاپ تۇرۇڭ، بۇنداق قىلغاندا كومپيۇتېردىن ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق، نەملىكنى پارلاندۇرۇپ كومپيۇتېرنى قوغدايدۇ. (7) كۈچلۈك ماگىنىت مەيدانىدىن ساقلىنىش: كۈچلۈك ماگىنىت مەيدانى قاتتىق دىسكىنىڭ دۈشمىنى، شۇڭا كۈچلۈك ماگىنىت رادىئاتسىيىسىگە ئىگە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى قاتتىق دىسكىدىن يىراق بولۇشى كېرەك. (8) بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە قاتتىق دىسكىغا نىسبەتەن تازىلاش، رەتلەش ئېلىپ بېرىڭ.
مەنبەسى: بىلقۇت تورىدىن