20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ فىزىك، پەيلاسوپ، ئالبېرت ئېينىشتىيىن 1900-يىلى سيۇرىخ فېدىراتسىيە تەبىئىي ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، شىۋېتسارىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرگەن. 1933-يىلى ناتسېسلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى بىلەن ئامېرىكىغا كۆچۈپ بېرىپ، نەزىرىيىۋى فىزىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. 1940-يىلى ئامېرىكا تەۋەلىكىگە كىرگەن. ئادەتتە ھەرقانداق ئىش مۇتلەق بولمايدۇ دەپ قويىمىز. بۇ گەپ ھەقىقەتەنمۇ توغرا، بۇ گەپنى كىمنىڭ ئىسپاتلىغىنىنى بىلەمسىز. دەل شۇ ئېينىشتىيىن. «ھەر قانداق ئىش نىسبىي بولىدۇ». ئېينىشتىيىن بۇ سۆزنى پەلسەپەدىلا ئەمەس بەلكى تېخىمۇ ئېنىق، ئىنچىكە بولغان ئالگېبرالىق ئۇسۇللار بىلەن ئىسپاتلىغان. بۇ دەل ئۇنىڭ نىسبىيلىك نەزەرىيەسىدۇر. ئېينىشتىيىن 1879-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە گېرمانىيەدىكى يەھۇدىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئېينىشتىيىن 16 ياش ۋاقتىدا سيۇرىخ فېدىراتسىيە تەبىئىي ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش كەسپىگە ئىمتىھان بەرگەن، بىراق ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن. ئۇنىڭ ماتىماتىكا ۋە فىزىكا ئىمتىھان قەغىزىنى كۆرگەن فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى ۋېبېر ئەپەندى ئۇنىڭ قابىلىيىتىنى سەزگەن، ئۇنى ھەقىقەتەن ئەقىللىق بالىكەن، لېكىن ئۇنىڭ بىردىنبىر كەمچىلىكى ئۆزىنى نامايەن قىلىشنى ياقتۇرمايدىكەن دېگەن. ۋېبېر ئەپەندىنىڭ دېگىنى ھەقىقەتەن توغرا. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ كەمچىلىكىنى ئەزەلدىن ئېتىراپ قىلمىغان. ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا دوستىغا يازغان خېتىدىنلا بۇنى ھېس قىلالايمىز: ياش ۋاقتىمدا ئۈن-تىنسىز تەتقىقات ئېلىپ بارغاچقا، مەن پۈتۈن دىققىتىمنى كەسپىمگە ئاتا قىلالىغان، كىشىلەرنىڭ نەزىرى مەندە بولمىغاچقا، بۈگۈنكىدەك نەتىجىگە ئېرىشكەن دېگەن. ئېينىشتىيىن ماتىماتىكا جەھەتتە ئالاھىدە تالانت ئىگىسى. ئۇ 12 ياشتىن باشلاپ ئانالىز گىئومېتىرىيىسى بىلەن دېففېرىنسىيال-ئىنتېگرالنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ بولغان، ئېينىشتىيىننىڭ كاللىسى قانداق كاللىدۇ؟ بىز بۇ دەرسلەرنى ئادەتتە ئالىي مەكتەپتە ئۆگىنىمىز.
ئادەملەرنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى 100 لەر ئەتراپىدا بولىدۇ، ئېينىشتىيىننىڭ بولسا 160 ئەتراپىدا، ئۇنىڭ قانچىلىك ئەقىللىقلىقىنى بۇنىڭدىنلا كۆرۈۋالغانسىز. ئېينىشتىيىن ھازىرغا قەدەر دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەم دەپ قارىلىپ كەلدى. شەك سۈبھىسىزكى ئېينىشتىيىننىڭ مېڭىسى ئىنسانىيەتنىڭ مېڭىسى ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى مېڭە. ئالىملار بۇنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن ئۇنىڭ مېڭىسىنى مەخسۇس تەتقىق قىلغان. ئۇنىڭ مېڭىسىنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ مېڭىسىدىن كۆپ پەرقلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. ئۇنىڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن خېلىلا كۆپ، نېۋرونلارنىڭ زىچلىقىمۇ ئىنتايىن چوڭ، ئۇنىڭ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى تېخىمۇ نېپىز. بەلكىم ئېينىشتىيىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكلىرى ئۇنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئەقىللىق بولۇشىنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىلدىكى تەتقىقاتلار ئەزەلدىن توختاپ باققىنى يوق، ئەلۋەتتە چوڭ مېڭىنىڭ تۈزۈلۈشىنىڭ ئالاھىدە بولۇشى ئەقىللىق بولۇشنىڭ بىردىن بىر سەۋەبى بولۇشى ناتايىن، بىر كىشىنىڭ ئەقىللىق بولۇشى گېن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، بۇنىڭغا يەنە نۇرغۇن سىرتقى مۇھىت ئامىللىرىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئامېرىكىلىق بىر مۇخبىر ئېينىشتىيىندىن ئۇنىڭ غەلىبە قىلىشىنىڭ سىرىنى سورىغاندا ئۇ مۇنداق دېگەن: تىرىشىپ خىزمەت قىلىشنى، دەم ئېلىشنى، ئاز گەپنى بىلسىڭىزلا سىزمۇ غەلىبە قىلالايسىز دېگەن. مېنىڭچە ئېينىشتىيىننىڭ بۇ سۆزى ھەممىمىزگە ئەينەك بولالايدۇ. 1948-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغان. 1952-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېينىشتىيىن ئىسرائىلىيەنىڭ زۇڭتۇڭى بولۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان، بىراق ئۇ رەت قىلىپ، ئىنتايىن كەمتەرلىك بىلەن: مەن تەبىئەتنى بىر ئاز چۈشىنىمەن، بىراق ئادەملەرنى پەقەتلا چۈشەنمەيمەن. مەندەك ئادەم قانداقمۇ زۇڭتۇڭ بولالىسۇن؟ مەن ئۈچۈن يەنىلا تەڭلىمە بەكرەك مۇھىم دېگەن.
ئېينىشتىيىن بىر قېتىم تامدىكى رەسىمنى ئېلىش ئۈچۈن شوتىغا چىققاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشكەن، ئۇ ئاغرىقىنىمۇ سەزمىگەن ھالدا، ئادەملەرنىڭ نېمە ئۈچۈن تىك ھالەتتە يىقىلىپ چۈشىدىغانلىقىنى ئويلىغان. تەھلىل قىلىش ئارقىلىق «جىسىملار قارشىلىق ئەڭ كىچىك بولغان يول بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ» دېگەن قاراشقا كەلگەن. بۇ قاراش دەل ئۇنىڭ نىسبىيلىق نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ئىلھام بولغان. تەتقىقاتچىلار بەزى تارىخشۇناسلارنىڭ ئېينىشتىيىننىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسىنىڭ بىردىنبىر ئىجادچىسى ئەمەس دېگەن قارىشىنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. خەلقئارا ئىلىم ساھەسى ئېينىشتىيىننىڭ 1916-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسىنى 1905-يىلىدىكى تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان دەپ قارايدۇ. بىراق بىر قىسىم خەلقئارا تارىخشۇناسلىق ساھەسىدىكى كىشىلەر ئېينىشتىيىننى تۇنجى بولۇپ نىسبىيلىك نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشى ئەمەس دەپ قارىغان، ئۇلارنىڭ ئىسپاتى شۇكى ئېينىشتىيىن كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان سەككىز يىل ئىچىدە، گېرمانىيەلىك ماتېماتىك داۋىد شېربوتتىن كۆپ تەلىم ئالغان. شېربوت بىلەن ئېينىشتىيىن ھەر ئىككىسى كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسىنى ئېلان قىلغان، ئېينىشتىيىن نىسبىيلىك نەزىرىيىسىنى شېربوتتىن بەش كۈن كېيىن ئېلان قىلغاچقا، بىر قىسىم تارىخشۇناسلار ئېينىشتىيىننى كۆچۈرمىكەچلىك قىلغان دەپ قارىغان. بىراق كېيىن شېربوت ئۆزى ئېلان قىلغان نىسبىيلىك نەزىرىيىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزگەندە، بىر قانچە ھالقىلىق ماتىماتىكا تەڭلىمىلىرىنى قوشقان، بۇ ۋاقىتتا ئېينىشتىيىن ئاللىبۇرۇن ئۆزىنىڭ نىسبىيلىك نەزىرىيىسىنى ئېلان قىلىپ بولغان. بۇ ئىسپات 80 نەچچە يىلدىن بۇيان ھەل قىلىنمىغان گۇماننى ھەل قىلغان.
بەلكىم بەزى كىشىلەر ئېينىشتىيىنغا ئوخشاش ئالىملارنى ئەتىدىن كەچكىچە تەجرىبىخاندا ئولتۇرىدۇ، تۇرمۇشى ئىنتايىن زېرىكىشلىك، مىجەزى غەيرى دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئېينىشتىيىن دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇنىڭ خىزمىتى گەرچە ئىنتايىن ئالدىراش بولسىمۇ، ھەرخىل تۈردىكى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ تۇرىدۇ. ئۇ تاغقا يامىشىشنى، كاتىر ھەيدەشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئېينىشتىيىن 16 ياش ۋاقتىدا، يورۇقلۇقنىڭ ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە ئىلگىرلەيدىغان ئېلىكتىر ماگنىت دولقۇنى ئىكەنلىكىنى بىلگەن. ئۇ ئۆزىگە ئەگەر ئادەم يورۇقلۇق تېزلىكىدە ھەرىكەت قىلسا، قانداق ھادىسە يۈز بېرىدۇ؟ دېگەن سۇئالنى قويغان. بەلكىم بوشلۇقتا توختىماي تەۋرىنىدىغان لېكىن بىر ئىزىدا توختاپ قالغان ئېلىكتىر ماگنىت دولقۇنىنى ھاسىل قىلىشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان. ئېينىشتىيىننىڭ نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ھالقىلىق يېرى ئەنە شۇ نىسبىيلىك نەزەرىيىسى فورمىلاسىدا. جىسىمنىڭ ئېنىرگىيەسى-جىسىمنىڭ ماسسىسى بىلەن يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ كۋادراتىنىڭ كۆپەيتمىسىگە تەڭ.
ئېينىشتىيىننىڭ بۇ نەزىرىيىسى باشتا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان، ھەتتا بەزى داڭلىق فىزىكا ئالىملىرىمۇ بۇ ياشنىڭ ماقالىسىغا گۇمان بىلەن قارىدى. ئەلۋەتتە ئىلىم پەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان ئىلمىي تەجىربىلەر ئېينىشتىيىننىڭ نەزەرىيىسىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىغان. ئېينىشتىيىن ھەقىقەتەنمۇ 20-ئەسىردىكى ئەڭ داڭلىق ئالىم، ئاڭلىشىمچە، ئېينىشتىيىن نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنى ئېلان قىلغان چاغدا پۈتۈن دۇنيادا پەقەت بىر قانچە كىشىلا نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنەلىگەن. ھازىرمۇ ئۇنىڭ نىسبىيلىك نەزىرىيىسىنى چۈشىنىدىغان كىشىلەر يەنىلا ئاز. ئېينىشتىيىننىڭ نىسبىيلىك نەزىرىيەسى دۇنيانى زىل-زىلىگە كەلتۈرگەن. ئېنىرگىيە بىلەن جىسىمنىڭ ماسسىسى ئوتتۇرىسىكى مۇناسىۋەتنى روشەن ئېنىقلاپ بەرگەن. ئۇنىڭ نىسبىيلىك نەزەرىيىسى تار مەنىدىكى ۋە كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى نىسبىيلىك پىرىنسىپى بىلەن يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپى ئاساس قىلىنغان. ئېينىشتىيىننىڭ قارىشىچە مۇتلەق تىنچ مۇھىت مەۋجۈت ئەمەس ئىكەن. ھەر قانداق ۋاقىت ۋە بوشلۇق ھەرىكەت قىلىۋاتقان جىسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسى 1905-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 1915-يىلىدىن بۇرۇن دۇنيادا پەقەت 12 كىشى تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسىنى چۈشىنەتتى. ئەينى ۋاقىتتا ئېينىشتىيىن بۇ نەزىرىيەنىڭ ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلىپ ئالىي مەكتەپنىڭ پروفېسسورلىقىغا ئىمتىھان بەرگەندە ئۆتەلمىگەن، سەۋەبى ئۇنىۋېرسىتېت پروفېسسورلىرى ئۇنىڭ نىسبىيلىك نەزىرىيىسىنى كۆرۈپ چۈشىنەلمىگەن. كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسى تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسىدىنمۇ بەك چوڭقۇر بولۇپ، نۇرغۇن ئالىملار بىر ئۆمۈر تەتقىق قىلىپمۇ بۇ مەزمۇنلارنى چۈشىنەلمىگەن. ئېينىشتىيىن 1955-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەر سائەت بىردىن ئون بەش مىنۇت ئۆتكەندە نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىپ ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ نىسبىيلىك نەزىرىيىسىنى چۈشەنمەك يەنىلا شۇنداق قىيىن بولغان. ئېينىشتىيىن «فوتو ئېلىكتىر ئېففېكتى» توغرىسىدىكى يەنى تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسى ئىلمىي ماقالىسى 1921-يىللىق نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2009-يىلىق نوبىل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا، نوبىل فوند جەمئىيىتى تارىختا نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ئىچىدىكى «ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر» ئۈچ كىشىنى سايلاپ چىققان. بۇنىڭ بىرسى دەل ئېنىشتىيىن.
ئېينىشتىيىننىڭ نىسبىيلىك نەزەرىيىسى ۋە باشقا تەتقىقات نەتىجىلىرى «تەبىئەت ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان. «تەبىئەت ژۇرنىلى»دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تەبىئىي پەنلەر ژۇرنىلىنىڭ بىرى. شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ بالدۇر خەلقئارالىق پەن-تېخنىكا ھەپتىلىك ژۇرنال. 1869-يىلىدىن باشلاپ نەشىر قىلىنغان. ژۇرنالنىڭ ئاساسىي مەقسىتى-ئىلىم پەننىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش. «تەبىئەت ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنىدىغان ماقالىلارغا قويىلىدىغان تەلەپ: پەن–تېخنىكىدا كۆرۈنەرلىك ئىلمىي تۆھپىسى بولۇپ قالماي، كىتابخانىلار قىزىقتۇرالايدىغان مەزمۇن ئىپادىلىنىشى كېرەك. «تەبىئەت ژۇرنىلى» ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇنۋېرسال تۈردىكى، تەتقىقات تۈرىدىكى، تىببىي تۈردىكى قاتارلىق.
مەنبە:
http://www.uycnr.com/zl/201105/t20110527_116115.html