مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3326|ئىنكاس: 12

ئەرلەردىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى توغىرسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

خەق ئاناڭمىدى ئى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37058
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7547
تۆھپە نۇمۇرى: 612
توردا: 933 سائەت
تىزىم: 2011-4-9
ئاخىرقى: 2012-7-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-23 12:43:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



ئەر دەپ ئاتالغان بىزلەر ئەنە شۇنداق بىر كىشىمىزكى ، بىز بىلەن ئايال ۋە باللىرىمىز ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلىدۇ ، بىز ئارقىلىق ئۆزىنى بەخىتلىك ۋە خۇشال تۇتىدۇ ، بىز بولغاچقا ئۇلار خاتىرچەم بولىدۇ ، بىزنى تاغدەك يۇلەنچۇك بىلىدۇ ، بىز ئەرلەر ئاياللارنىڭ يېرىم ئىلاھى ،ئايال بولغۇچى بىزنىڭ ھالىمىزدىن خەۋەر ئالىدۇ ،ئەمما شۇنىمۇ كۆرۇپ يىتىشىمىز كىرەككى جەمىيىتىمىزدە مەسئۇلىيەتسىز ، بىر ئائىلىگە يۆلەنچۇك ئەمەس بىر ئائىلىگە يۇك بۇلىۋاتقان ئەرلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس ، قوش تارىلىق مۇزىكىغا ئوخشايدىغان نىكاھلىق تۇرمۇش بىر تارىنىڭ ئۆزۇلىشى ۋە بوشىشى بىلە يېقىمسىزكۇي-ئۇدارلارنى روياتقا چىقىرىدۇ . ئەر بىر ئۆيگە تۇيرۇك بولمايدىكەن ئەنە شۇ بىر تارىسى ئۆزۇلگەن چالغۇغا ئوخشاش ئائلىدىن بەخىت ئەمەس ، ئازاپ كۇلپەت سادالىرى چىقىشى تۇرغانلا گەپ ،بۇنىڭغا بىر نەچچە مىسال ئېلىپ ئۆتەيلى :

ئايال ئىرى ئەڭ ئامراق لەغمەت تاماق ئىتىپ ئىرىنىڭ يولىغا قاراپ قاراپ ئولتۇراتتى ، ئىرى ئۆيىگە قايتىپ كەلمىگىلى مانا دەل ئۈچ كۇن بولغاندى ، بىچارە ئايالمۇ بۇ ئۈچ كۇندىن بىرى تاماق ئەتكەن بولسىمۇ ئىرى كەلمىگەچكە ئۆزىمۇ ھېچنىمە يىمىگەندى ، لەغمەنگە ئەڭ ئامراق بۇ ئەرنىڭ ياتىلىفۇنى يوق ،ياكى ئۆزى .ئۇ خىزمەتتە شۇنچە ئالدىراشمىدۇ ياكى ئايىغى ئۆزۇلمەس سورۇنلاردا ھاراق ئىچىش
بىلەن ئالدىراشمىدۇ ؟
مانا بۇ ئايال ،ئەمىلى ئۆسكەن ئېرىنىڭ ئالدىراشلىقىدىن مۇشۇنداق پات-پات "يىتتۇرۇپ"قۇيىۋاتقان ،قىزىنىڭ "ئانا ،دادام قېنى" دەپ سېغىنىپ سوراشلىرىغا "دادىڭىزنىڭ خىزمىتى بەك ئالدىراش قۇزام 'دەپ جاۋاپ بىرىۋاتقاندا ئۆزىنىڭمۇ تاتلىق سېغىنىش ئىلىكىدە پۇچىلىنىۋاتقان ،كۆيۇنۇشكە
زارىقىپ ئۆتىۋاتقان ئايال .

ھويلا -ئاراملارنى پاكىزە تازىلاپ چىنىدەك قىلىۋەتكەن ئايال بۇ ھويلىلارغا قاراپ تېخى قايسى كۇنىلا ئىرى بىلەنبولغان قىسقىغىنا،ئەمماجىددى،كەسكىن "جەڭنى" كارتىنىلىرى ئايان بولماقتا ئىدى .
ئۇ يولدىن چىققان ئىرىگە ئۆتىنىش بىلەن :
__ بوپتۇ ،ئۆتكەن ئىشقا سالىۋات .ئەمدى بولسىمۇ ئۇ خۇتۇن بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىڭىزنى ئۇزۇڭ ، بالىلارنى يېتىم قىلمايلى ،مۇشۇ ياشقا كەلگەندە يۇرىت-جامائەت ئالدىدا سەت ئەمەسمۇ ؟_
دېشىلىگە ئېرىنىڭ زەھەرخەندىلىك بىلەن :
__ شۇنچە يىل بالىلىرىمنى بېقىپ بەرگەننىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ماۋۇ قۇرۇ-جاي ساڭا قالسۇن،ئاجىراشمايمەن دىسەڭمۇ مەيلى ،ئەمما مېنىڭ نەدە تۇرۇپ نەگە بېرىشىم بىلەن كارىڭ بولمىسۇن ،_دەپ سەت سىلكىشلىشىگە ئۇچۇرغاندى .
ئاۋۇ ئەرگە قاراڭ ! ئىشتىن چۇشۇپلا ، كېرىسلۇغا چۇكۇپ تېلىۋىزۇردا كۆرگىدەك نەرسە بولمىسىمۇ تىزگىنەكنى قولدىن چۇشۇرمەي قانالنى بىر -بىرلەپ يۆتكەپ بىردەمدىن كىيىن ئويقۇغا چۆكتى ،ئايال تاماق ئېتىش بىلەن ئالدىراش ، تاپشۇرىقىنىڭ بىر يېرىنى چۇشىنەلمىگەن بالا دادىسىغا قاراپ قۇيۇپ يەنەئالدىراش تاماق ئىتىۋاتقان ئانىسىنىڭ يېنىغا ماڭدى ."جېنىم بالام ،بىردەم تۇرۇپ تۇرىڭە ،تاماق ئىتىپ بوپلا دەپ بىرەي ،ھېلى دادىڭىز
ئويغانسا تاماق تېخى پىشماپتۇ دەپ خاپا بولۇپ قالمىسۇن " بالا ئامالسىز  كەينىگە ياندى ۋە دادىسىغا يەنەبىر قارىۋەتكەندىن كىيىن ئۆز ھۇجۇرسىغا كىرىپ كەتتى ،ئەر بولسا خۇتۇنۇممۇ مەن بىلەن تەڭ ئىشلىگەن ،ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ تاماقنى قولمۇ-قول پىشۇرۇپ يەيلى ،دىگەننى ئويلىمايدۇ،چۇنكى ھۇشيارلىقىمىزدىن بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئايالىغا ياردەملىشىكەنلەر "سايىماخۇن" كۇيۇنگەنلەر "خېنىم مىجەز" ئەمەسمۇ ....
  مانا بۇ مىساللار بىزگە نىمىنى ھېس قىلدۇرىدۇ ... رېئاللىق ئاچچىق مەسخىرىلىرى بىلەن ئەرلەرگە سۇئالقويماقتا ئىدى ، ئاياللارنىڭ مىھىرلىك كۆزلىرى ئەرلىرىدىن جاۋاپ كۇتمەكتە ئىدى .
تۆۋەندە يەنە بىر قانچە مىسالغا  نەزەر سېلىپ باقايلى :
  بىر ئايال مۇنداق دەيدۇ : ئېرىم بەك مەسئۇلىيەتچان ، مېنى چۇشىنىدۇ ،ئېرىم ئائىلىدە ھەر جەھەتتە ماڭاياردەملىشىدۇ ،ئاددىيىسى ئۆي تازىلاش، بالىلارغا قاراش ، كىر يۇيۇش دىگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە قارىشىمىسۇمۇئەمما مەن ئېرىمدىن بەكمۇ رازى .

بىر ئايال مۇنداق دەيدۇ : مەن ئائىلەمدىكى يۇكنى يۇك دەپ قارىمايمەن .ئائىلە ئىشىنى قىلىشىنى خۇشاللىق ھەم ھۇزۇر ھېس قىلىمەن .چۇنكى بۇ ماڭا ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ .سىرتتا ھېرىپ-چارىغاندا ئۆيۇمگە تىزراق بېرىۋېلىشقا ،ئائىلەمدىكىلەر بىلەن تىزراق بىرگە بولۇشقا ئالدىرايمەن ، ئۆي تازىلىغاندا ئۆينىڭ ئازادىلىكى ، ساپ ھاۋاسى كۆڭلۇمنى كۆتۇرسە ، ئىرىم ۋە باللىرىمنى مەن ئەتكەن تاماقنى ھۇزۇرلۇنۇپ يېيىشلىرى مېنى بەخىتلىك تۇيغۇسىغا چۇمۇلدۇرىدۇ ، مېنىڭ  ئېرىم تاماق ئېتىشنى ،ئۆي تازىلاش ئىشلىرىنى بىلمىگەن بىلەن ئۆي سايمانلىرىنى
ئوڭشاش ، يىراقنى يېقىن قىلىش ئومۇمەن مېنىڭ قۇربىم يەتمىگەن ھەممىسىنى ئۆزى قىلىدۇ ،مەن ئۈچۈنكۆيۇمچان ئەر ، باللىرىم ئۈچۈن مېھرىبان دادا ، ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا قانداق كۆيۇنسە مېنىڭ ئاتا-ئانامغىمۇ شۇنداق كۆيىنىدۇ ،ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار ئوغۇل بولسا ، مېنىڭ ئاتا-ئانامغىمۇ ۋاپادار كىيئوغۇل بولۇپ كۆيىنىدۇ ھەم قەدىرلەيدۇ .

  ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن كۆتىدىغان ئۆمىدى شۇنچىلىك پاك ۋە غەرەزسىز ، ئۇلارنىڭ يۇرىكى ئۆمۇد بىلەن يۇرۇپ تۇرىدۇ ، شۇڭا ئېرى ھەر قانچە قىلسىمۇ چىدامچانلىق بىلەن ئائىلىسىنى قوغدىسا چىدامچانلىق بىلەن ئائىلىسىنى ساقلايدۇ ،ئاياللار بالا مېھرى ئارقىلىق بەخىتنى ھېس قىلىدۇ ،بالا مېھرى ئارقىلىق ئۆزىگە قانائەت تاپىدۇ ، ئەر ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغاندىمۇ ئاغىرىنمايدۇ ئۇلار ئەرلىرىنى ئۆزىنىڭ پاك مۇھەببىتى ئارقىلىق تەسىرلەندۇرۇپ ، بىپەرۋالىق كوچىلىرىدىن مەسئۇلىيەت قەسىرلىرىگە باشلاشنى نىيەت قىلىدۇ ،ئەلۋەتتە ئېشىپ كەتكەن مەسئۇلىيەت ،ئېشىپ كەتكەن ئائىلە ئۆزگىرىشىبولىشىمۇ ياخشى ئەمەس مەسىلەن دەيلى ئائىلىدە ئايالنى تۇرگە چىقىرىپ قۇيۇپ ئەر تاما ئىتىش ، ئايالىنى ھېچقانداق ئىش قىلىشقا يول قويماسلىق دىگەندەك ئەھۋاللامۇ ياخشى بولمىغان ئىش .
  ھازىرقى جەمىيەت رىقابەت بىلەن تولغان كۇچلۇكلەر ياشايدىغان جەمىئىيەت . ئەلۋەتتە ھازىرقى بالىلارنىتەربىيلەشكە بەلگۇلىك ساپا كىتىدۇ ، ساپانىڭ بەخىت بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋېتى
بولمىسىمۇ ئەمما ۋاستىلىق مۇناسىۋېتى بار ، ساپسىز ئاتا-ئانىلار ئۆزىنى ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە تىكسە ، ساپالىق ئەرلەر كۆزىنى بۇركۇت قونغان چۇقىلارغا تىكىدۇ .
   دىمەك غەزەپ بىلەن تۇگۇلگەن مۇشتلار ئايال زاتىغا قاراپ مېھر-مۇھەببەت بىلەن ئېچىلغاندا ، ھاراق بوتۇلكىسى تۇتقان قوللار كەتمەن دەستىسىنى قامالىغاندا ،سۇدىسىدىن ئازىغىنا زىيان تۇپەيلى چىرايى ئۆلۇكنىڭ چىرايىدەك تاتىرىپ كەتكەن چىرايلار ئۆمۇد ۋە جاسارەتكە تولغاندا ،ئەتىمىزنىڭ ۋارىسى بولغان پەرزەنىتلەر "مېنىڭ تاغدەك دادام بار" دەپ پەخىرلىنىش تۇغىسىغا چۆمگەندە ئەرلەر ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن مەسئۇلىيەت بىلەن سۇيۇنگەندە ھەم ئاياللارىنى سۆيۇندۇرەلىگەندە ئاندىن تالاي ئائىلىلەرنىڭ پەنجىرىلىرىدىن يىغا ئاۋازى ئەمەس ، شادىيانە كۆلكىلەرنى ئاڭلاش رېئاللىققا ئايلىنىدۇ .


مەنبە : ئۆز قەلىمىم ۋە بەزى پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
nazila998 + 30
دەۋىر + 20 نادىر تىما

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 50   باھا خاتىرىسى

ئازاپتىن   چاكىچاك  يېرىلىپ  يۇرەك. چىن سۆيگۇ نەدە دەپ كۆتىرەر غەليان. ئىشەنىچ ۋە ساداقەت بولمىغاچ بىزدە، قىز-يىگىت غەپلەتتە يۇرىيدۇ ھەريان.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32319
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3727 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-23 02:14:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما يوللاپسىز، ئەرلەر قانچە مەسئۇلىيەتچان بولسا ، ئۆينىڭ تۈۋرۈكى، ئايالنىڭ يۈرۈگى بولالايدۇ، يۈرۈگى ساق ئايال ،تۈۋرۈكى پۈتۈن ئۆيدە ياشىسا ئۆزىنى ئەڭ بىخەتەر ھىس قىلىدۇ،مەسئۇلىيەتسىز ئەرلەردىن ئاللاھ  پاناھ بەسۇن .تىمىڭىزغا رەخمەت،قەلىمىڭىز ھارمىغاي.

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ھەسەلنىڭمۇ ھەرى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47743
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3468
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-23 03:07:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھـــەي... بۇگۇن تېلفۇندا يەنە شۇ نەۋرە ئاچامنىڭ ئېرى توغرىسىدا ھال
ئېيتىپ دەرت تۆكۇشى بولدى ....
  توي قىلغلى 14يىل بولدى، بىر ئوغۇل ئىككى قىزى بار. كىچىكى ئەمدى 8ئايلىق بولدى . بۇرۇن ياپۇلى يائۆيى يوق ئىدى ، توي قىلىپمۇ خېلى بىر
ۋاقتقىچە قىزنىڭ ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇراتتى ...
مونۇ بىر-ئىككى يىلدىن بېرى سىرتلاردا تېجارەت قىلىپ  ئازارق پۇل تېپىپ  ،سەل ھاللىنىپ قاپتى، خوتۇندىن چانغىلى تۇرۇپتۇ .
  تېخى يېقىندا ئاھالە كومتىتىدىن ئەرزان ئىجارىلىك بىر يۇرۇش ئۆي ،ھەل قىلغان ، بىراق ئۇئۆيدە تۇردىغان ئادەم يوق ، خوتۇنىنى 3بالا بىلەن ئانىسىنىڭ ئۆيگە تاشلاپ قويۇپ ، ئۆزى ئۇيەر -بۇيەرلەردە ئويناپ ،يايراپ،
يۇرۇپتۇ... بىرنىمە دېسە...
نىمە دەيتىڭ سىلەرنى دۇم يېتىپ -دۇم قوپۇپ،مىڭ بىر جاپادا پۇل تېپىپ
بېقىۋاتىمەنغۇ ، يەنە قانداق قىلىپ بەرسەم بولاتتى .... دەپ ،گېپى چوڭ ئىكەن .  مانا نەچچە ئايدىن بېرى سىرتلاردا يۇرۇپ يۇرتقىمۇ قايتىپ كەپتۇ ،
ئەمما شۇچە كۇندىن بېرى خوتۇنىغا بىرەقېتىممۇ، ۋاي خوتۇن جۇرە ئۆيىمىزگە
چىقىپ كېتەيلى ،بۇيەردەتۇرساق ياخشى بولمايدۇ دەپ،ئۆز ئۆيى تۇرۇغلۇق
ئۆيسىگە ئاچىقىپ كەتمەي ، خىيالىدا يوق ئانسىنىڭكىگە تاشلاپ قويۇپ ،
ئۆزى يەنە شۇ ھېلى ئۇئاغىنەم ھېلى بۇئاغىنەم دەپ ، شەمۇ-شە يۇرۇپتۇ .
ئاچامنىڭ ئاچچىغى كېلىپ ، تېلغۇن قىلىپ ، نىمانداق قىلىسەن ...؟
بىرەر كۇن بولسىمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىدە تۇرساق بولمامدۇ ... سەن نەدە
نىمىش قىلىۋاتىسەن دېسە ...
ئاچاڭ *** نىڭ قېشىدىمەن ، نېمىش قىلسام سېنىڭ نىمە كارىڭ ،
خوتۇن كىشى بولغاندىكىن ئىشىڭنى قىل ،نىمە كۆزۇمگە كىرىۋالسەن ...
دەپ بىرمۇنچە سەت گەپلەربىلەن ھاقارەت قىلىپتۇ ...
ئويلاپ بېقىڭ ،موشۇنىڭدەك سەت گەپلەر بىر ئەركىشىنىڭ خوتۇنىغا دەيدىغان گېپىمۇ ، بۇنداق ھاقارەتنى كىم كۆتىرىدۇ .
ئەجىبا شۇ 3بالىسىنىڭ ئازراق بولسىمۇ يۇزىنى قىلىپ ، نەچچە ۋاقىتتىن
بېرى سىرتلادا يۇرۇپ خوتۇن -بالىلىرنىڭ ھالدىن خەۋەر ئالالمىغاندىكىن ،
ئەمدى بولسىمۇ ،شۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا تىرشىپ ، جۇرە خوتۇن دەپ چىرايلىق ئۆيسىگە ئاچىقىپ كېىتپ ، بىر-نەچچە كۇن بولسىمۇ ،خوتۇن -بالىلىرنىڭ قېشىدا يۇرسە ... خوتۇن كىشىمۇ كۆڭلى كۆتۇرلۇپ قالتتى ،
باللىرىمۇ ۋاي دادام دەپ خۇشال بولاتتى ....
خوتۇنكىشىنىڭ ئېرىدىن كۇتىدىغىنى بەكمۇ ئاددى ،ئېرىم قېشىمىزدا تۇرسىكەن ، ماڭا ھەمرا بولۇپ ،بالىلىرىمنىڭ ھالىدىن بىللە خەۋەر ئالسىكەن ،
دەپ شۇنى ئۇمىد قىلىدۇ ....
ئەمما بەزى ئەرلەر شۇنچىلىك ئاددىيغىنە ئىشقىمۇ يارىمايدۇ ...
كوچىدىكى تېگى بۇزۇق مەينەت خوتۇنلارغا ھەمرابولۇپ ،شەمۇ-شە  
ئايلىنىپ يۇرسە كۆڭلى كۆتۇردىكى ،ئۆزىنىڭ خوتۇن بالىلارغا بىر-قانچە
كۇن ھەراھ بولۇپ ، بىللە ئۆتسە ۋېجدانى كۆتۇرمەيدۇ ....
  دېسەم گەپ جىق ...
بەزلەر :ئايال كىشىنىڭ ئۆزىدە گۇناھ بار ، ئېرىغا ئانداق قىلىدۇ،
مانداق قىلىدۇ ، تولا كوتۇلدايدۇ ...شۇنىڭ بىلەن ئېرى كۆڭلى سۇ ئىچمەي
تالاغا چاپىدۇ ... دېگەندەك ،قالپاق كېيدۇرۇپ ، يەنە شۇ ئايال كىشىنى
ئەسكىگە چىقىرۋېتىدۇ ....
موشۇ ئايالىنى كۆزگە ئىلمايدىغان ،ئائىلدىكى ئاتىلىق مەسئۇلىيەتتىن
ھەرخىل ۋاستلەر ئارقىلىق ئۆزىنى قاچۇرۇپ ،ئەرلىك بۇرچىنى
ئادا قىلىشنى خالىمايدىغان شۇنداق ، ۋاپاسىز ئەرلەر ھامان بىركۇنى
شۇ قىلغىنىڭلارنىڭ جاجىسىنى تارتىسىلەر ،تاپقان -تەگەن پۇل-مېلىڭلارمۇ
تۇگەپ ،ئۇستى-ئۇستىلەپ نەس باسقان چاغدىلا ئاندىن ئاۋاللىقى خوتۇنىڭىز
يېتىم قالغان پەرىزەنتلىرىڭىز ئېسىڭىزگە كېىپ ، شۇچاغدا قەدىرىگىمۇ
يېتىپ قالارسىز ...  
  ئەمدىلا 10ياشقا كىرگەن بىر ئوغۇل بالا دادىسىغا ‹-دادا ماڭا سەن بولمىساڭمۇ بولىدۇ ئەمما ئاپام بولمىسا بولمايدۇ › دېگىنىنى ئۆزقولىقىم بىلەن ئاڭلىغانمەن . بىراق دادىسى دېگەن ئادەم شۇگەپنىڭ تېگىنى چۇشەنمەي،
بالىسىنىڭ نېمە ئۇچۇن شۇنداق دېگەنلىكى ھەققىدىمۇ ئويلىنىپ باقماي ...
ۋاي ئەقىلسىز شۇم ،دەۋاتقان گېپىنى قارا ، دادا دېگنەىمۇ شۇنداق دەمدۇ ...
مەن بولمىسام ئاچ قېلىپ تالادا قالاتتىڭ ...  موشۇ گەپنى سەن ئۆگەتتىڭمۇ
بالىغا دەپ ،ئايالىدىن ئورۇنسىز خاپا بولۇپ كەتكەن...
ئانا ھېچقاچان بالىغا ئۇندق گەپ ئۆگەتكىنى يوق ، بالا ھەممىنى كۆرۇپ ، دادىسىدىن بەكرەك ئانسىنىڭ كۆڭۇل قويۇپ ئۆزىنى ۋاي بالام دەپ ،
باغرىغا بېسىپ چوڭ قىلغاندىكىن---بالا بولغۇچى ماڭا سەندىن
بەكرەك ئانام كېرەك .... دەيدۇدە ئەلىۋەتتە .
ئەمما بەزى ئەرلەرنىڭ موشۇ گەپلەرنى چۇشەنكۇدەك كاللىسى ،ئويلىغۇدەك
ۋېجدانى يوق....

ھەسەلنىڭمۇ ھەرىسى بار ، قىزىل گۇلنىڭىمۇ تىكىنى بار.

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18880
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-23 10:02:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2قەۋەتتىكى(samra) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇر

راست دەيسىز بۇنداق ئەرلەرمۇ بار ،لىكىن كۇيۇمچان ،مەسئۇليەتچان ،ۋاپادار ئەرلەرمۇ يوق ئەمەس،بەش قولنىڭ بارمىقى ئوخشاش بولمىغاندەك ،ئادەملەرمۇ شۇ ،ئاياللارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ،مىھرىبان يولدىشى ،ئىللىق ئائىلىسىنى بۇزۇپ يامان يوللارغا كىرىپ كىتىۋاتقان ئاياللارنىمۇ كۆرۋاتىمىز ،قىسقىسى ھەر كىمنىڭ گۇناھى ئۇزى بىلەن كەتسە مەيلى ئىدىغۇ ،بارچە بولغۇلۇق يەنىلا شۇ نارەسىدلەرگە بولۋاتىدۇ،بىر ئادەمنىڭ يولدىن چىقىش بەدىلىگە ،نۇرغۇنلىغان ئادەملەر پاتقاققا پېتىۋاتىدۇ.

بىلىم - كۈچ !

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22010
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5641
تۆھپە نۇمۇرى: 213
توردا: 1570 سائەت
تىزىم: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-23 10:13:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەسئۇلىيەت ئېڭى كۈچلۈك مىللەت بۇ دۇنيادا جان باقالايدۇ ، راۋاجلىنالايدۇ ، دۇنيا ئەھلى بىلەن بىر سەپتە ماڭالايدۇ . بۇ يەردە ئەڭ موھىم رولنى ، ۋەزىپىنى يەنىلا ئەرلەر زىممىسىگە ئالغان بولۇدۇ .
دېمەك ، ئەرلەرنىڭ گەدىنىدىكى يۈك ئاندا ماندا يۈك ئەمەس ، ئۇ يۈكنىڭ ئېغىرلىقى تاغلاردىن قېلىشمايدۇ .

سۇمبۇل چاشلار، چولپان كۆزلەر ، ئات - ئېشەكتىمۇ بار، نوچى بولساڭ تۆمۈردىن قۇشۇقچىلىك نەرسە ياساپ كۆر ، دۇنيا شۇ چاغدا سېنى ئېتىراپ قىلىدۇ .

مەن ئىسىم ئۆزگەرتتىم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48628
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4602
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 428 سائەت
تىزىم: 2011-7-21
ئاخىرقى: 2013-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-23 11:29:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەر كىشى دىگەندە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولمىسا بىكار، شۇڭا ئاللاھ ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ئاتا قىلغۇن.
مەن مۇش تېما بىلەن ئوخشاش بىر تېما يوللىغان، بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار
https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-52382.shtml

مەن ئىسىم ئۆزگەرتتىم، شۇڭا قەستەن باشقا ئىسىمدا كىردىمىكىن دەپ خاتا چۈشەنمەڭلار.

مېنىڭ بارلىقىم ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 645
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9306
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-23 12:32:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز مىللەتتىن نىگىردىن باشقا ھەر خىل رەڭدىكى ، ھەر خىل شەكىلدىكى كىشىلەر ھەم كۆپ بولغىنىدەك ، بۇ خىل يامان سۈپەتلەرنىڭ ھەم كۆپ بولىشى ئېنىقلا ئەھۋال .
كۆپىنچە كىشىلەر خۇدايىم ، خۇدايىم دەپ دۇنيالىقلارنى ۋە ئاخىرەتلىكلەرنى تىلىشىپ ، دۇئا قىلىشىپ نالە قىلىدۇ . ئاللاھ ئۇلارغا خۇدالىق سۈپىتى بىلەن رەھمەت قىلغاندا بولسا مۇشىنىڭدەك ‹‹ مىنىڭ تىلىگىنىم بۇنداق ئەمەستى ›› دىگەندەك پوزىتسىيەدە بولىۋېلىشى ئۆزىنى ۋە ئۆزگىلەرنى تازا ئوسال ئەھۋاللارغا كەلتۈرۈپ قوپيىدۇ .
ئەرلەردىن ئاغرىنغان ئاياللارغا ئاللاھ پىرئەۋننىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى . ئۇ پىرئەۋننىڭ يامان ئەمەللىرىنى كۆرگەن ۋە تۇنىغان ۋاقىتتا ‹‹ ئى پەرۋەردىگارىم ! ماڭا جەننەتتىن بىر جاي راسلاپ بەرگىن ›› دەپ دۇئا قىلدى . ئۇنى ئاللاھ ئۇنىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلىدى ۋە ئۇنى قۇتقۇزدى .
بۇ مەنالاردىن ، كىملەركى ئۆز ئەرلىرىدىن شۇنىڭدەك يامان ئەمەللىرىنى كۆرسە ۋە يامان ئەمەللىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىسا ئاللاھدىنلا تىلىسۇننى كۆرسىتىدۇ . تىلەشتە شۇكىشى قايسى تۇرمۇشنى توغرا تۇنۇپ شۇ خىل يولنى تاللىسا ۋە تىگىشلىك ئەمەللەردە بولسا ئاللاھ ئۇنىڭ شۇ خىل تىلىگىنىنى بىرىدۇ ۋە زالىم قەۋمدىن ھەر خىل رەۋىشتە قۇتۇلدۇرىدۇ . ئاندىن ئۆزىنىڭ ياخشى بەندىللىرىگە مۇلاقات قىلىدۇ .
كۆپىنچە كىشىلەر تەۋھىدسىز بولغانلىقىدىن ئاللاھقا تىگىشلىك رەۋىشتە ئىبادەتتە بولالمايدۇ ۋە ئاللاھنىڭ توغرىلىقىنى توغرا تۇنىيالمايدۇ . ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئالارنى قىلىدۇ ۋە تىلەيدۇ . ئەمما ئاللاھ بەرگەندە ئۇنى قۇبۇل قىلماستىن ئۆزىنىڭ نادانلىقى ، ئىلىمسىزلىكى ۋە گەرچە شۇ خىل نىمەتلەرگە يەتسىمۇ تەقۋاسىزلىقى سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ توغرا يولىنى تۇنىيالمايدۇ ، قۇبۇل قىلالمايدۇ . يەنىلا داۋاملىق شۇ خىل ئاغرىنىشلار ! تىللاپ - قاغاشلار  !

ئىنكاستا ئېيتىلغاندەك ، ئاياللار ۋە ئەرلەر ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشنى توختۇتۇپ قويمايلى ! ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى تۇنۇشقا ئىزدىنەيلى ! ئاللاھنىڭ خۇدالىق ئورنىنى تۇنۇشتىن پەرۋەردىگارلىق سۈپىتىگە ئۆتەيلى ! ئاندىن ئۇنىڭ ھەر ۋاقىت ھەر بىر بەندىللىرىنىڭ ئورنىنى ، تىلەكلىرىنى ، قىلغان دۇئالىرىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ، نىمىنى تۇنىسا ، نىمىنى تەلەپ قىلسا شۇنى بىرىدىغانلىقىنى تۇنىغاندا ئاندىن دىيندا ئاللاھقا سېغىنىش قىلالاميمىز ۋە پەقەت ئاللاھدىنلا تىلەشنى ئۆگىنىمىز . ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشنى تاللىيالايمىز ، جۈرئەت قىلالايمىز !
بىزنىڭ شۇ بىر ئىلاھىمىزدىن باشقا نىمىمىز بار ؟

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45066
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3075
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 998 سائەت
تىزىم: 2011-6-20
ئاخىرقى: 2011-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-23 01:56:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ مۇنبەرگە ئەرلەردىكى مەسىئۇلىيەت ھەققىدە دەرت تۆككىلي كىرگەن،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37634
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9740
تۆھپە نۇمۇرى: 1265
توردا: 2303 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-23 02:18:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما ئىكەن. ئاياللارنى قوغداش ئاسىراش ۋەزىپمىز بار. ئائىلىدە ئاياللار بىلەن تەڭ بولماسلىقمىز . ئەپۇچان كەڭ قورساق بولۇشىمىز.لىكىن بەكمۇ
مەيلىگە قويىۋاتماسلىكىمىز كېرەك. ياخشى ئەر ياخشى ئاياللار ۋە يامان ئايال يامان ئەرلەر  بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44755
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4829
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 4035 سائەت
تىزىم: 2011-6-18
ئاخىرقى: 2014-9-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-23 07:28:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 7قەۋەت  ayexakiz كە 2011-07-23 01:56 PMئەۋەتىلدى  :
مەنمۇ مۇنبەرگە ئەرلەردىكى مەسىئۇلىيەت ھەققىدە دەرت تۆككىلي كىرگەن،
دەرت دېگەننى مۇنازىرىدە تۆكسەك ھېچ نىمىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ،ئەڭ ياخشىسى ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيەت ھەققىدىكى دەردىڭىزنى ئاللاھقا تۆكسىڭىز ئەڭ ئاقىلارنىلىك بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. ۋاقتىڭىزدىن ئەھمىيەتلىك پايدىلىنىڭ!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش