1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا پارلامېنتى بىناسىدا ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. پارلامېنت بىناسىدا ئاۋالقىدەكلا نورمال خىزمەت ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. سائەت 15 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، بىر ئاق تەنلىك ئەر پەيدا بولۇپ، تاپانچىسىنى چىقىرىپ، بىر تەرەپتىن ئوق ئاتقاچ يەنە بىر تەرەپتىن بىنا ئىچىگە ئېتىلغان. جىنايەت گۇماندارى بىر قانچە بىگۇناھ كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، ئۆزى يارىلانغان، بۇ كىشى 41 ياش بولۇپ، روھىي كېسىلى بار. ئۇ ئىككى يىل ئالدىدا زۇڭتۇڭ كېلىنتوننى ئۆلتۈرىمەن دەپ داۋراڭ سالغان. دوختۇرلار ئۇنى تەكشۈرگەندىن كېيىن راستىنلا روھىي كېسىلى بارلىقىنى بېكىتكەن، شۇڭا ئۇنىڭغا جىنايەت بېكىتمىگەن. ئامېرىكا پارلامېنتى بىناسىدا 1835-يىلىدىن بۇيان 11 قېتىم ئېتىشىش، پارتلىتىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن.
1994-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، كارب دېڭىزى دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇلغان. 37 دۆلەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كارب رايونىدىكى بارلىق دۆلەت ۋە مۇستەقىل ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ئىتتىپاقنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ مەقسىتى:ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى مەنپەئەتىنى قوغداش، رايون ئىقتىسادى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچەيتىپ، رايونلارنىڭ ئىقتىسادتا بىردەكلىككە كېلىپ، كەڭ كۆلەمدىكى ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.
1978-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دىسكو پۈتۈن دۇنيادا مودا بولۇشقا باشلىغان. دىسكو دەسلەپتە ئامېرىكىدىكى قار تەنلىكلەر ئارىسىدا بارلىققا كەلگەن. 1978-يىلىغا كەلگەندە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مودا بولۇشقا باشلىدى.
1886-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە «بېرما شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئەنگلىيەنىڭ بېرمىنى ئىگىلىۋالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
بۈگۈن مىسىرنىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى. تولۇق ئىسمى ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيىتى. پايتەختى قاھىرە. ھۆكۈمەت تىلى ئەرەب تىلى. 1914-يىلى ئەنگلىيەنىڭ قوغدىلىدىغان دۆلىتى بولغان. 1922-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەنگلىيە مىسىرنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. 1953-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى مىسىر جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.
مەنبە: جۇڭگۇ ئۇيغۇر رادىئوسى تورى