2005-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، مىسىرنىڭ قىزىل دېڭىز سەيلە رايونىدا ئارقا ئارقىدىن پارتلاش يۈز بەرگەن، نەچچە يۈز ئادەم يارىلانغان قازا قىلغان.
1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئالىملار توڭلىتىلغان ئىسپېرما ئارقىل مامونتنى قايتا تىرىلدۈرگەن. مامونت قەدىمقى دەۋردە ياشىغان ئۇزۇن يۇڭلۇق پىل. مامونتنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى تۆت مېتىردىن ئاشىدۇ. گەرچە مامونتلار يەر شارىنىڭ پۈتۈنلەي يوقاپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بىر قىسىم مامونت ئېھتىياتسىزلىقتىن مۇز ئورەككە چۈشۈپ كېتىپ، مۇز ئىچىدە پۈتۈن بەدىنى پۈتۈنلەي ساقلىنىپ قالغان. شۇڭا تەتقىق قىلىشقا قولايلىق يارىتىلغان. ئەنگلىيە، ياپونىيە، روسىيە ئالىملىرى 40 مىڭ يىل ئىلگىرى ئۆلگەن مامۇنتنىڭ بەدىنىدىن توڭلىتىلغان ئىسپىرمىنى ئېلىپ ئۇنى ھازىرقى زاماندىكى پىلنىڭ تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن ئۇرۇقلاندۇرۇپ، نەسلى قۇرۇغان مامۇنتنى قايتا تىرىلدۈرگەن.
1992-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، چېخ بىلەن سىلوۋاكىيە پارچىلىنىپ كەتكەن. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، ياۋروپانىڭ ۋەزىيىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن 15 مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بارلىققا كەلدى، يۇگۇسلاۋىيە بەشكە بۆلۈندى، ئارقىدىنلا چېخ ۋە سىلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتى ئىككىگە بۆلۈندى.
1892-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سۈن جۇڭشەن شياڭگاڭ غەرب تىبابىتى مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1925-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئۇلۇغ دېموكراتىك ئىنقىلابچى سۈن جۇڭشەن بېيجىڭدا 59 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئۇ جان ئۈزۈش ئالدىدا: تىنچلىق، كۆرەش، جۇڭگونى قۇتقۇزايلى، دەپ ۋەسىيەت قالدۇردى. ئۇ ۋەسىيەتنامىسىدە ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلق ئىنقىلابىنى تاماملاش ئۈچۈن، خەلقنى ئويغىتىپ دۇنيادىكى مىللىتىم بىلەن باراۋەر بولۇشنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقانلار بىلەن بىرلىشىپ كۆرەش قىلىشىمىز لازىم.
سۈن جۇڭشەننىڭ ۋاپاتىدىن پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئىنتايىن ئازاپلاندى. گومىنداڭ پارتىيەسى بىلەن كومپارتىيە ئاممىنى تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە ئۇيۇشتۇرۇپ، سۈن جۇڭشەننىڭ ۋەسىيىتى ۋە ئىنقىلابىي روھىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى. بىر مەزگىل ھەر ساھە ئاممىسى ئارىسىدا ئىنقىلابىي تەشۋىقات ھەرىكەتلىرى كەڭ كۆلەمدە شەكىللەندى. ئەينى يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى سۈن جۇڭشەننىڭ تاۋۇتى بېيجىڭ شىشەن تېغىدىكى بىيۈنسى ئىبادەتخانىسىنىڭ تاش مۇنارىغا قويۇلدى. 1929-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى نەنجىڭدىكى زىجىنشەن تېغىنىڭ جۇڭشەن قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. 1866-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇلۇغ ئىنقىلابچى سۈن جۇڭشەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شياڭشەن ناھىيىسى، ھازىرقى جۇڭشەن ناھىيىسىنىڭ سۈيخېڭ كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. سۈن جۇڭشەن ياشلىق چېغىدىن باشلاپ چىڭ خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش يولىدىكى ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان، 1905-يىلى، ئۇ جۇڭگو بۇرژۇئازىيىسىنىڭ تۇنجى ئىنقىلابىي پارتىيىسى-ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىنى قۇرغان ۋە كۆپ قېتىم قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. 1911-يىلى پارتلىغان شىنخەي ئىنقىلابىدا چىڭ خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇڭخۇا مىنگونى قۇرغان.
مەنبە_ جۇڭگۇ ئۇيغۇر رادىئوسى تورى