ئۇيغۇر تېبابىتى (مۇخەممەس)
ئاپتور:تۇرغۇن يىلتىز
پۈتۈن ئالەمدە شۆھرەتلىك، چېۋەر ئۇيغۇر تېبابەتتە،
مەئىشەت، ئۇلى سەنئەتلىك، ئىجاد يۈكسەك پاراسەتتە،
داۋالاش كۈچى قۇدرەتلىك، سىرى رېتسېپ، كارامەتتە،
ئەجىر- تۆھپىدە نۇسرەتلىك، ھامان كاتتا ئىناۋەتتە،
ئىگە تارىخقا ھۆججەتلىك، تازا، ئىلمىي لاياقەتتە.
قاچانكى، تەندە ئەجدادلار كېسەللىك ھەم يارا تاپتى،
شۇنىڭدىن سوڭرە، ئىزدەشنى ئامال، چىن مۇددىئا تاپتى،
ھاياتلىق جىسمىنى بايقاپ سۇ، ئوت، تۇپراق، ھاۋا تاپتى،
سوغۇق، ئىسسىق، قۇرۇق، ھۆل ئىلكىدە ھەر كىم شىپا تاپتى،
خالاسكار يۇلتۇزى چاقناپ كۆكى تۈرلۈك تەبىئەتتە.
خىلىتلار تەلىماتى: قانۇ سەپرا، سەۋدا، بەلغەمدۇر،
يەنە مەزمۇنى روھ، قۇۋۋەت، مىزاج، ئەزامۇ ھەمدەمدۇر،
تولا توم-توم دىۋانلاردا داۋا چەشمىسى زەمزەمدۇر،
ساۋاق - تەجرىبە ئوكيانى، رىسالە مىسلى ئەزەمدۇر،
بىشى ئۈچ مىڭغا ئۇلاشقان ئىلىمدۇر بۇ مۇشەققەتتە.
تېۋىپ، ئەمچى، باھادىر ئاتا ساغۇنلارغا تىپ غازباي،
چىۋا، كومراجىۋا، گەنجۇ قاغىن، باشلاقنى كۆر، ئايھاي!
ئەبۇنەسىر فارابى ھەم ئىبىنسىنا، تارىم... نۇر - ئاي،
خوتەنىي، قەشقەرىي، ھاجىپ، مۇرات... يوللىرى ھاڭغىرقاي،
خەزىنە بولدى تەۋەررۈك مىراسلاردىن بالاغەتتە.
«كاتالوگلار»، «مۇجەررەپ نۇسخىلار» قالدى سادىر مىشتىن،
ھەدىيە «دەستۇرۇلئىلاج»، شۇ سۇلتان ئەلى دانىشتىن،
ياراتتى «تەجرىباتى تېببىيە» ئوسمان ئىجاد - ئىشتىن،
تەجەللىي پۈتتى «رېتسېپلار» دېبان توپلام كەچۈرمىشتىن،
مۇھەممەد ئىختىرا ئەتتى «... قۇلۇپ»لارنى جاسارەتتە ...
يېقىن تارىختا ئەجمالخان، يۈسۈپ، تۇردى... ياشاپ ئۆتتى،
باياخۇن، ئەمەت ھاجى، ھەزرىتىم ... ناملىق جاناب ئۆتتى،
ئەزەمخان، ئەمچى سامساقباي... كېسەللەرگە قىماپ ئۆتتى،
مۇتىللا، ئاخۇنۇم، ئىنايىتۇللا... دىن ساۋاب ئۆتتى،
يۈسۈف ئابدۇلھىمىد نادىر ئەسەر يازدى پاساھەتتە...
سىناق- تەجرىبىلەر ئازمۇ زامانى تەيپۇنەملەردىن؟!
نەمۇنە ئۈلگىلەر كەممۇ كلاسسىك، پېشقەدەملەردىن؟!
قۇت ئاتتى كۈنسېرى ئۇشبۇ كەسىپ سانسىز تۆلەملەردىن...
دەرىخ! قانچىسى ئۆتكەندۇ باھادىر مۆھتەرەملەردىن،
بېغىشلاپ ئۆمرىنى ئەل بەختىگە چەكسىز ھېدايەتتە؟!
سوراپ قالساڭ: ئىلىم ئۇيغۇر تېبابەتتە بۆلەك، دەيدۇ،
مۇرەككەپ، يەككە ئەزاغا بۆلۈش تەننى كېرەك، دەيدۇ،
تەئەللۇق يەككىگە مۇسكۇل، تومۇر، پەي، چاچ، سۆڭەك... دەيدۇ،
مۇرەككەپكە مېڭە، ئۆپكە، جىگەر، بۆرەك، يۈرەك... دەيدۇ،
رەئىس ھەم خادىمىي ئەزا تۇتار جاننى نازارەتتە...
تېۋىپلار كۆپ كېسەللىكنى چىرايلاردىن قاراپ بىلگەي،
تومۇر تۇتماق ئاجايىپ سىر، ئاسارەتنى پۇراپ بىلگەي،
بەدەنلەرنى تۇتۇپ- سىيلاپ، يەنە ئەھۋال سوراپ بىلگەي،
ئېدىتلاپ چىقىرىندى ماددىنى، توغرا، روياپ بىلگەي،
ئىلىم ئەھلىگە ئىنساننىڭ جىمىي تۇرقى بىشارەتتە...
داۋالاش ئۆزگىچە: روھىي ئالامەتلەر مىزانغا باش،
ھاۋا يۆتكەش، قۇۋۋەت ساقلاش، قۇياشنىڭ نۇرىغا قاقلاش،
قىلىش ھوقنە، چۈشۈش ئارشاڭۇ قۇمغا، ئۇۋۇلاش، داغلاش،
تېڭىش، دەستكار، ئۇرۇش نەشتەر، قويۇش لوڭقا، بېرىش ئوتياش...
مۇدام بىسيار ئۇسۇل ئۈزرە سالامەتلىك كاپالەتتە.
ئۆسۈملۈك، ھايۋانات، مەدەن تۈمەن خىل دورىغا ئەشيا،
قىيام، شەربەت، ئەرەق، كاشكاپ، سۇاۇپ، سىركەنجىۋىل ئۇختا،
جاۋارىش، ئىترىفىل، مەجۈن، لوئوف، ھەب، قۇرسى... جان گويا،
زىماد، مەتبۇخ، خېمىر، مەلھەم، ئايارەج ھەم مۇھىم تۇتقا،
شىپادۇر ھەممىسى، ئەكس تەسىرى يوقتۇر ئىجابەتتە.
ھاياتلىق بولسا كەڭ ئاسمان، تېبابەت ئۇندىكى چولپان،
نە چولپانكى، جىمىي روھ-جان ياشارغان گۈل، چىمەن، بوستان،
يارالغان مۆجىزە چەندان، يېشىللىققا جاھان ھەيران،
بۈيۈك مەسئۇلىيەت، ۋىجدان يىلىك مەركىزىدە ئىنسان،
ئۇنىڭ يىلتىزى ئۆزلۈك - قان، سۈرە دەۋان كامالەتتە.
مەنبە:مىللەتلەر ژورنىلى(2010-يىلى6-سانىدىن)