تور ئارلاۋىتىپ تورخۇمار تورىدىكى قىزىقارلىق ھەم يۇمۇرلۇق، لىكىن مەنىلىك،ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدىكى بىر قىسىم كىشلەرنى ئۇستۇلۇق بىلەن ھەجىۋىلەشتۈرۈپ ‹‹غەرپكە ساياھەت›› فىلىمىدىكى تۆت ئاساسلىق پىرسۇناژلارنى مىسال قىلىپ يىزىلغان كىچىككىنە ۋەقەلىكنى ئوقۇپ ھازىرقى جەمىئىتىمىزگە تولىمۇ ماس كىلىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم، قىنى سىلەرمۇ ئوقۇپ بىقىڭلار:
1.بىر كۈنى ئەتىگىنى، تاڭسىڭ تاتلىق چۈشىدىن ئويغىنىپ قارىسا، ۋۇكۇڭ ئۆزىنىڭ كارىۋىتىنىڭ ئاستىدا ئاغزىلىرىدىن كۆپۈك ياندۇرۇپ ياتقۇدەك، نېمە ئىشلىكىنى بىلمىگەن تاڭسىڭ سوراپتۇ: ۋۇكۇڭ؟ ھەي ۋۇكۇڭ؟ ساڭا نىم بولدى؟ ۋۇكۇڭ كۆزىنى ئېچىپلا تاڭسىڭنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كېتىپتۇ: ئۇستاز، سىزدىن ئۆتۈنەي، بۇندىن كېيىن چۈشىڭىزدە جۆيلۈپ قالسىڭىز، ھەرگىز چەمبىرەك ئەپسۇنىنى ئوقىماڭ، ماقۇلمۇ؟
2.ۋۇكۇڭ پاسىق سۆڭەك ئالۋاستىنى ئۈچ قېتىم ئۆلتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا تاڭسىڭ تەرىپىدىن چىمەنتاغقا ھەيدىلىپتۇ. بىر قانچە ئايدىن كېيىن باجى تۇيۇقسىز چىمەنتاغقا ۋۇكۇڭنى يوقلاپ كەپتۇ ۋە ئىشىكتىن كىرىپلا يىغلاشقا باشلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋۇكۇڭ سوراپتۇ:
- قىسىم نەگە يېتىپ باردى؟
- لىنفېنغا
- يەنە ئالۋاستىلارغا يولۇقۇپ قالدىڭلار ھەقىچان؟
- ياق
جىددىلىشىپ كەتكەن ۋۇكۇڭ يەنە سوراپتۇ:
- ئەمىسە نېمىگە يىغلايسەن زادى؟؟؟
ۋۇكۇڭنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان باجى تېخىمۇ ئازاپلىنىپ ئاخىرى ئېغىز ئېچىپتۇ: مايمۇن ئاغا، تېزرەك قايتىپ بارسىڭىز، ئۇستاز ھايانكەشلەر تەرىپىدىن قارا خۇمداندا ئىشلەيدىغانلارغا سېتىۋېتىلىپتۇ، بىزمۇ قانداق قۇتۇلدۇرۇپ ئەچىقىشنى بىلمىدۇق.
3.ئۇستاز شاگىرت تۆتەيلەن مېڭىپ خېلى چوڭ بىر شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ، ۋۇكۇڭ تاماق تىلەشكە، شاسىڭ يۈك تاققا، باجى بولسا ئات يېتىلەشكە مەسئۇل بوپتۇ. كەچتە باجىنىڭ قۇرۇق قول كەلگىنىنى كۆرۈپ تاڭسىڭ سوراپتۇ:
- ئاق ئات قېنى؟
- قاتناش ساقچىسى مۇسادىرە قىلىۋالدى
- نېمىشقا ئەمدى؟
- ئات ئوسۇرىۋەتكەنتى…
بۇ گەپنى ئاڭلاپ تاڭسىڭ كەينىگە ئۇچۇپ كەتكىلى تاس قاپتۇ:
- ھەي كالۋا، ئوسۇرىۋەتكەنگە مۇسادىرە قىلىش كەتمەيدىغاندۇ ھەر قانچە بولسىمۇ؟
- مەنمۇ شۇنداق دېدىم، بىراق قاتناش ساقچىسىنىڭ دېيىشىچە ھازىر ئولىمپىك مەزگىلىكەن، بىزنىڭ ئاتنىڭ گاز چىقىرىش مىقدارى نورمال ئۆلچەمدىن ئېشىپ كىتىپتۇدەك…
4.ۋۇكۇڭ تاماق تىلەپ قايتىپ كېلىپ قارىسا تاڭسىڭ يەنە كۆرۈنمەپتۇ، باجى بىلەن شاسىڭ بولسا يەرگە ئۆزىنى ئېتىپ يىغلاۋاتقۇدەك. ۋۇكۇڭ سوراپتۇ:
- ئۇستاز قېنى؟
- يۈتۈپ كەتتى…ھۇ…ھۇ…ھۇ
- ئەمىسە بېرىپ ئىزدەشمەمسەن؟؟!
- ئىزدىدۇق، يوق…ھۇ…ھۇ…ھۇ
شۇنىڭ بىلەن ۋۇكۇڭ بۇلۇتقا چىقىپ ئۈچنى پىقىراپ يەنە تاپالماي يېنىپ كەپتۇ. ئۈچەيلەن ئىچى سىقىلىپ تۇرغاندا ۋۇكۇڭ تۇيۇقسىز يەنە سوراپتۇ:
- ئۇستاز بۇ ئايدا ئۆي ئىجارىسىنى تۆلىدىمۇ؟
- ياق
- يول ئاسراش ھەققىنىچۇ؟
- ياق
- تورنىڭ پۇلىچۇ؟
- ياق
شۇنىڭ بىلەن ۋۇكۇڭ بىرنى تىنىۋېتىپ دەپتۇ: بولدى، ھەممىڭلار كىرىپ ئۇخلاڭلار، بىز ئەنسىرەپ كەتمىسەكمۇ، بانكا بىلەن ساقچى ئۇستازنى ھامان تېپىپ كېلىدۇ
5.تاڭسىڭ ۋە شاگىرتلىرى مېڭىپ شىر-تۆگە تېغىغا كېلىپ قاپتۇ، شىر ئالۋاستى بۇلارنىڭ بىخەستەلىكىدىن پايدىلىنىپ تاڭسىڭنى تۇتۇپ كېتىپتۇ، ۋۇكۇڭ مىڭبىر جاپا مۇشەققەتتە شىر ئالۋاستىنى مەغلۇب قىپتۇ ۋە قاتتىق دۇمبالاي دەپ تۇرغاندا ۋېنشۇ بۇتساتۋا كېلىپ قاپتۇ ۋە ۋۇكۇڭغا: «ئەمدى ئۇرما، بۇ مېنىڭ مىنىدىغان كۇرسام ئىدى» دەپتۇ، ئەمدى ئۇرۇپ ئاچچىغىنى چىقىراي دەپ تۇرغان ۋۇكۇڭ قاقشاپ كېتىپتۇ، بۇ چاغدا باجى ۋۇكۇڭغا نەسىھەت قىلىپ، «مايمۇن ئاغا، بولدى قىلىڭ، خەق دېگەن بۇتساۋانىڭ شوپۇرىكەن، ئەڭ بولمىدى دېگەندىمۇ دۆلەت مەمۇرى خادىمى دەرىجىسى باردۇ» دەپتۇ
6.تاڭسىڭ تۆت شاگىرتى بىلەن غەرپكە بېرىپ نومنى ئالغاندىن كېيىن، تاتاھاگوتو ئۇلارنى تۇتۇپ قېلىپ ماڭدۇرماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تۆتەيلەن تۇرىدىغان يەر ئىزدەش ئۈچۈن تۆت تەرەپكە چېپىپ ئۆي ئىزدەشكە باشلاپتۇ، بىر كۈن كەچكىچە ئىزدەشتىن كېيىن ھەممىسى قۇرۇق قول يېنىپ كەپتۇ.
تاڭسىڭ: بىز يەنىلا قايتىپ كەتسەك ئوڭ ئوخشايدۇ، غەرپتە ئۆي باھاسى بەك يۇقىرىكەن، بىز تۇنجى ئايلىق پۇلىنىمۇ بېرەلمىسەك؟
شاسىڭ: تۆۋەن كاپالەتلىك ئۆيلەر بار دەيدىغۇ؟ ياكى بولمىسا بىز بېرىپ سوراپ باقمايمىزمۇ؟
ۋۇكۇڭ: بولدى قىلە شاسىڭ ئىنىم، غەرپ دېگەندە ساپلا ئەمەلداركەن، قايسى بىر ئەمەلدارنىڭ تۇغقىنى يوق؟ بۇ ئۆيلەر بىزگە ئاشامدۇ دەمسە؟
7.باجىنىڭ ئۈچ-تۆت كۈنگىچە پەقەت قاپىقى ئېچىلماپتۇ، كەچكىچە ئايغا قاراپ چاڭئېنى خىيال قىلىپ ئولتۇرىدىكەن. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ۋۇكۇڭ ئەرشكە چىقىپ ئەھۋال تىڭتىڭلاپ كەپتۇ ۋە نېمە ئىشلىكىنى بىلىپ باجىغا دەپتۇ: ئىنىم، بولدى غەم قىلمىغىنە، جۇڭگونىڭ ئايغا ئەۋەتكىنى شۇ بىر تال سۈنئىي ھەمراكەن، شۇنىڭغىمۇ كۈنلەش كېتەمدۇ ئەمدى؟
8.باجى نوم ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن كورىيەگە بېرىپ ھۆسىن تۈزىتىپ ئاجايىپ كېلىشكەن بىر يىگىتكە ئايلىنىپ يېنىپ كەپتۇ ۋە بىر كۈنى كەچتە قاۋاقخانىغا بېرىپ ھاراق ئىچكەچ ئەتراپنى كۆزىتىپ ئولتۇرۇپتۇ، بىر ئازدىن كېيىن، ئاجايىپ تەنناز ۋە چىرايلىق بىر قىز ئۇنىڭغا قاراپ قاش-كۆزلىرىنى ئوينىتىشقا باشلاپتۇ. ئىككىيلەن قاۋاقخانىدىن يېنىپ چىققاندىن كېيىن، باجى ھاياجىنىنى بېسىۋالالماي قىزغا دەپتۇ: سىز مېنىڭ كىملىگىمنى بىلەمسىز؟ سىز مېنىڭ ئىلگىرى قانچىلىك بىچارە ئىكەنلىگىمنى بىلەمسىز؟ گەپ قىلىڭە ھېي خان؟؟ مەن ئىلگىرى باجىتىم، ئۇقامسىز شۇنى؟!!! بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھېلىقى قىز تۇيۇقسىز كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ تۇرۇپ باجىغا دەپتۇ: ئوتتۇرانچى ئاغا!!! بۇ مەن!!! ئىنىڭىز شاسىڭ!!!
مەنبەسى:تورخۇمار تورى
http://www.torhumar.com/funny-journey-to-the-west.html