ئابلىكىم مۇھەممەت ۋارىسى.
مۇھەببەتنىڭ تەرىپى تۇلا،
ھەر قەلىپتە شەرھى بار ھەرخىل.
ئىنسان...
بۇ سۆز پايانسىز ئۇقۇم،
بىرەر ھەركىم ئۆزگىچە تەبىر.
بەزىلەر بار جانان-سۆيگۈ دەپ،
ئىشىق-ھەۋەس ئۇتىدا كۈيەر.
ھاياتىنى باغلاپ بىر قىزغا،
ياشىماقنى مەنا دەپ بىلەر.
بەزىلەر بار ۋەتەن ئانام دەپ،
شۇئانىنىڭ غىمىدا كۆيەر.
پىدا ئەيلەپ ئەزىز جېنىنى،
جەڭگاھلاردا ۋەتەن دەپ ئۈلەر.
بەزىلەر بار دىنىم ،ئىمانىم،
دەپ ۋەتەنسىز سەرگەردان يۈرەر.
ۋەبەزىلەر قوغلاپ مەئىشەت،
ھاياتلىقنىڭ پەيزىنى سۈرەر.
ھايات سەھنە،ياشىماق سەنئەت،
قىلار ھەركىم ئۆزگىچە كۆرەك،
ئىنسان...
بۇسۆز پايانسىز ئۇقۇم،
ھەر تىۋىشتا سۇقار بۇ يۈرەك.
مەنبە:قەلىمىم