مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2244|ئىنكاس: 0

بىر كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولۇش جەريانى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈزىنى تونۇش_ئۆزلۈك

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45130
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8813
تۆھپە نۇمۇرى: 2281
توردا: 2452 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-25 05:03:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىر كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولۇش جەريانى


1.ئالدىنىش
مەن ئەسلىدە فۇشۇن شەھەرلىك 2-قۇرلۇش شىركىتىنىڭ ياغاچچىسى ئىدىم،2005-يىلى ئىش ئورنۇمدىن قالدىم. تۇرمۇش قامداش ئۇچۇن دائىم چەتئەلگە چىقىپ ئىشلەپ كۆپرەك پۇل تاپسام دەپ ئويلايتىم. 2006-يىلنىڭ بىشىدا فۇشۇن شەھەرلىك تاشقى ئىختىساد تىخنىكا ھەمكارلىق شىركىتى سىرىتقا ئەمگەك كۈچى چىقارماقچى بولدى ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەلۇم بىر قۇرلۇشقا  (تىلىنىدىغان مەرمەر تاشقا) تانا تارتقۇچى ئىشچى جىددى لازىمكەن ، بىرىپ تىزىملاتتىم . بۇنىڭ ئۇچۇن مەن ئۆيۇمنى سىتىپ 58 مىڭ يۇەن تاپشۇردۇم . شۇ يىلى 3-ئاپرىل كەچتە فۇشۇنلىك سەككىزەيلەن ۋە شىنياڭلىق بىرەيلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا باردىغان ئايرۇپىلانغا چىقتۇق ، 5- ئاپرىل جىددىگە يىتىپ باردۇق . بىز تۇردىغان يەرگە بىرىپ قارىساق چىدىردا ياتىدىكەنمىز، چىدىرنىڭ ئىچى ئىسسىقتا ھور مۇنچىدەك قىزىپ كىتەتتى ، بىز ئالدانغىنىمىزنى ھىس قىلدۇق ۋە قايتىپ كىتىمىز دەپ جىدەل قىلىپ كۆپ قىتىم جۇڭگۇنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا ۋە سودا ئىشلىرى باشقارمىسىغا بارغان بولساقمۇ،مەسىلە ھەل بولمىدى ، ئامالسىز قىلىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولدۇق . ئىش بۆلگەندە خوجايىن ماڭا ھازىرچە تىخنىكىلىق خىزمەتنىڭ يوقلىقىنى ، كۆپچىلىك بىلەن ئۈچ ئاي بىللە ئىشلەپ تۇرشۇمنى ئىيىتتى . كىيىن ئۇنىڭ مىنى ئالدىغانلىقىنى بىلدىم ، تانا تارتقۇچى ئىشچىنىڭ ئايلىق مۇئاشى مىڭ ئامىرىكا دوللىرى بولۇپ، قارا ئىش قىلدىغانلارنىڭ بولسا ئايلىق مۇئاشى بەشيۇز ئامىرىكا دوللىرى ئىدى . مەن گەرچە ئۇستا ياغاچچى بولساممۇ قارا ئىش قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم .خىزمەت ئىنتايىن جاپالىق ئۇنىڭ ئۇستىگە تامىقىمىز بەك ناچار بولۇپ خۇددى  كونا جەميەتكە قايتىپ قالغاندەك ئىدۇق ،شۇ ھالەتتە بەش ئاي ئىشلىگەندىن كىيىن بۇ ئىشمۇ يوق بولدى ، ئايلىقى بەشيۇز ئامىرىكا دوللىرىلىق ئىش ھەققىنىمۇ ئىككى ئايلا ئالالىدىم ، قالغان ئۈچ ئايلىق ئىش ھەققىنى بولسا خوجايىن تۇتىۋالدى . پۇل يوق ، يەيدىغانغا تاماق تىخى يوق ، ئۆيگىغۇ ئەسلا قايتالمايتۇق .ھاۋا ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق بولۇپ كۇندۇزلىرى چىدىردا ئىسسىقتىن پاناھلانساق ئاخشاملىرى ھەممىمىز دىڭىز بويىغا بىرىپ بولكا ، تاتلىق تۇرمە ، پىچىنە قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى تىپىپ  يەيتۇق ،«بۇگۇن يەيدىغان نەرسە تاپالىدۇق» بىزنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغان سۆز بولۇپ قالغان ئىدى ، ھەر قىتىم ئايرۇپىلانلار ئۇستىمىزدىن كۆتۇرلۇپ چاقلىرىنى يىغىپ شەرققە قاراپ ئۇچقىنىدا قەلبىمىز تەسۋىرلىگۇسىز ئازاپلىناتتى .
2.جىددە دىكى بۇرۇلۇش
رامزان ئىيى كەلدى ، ئاللاھنىڭ ياردىمى كەلدى ! باشقىلاردىن بۇۋاقىتتا مەسجىتكە بارسا توخۇ گوشى ، مىۋە-چىۋە ھەتتا بەزىدە پۇلمۇ بىرلىدىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق ، رامىزاننىڭ تۇنجى كۇنىلا ئارىمىزدىن بەزىلەر مەسجىتكە بىرىپتۇ ،كەچتە نۇرغۇن ياخشى يىمەككىكلەرنى ئىلىپ كەلدى ، مەن كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ،ئەتىسى خىزمەتدىشىم بىلەن بىللە بارماقچى بولدۇق ، بىز ناھايىتى ئاسانلا بىر كىچىك مەسجىدنى تاپتۇق ، ئەزاندىن كىيىن ئىپتارلىق باشلاندى ، تاماق ناھايىتى مول بولۇپ توخۇ ، مىۋە-چىۋە ، ئىچىملىك ، بولكا ...... قاتارلىقلار بار ئىدى . ئىپتار قىلغۇچىلارمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، قارىماققا ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىن ئىشلىگىلى كەلگەن ئىشلەمچىلەر ۋە يىقىن ئەتراپتىكى ماگىزىنلاردىكى تىجارەتچىلەردەك قىلاتتى ، ئىپتارلىق بەرگۇچىلەرنىڭ ھەممىسى يەرلىك مۇسۇلمانلار بولۇپ ، ئۆزلىرىگە ھىچ قانداق تونۇشلىقى بولمىغان كىشىلەرنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن كۇتۇپ يىمەكلىك بەرگەننىڭ ئۇستىگە مىنىڭ نەزىرىمدىكى بۇ بىكارغا يەپ ئىچىۋاتقان كىشىلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرەتتى ! مەن كۆز ئالدىمدىكى مەنزىردىن ئەس ھۇشۇمنى يوقاتتىم . قانداق كۈچ مۇسۇلمانلارنى بۇ مەقامغا  يەتكۇزدى ؟ ئىپتار قىلىپ بولغاندىن كىيىن ھەممە ئادەم مۇستەھەپخانىدا تاھارەت ئالغاندىن كىيىن نامازغا كىرىشىپ كەتتى .ئىككىمىزمۇ باشقىلارغا ئەگىشىپ تاھارەت ئىلىپ ناماز ئوقىدۇق. ئەمىلىيەتتە ئەينى ۋاقىتتا بىز قانداق تاھارەت ئىلىشنى قانداق  ناماز ئوقۇشنى بىلمەيتۇق ،بىزنىڭ بۇنداق قىلىشىمىز پەقەت مەسجىد ئەھلىنىڭ قىزغىنلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى خالاس .
بىر كۇنى بىز ماگزىن ئارلاۋىتىپ بىر كىيىملىرى جۇل-جۇل چەتئەللىك مۇسۇلماننىڭ ئەينەك رامكا ئىچىدىكى كىيىمگە قاراپ تۇرغىنىنى كۆردۇق ، ئىنىقكى ئۇنىڭ كىيىمنى سىتىۋىلىشقا قۇربى يەتمەيتى ، بۇ ۋاقىتتا بىر ئادەم خوجايىنغا ئۇ كىيىمنى ئالدۇرۇپ چەتئەللىك مۇسۇلمانغا كىيدۇردى ۋە پۇلىنى تۆلىۋەتتى،  ئۇستى – بىشى يىڭىلىنىپ بۆلەكچە تۇسكە كىرگەن چەتئەللىك مۇسۇلمان تىخى رەھمەت ئىيتىشقا ئۇلگۇرمەستىنلا ئۇ كىشى يىراقلاپ كىتىپ بولدى .بۇيەردە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىشلارنى دائىم ئۇچراتقىلى بولاتتى .
مەن كىيىن بارغان مەسجىدمۇ كىچىك بولۇپ دىڭىز ياقىسىدىكى سودا كوچىسىنىڭ ئاخىرىسىدىكى بىر ئىككى قەۋەتلىك مىھمان سارايغا جايلاشقان بولۇپ نامازگاھ مىھمان ساراينىڭ بىرىنجى قەۋىتىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئىدى كۆلىمى ئۈچ ئىغىز ئۆيچىلىك كىلەتتى مۇستەھەپخانىسى ئىشىك ئالدىدىكى ئۇستى يىپىلغان بىر مىتىردىن ئارتۇقراق كەڭلىكتىكى تارچۇق يەر بولۇپ ئىككىلا ئادەم سىغاتتى ، مەسجىد كىچىك بولسىمۇ ناماز ئوقۇيدىغانلار كۆپ بولۇپ ئشچىلار، تىجارەتچىلەر يەنە ماشىنىسى بىلەن كىلىدىغان يەرلىك ئاقسۆڭەكلەرمۇ بار ئىدى. كۆپچىلىك مۇستەھەپخانىغا ۋە مەسجىدكە كىرگەندە ناھايىتى تەرتىپلىك بولۇپ قىستالسىمۇ ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشمايتى، باي-نامراتلىق،يۇقىرى- تۆۋەنلىك پەرقى يوق ئىدى.بۇ مەنزىرە مىنى ئىختىيارسىز ئويغا سالاتتى : بۇ يەردىكى كىشىلەر نىمانچە ئاقكۆڭۇل،سىخى؟ نىمانچە باراۋەر، ئىناق ؟ نىمانچە سەمىمى يۇۋاش؟ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قولىدا بىردىن قىلىن كىتاپ ،بۇ مۆجىزىلەرنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ قۇرئان كەرىمدىن كەلگەن بولسا كىرەك .مەن ئۇ كىتاپنى بىر كۆرمىسەم !
3.يىڭى قەدەم
بۇ مەسجىدنىڭ ئىمامى يىگىرمە نەچچە ياشلاردىكى يەمەنلىك يىگىت بولۇپ قىرائىتى ناھايىتى راۋان مۇڭلۇق ئىدى، كەمتەر كىچىك پېئىللىقى ۋە بىلىمىنىڭ ئەتراپلىقلىقى بىلەن يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايىسىگە ئىرىشكەن ئىدى.ئۇ ئارسال ۋاقىتلاردادائىم كوچا ئۇدۇلىدىكى مەن دائىم باردىغان ماگزىنغا باراتتى ،مەن ماگىزىن خوجايىنى بىلەن خىلى ياخشى تۇنۇشىۋالغان ئىدىم . بىر قىتىم مەن ئۇ ئىمامغا :«ماڭا بىر خەنزۇچە تەرجىمىدىكى قۇرئان كەرىم تىپىپ بىرەلەمسىز؟ » دەپ سورىدىم ئۇ چوقۇم تىپىپ بىردىغانلىقىنى ئىيتىپ ماقۇل بولدى.بىر كۇنى، نامازدىن كىيىن بىزنى باشلاپ بىر قانچە سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئاقساقالغا تونۇشتۇردى . ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى خان جەمەتىدىن ئىكەن.ئۇ بىزدىن :«نەدە تۇرىسلەر؟»دەپ سورىدى مەن:«دىڭىز بويىدىكى بىر قۇرلۇش مەيدانىدا، بۇيەرگە بەك يىراق » دىدىم .ئۇيەنە:«سىنىڭ نىمە ھاجىتىڭ بار؟ » دەپ سورىدى، مەن :«سىلەرنىڭ سالاھىيىتىڭلارنىڭ قانداق بولىشىدىن ،يىشىڭلارنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر بەك چىقىشقاق ئىكەنلىكىڭلارنى كۆرۇپ بەك قايىل بولدۇم، خەنزۇچە تەرجىمىدىكى قۇرئان كەرىم ئارقىلىق ئەرەپ مىللىتىنى ،ئىسلام دىنىنى چۇشۇپ باقاي دىگەنتىم، ماڭا يارىدەم قىلىپ بىرنى تىپىپ بىرەلەمسىز؟ »دىدىم . ئىمام بىر قىسىم خەنزۇچە-ئەرەپچە ئۈگۈنۈش ماتىرياللىرىنى بەردى (كىيىن ئەينى ۋاقىتتا خەنزۇچە-ئەرەپچە يىزىقتىكى قۇرئان كەرىمنى تاپماقنىڭ قىيىنلىقىنى بىلدىم ) ئۇلار بىزدەك ئىككى جۇڭگۇلۇقنىڭ كۇندە بىرنەچچە سائەت يولنى پىيادە بىسىپ بۇ مەسجىدكە كىلىپ ناماز ئوقۇيدىغانلىقىمىزنى ماختاپ كىتىشتى.(ئۇلار بىزنىڭ دەردىمىزنى قانداقمۇ بىلسۇن! ) كىيىن دائىم ماشىنىسى بىلەن تۇردىغان جايىمىزغا ئاپىرىپ قويۇشتى،ئۆز-ئارا چۇشۇنۇشكەنسىرى مەن بىشىمىزغا كەلگەن قىسمەتلەرنىڭ بىرنىمۇ قالدۇرماي ئۇلارغا ئىيتىپ بەردىم،ئۇلارمۇ دەرھال مۇناسىۋەتلىشىش ئارقىلىق بىزگە يارىدەم قىلماقچى بولدى. ئۇلارنىڭ سەمىمىيتى ئۆيىدىن، ۋەتىنىدىن ئايرىلغان بىزدەك مۇساپىرلارغا زور تەسەللى بولدى ۋە ئىسلامنىڭ پارلاق روھىنىڭ مۇشۇنداق بىر تۇركۇم كىشىلەرنى بارلىققا كەلتۇرگەنلىكىنى ئاستا ئاستا چۇشۇنۇپ يىتىشكە باشلىدۇق ،ئۆز بىشىمىزدىن ئۆتكۇزگەن سەرگۇزەشتە ۋە ئۈگۈنۈش ئارقىلىق نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ قەلىب دەرۋازىسى ئىچىلدى، ئاخىرى ئىسلام دىنىغا كىرىش قارارىغا كەلدۇق.بىر جۇمە كۈنى ئىمام تەرجىمان ئارقىلىق بىزگە :«ئالەمدىكى بارىلىق مەۋجۇداتلارنى يەككە يىگانە بولغان ئاللاھ ياراتقان ، ئاللاھ، جان ۋە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلغان مەخلۇقاتلار ئاللاھنىڭ بارلىقىنى تونۇشى كىرەك » دىدى.مەسجىد ئۆلمالىرى ،نۇرغۇن  سەئۇدى ئەرەبىستانلىق كىشىلەر ،ھىلقى خان جەمەتىدىكى كىشىمۇ بار ئىدى، تەرجىمان نۇتۇقنى تۇگەتكەندىن كىيىن ھىلقى خان جەمەتىدىكى كىشى:«بىز ھەممىمىز ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ قۇللىرىمىز ، ئاللاھ ئالدىدا باپ-باراۋەرمىز ، سىلەر ئىمان ئىيىتساڭلارلا بىز قىرىنداشلارغا ئايلىنىمىز» دىدى.بۇكۈنى نامازغا كەلگەنلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ نامازدىن كىيىن ھىچكىم قايىتىپ كەتمەي بىز جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئىسلامغا كىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، گىزىتخانىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ كىلىپ بەس-بەستە رەسىمگە تارتىشتى، جامائەت ئالدىدا مەن بىگىز بارمىقىمنى چىقىرىپ تۇرۇپ :
«俩一俩孩 印烂拉乎穆罕埋杜雷来苏论拉习 »
(ئاللاھ بىردۇر ،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر)
دەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا ئىمان ئىيىتتىم . خان جەمەتىدىكى كىشى مىنى قىزغىن قۇچاغلاپ تۇرۇپ « سەن مىنىڭ قىرىندىشىم بولدۇڭ» دىدى، ئويلاپ بىقىڭ بىزنى ئالدىغان ئالدامچىلار شۇنداق سوغۇق ، زەھەرخەندە ،كۆز ئالدىمىزدىكى قىرىنداشلار شۇنچىلىك مىھرىبان ۋە ھەققانىيەتچان.بۇگۇن مەن بەك بەخىتلىك، ئەللىك يىلدىن كۆپرەك بىخۇتلۇقتا ئۆتكەن ئۆمرۇمدە ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئىرىشتىم،كىشىلىك ھاياتىمدا يىڭى بىر بۇرلۇش بولدى.بۇ يەرگە كىلىپ ئىختىسادىمدىن ئايرىلغان بولساممۇ ھەقىقى ھاياتقا ئىرىشتىم. ئىسلامغا كىرىپ تۇنجى نامازدا قولۇمنى كۆتۇرۇپ چىن قەلبىمدىن:
«安拉胡艾克白嘞!» (ئاللاھ ئۇلۇغدۇر)
دىگەن ۋاقتىمدا ياشلىرىمنى توختىتىۋالالمىدىم بىر يىلدىن بىرى تارتقان ئۇۋالچىلىق ئازاپلار بىر دەمدىلا يۇيۇلۇپ كەتتى،مۇزلىغان يۈرۈگۈم ئىسلام نۇرى بىلەن ئېرىشكە باشلىدى .مەن تېرشىپ ئۈگۈنۈشكە كىرىشتىم ،ئىمام قۇرئان كەرىمنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىدىن بىرنى تىپىپ بەردى ۋە نۇرغۇن ئۈگۈنۈش ماتىرياللىرى بىلەن تەمىنلىدى
ئاللاھقا ھەمدۇ سانالار بولسۇنكى «سۇرە فاتىھە» نى تىزلا ئۈگۈنىۋالدىم، ئەنئەنىۋى بايرىمىمىز چاغان كەلگەن ۋاقىتتا جىددە شەھرىدىكى ئۆلمالار، ئىلىم ئەھلىللىرى بىر چوڭ تاماقخانىدا يىڭىدىن مۇسۇلمان بولغان بىز جۇڭگۇلۇقلارغا زىياپەت بەردى،زىياپەتتە مەن چۇڭقۇر مەنىلىك ۋە سەمىمىلىك بىلەن يىڭىدىن مۇسۇلمان بولغان جۇڭگۇلۇقلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ :« سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بىر يىل، ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلغىسىز بىر يىل بولدى مەن گەرچە مال -مۇلىكىمدىن ئايرىلغان بولساممۇ بىباھا ئىمانغا ئىرىشتىم » دىدىم ۋە ئىخلاسمەنلىك بىلەن  «سۇرە فاتىھە» نى قىرائەت قىلىپ بەردىم ،قىرائىتىمنى ئاڭلاپ ھەممەيلەن بەك ھاياجانلىنىپ كىتىشتى ۋە بەس –بەستە مەن بىلەن قۇچاقلاشتى ، قوللىرىمنى چىڭ سىقىشتى. مەنمۇ بەك ھاياجانلانغان ئىدىم مەن بۇيەردە جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرىغا ۋەكىللىك قىلىمەندە !
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ساق بىر يىل تۇرۇپ ۋەتەنگە قايىتقاندىن كىيىن بەزىلەر :«نىمە ئۇچۈن ئسلامنى قوبۇل قىلدىڭ ؟» دەپ سوراشتى،مەن:«مەن ئىسلامنىڭ ئۇلۇغلىقىنى،ئىسلام جەميىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆردۇم،رەببىم مىنى ھىدايەت قىلدى،قۇرئان مىنى تەربىيلىدى،مىنىڭ يولۇم ئەڭ توغرا يولدۇر» دەپ جاۋاپ بەردىم.ھازىر مەن باشقا بىر ئادەمگە ئۆزگەردىم نامازنى قەتئى تاشلىمىدىم،روزا تۇتىمەن،تاماكا چەكمەيمەن، ھاراق ئىچمەيمەن،قىمار ئوينىمايمەن،ئاللاھ ھارام قىلغان يىمەكلىكلەرنى يىمەيمەن،ساۋاپلىق ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىمەن، گۇناھى-مەھىشەتتىن قاچىمەن.بىلمىدىم، ھازىرمەن بىر لاياقەتلىك،ھەقىقى ئىتىقادلىق تەقۋادار مۇسۇلمان ھىساپلىنىمەنمۇ؟ ئاللاھىم ئاجىز قۇلۇڭنىڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلغىن،ساڭا يىتەرلىك قۇلچىلىق قىلالمىدىم،سىنىڭ ئۇلۇغلىقىڭ،ياردىمىڭگە تايىنىمەن!
4.ئۇزلۇكسىز ئىلگىرلەش
ۋەتەنگە قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي 2007-يىلى5-ئاينىڭ مەلۇم بىر شەنبە كۈنى چۇشتىن كىيىن بىر خىل كۈچنىڭ تۇرىتكىسىدە فۇشۇن مەسجىدىگە كەلدىم،مىنىڭ بۇيەرگە تۇنجى قىتىم كىلىشىم بولۇپ بۇيەرنىڭ ئەھۋالىدىن ئىلگىرى خەۋەرسىز ئىدىم،گەرچە خەنزۇ بولساممۇ ھازىر مۇسۇلمان بولدۇم، مەسجىدكە كىرسەم باشقا مەسلە چىقماس،زالغا كىرگەندىن كىيىن ناماز ۋاقىت جەدىۋىلىنى كۆرۇپ كۆچۇرىۋالدىم ۋە يىنىمدا بىرسىنىڭ قاراپ تۇرغانلىقىنى بايقاپ بۇ يەرنىڭ غوجىدارى بولسا كىرەك دەپ ئويلاپ يۇرۇگۇم سىلىپ كەتتى، ئۇ ناھايىتى سەمىمىلىك بىلەن:«سىز يىڭى كەلدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدى،مەن: «شۇنداق،مەن خەنزۇ مۇسۇلمان،سەئۇدى ئەرەبىستاندىن يىڭىلا قايتىپ كەلدىم،نامازنىڭ ۋاقىتىنى بىلەلمىگەچكە بۇنى كۆچۇرۋالدىم » دىدىم،ئۇ ناھايىتى خۇشال بولۇپ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ:«مىنىڭ فامىلەم ياڭ،بۇگۇن بىزنى تەقدىر ئۈچراشتۇردى ،بۇنىڭدىن كىيىن ئۆز-ئارا ئۈگۈنەيلى» دىدى،ئۇ ماڭا مەسجىدنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ بىردەمدىن كىيىن ئۇستاز ياڭ خەيچىڭ ئاخۇن بىلەن كۆرۇشتۇردىغانلىقىنى ئىيىتتى،ياڭ ئاخۇن دەرىس سۆزلەۋاتقان بولۇپ بىردەمدىن كىيىن دەرىستىن چۇشتى ،ياڭ قىرىنداش بىزنى ئۆز-ئارا تونۇشتۇرغاندىن كىيىن بىز «سالاملاشتۇق» مەن ،سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىسلامنى قوبۇل قىلغىنىمنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردىم،ئۇ يۇمۇرلۇق قىلىپ:« چەتئەلدە قانچە پۇل تاپتىڭىز؟» دەپ سورىدى ، مەن خىجىل بولۇپ :« پۇل تاپالمىدىم،زىيان تارتىم » دىدىم ،ئۇ :«زىيان تارتماپسىز،چوڭ پايدىغا ئىرىشىپسىز ،دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىڭىزگە ئىرىشىپسىز» دىدى، مەن دىنى بىلىمىمنىڭ تىخى يۇزەكى ئىكەنلىگىنى  بۇ جەھەتتە يارىدىمىگە ئىرىشىش ئۈمۈدىدە ئىكەنلىگىمنى ئىيىتسام «چاتاق يوق،ھازىر مەسجىددە ئۈگۈنۈش كۈرسى ئىچىلىۋاتىدۇ،سىزمۇ كىلىڭ،ئاستا-ئاستا ئۈگۈنىۋالىسىز» دىدى ۋە بىر قانچە پارچە ئۈگۈنۈش ماتىريالى سوۋغا قىلدى ،شۇنىڭدىن باشلاپ مەسجىددىكى ئۈگۈنۈش كۈرسىغا قاتناشتىم.چەتئەلدە خەنزۇ تىلىدىكى ئۈگۈنۈش ماتىرياللىرى چەكلىك بولغاچقا،بەك قىيلانغان ئىدىم مانا ھازىر ھەممىسى ياخشى بولۇپ كەتتى، ياڭ خەيچىڭ ۋە جاڭ خۇيچى ئاخۇنلار ياش بولۇپلا قالماستىن بەك بىلىملىك ، ئەخلاق-پەزىلىتىمۇ ياخشى بولۇپ،ئۇلارنىڭ دىننى تەشۋىق قىلىشتىكى پىداكىرانە روھى ماڭا چۇڭقۇر تەسىر قالدۇردى ، ئۇلار بىزگە يۇرەك قىنىنى سەرپ قىلاتتى. ،مەن چوقۇم تىرشىپ ئۈگۈنۈپ ئىسلام ئەقىدىسىنى قەلبىمگە مۇستەھكەم ئورناتماق بولدۇم.
ئۆيۇم مەسجىددىن يىراق بولغان گېبۇ يىڭى كەنتىدە بولۇپ موتسىكىلىت بىلەنمۇ يىرىم سائەت مىڭىشقا توغرا كىلەتتى ،مەن كۈندە بىر قىتىم بولسىمۇ مەسجىدكە بىرىپ ناماز ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردۇم،چۇنكى مەن نۇرغۇن 70-80 ياشلىق مويسىپىتلارنىڭ مەسجىدكە كىلىپ ناماز ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى كۆردۇم ،ئۇلارغا قارىغاندا مىنىڭ ماغدۇرۇم باردە،بۇيەردىكى قىرىنداشلارمۇ ماڭا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى،مىنى پەقەت يات كۆرمەيتى،بۇلار ماڭا مۇسۇلمانلاردىكى ئىتتىپاقلىق،دوستلۇق روھىنى ھىس قىلدۇردى،سوڭ فامىلىلىك 70تىن ئاشقان بىر ئادەم بولۇپ پۇتى ئاجىز بولسىمۇ ھەركۈنى مەسجىدكە كىلىپ ناماز ئوقۇشنى داۋاملاشتۇراتتى.ئۇ دائىم ماڭا دىنى بىلىملەردىن تەلىم بىرىپ تۇراتتى ،ۋە دائىم ماڭا :«يىمەكلىككە بەك دىققەت قىلىڭ،بولمىسا ئوقىغان نامىزىڭىز زايە بولۇپ كىتىدۇ،ئاندىن ئايالىڭىزنىمۇ ئاستا- ئاستا نەسىھەت قىلىپ ئىسلامغا كىرگۇزۇڭ» دەيتى بىر قىتىم ئايالىم بازاردىن كالا گۆشى ئەكىلىپ تاماق قىلغاندا مەن يىمىدىم،ئۇخاپا بولۇپ بىر تەخسە سەينى تۆكىۋەتتى،ئىككىمىز بىر قانچە كۈنگىچە گەپلەشمىدۇق،مەن ئۆزۇمنىڭ قىلغىنىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىگىنى بىلسەممۇ،چۇشەندۇرۇشكە ئاجىز ئىدىم،مۇسلىمە قىرىندىشىم ۋاڭ سۇگى ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆيۇمگە بىرىپ ئايالىمغا خىزمەت ئىشلىدى،كىيىن ئايالىمنىڭ ئىددىيسىدىن ئۆتۇپ مىنىڭ ھالال گۆش يىيەلىشىم ئۈچۈن توڭلاتقۇ سىتىۋالدۇق،ئائىلىدىكى زىدىيەتمۇ ھەل بولدى.
ئۈگۈنۈش ۋە قىرىندشلارنىڭ يارىدىمىدە يىرىم يىلدىلا كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم،بۇرۇنقىغا پۇتۇنلەي ئوخشىمايمەن،تۇرمۇش ئادىتىم،دۇنيا كۆز قارىشىم ئۆزگەردى نەدىن كەلگىنىمنى ،نەگە باردىغانلىقىمنى،ھاياتنىڭ قىممىتىنى چۇشەندىم،نىشانىممۇ بار بولدى.ئىنساننىڭ ھەر بىر مۇۋاپىقىيتى ئاللاھ نىڭ ھىدايىتى ۋە يارىدىمىدىن ئايرىلالمايدۇ،بولمىسا كىمنىڭمۇ مۇنچىلىك قۇدىرتى بولسۇن ،مەن دائىم چىن قەلبىمدىن رەببىمنى مەدىھلەپ:
«艾勒哈目独吝俩习» (بارىلىق ھەمدۇ سانالار ئاللاھقا خاستۇر!) «安拉胡艾克百勒» (ئاللاھ ئۇلۇغدۇر)دەيمەن ،بۇرۇن تاماكا چىكەتتىم ،ھاراق ئىچەتتىم،بۇمىنىڭ 30 يىللىق ئادىتىم ئىدى ،ئسلامغا كىرگەندىن كىيىن ئاسانلا تاشلىۋەتتىم ، بۇرۇن ماجاڭ ئويناشقا ئامراق ئىدىم ھاراملقىنى بىلگەندىن كىيىن قەتئى ئوينىمىدىم،ئەسلىدىكى ماجاڭ ئوينايدىغان جايىم ھازىر ئاللاھقا سەجىدە قىلىدىغان ئورۇنغا ئايلاندى.مەسجىدكە كىرگەن يىرىم يىلدىن بۇيان ئىتىقادنىڭ چەكسىز كۈچىنى ھىس قىلدىم،ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقى ئىسلامدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىگە ئىللىقلىق ئىلىپ كەپتۇ.
مەن ھازىر بۇ يولدا مىڭىۋاتىمەن ،بۇ بىر نۇرلۇق يول، مەن يىڭى ھاياتقا ئىرىشكەن يول،ئىككى دۇنيالىق سائادەتكە ئىرىشىدىغان يول ،مەن بۇ يولدا ئۈزلۇكسىز ئالغا ئىلگىرلەيمەن ۋە ئاداققىچە ماڭىمەن .


[mp3=1]http://quran.yich.org/sound/0804/wearemuslem.mp3[/mp3]
مەنبە:http://www.muslimwww.com/2009/1220/1MMDAwMDAwMDA1MQ.html

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
ozuyghur + 50
BULKADIR + 50

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

مېنىڭ جەننىتىم قەلبىمدە، باغچام كۆكسۈمدىدۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش