مۇقام مۇزىكا ھادىسىسىنىڭ تارقىلىشى

نۆۋەتتىكى ئىگىلىگەن ئەھۋال بويىچە، مۇزىكا ھادىسىسى ئاساسلىقى ئاسىيا ، ئافرىقا، ياۋروپادىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قىتئەدىكى ئۆز ئارا تۇتاش 19 دۆلەت ياكى رايونغا تارقالغان.
مۇنداقچە ئېيىتقاندا، ئېلىمىزدىكى شىنجاڭدىن باشقا ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان ئۆزبېكىستان، تاجىكستان، تۈركمەنىستان، ئەزەر بەيجان قاتارلىق ئەللەرگە؛ ئاسىيا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىدىكى پاكىستان، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەت ۋە كەشمىر رايونىغا؛ ئافرىقىنىڭ شىمالىدىكى مىسىر، لىۋىيە، تۇنىس، ئالجىرىيە، ماراكەش، ماۋرىتانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ياۋروپانىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئالبانىيىدىكى مۇزىكا ئالىملىرى ئالبانىيىنىڭ شىمالىي رايونلىرىدا مۇقامنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى . بۇ نۇقتىنى داۋاملىق تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
دۇنيا خەرىتىسىنى ئاچساق، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «مۇقام مۇزىكا ھادىسىسى» مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ بىر – بىرىگە قوشنا ئىكەنلىكىنى، مۇتلەق كۆپچىلىكنىڭ شىمالىي مېردىئان 20 گىرادۇس بىلەن 40 گىرادۇس ئارىلىقىدا، شەرقىي پارالېل 95 گىرادۇس بىلەن غەربىي پارالېل 15 گىرادۇستىكى دائىرسىگە جايلاشقانلىقىنى كۆرىمىز.

مۇقامنىڭ ھەر قايسى دۆلەت ( رايون ) لاردىكى ئاتىلىشى
ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ۋە رايونلاردا «مۇقام مۇزىكا ھادىسىسى» ئوخشاشمىغان ئاھاڭ بىلەن تەلەپپۇز قىلىنغاندىن باشقا ، ئاسىيانىڭ جەنۇبىدىكى ھىندىستان، پاكىستان قاتارلىق ئىككى دۆلەتتە «مۇقام مۇزىكا ھادىسسى» « راگ» دەپ ئاتىلىدۇ. كەشمىر رايونىدا «كالام » دەپ ئاتىلىدۇ . ئاسىيانىڭ غەربىدىكى ئىراندا « دەستىگاھ» دەپ ئاتىلىدۇ. ئافرىقىنىڭ شىمالىدىكى مىسىردا «دور» دەپ ئاتىلىدۇ. لىۋىيە، تۇنىس، ئالجىرىيە ۋە ماراكەشتە « نۇبا » دەپ ئاتىلىدۇ.
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
ئۇلىنىش:
http://uyghur.people.com.cn/156324/11928769.html
http://uyghur.people.com.cn/156324/11928803.html
ئۇيغۇر مۇقاملىرى
(مۇخەممەس)
يار مۇقام، گۈلزار مۇقام، بىدار مۇقام، داڭدار مۇقام،
جەۋھىرى يۈكسەك ئەقىل، نۇر كۆكسىدە رەڭدار مۇقام،
قەسرى دىللاردا جاھانساز، زەر، گۆھەر تاجدار مۇقام،
سەنئىتى دۇنيادا كاتتا، مەڭگۈلۈك مېمار مۇقام،
شۆھرىتىڭدىن ھەممە يەرنى قۇچتى خۇش ئەخبار مۇقام!
سەن ئىجادكار مىللىتىمنىڭ تۇرمۇشىدىن نام - نىشان،
ھەم مۇجەسسەم ھۆرىيەت، نۇسرەت، خۇشاللىق، دەرد - پىغان،
ۋادەرىخ! قانچە ئەسىرلىك تارىخى كۈندەك ئايان،
بارچە قىسمەت ھەر ئاھاڭ، تاۋۇشتا ئۆركەشلەر ھامان،
مول، باھادىر ئوكيانۇس، خىسلەت ئارا بىسيار مۇقام.
ئەلمىساقتىن كۈينى ئەجداد جىسمىغا قان ئەيلىگەن،
بەلكى قاندىن ئەتىۋار روھ ئەسلىگە جان ئەيلىگەن،
قانچە ئۇستاز- پىر ئىجاد ئىشقىدا قۇربان ئەيلىگەن...
تامچە- تامچە بىرلىشىپ ئەپشاندا ئوكيان ئەيلىگەن،
بۇ ھاياتلىقنى سۇغارغان توختىماس ئەنھار مۇقام.
چاتتى ئىشق ئابدۇرەشىدخان، رەتلىدى ئاماننىسا،
ئەشتى رىشتىڭنى قىدىرخان، ئوت يۈرەك تۇردى ئاكا،
سوڭرە ئەۋلاد ئىختىرا ئەيلەپ، بېغىشلاپ جانپىدا،
پەسلى كۈزنى قىلدى ئەھيا تۆھپىلەر شاخلاپ سىپا،
بولدى ئالەم كۆزلىرى ۋەزنىڭ ئۈچۈن ئەپكار، مۇقام.
«راك» بىلەن باشلانسا نەغمەڭ، بىناۋالەر دەس تۇرار،
«چەببەيات» ئىلكىدە ئاشىق قەلبىنى ھەريان ئۇرار،
نەۋقىران «سەگاھ» ئارا ۋىجدان، ئەقىل ئۆزلۈك سورار،
«چەھارگاھ»تا ھەر كىشىكىم ئەنجۈمەن - سالۇن قۇرار،
«پەنجىگاھ» ئۈزرە ئەجەپ زاھىر پەلەك - رەپتار، مۇقام.
ياڭرىسا «ئۆزھال»، قەپەسلەر تەۋرىنەر، قۇش سايرىشار،
ئەۋجىگە چىققان «ئەجەم»دىن ئەل - ئاۋام چام ئايرىشار،
بەيگىسى «ئۇششاق» تامان يەل جۈپ قاناتنى قايرىشار،
چۆللىرى چەكسىز «بايات»، ئالۋۇن ماماتتا يايرىشار،
كىم «نەۋا» چەكسە، ئاڭا ھىجران بولۇر روزغار، مۇقام.
مەپكۇرە چاچسا «مۇشاۋەرەك» دېبان ئەمگەك، كۈرەش،
ئىزگۈلۈك، مەردلىككە ئۈندەيدۇ «ئىراق»، خاماندا چەش...
سانجىلار رەزىل يۈرەكلەرگە بولۇپ شەمشەر، دەرەش،
يوق ئىدى قىرغىنچىلىق... كىم ئاڭلىسا، قىلسا كېڭەش،
بارچە ۋەھشىيلىك، پەزىلەتسىزگە خوپ گۆركار مۇقام!
تەرجىمان كەتمەس تىلىڭدۇر داپ، ساتار، تەمبۈر، غىجەك،
نەي، دۇتار، قالۇن، راۋاب، مۇڭتار، پىپا ئۇتقاي يۈرەك،
چاڭ، ساپايە، بۇرغا، ئۇد، ناغرا، سۇناي قىلسا كۆرەك،
تەڭكىشى دۇمباق، قوشۇق، قوشتاش كېرەك، ھەيران پەلەك،
غوڭقا، ئەرخۇ، بالىمانلار سەن ئۈچۈن تەييار، مۇقام.
كۈي، ئاھاڭ- مەرغۇللىرىڭ ئالەم بىلەن مەڭگۈ ھايات،
جۈپ قۇلاقتىن كىرگۈچى سەرخىل ئۇرۇق، يۇمران كوكات،
نە كوكاتكى، ماركا − ئۆزلۈك سەترىدە ئەلگە قانات،
سەندە ئوتتۇز ئالتە ئوكيان، لىق - پەۋەس روھىي بىسات،
«شەرق مۇزىكا گۆھىرى» دەپ ئاتىقىڭ سەركار، مۇقام.
نەزمىدە شائىر نەۋائىي باب ئېچىپ دەسلەپ كېلەر،
ئارقىدىن مەھزۇن، قەلەندەر، سادىقىي، مەشرەپ كېلەر،
مەشھۇرىي، لۇتفىي، ھۇۋەيدا، زەلىلىي ئەشرەپ كېلەر،
نەۋبەتى، ھاپىز، بىلال، گۇمنام كەبى مەزھەپ... كېلەر،
سەندە مىللەتنىڭ مۇھەببەت - نەپرىتى ئەشئار، مۇقام.
ھەرنە چوڭ نەغمەڭ ھامان ئالەم كېزەر شامۇسەھەر،
ھەر ئېسىل مۇقەددىمەڭدىن تۇتۇلار چولپان، ھۈكەر،
ھەر تەئەززە، نۇسخە بائىس سەھنە، رەققاسقا چېۋەر،
سەلىقە، جۇلا، سەنەملەر رىشتى داستانغا سەپەر،
مۇڭ، چۈشۈرگە، مەشرىپىڭگە ھەر كىشى خۇشتار، مۇقام.
سەندە گۈل ئۇيغۇر ھاياتى، سەندە يۈكسەك سەلتەنەت،
سەلتەنەتكى، قەھرىمان خەلقىم ئۇدۇمى، ئىرسىيەت،
سەن تومۇرلار ئىچرە ئاققان پەلسەپە، زور ماھىيەت،
يىلتىزىم تۇپراقلىرىڭدا تاپقۇسى چىن ئەھمىيەت،
مەرىپەتلىك ئەھلى مىللەتتە ئەبەد شوئار مۇقام!
2005-يىل دېكابىر، ئۈرۈمچى
(ژۇرنىلىمىز 2006-يىل 1-سانىدىن)
(ئاپتور: تۇرغۇن يىلتىز ، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتىدىن)