مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1641|ئىنكاس: 8

خىزىر بىلەن ۋەزىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3315
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10130
تۆھپە نۇمۇرى: 600
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-23 12:47:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارۇن رەشىدنىڭ زامانىدا ناھايتى ئادىل بىر ۋەزىر بولۇپ، ھەركۈنى خىزىر بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلىشىپ تۇرىدىكەن. بىر كۈنى ئۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، زاھىد بولۇپ ئىنسانلاردىن ئايرىلىپ، ھىچكىم بىلەن كۆرۈشمەي پەقەت ئىبادەت بىلەنلا ياشاشقا باشلاپتۇ. ئەمما خزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن كۈندىن ئېتىبارەن خىزىر ئۇنىڭغا بىرەر قېتىممۇ كېلىپ باقماپتۇ. بۇ ئەھۋالدىن پەرىشان بولغان سابىق ۋەزىر ھەركۈنى سەھەرگە قەدەر تەڭرىگە دۇئا قىلىپتۇ. دۇئاسىدا خىزىرغا يالۋۇرۇپ شۇنداق دەپتۇ:
- ئەي ۋاپادار دوست! مەن سىز بىلەن ھەردائىم سۆھبەتلىشىپ تۇرۇش ئۈچۈن دۇنيا سەلتەنەتلىرىدىن ۋاز كەچتىم، خىزمتىمدىن ئىستىپا بېرىپ، يالغۇز ئىبادەت قىلىشنى باشلىدىم. مۇشۇنداق قىلسام سىز بىلەن دىدارلىشالايمەن دەپ ئويلىدىم. ئەمما دەل ئەكسىچە سىز بىلەن ھىچ كۆرۈشەلمىدىم. مېنى مۇبارەك جامالىڭىزدىن مەھرۇم قىلدىڭىز، بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟ ياكى مەن بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزدىممۇ يە؟ قاچانغىچە سىزنىڭ ھەسرىتىڭىزدە كۆيىمەن؟“ دەپتۇ. _
سابىق ۋەزىرنىڭ پەريادىغا چىداپ تۇرالمىغان خىزىر ۋەزىرگە شۇنداق دەپتۇ:
- ئەي ئەزىز دوستۇم! ساڭا كۆرۈنۈپ، سەن بىلەن سۆھبەتلىشىشىمنىڭ سەۋەبى ھەرگىزمۇ سېنىڭ قىلغان ئىبادەتلىرىڭ ياكى خەيىر- ئىھسانلىرىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئۇ مۇھىم ۋەزىپىدە خەلقىڭ ئۈچۈن ئادىللىق بىلەن قىلغان خىزمەتلىرىڭ ئىدى. ئەپسۇس، سەن بۇ قىممەتلىك ۋەزىپىدىن ۋاز كېچىپ، خەلقىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى تەرك ئەتتىڭ، ھەتتا ئۇلارنى بىر ئادالەتسىز بىرسىنىڭ قولىغا تاشلاپ قويدۇڭ. پەقەت ئۆزۈڭنىڭ شەخسىي كامالىتىڭ ئۈچۈن بىر بۇلۇڭغا چىقىۋىلىپ، ئۈزۈڭنىڭ مەنىۋىي مەنپەئەتىڭنى خەلقىڭنىڭ مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن كۆردۈڭ. ھازىر ئۇ ئادالەتسىز ۋەزىر خەلقىڭگە زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ، قانۇنسىز ئىشلار بىلەن خەلقنى دەرت – ئەلەمگە دۈچار قىلىۋاتىدۇ. شۇئان ئۇلار ھەسرەت ۋە قايغۇ ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. بۇنىڭغا سەن سەۋەبچى بولدۇڭ. سېنىڭ شەخسىي مەنىۋىي مەنپەئەتىڭنىڭ خەلقنىڭ ئومۇمىي مەتپەئەتى ئالدىدا ھىچقانداق قىممىتى يوقتۇر. بىر بۇلۇڭغا چىقىۋىلىپ، تاھارەت ئېلىشنى، ناماز ئوقۇشنى، روزا تۇتۇشنى، زىكرىتىشنى ھەركىم قىلالايدۇ. ئەمما توغرا يولدا ياشاشقا تېرىشىۋاتقان خەلقكە خىزمەت قىلىش ھەركىمنىڭ قولىدىن كېلىشى ناتايىن، بۇ خىزمەت ساڭا بېرىلگەن ئىكەن، سەن ئۇنى تەرك ئەتمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى. بۇ سەۋەپتىن سەن بىلەن ھىچ كۆرۈشكۈم كەلمىدى. سابىق ۋەزىر بۇلارنى ئاڭلاۋىتىپ كۆز ياشلىرىنى تۇتالماپتۇ ۋە توختىماي “ ناھايتى توغرا، ناھايتى توغرا …“ دېگىنىچە ئويلىنىپ قېتىپ قاپتۇ. خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ ئۆزىنىڭ قانچىلىك چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى ھېس قىلىپتۇ. تاڭ ئېتىش بىلەن تەڭ پادىشاھنىڭ ھوزۇرىغا كەپتۇ ۋە
ھېكمەت: خاتانىڭ قەيىرىدىن قايتساڭ پايدىدۇر، زىممەڭگە چۈشكىنى ياخشى قىلىشقا تېرىش، بەلكىم ئۇ سەن ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان بىر ئىشتۇر.
مەنبە - http://www.oginish.com  

گەزنىنىڭ  ئىككى يۈزى بار ،بىر يۈزىدە نان ياقىدۇ .ئادەمنىڭ بىر يۈزى بار  ئىككى يۈزىدە جان باقىدۇ !

بىلىمسىزلىكنىڭ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48098
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3062
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2011-7-16
ئاخىرقى: 2012-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-23 02:08:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؛ياخشى تېما يوللاپسىز

بىلىمسىزلىكنىڭ بالاياتقۇسىدا قۇللۇقتىن ئىبارەت تۇرەلمە يىتىلىدۇ

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18085
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5916 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-23 08:38:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ساقلىۋېلىپ ،ئىشتىن قايتقاندا ،ئالدىرماي ئۇقۇسام بولغىدەك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6665
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11593
تۆھپە نۇمۇرى: 770
توردا: 2258 سائەت
تىزىم: 2010-8-18
ئاخىرقى: 2013-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-23 10:29:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن!
ئىمام- موللاملىرىمىز  ناماز ئوقۇشنى بار كۈچى بىلەن تەرغىپ قىلىدۇ-يۇ، بىرەرسىگە خەيرى- ئېھسان قىلىشنى ئېغىزىغا ئېلىپمۇ قويمايدۇ؛ خەلقنى روزى تۇتۇشقا ئالدىرىتىدۇ-يۇ، ئاچ قالغان بىرەرسىگە نان بېرىشنى قەتئىي تەكىتلىمەيدۇ .......
لېكىن، قۇرئاندا خەيرى- ئېھسان كۆپ، ناماز ئوقۇشلار ئاز تەكىتلىنىدۇ. ئەگەر  قۇرئاننى ئوقۇمىغان بولسام، موللاملارنىڭ قىلىقلىرىغا قاراپلا، ئىسلامغا كىرمەس ئىدىم.

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 652
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9305
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-23 11:39:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  koktash كە 2011-07-23 10:29 AMئەۋەتىلدى  :
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن!
ئىمام- موللاملىرىمىز  ناماز ئوقۇشنى بار كۈچى بىلەن تەرغىپ قىلىدۇ-يۇ، بىرەرسىگە خەيرى- ئېھسان قىلىشنى ئېغىزىغا ئېلىپمۇ قويمايدۇ؛ خەلقنى روزى تۇتۇشقا ئالدىرىتىدۇ-يۇ، ئاچ قالغان بىرەرسىگە نان بېرىشنى قەتئىي تەكىتلىمەيدۇ .......
لېكىن، قۇرئاندا خەيرى- ئېھسان كۆپ، ناماز ئوقۇشلار ئاز تەكىتلىنىدۇ. ئەگەر  قۇرئاننى ئوقۇمىغان بولسام، موللاملارنىڭ قىلىقلىرىغا قاراپلا، ئىسلامغا كىرمەس ئىدىم.



ئىنكاس يازغاندا ئۆزىمىزنى بېسىۋېلىپراق يازايلى !
خەيىر - ئېھساننى بۈگۈنكى مۇسۇلمانلاردىن بەكراق باشقا دىيندىكىلەر ، باشقا يولدىكىلەر قىلىۋاتىدۇ . ئەمما ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى مۇشۇ دۇنيانىڭ ئۆزىدىلا بىرىلىۋاتىدۇ . چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلغىنى يوق .
بىر مۇسۇلمان بىر ياخشى ئەمەلنى قىلسا ، ئۇنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلدى دەپ تۇنىۋېلىش ۋە كېسىۋىتىش تولىمۇ ئالدىراقسانلىق بولىدۇ . چۈنكى ئاللاھ ئېيتقان :  سىلەر قىلغان سەدىقىڭلەرنى رىيا قىلىش ۋە شۇ ئەمەلدىن كىيىن مىننەت قىلىش ، كۆڭلىگە ئازار بىرىش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار !
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بىرەر ئەمەلنى قىلغاندا شۇنىڭدەك يامان سۈپەتلەر ، يامان ئەمەللەر ئارقىلىق ئاخىرەتلىك ساۋابىنى يوقىتىۋەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاللاھ ئېيتقان توغرىلىققا ، ئالدىن پۈتكەن ۋە بىزگە كۆرسەتكەن ھەقىقەتكە ئۆزىمىزنى ، نەپسىمىزنى سېلىشىمىز كېرەك بولىدۇ .
شۇ موللاملار تەرغىب قىلىۋاتقان نامازلار ئۆز ئورنىنى تاپالىسا ، ئاندىن شۇ ناماز ئارقىلىق نەپسىنىڭ توغرىلىقى ، ئاللاھ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك روھىي بارلىققا كېلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قىلغان بىرمو چەنلىك ئەمەللىرىگە ئاللاھ كۆپلەپ رەھمەت قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنى شۇ ئاز ياخشىلىقلار بىلەن ياخشىلىقلارغا تۈزەيدۇ . شۇ ۋەجىدىن رۇسۇللاھ بىر ھەدىسنى بايان قىلغان .
بىر مۆئمىن بىر پيلنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ، بۇنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن سەدىقە قىلىمەن دەپ پۇلىنى بىر بايغا بىرىپتۇ . بۇنى كۆرگەن كىشىلەر ئۇنىڭغا پۇلنى بىر بايغا بەرگەنلىكىنى ئېيتىشىپتۇ . ئەتىسى يەنە ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن سەدىقە قىلىمەن دەپ چىقىپ بىر ئوغرىغا بىرىپتۇ . كىشىلەر يەنە شۇنىڭدەك ئېيتىشىپتۇ . ئەتىسى ئۇ كىشى يەنە شۇنىڭدەك چىقىپ سەدىقىسىنى بىر پاھىشىگە بىرىپتۇ . بۇنى كۆرگەن كىشىلەر يەنە ھېلىقى كىشىگە سەدىقىسىنى بىر پاھىشىگە بەرگەنلىكلىرىنى ئېيتىشىپتۇ . شۇ كۈنى شۇ مۆئمىن چۈش كۈرۈپتۇ . چۈشىدە ئاللاھنىڭ مۇنداق بىر نىداسىنى ئاڭلاپتۇ . ئاللاھ شۇ سەدىقىلەر ئارقىلىق ئۇلارنى توغرىلىققا سېلىشى مۇمكىن !

يەنە رۇسۇللاھ ئېيتتىكى : ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بار . بۇ گۆش تۈزەلسە ئىنسان تۈزىلىدۇ . بۇ بۇزۇلسا ئىنسانمۇ ھەم بۇزىلىدۇ . بۇ يۈرەكتىن ئىبارەت !

ئاللاھ پەيغەمبىرى ئارقىلىق ، ئايەتلىرى ئارقىلىق ئېيتىدۇ . ‹‹ سىلەرنىڭ دۇئايىڭلا بولمىسا پەرۋەردىگارىم سىلەرگە پەرۋا قىلمايدۇ ››
ئاللاھ بىر بەندىنى توغرىلىققا سالماقچى بولسا ، ھەممىنى پەقەت ھىكمەت بىلەن ياراتقۇچى ئاللاھ شۇ خىل كىشىلەرنى باشقىلارنىڭ دۇئاسىغا داخىل قىلىش بىلەن ۋە ياخشى تاماقلارنى يىگۈزۈش بىلەن شۇنى ھىكمەت قىلىپ تۇرۇپ رەھمىتىنى يايىدۇ . كىملەركى يامانلىققا خاس بولسا يامان كىشىلەرنى مۇلاقات قىلىش بىلەن ئۇنىڭ تىلىگىنىنى بىرىدۇ .

قايسى بىر قەۋم توغرىلقتا بولىدىكەن ، ئۇنى شەيتانى كۈچلەر ھەر خىل رەۋىشتە ئازدۇرۇش ئىچىدە خىزمەت قىلىشىدۇ . مانا بۇ ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئىبلىسقا ۋە ئەگەشكۈچى ئىبلىسلارغا بەرگەن ئىمتىيازى !
ئىسلامنى تۇنىماستىن ، چۈشەنمەستىن موللىلار ئارىسىدىكى پىتلار ئارقىلىق ئەسلى پايدىلىق بولغان چاپاننى تەڭ ئوتقا تاشلىمايلى ! بىزنىڭ مەسئۇلىيىترىمىز كۈزىتىش ! تەپەككۇر قىلىش ! شۇ ئارقىلىق ھەقنى تېپىپ چىقىش ! ھەرگىزمۇ بىر ئاسىينىڭ سەۋەبىي بىلەن باشقا توغرىلىقتىكىلەرنى ھەم بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ شۇ خىل نىمەتنى ھارام قىلىپ ئۆزىمىزگە زۇلۇم سېلىش ئەمەس !

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 652
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9305
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-23 12:05:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇئاسىدا خزىرغا يالۋۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ .
بۇ جۈملە خاتالىققا كىرىپ كىتىپتۇ . دۇئا پەقەت بىر نوقتىغىلا باغلانغان بولىدۇ . خىزىرمۇ ۋە باشقىلارمۇ بۇ خىل يۇشۇرۇن دۇئانى بىلەلمەيدۇ ، ئاڭلىيالمايدۇ . پەقەت ئاللاھ ئۇنىڭ دىلىغا ھەر رەۋىشتە يوللار ئارقىلىق سالمىغۇچە !


بۇ خىل ۋەز توغرا رەۋىشتە تىما قىلىندى .
قۇرئاندا شۇنداق بىر مەنالار بار . مۇسا ھەقنى ئېلىپ كەلگەندە پىرئەۋن خانىدانىغا مەنسۇپ مۆئمىنلىكىنى يۇشۇرۇن تۇتىدىغان بىر مۆئمىن ئادەم ئۇنىڭغا يان بېسىپ يېنىدىكىلەرگە سۆز قىلىشى . مۇسانىڭ توغرا ئىلىم ئېلىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا ھەقنى بايان قىلغانلىق !

ئۆز ۋاقتىدا رۇسۇللاھ مەككىدىكى ۋاقىتتا ئاجىز كىشىلەرنى مەلۇم بىر دۆلەتكە چىقىپ پاناھلىنىشقا بۇيرىدى . چۈنكى شۇ ۋاقىتتا ئۇلار شۇ دەۋىرنىڭ توغرا ھۆكۈمدارلىرىنىڭ بىر ئىدى . كىيىن رۇسۇللاھ ئەمدى تېخى مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندا ئىسلامنىڭ كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبلىك كىيىن شۇ كىسرا دۆلىتىنىڭ پادىشاھى نەجاشىنىڭ مۇسۇلمان بولىشى سەۋەبلىك ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا ياردەم بەرگەن ئىدى . چۈنكى ئۇ مۇسۇلمانلارغا باشقا كۈچى بىلەن ياردەم قىلالمىسىمۇ ، شۇ كۈچلۈك قەۋمنى مۇشرىكلارنىڭ ، يەھۇدىيلارنىڭ ياردەم تىلىشىگە قارىتا يالۋۇرۇشلىرىدىن ئۇلارغا ياردەمنى تەرك ئىتىشكە ، شۇ خىل كۈچلۈك قەۋمنى مۇسۇلمانلارغا قارشى قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا قارىتا ياردەمدە بولدى . مانا بۇمۇ شۇ ۋاقىتتا ئەڭ چوڭ جىھادلارنىڭ بىرى ئىدى . ناجاشى ئىلگىرىدىن ئادىل بولغانلىقى ۋە ئىبادەتتە توغرىلىقى سەۋەبلىك كىيىن ھەقنى تۇنۇپ ئۆزى مۇسۇلمان بولدى . ئەمما قەۋمىنىڭ مۇسۇلمان بولىشىغا كۆزى يەتمەيتتى . شۇنداق بولسىمۇ ئۇ قەۋمىنىڭ ئالدىغا رۇسۇللاھنىڭ تېرە پارچىسىغا يازدۇرۇپ يوللىغان مەكتۇپىنى ئۇلار كۆرمەيدىغان يەرگە قويۇپ
- مۇھەممەدتىن  بىزگە ئىسلامنى قۇبۇل قىلىشىمىزغا قارىتا بىر مەكتۇب كەلدى . - دىۋىدى ، ئۇلار چۇقۇرىشىپ كەتتى . شۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەم نەجاشى مۇسۇلمان بولۇپتۇ دىگەن خەۋەر ئاز - تولا تارقالغان ئىدى . ئۇلار ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى ۋە بولمىغانلىقىنى سوراشتى . ئاللاھ شۇنداق ئىرادە قىلغانكى ، ئۇ كىشىلەرنىڭ قايسى دىيندا ئىكەنلىكىنى سورىدى . ئۇلار خىرىستىئان دىينىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ تەڭ  شۇ مەكتۇبنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ‹‹ مەن مۇشۇ دىيندا ›› دەپ ئېيتتى . كىشىلەر بۇ سۆزنى ‹‹ مەنمۇ شۇ دىيندا ›› دەپ ئاڭلىدى .
شۇنىڭ بىلەن ئىسلام كىسرا دۆلىتىنىڭ شۇ خىل شاپائىتى بىلەن كۈنسايىن كۆچىيىۋەردى . ئاخىرى نەجاشى مۇسۇلمان ھالىتى بىلەن ۋاپات تاپتى . رۇسۇللاھقا بۇ ئىلىم بىرىلدى ھەم ئۇنىڭ نامىزىنى غەيىبلىك ھالدا تۇرغۇزۇپ چۈشۈردى . شۇ كۈندە مۇسۇلمانلارنىڭ  شۇ دۆلەتكە قارىتا بېسىم ئىشلىتىشكە قارىتا كۈچى يەتكەن ئىدى . شۇنىڭدىن كىيىن يەنە قايتا مەكتۇب يېزىلدى .

ئەھۋال شۇنىڭدەك بولدى . سىزنىڭ خىزمەت ئورنىڭىزدا شۇنىڭدەك بىرەر كۈچلۈك ئىمتىيازىڭىز بولسا شۇ خىل ئىمتىيازدىن پايدىلىنىپ قەۋمىڭىزگە ، دىيندىكى كىشىلەرگە پايدىلىق ئەمەللەرنى قىلىۋېلىڭ ! ئەمما ھىچ كۈچىڭىز يوق ھالىتىڭىزدە ، ئەگەرچەندە ئامال بولسا ئۇلاردىن خالىي بولۇڭ ! چۈنكى ئۇلار سىزنىڭ ئاجىزلىقىڭىزدىن سىزنى ئۆز سەنىمىگە دەسسىتىشكە مەجبۇر قىلىپ قويىدۇ !

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73186
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3167
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-1-15
ئاخىرقى: 2012-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 05:28:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما ئىكە ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،رەھمەت ،،چارچىدىڭىز ،،ئارام ئىلىڭ ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82272
يازما سانى: 904
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4343
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 296 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 11:56:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىممۇ ئىنكس؛ارمۇ ناھايىتى مەنىلىككەن   مۇنبەرداشلارغا تەشەككۇر

ئامالسىز قالغاندا سۈكۈت ئەڭ ياخشى جاۋاپ،سۈكۈت دەل سەۋىر

پەلۋاندەك ياشا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83888
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4763
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 309 سائەت
تىزىم: 2012-8-13
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 11:59:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا رەھمەت قىلسۇن ،ئىسىل تېمىكەن ..
بۇ ئادرىستا خەتلىك تەرجىمە قىلغان ‹‹كورتلار ۋادىسى›› ‹‹كورتلار ۋادىسى تۇزاق›› قاتارلىق نۇرغۇن كىنولار باركەن كۇرۇپ بېقىڭلار http://turanim.com/?fromuid=1346

تۇلۇق ئون تۆت ئەسىر ئۆتتى نەقىشلەر بولمىدى سادىر،
نىمىكى دىسە قۇرئاندا بۈگۈن دۇنيادا شۇ زاھىر .
بۇنىڭدەك مۆجىزە ئىشىگە نىچۈك مەخلۇق بۇلۇر قادىر،
ئۇنىڭ تەئرىپىگە سۆزنى تاپۇر قايدىن ئەدىپ شائىر.      
نىسىپ قىلمايدىكەن تەڭرى ئەگەر تىلغا بالاغەتنى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش