 |
 |
 |
 |
مەشرەپ – مەشرەپ سۆزى ئەرەپ تىلىدىن كىرگەن بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «يىغىلىش»، «ئويۇشۇش» مەنىسىدە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاممىۋىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇش بىلەن مۇقىملىشىپ قالدى. «مەشرەپ» ناخشا-ئۇسسۇل، تۈرلۈك ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەت بىرلەشتۈرۈلگەن ئەنئەنىۋى مىللىي پائالىيەت شەكلىگە ئىگە بولۇپ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئەل ئىچىدە خېلىلا ئومۇملاشقان. مەشرەپنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئاساسەن مۇزىكا، ئۇسۇل، ناخشا، ئيېتىشىش، مەدداھلىق، ھەرخىل ئويۇنلار، قىزىقچىلىق، ھەييارلىق، شېئىر- قوشاق ئوقۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەشرەپنىڭ مەزمۇنى مول، كۆپ خىل بولغانلىقتىن، خەلق ئاممىسى ئوموميۈزلۈك ياقتۇرىدۇ. ئۇ، ئاممىنىڭ ئەدەبىي-سەنئەت پائالىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈش. ئاممىۋىي ئەدەبىيات، سەنئەت كۆڭۈل ئېچىشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ بىرقەدەر ياخشى شەكلى.
[mp3=1]http://media.cnrmz.com/videoPlay/findMaterialPlayUrlWithToken.jspa?materialId=525&materialType=1&unitID=519[/mp3]
«ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن ئەنئەنىۋى مەشرەپ. ئۇنى جەمئىيەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ كىچىكلىتىلگەن، داراممىلاشقان شەكلى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
ئىلى «ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» ھەربىر يۇرت، ھەربىر مەھەللىدىكى ئوتتۇز ئوغۇل نامى بىلەن شەكىللەنگەن، قەرەللىك ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەت سورۇنى بولۇپ، ئۇنىڭغاقاتناشقۇچىلار ئوتتۇزدىن كۆپ ياكى ئاز بولسىمۇ بولىدۇ. «ئوتتۇز ئوغۇل» پائالىيىتى يالغۇز مەشرەپ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئۇلار شۇ يۇرت ياكى مەھەللىدىكى جامائەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردىمۇ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ، جامائەتمۇ ئۇلارنىڭ بۇ خىل رولىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، قوللايدۇ ۋە ئۇلارغا تايىنىدۇ.
«ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» قارىماققا كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىدەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ياشلارغا ئەدەپ- ئەخلاق، قائىدە-يوسۇن، ياخشى تۇرمۇش ئادىتى ئۆگىتىدىغان ۋە ئومۇملاشتۇرىدىغان، چالغۇچى، ناخشىچى، قوشاقچى، چاقچاقچى قاتارلىق خەلق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان مەكتەپ. شۇڭا، ئۇ تارىقتىن بېرى ئۈزۈلۈپ قالماي ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ مىللىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسى ئالاھىدە گەۋدىلىك.
مەنبە:تەڭرىتاغ تورى
|
 |
 |
 |
 |
|