مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1150|ئىنكاس: 10

ۋاقىتسىز ئۆچكەن كىنو چولپىنى _ ئابدۇراخمان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياردەم مەزمۇنى

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 622
يازما سانى: 1694
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13584
تۆھپە نۇمۇرى: 443
توردا: 10229 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-26 01:52:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاقىتسىز ئۆچكەن كىنو چولپىنى  _ ئابدۇراخمان  ھاۋاز
   1993 - يىلى 7 - ئىيۇل ، چارشەنبە . ئىشىكنىڭ تۇيۇقسىز ،  جىددىي، كەينى - كەينىدىن قېقىلىشىدىن ئويغىنپ كەتتىم . تاڭ ئەمدىلا يورۇشقا باشلىغان بولۇپ ، دېرىزىدىن غىل - پال يورۇق چۈشۈپ تۇراتتى . ئەندىشىلىك بىر خىيال مېڭەمدىن يالت قىلىپ ئۆتتى ، ئىتتىك بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم، ئىشىك تۈۋىدە بىر خىزمەتدىشىم كۈنلۈك ئاستىدا ئۆزىنى يامغۇردىن دالدا قىلىغان ھالدا قاراپ تۇراتتى . ئۇنىڭ كۆزلىردىن ئەلەملىك بىر قايغۇنىڭ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇراتتى .
   _ ئابدۇراخمان ئاكا . . . _ خىزمەتدىشىم شۇ سۆزنى ئاران دېيەلىدى - دە ئىنتايىن قايغۇلۇق كەيپىياتى بىلەن كۆزۈمگە تىكىلدى. ئۇنىڭ  بىر خىل جىددىي، ئەمما، مەيۈس ھېسىياتىدىن مەلۇم بىركېلىشمەسلىكنىڭ سايىسىنى كۆرگەندەك بولۇپ ،بېشىمدا تۇيۇقسىز چاقماق چاققاندەك سەنتۈرۈلۈپ كەتتىم . « ئاھ! راستمىدۇ؟ شۇمىدۇ؟»
   خىزمەتدىشىم بۇ قايغۇلۇق خەۋەرنى باشقىلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى
   سىرتتا تاراسلاپ يامغۇر  چۈشمەكتە . مەن ئالدىراپ كىيىندىم - دە، ئۆيدىن چىقتىم .  يامغۇر سۈيى كۆز يېشىم بىلەن بىرلىشىپ كىيىملىرنى ھۆل قىلىۋەتتى .
   سەھەردە ياغقان ئۆتكۈنچى يامغۇردىن كېيىن ھاۋا سالقىنلىشىپ قالغان ئىدى . چۈشكە يېقىن ئۈرۈمچى شەھىرنىڭ بەخت يولىدىكى  بىر  ئائىلىلىكلەر  بىناسى قورۇسىدىن كىشلەرنىڭ يۈرىكىنى ئەزگۈدەك ھەسىرەتلىك يىغا ساداسى ئىچىدە ئۈستىگە يىپەك يوپۇق يېپىلغان بىر تاۋۇت كوچىغا ئېلىپ چېقىلدى . تاۋۇتنىڭ كەينىدىن ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن جۇدالىق تۈپەيلىدىن ئاللىقاچان بىھۇشلانغان بىر ئايالنى _ مەرھۇمنىڭ ئوتتۇز نەچچە يىللىق دىلكىشى ، ھەمرا ھى ،شەمشىنۇر  ھەدىنى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇل - قىزلىرىنى يۆلەشتۈرگەنلەر  ھەم ئايىغى كۆرۈنمەيدىغان  ھازىدارلار قوشۇنى سەرپ تارتىپ چىقىپ كەلدى. تاۋۇت  چوڭ كوچىغا ئېلىپ چىقىلغاندا ،ھازىدرلار قوشۇنى بارغانسىرى كۆپەيدى.مەن كۆز چاناقلىرىمدىن قۇيۇلۇۋاتقان يېشىمنى سۈرتكەچ ھازىدارلار  سېپىدە كېتىۋاتىمەن. يولنىڭ ئىككى چېتىدە مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا ئېچىنغان كىشلەر دۇئا بەرمەكتە. تاۋۇت غالىبىيەت يولىدىكى ھەيۋەتلىك نوغاي مەسچىتكە ئېلىپ كېلىنگەندە مېيىت نامىزىنى  كۈتۈپ تۇرغان كىشىلەر ئاللىقاچان بىر قانچە مىڭدىن ئاشقاندى. نەچچە مىڭلغان كىشىلەر چەكسىز قايغۇ - ھەسرەت ۋە ماتەم ئىلكىدە قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ كىشى جۇڭگو كىنوچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ،  جۇڭگو كىنوچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ، تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ  مۇئاۋىن ئەزاسى ، « ئانارخان » فىلىمىدە قۇربان ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىش بىلەن داڭ چىقارغان ئاتاقلىق كىنو سەنئەتكارى ،مەملىكەتلىك 2 - دەرىجىلىك كىنو ئارتىسى ئابدۇراخمان ھاۋاز ئىدى . ئېلىمىزدىكى مىليونلىغان كىشىنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ، كىنو - تېلېۋزىيە ئېكرانىدا چاقناپ تۇرغان  بۇ نۇرلۇق چولپان 6 - ئىيۇل كەچ سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئۆزىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن زېمىندا ئايالى ، پەرزەنتلىرى ، تۇغقانلىرى ،كەسىپداشلىرى، دوست - بۇرادەرلىرىنى تاشلاپ ، ئۇلارنى مەڭگۈلۈك ھەسرەتتە قالدۇرۇپ تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتكەنىدى .
   مەسچىت ئالدى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغانىدى. مەسچىتتە پېشىن نامىزى  ئۆتۈلۈۋاتقاچقا ، مېيىتنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشكە خېلى ۋاقىت بارئىدى. ھازىدارلار مېتىت نامىزىغا قاتنىشىشقا كەلگەنلەر توپ توپ بولۇشۇپ مەر ھۇم ئابدۇراخمان ھاۋازنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتى توغرۇلۇق پاراڭلاشماقتا ئىدى.
   ئابدۇراخمان ھاۋاز  بىلەن مېنىڭ كەسىپداشلىق مۇناسىۋىتىم ئۇ ۋاپات بولغانغا قەدەر ئون يىل داۋاملاشتى.ئون يىل بىر ئادەم ئۆمرىدە تولىمۇ قىسقا ۋاقىت بولسمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن بىر تۇغقان ئاكا - ئۇكىدەك بولۇپ ئۆتكەن ئاشۇ كۈنلەر مەندە مەڭگۈلۈك ئىپتخارلىق ۋە ھەسرەتلىك ئەسلىمە قالدۇرۇپ كەتتى . . .  
    مەن كېچىكىمدىن تارتىپ كىنونى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتىم. كىنودىكى ئاجايىپ ۋەقەلەر ،ھەيۋەتلىك ئۇرۇش مەيدانلىرى ، كىنودا مەد ھىيىلەنگەن قەھرىمانلار بالىلق قەلبىدە ئاجايىپ زۇقلىنىش ،ئىنتىلىش ،چوقۇنۇش ،ھۆرمەت تۇيغۇسىنى بىخلاندۇرغانىدى. مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىنكى ۋاقتىم  كىتاب ئۇقۇش ،كىنو كۆرۈش بىلەن ئۆتەتتى . چۈشتە ئۆيدىن مەكتەپكە ماڭار ۋاقتىمدا ھەر قانداق ئالدىراشچىلىق بولسىمۇ ،ناھىيىلىك كىنوخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ ، شۇ كۈنى قويۇلدىغان كىنونىڭ ئېلانىنى ئالدىن كۆرۈۋالاتتىم - دە كەچتە ئانامدىن پۇل ئېلىپ ،كىنوخانىغا بالدۇرلا بېرىۋالاتتىم
   1962 -يىلى ياز كۈنلىرنىڭ بىرى ئىدى. چۈشتىن كېيىن مەكتەپكە مېڭىش يولۇمدا چەرچەن ناھىيىلىك كىنوخانىڭ چوڭ كوچىدىكى ئېلان تاختىسىغا چىرايلىق قىلىپ يېزىلغان « ئانارخان» ناملىق ھېكايە فىلىمنى قويۇش توغرسىدىكى ئېلاننى ۋە بۇ فىلىمنىڭ رەڭلىك تەشۋىقات رەسىمىنى كۆرۈپ قالدىم .شۇكۈنى ئاخشىمى ئادەتتىكى ۋاقىتتىن  بۇرۇنلا كىنوخانا ئالدىغا كەلدىم . كىنوخانا ئالدى سانجاق - سانجاق ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغانىدى. باشقلارنىڭ ياردىمى بىلەن بېلەتنى ئالدىم - دەكىنوخانغا كىردىم .
   كىنوخانىدىكى  چىراغلار ئۆچۈپ ئېكران غۇۋالاشتى . كىنوخانا ئىچى جىمجىتلىققا چۆمدى.كىنو باشلاندى.
   جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قەدىمىي  گۈزەل شەھىرى قەشقەرنىڭ چەت يېزىلىرىدىن بىرى ، بىر تۈپ يۇغان ئۈجمە دەرىخى سانجاق - سانجاق ئۈجمىلىرىنى كۆتۈرەلمىگەن  ھالدا  ھەشەمەتلىك بىر قورۇنىڭ تېمىدىن سىرتقا  ساڭگىلاپ تۇرىدۇ. ئىرغىتىلغان ئۈجمە شاخلىرىدىن ئۈجمىلەر مۆلدۈردەك يەرگە تۆكۈلمەكتە. جۇل - جۇل كىيىم كىيىشكەن  بىر قانچە  بالا يەردىكى ئۈجمىلەرنى  چوقۇرۇشۇپ يۈرۈپ  تېرىشمەكتە . بەش ياش ئۆپچۆرىسىدىكى بىر قىز بىر تەرەپتىن تېرىۋالغان ئۈجمىلەرنى يېگەچ ، يەنە بىر تەرەپتىن يۇقىرىغا قاراپ :
   _ قادىر ! يەنە ئىرغىتە! _ دەپ يالۋۇرىدۇ . ئۈجمە ئۈستىدىكى 11 - 12 ياشلاردىكى قادىر ئىسىملىك بالا بىر ياقتىن ئىرغىتقاچ ،يەنە بىر ياقتىن ئۈجمىلەرنى ئېغىزغا سالماقتا.
   ھەشەمەتلىك كىيىم كىيگەن 15 - 16 ياشلادىكى  بىر قىز ئۆيدىن سىرتقا چىقىدۇ. ئۇ _ مۇشۇ قورۇنىڭ ئىگىسى بولغان زومىگەر  پومېشچىك ئۇسمان قازىنىڭ قىزى بېلىقىز .
   بېلىقىز پەلەمپەيدىن چۈشۈۋېتىپ ئۈجمە دەرىخىدە ئۈجمە ئىرغىتىۋاتقان قادىرنى كۆرۈپ قالىدۇ _ دە :
   ۋاي ئادەم بارمۇ ؟ ئۈجمىگە ئوغىر چۈشتى ! دېگىنىچە پەلەمپەيدىن يۈگۈرۈپ چۈشۈپ ، ھويلىدا ئوتۇن يېرىۋاتقان ياش يىللىقچىغا قاراپ ۋارقىرايدۇ:
   _ ھەي قۇربان!
   ھويلىدا قۇربان ئىسىملىك ياش يىگىت ئوتۇن يارماقتا . 20 ياشلار ئەتراپىدىكى بۇ يىگىت مۇشۇ ھويلىنىڭ چاكىرى .
   قۇربان بېلىقىزغا بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋېتىپ ،ئوتۇننى يەنە يېرىشقا  باشلايدۇ.
   بېلىقىز دەر غەزەپكە كېلىپ نايناقلىغىنىچە قۇربانىڭ يېنىغا كېلىپ ، ئىككى قولىنى  بېلىگە تىرىگىنىچە:
   _ قۇربان سەن گاس بولۇپ قالدىڭمۇ ؟ ئۈجمىلىرىمنى ئوغىرىلىغان ئوغىرىنى تۇتماي نېمە قاراپ تۇرىسەن ؟ _ دەيدۇ. قۇربان ئۈجمە ئۈستىدىكى قادىرغا بىر قاىۋېتىپ ، پالتىنى تاشلايدۇ - دە سىرتقا قاراپ يۈگۈرەيدۇ.
   _ ۋاي قېچىڭلار ! دەرەخ ئۈستىدىكى قادىر ھويلا سىرتىغا قاراپ يۈگۈرۈپ چىقىۋاتقان قۇربانى كۆرۈپ, پەستىكى بالىلارغا شەپە بېرىدۇ - ئۈجمە دەرىخىدىن سيرىلىپ چۈشۈپ قاچىدۇ. يۈگۈرۈپ چىققان قۇربان  قېچىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن قادىرنى تۇتۇۋالىدۇ.
   _ قېنى نەگە قاچىسەنكىن!
   _ ئاكا ،مەن ھېچ نەرسە ئالمىدىم! _ كىچىك قادىر بىچاىلەرچە ئىككى ئالىقىنىنى ئېچىپ قۇربانغا كۆرسىتىدۇ.
   قۇربان كەينىگە ئۆرۈلۈپ قارىۋېتىپ، ئىتتىكلا قۇينىدىن يېرىم زاغىرىنى چىقىرىپ قادىرنىڭ كىچىك قولىغا تۇتقۇزدۇ - دە پەس ئاۋازدا :
   _ بۇ يەردىن دەرھال كەت ! _ دەپ ھويلىغا قايتىپ كىرىپ كېتىدۇ. قادىر بۇ ئاق كۆڭۈل ، مېھرىبان يىگىتكە ئۇزۇنغىچە قاراپ قالىدۇ .  .  .
كىنو ئاخىرلاشقاندىن  كېيىن ئۇزۇنغىچە ھاياجىنىمنى باسالمىدىم. بۇ كىنونى كۆرگەن چاغلىرىمدا مەن تىخى 12 ياشلاردىكى بالا ئىدىم. بالىلىق ھېسسىياتىم غالىپ كەلگەن بولسا كېرىك ، « قۇربان »دېگەن بۇ مېھرىبان كىشى، ئۆسمۇرلەرنىڭ بۇ كۆيۈمچام « ئاكىسى »نىڭ ئوبرازى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن گۆدەك قەلبىدە ئاجايىپ بىر ھۆرمەت تۇيغۇسى بىلەن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى . ئەتىسىدن باشلاپ بۇ فىلىمنى ھەر كۈنى دېگۈدەك تەكرا - تەكرا كۆرۈۋالدىم ،ھەتتا بۇ فىلىمدىكى ئاساسىي ناخشىلارنى يادقا ئېلىۋېلىپ ، غىڭشىپ ئېيتىدىغان بولدۇم. شۇنىڭ تارتىپ مەندە « قۇربان ئاكا » نى ۋە كىنو دىكى مەشھۇر ئارتىسلارنى كۆرۈش ئارزۇسى كۈندىن - كۈنىگە كۈچەيدى. 1972 - يىلى مەن ھەربىي قىسىمدىن ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېت ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىدە ئاچقان 2 - قارارلىق تەرجىمانلارنى يېتىشتۈرۈش سىنىپىغا  ئۇقۇشقا  كېلىپ تۇنجى قېتىم  « قۇربان ئاكا » نى بۇ مەكتەپكە بىر سەپدىشىنى  يوقلاپ كەلگىنىدە ئۇچىرىتىپ قالىدىم ۋە خۇش چاقچاق ، كەمتەر كىشى بىلەن قىسقىغىنا  ھەمسۆھبەتتە بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەسلىي ئىسىمىنىڭ ئابدۇراخمان ھاۋاز ئىكەنلىكىنى  بىلدىم . شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇراخمان ئاكىنى قايتا كۆرۈش پۇرسىتى خېلى ئۇزۇنغىچە  نېسىپ بولمىدى . تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىمۇ تاكى تاسادىپىي ماس كېلىشمۇ، 1983 - يىلىدىن باشلاپ  ئابدۇراخمان ئاكا بىلەن تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسىدە بىللە ئىشلەشكە باشلىدىم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىمىز بىر خىزمەت بىناسىدا بولۇپ ، ئىشخانىمىز ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ئىدى . ئۇزۇنغا قالماي ئىككىمىز ئاكا - ئۇكىلاردەك چېقىشىپ كەتتۇق ، مەن كىنو ساھەسىدىكى سېنارىست ،رېژىسسۇر، ئوپېرتور ، ئارتىس ۋە كەسپىي خادىملارنى گېزىت - ژۇناللاردا داۋاملىق تونۇشتۇرۇپ تۇراتتىم ، شۇ قاتاردا ئۆزۈمدە ئالاھىدە ھۆرمەت تۇيغۇسى قوزغىغان ، ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنى مەملىكەت ئىچى سىرتىغا تونۇشتۇرۇشتا « كۆۋرۈك » لۈك رولىنى ئوينىغان  ئابدۇراخمان ئاكىنىمۇ تونۇشتۇرغان ئىدىم ، مەن ئۇنىڭ كۆپكە ماھىر ئارتىسلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن ئاپىرىن ئوقۇپ ، ئۇنى نۇرغۇن كىنو چولپانلىرى قاتارىدا «چولپا » دەپ ئاتايتتىم ، بۇنداق چاغلاردا ئۇبىر تەرەپتىن خۇشال بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن « مېنىڭ خېلى ئۇزۇن ۋاقتىم بىھۇدە ئۆتۈپ كەتتى ، ئىمكانىيەت بولسىلا مەن ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگىچە ئېكراندىن ئايرىلمايمەن ، مەن تېخى سەن دېگەن  نامغا مۇناسىپ ئەمەسمەن» دەپ ئۇزىنىڭ  كەمتەرلىكىنى ھەمدە خىجىللىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرەتتى.
   قۇلاق تۈۋىمدە ئۇنىڭ « ئانارخان » فىلىمىدىكى ناخشىلىرى جارڭلاشقا  باشلىدى:
                                               ئاسماندىكى  بوز  تورغاي،
                                               قېشىمىغا كېلىپ سايرا .                       
                                               ئەركىن ، شاد مېنىڭ قەلبىم ،
                                               تورغايدەك ئەركىن  يايرا .

                                                راۋابىم جاراڭلايدۇ ،
                                                تارىسى ئالتۇنمىكىن.
                                                تويىمىز قىزىپ كەتتى،
                                                قەلبىمىزدە يالقۇنمىكىن.
   ئەنە! «قۇربان ئاكا » پايانسىز كەتكەن سۇۋادان تېرەكلىك يولدا كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان راۋابىنى چېلىپ ، ياڭراق ئاۋازدا مەردانە  ھالدا ناخشا توۋلاپ ماڭماقتا .  .   .
   _  سەپراس! _ مەسچىت ئىمامىنىڭ مېيت نامىزىغا  چاقىرغان ئاۋازى مېنى ئېسىمگە كەلتۈردى. مېيىت نامىزىغا قاتناشقۇچىلار سېپى مەسچىت ئايۋىنىدىن ئېشىپ ، كوچىغىچە سوزۇلغانىدى. ناماز ئاخىرلىشىپ ، ھەيۋەتلىك  مېيىت ئۇزىتىش قوشۇنى گۈلساي قەبرىستانلىقىغا قاراپ يول ئالدى ، چوڭ - كىچىك ماشىنىلارنىڭ ئايىغى كۆرۈنمەيتتى . زۇمچەك - زۇمچەك قەبرىلەر بىلەن تولغان قەبرىستانلىقتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى، مەشھۇر كىنو سەنئەتكار  ئابدۇراخمان ئاكىنىڭ جەسىتى يەرلىككە قويۇلدى .مەرھۇمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ نالىلىك يىغىسى قەبرىستانلىقنىڭ بىپايان ئاسمىنىدا ئەكىس سادا پەيدا قىلماقتا . مىڭلىغان كىشىلەر قەبرە بېشىدا ئۈنسىز ياش تۆكۈپ ، مەرھۇم بىلەن بىلەن ئەڭ ئاخىرى قېتىم ۋىدالاشماقىتا . بۇ رەھىمسىز رېئاللىققا  چىنپۈتمەي سەۋر قىلماي مۇمكىنمۇ؟ شۇنداق قىلىپ ، ئابدۇراخمان ئاكا خۇددى ئاقار يۇلتۇز سامادىن ئېقىپ چۈشكەندەكلا بىزدىن تۇيۇقسىز ئايرىلدى، مەڭگۈگە ئايرىلدى . قەبرە بېشىدا ئۈن - تىنسىز يۈكۈنۈپ ئولتۇرىمەن،قايغۇ ئىلكىدە مەرھۇمنىڭ ھاياتى ، ئۇنتۇلغۇسىز ئېكران كۆرۈنۈشلىرى خۇددى ئۇ رول ئالغان كىنولارنىڭ كارتىنىلىرىدەك كۆز  ئالدىمدىن بىر - بىرلەپ  ئۆتۈشكە باشلىدى .  .  .  
    ئابدۇراخمان  ھاۋاز 1936 - 6 - ئاينىڭ 11 -كۈنى چۆچەك ناھىيىسىنىڭ سەنگۇڭ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . 1945 - يىلدىن 1952 - يىلىغىچە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى چۆچەكتە ئوقۇغان. 1952 يىلدىن  1956 - يىلىغىچە چۆچەك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىلمىي باشقارمىسىدا ئىشلەپ، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتىنى مەخسۇس تۇتقان.
   كىشى بالىلق، بولۇپمۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىگە قويغاندا  نۇرغۇن ئارزۇ - ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ ۋە شۇ ئارزۇسىغا يېتىش يولىدا ئۈزلۈكسىز تىرىشىدۇ. ئەينى يىللادا مەشھۇر ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مۇھىم بازىلىرىدىن بىر بولغان چۆچەك شەھىرى ئىچىدە مىللىي ئارمىيىنىڭ  تەشۋىقات ئەترىتى ، سەنئەت ئۆمەكلىرى دائىم دېگۈدەك ئويۇن قويۇپ تۇراتتى، بۇ گۆدەك ئابدۇراخمان  قەلبىدە سەنئەت بىخلىرىنىڭ  يېتىلىشىگە  مەلۇم تۈرتكە بولغانىدى.  ئابدۇراخمان  ھاۋاز  بالىلىق دەۋرىدىن  باشلاپلا سەنئەتكە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلاپ ،  ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش  سورۇنلىرىغا بېرىپ تۇردى. ئۇ  ھەر خىل چالغۇلاردىن چىققان رىتىملىق ، جاراڭلىق ،شوخ كۈيلەرنى قىزىقىپ ئاڭلايتتى ، زېھىن قويۇپ ئانالىز قىلاتتى . ئۇ ئۆز مەھەللىسىدىكى، ئۆز سىنپىدىكى ئۆسمۈرلەر بىلەن بۈك - باراقسانىلىق تاللىقلاردا ،باغچىدا دائىم كۆڭۈل ئېچىپ سورۇنى تۈزەتتى . ئەنە شۇ چاغلاردىن باشلاپلا ئۇ  دوخراتكا، بايان قاتارلىق سازلارنى چېلىشقا زور ئىشتىياق باغلاپ ،ئۇزۇنغا قالماي ئۇلارنىڭ پۇختا ۋە كامالەتكە يەتكۈزۈپ چالالايدىغان بولدى . تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ چۆچەك ناھىيىسى ئۇيغۇر ، قازاق ،تاتار ،رۇس ، داغۇر ،خەنزۇ قاتارلىق كۆپ  مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ناھىيە بولغاچقا ، بۇ مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات - سەنئىتىمۇ  ئابدۇراخماننىڭ سەنئەت   ھاياتىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى .
   ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر سەنئەت كەسپى بىلەن قېلىشى ناھايىتى تاسادىپىي بولدى . 1956 - يىلى ئىلى ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئارمىيە -خەلق  ئىشتىن سىرتقى سەنئەت كۆرىكىدە ئۇ ئاجايىپ ماھارىت بىلەن ئويىنغان « ئادنوچكا » سورۇندىكى تاماشبىنلارنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرۇپ ،قىزغىن ئالقىشلارندى. ئۇنىڭ بۇ ماھارىتى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 5 - كورپۇسىدىكى ئالاقىدار رە ھبەرلىكنىڭ دىققىتىنى  جەلپ قىلدى . شۇنىڭ بىلەن  ئابدۇراخمان ھاۋاز خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ دەسلىپىدە 5 - كورپۇس سەنئەت ئۆمىكىدە ، كېيىن ئۇزۇن مۇددەت شىنجاڭ  ھەربىي رايون سىياسىي بۆلۈمى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئۇسسۇل ئەترىتىدە سە ھنە سەنئىتى ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلىدى ، بۇ مەزگىلىدە ئاپئاق قار - مۇزلار بىلەن قاپلانغان تەڭرىتاغ ،ئالتاي تېغى  ،پامىر ئېگىزلىكىدە ، ھەرقايسى چېگرا مۇداپىئە پونكىتلىرىدا  مەخمەلدەك ياپيېشىل يايلاقلاردا ، بۈك - باراقسان  قارىغايزارلىقلاردا ، ئەمگەك ناخشىلىرى ياڭراپ تۇرغان ئېتىز - دالىلاردا ،زاۋۇتلاردا، نېفىت بۇرغىلاش سۇپىلىردا ئۇنىڭ ئاياغ ئىزلىرى ،ياڭراق ئاۋازلىرى،كۆلەڭگىلىرى قالدى .
   1961 - يىلى تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى ( سابىق شىنجاڭ  كىنو ستۇدىيىسى ) بىلەن بېيجىڭ  كىنو ستۇدىيىسى بىرلىشىپ « ئانارخان » ناملىق كىنو سېناىيىسىنى  ھېكايە قىلىم قىلىپ ئىشلەش تەييارلىقىنى  باشلىۋېتىدۇ. ئۇلار ھەرقايسى ئىدارە ،جەمئىيەتلەردىن ئارتىس تاللاشقا كىرىشىدۇ.  بېيجىڭ  كىنو ستۇدىيىسىنىڭ رېژىسسورى لى ئىنجيې «ئانارخان » فىلىمنىڭ باش رېژىسسورى ئىدى. ئۇ نۇرغۇن كىشلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ  تاللاپ باققان بولسىمۇ ،كۆڭۈلدىكىدەك ئارتىس تاپالمايدۇ. بۇ چاغدا  ئابدۇخمان ھاۋاز  ھەربىي رايون سەنئەت ئۆمىكىدىكى  ئارتىسلار  بىلەن سىرتقا  ئويۇن قويۇۋاتاتتى .بۇ ئۆمەك سىرتتىن قايتىپ كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسىلا رېژىسسورى  لى ئىنجيې ھەربىي رايون سەنئەت ئۆمىكى  تۇرۇشلۇق  جايغا كېلىپ ئارتىسلارنى بىر - بىرلەپ كۆرۈپ چىقىدۇ - دە ئابدۇراخماننىڭ يېنىغا كېلىپ توختايدۇ .  رېژىسسورى ئۇنىڭدىن  كىنو توغرسىدا  بەزى نەرسىلەرنى سوراپ ، ھەرىكەت  ئىشلىتىپ باقىدۇ - دە ئۇنى بوي -تۇرقى ،مېجەز - خاراكتېرى جەھەتتە بۇ  فىلىمدىكى ئاق كۆڭۈل ، نامرات ، ئىشچان يىگىت قۇربان ئوبراز ىغا ماس كېلىدىغان بىردىنبىر ئارتىس دەپ بېكىتىدۇ . بۇ چاغدا ئابدۇراخمان  ھاۋاز ئەمدىلا 24 ياشقا كىرگەن بولۇپ ،فىلىمدىكى قۇرباندەكلا شوخ ،روھلۇق ،جۇشقۇن بىر يىگىت ئىدى.
   « ئانارخان » فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىش  گۇرۇپپىسى قەشقەرگە فىلم ئىشلەش ئۈچۈن بارىدۇ.  رېژىسسور ئابدۇراخماننى بىر ھەپتە تۇرمۇش ئۆگىنىشكە ،جەمئىيەت كۈزىتىشكە ئاجرىتىدۇ.
ئابدۇراخمان بۇ فىلىمدىكى يىللىقچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان يېتىم ،نامرات ،ئاق كۆڭۈل قۇرباننىڭ ئىچكى  دۇنياسىنى ،خاراكتېرىنى ياخشى يارىتىش ئۈچۈن مەھەللە ،كوچىلارنى ئارىلايدۇ، چاكارنىڭ پىسىخىكىسىنى  ئىگىلەش ئۈچۈن نۇرغۇن كىشلەر بىلەن مۇڭدىشىدۇ.ئۆز زامانىسىدىكى چاكار بولغانلار بىلەن كېچە - كېچىلەپ سىردىشىپ چىقىدۇ. ئۇ ئىلگىرى كىنو بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان بولسىمۇ ،شۇ قېتىم « ئانارخان» فىلىمىدە قۇربان ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ ، بىرقلا شۆھرات قازىنىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھەممىلا كىشى يېقىنچىلىق بىلەن ئۇنى « قۇربان » دەپ چاقىرىشىدىغان بولىدۇ.
   كېيىن ئۇ يەنە ئالىي مەكتەپنىڭ مال دوختۇرلۇق كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، يايلاقتا يىلتىز تارتىپ ئىشلەۋاتقان ياش زىيالىيلانىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن « يايلاقتىكى بۈركۈت » فىلىمدە باش قەھرىمان قادىرنىڭ ، 1965 - يىلى دېھقانلارنىڭ قۇم - بوران  ئاپىىتىگە قارشى تۇرۇپ ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ ، كوللېكتىپ بېيىش يولىغا ماڭغانلىقى تەسۋىرلەنگەن  ھېكايە فىلىم « قۇملۇقتىكى يېشىل دولقۇن » دا ئەر باش قەھرىمان خالىقنىڭ  رولىنى ئېلىپ ھەرمللەت تاماشىبىنلىرى ئەڭ ياقتۇردىغان ئارتىسلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئۇ باش رول ئالغان   «قۇملۇقتىكى يېشىل دولقۇن » فىلىمى 1965 -يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى تەبرىكلەش  مەزگىلىدە خې لۇڭ مۇئاۋىن زۇڭلى باشچىلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى تەرىپىدىن سوۋغات سۈپىتىدە شىنجاڭغا ئېلىپ كېلىنىپ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ  زاۋۇت ، كان- كارخانا ، شەھەر - يېزا ، چارۋىچىلىق  رايونلىرىدا كەڭ دائىرىدە قويۇلدى. ئۇيغۇر تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن يۇقىرىقى ئۈچ فىلىمدى ئايرىم - ئايرىم  ھالدا چاكار ، ياش زىيالىي ، كوپىراتسىيە باشلىقى قاتارلىق بىر -بىرگە  ئۇخشىمايدىغان ئۈچ ئىجابىي  قەھرىماننىڭ ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ،ئەينى يىللادا شىنجاڭ كىنو ئېكرانىدا  ئەڭ كۆپ رول ئالغان مۇنەۋەر كىنو ئارتىسلىرىدىن  بولۇپ قالدى ،شۇ يىللادا ئۇ مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى گېزىت - ژۇرناللىرىدا كەڭ كۆلەمدە تونۇشتۇرۇپ ، ئۇنىڭ رول ئېلىش  ماھارىتىگە يۇقىرى باھا بېرلگەن ماقالە ،ئوبرازلار كۆپلەپ بېسىلدى .
   تارىختا مىسلى كۆرۈكمىگەن ئاپەتلىك يىللاردا  ئابدۇراخمان ھاۋاز گەرچە  ھەربىي قىسىمدا ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ ، بىر قىسىم كىشلەر . ئۇنىڭغا يەنىلا غەيرىي مۇئامىلدە بولدى ،ئۇنى « چەت ئەل بىلەن باغلىنىشى بار » ، «يۈرىكى بىزدە ئەمەس »، « ئىشەنگىلى بولمايدۇ» دەپ قارىلىدى ،ئۇنىڭغا ئازار بەردى ، ئەنە شۇ سەۋەبلەر ئۇنىڭ ھەربىي قىسىمدىن ۋاقىتسىز ،بۇرۇن ئايرىلىشغا سەۋەب بولدى .ئۇ 1970 - يىلى شىنجاڭ  ھەربىي رايونى سەنئەت ئۆمىكىدىن ئايرىلىپ كەسىپ ئالماشتۇرۇپ 1979 - يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پوچتا - تېلېگراف ئىدارىسىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدا  ،جوجىلىق بۆلۈمىدە ئىشلىدى. 1979 - يىلى  تەڭرىتاغ كىنو ستودىيسىنىڭ ھېكايە فىلىم ئىشلەش خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن كىنو ستودىيسىگە ئالمىشىپ كېلىپ ،بۇ ستۇدىيە مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن  تۇنخى ئىشلىگەن،رەڭلىك ھېكايە فىلىم« يول باشلىغۇچى »ھىندى چاكىرى رولىنى ئالدى . بۇ فىلىم 1980 - مەدەنىيەت مىنستىرلىكى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر فىلم مۇكاپاتىغا نائىل بولدى .
   1980 - يىلى تەڭرىتاغ كىنو ستودىيسى «غىرىپ - سەنەم» فىلىمىنى ئىشلىگەندە ،ئۇ بۇ فىلىمنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندىن سىرىت ، قاسىم ۋەزىر رولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك
ئۇرۇندىدىن . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ « قىز قەبرىسى » فىلىمىدە مۇخان ھاكىم ، « چېگرا يېزىدىكى مۇھەببەت » فىلىمدە  مۇسا ھاكىم ، « ئالتۇن قازغۇچىلار پىرى » فىلىمدە خەمىت تاغا ،شياڭگاڭلىق مەشھۇر رېژىسسور شۈي شياۋمىڭ 1986 - يىلى ئىشلىگەن ھېكايە فىلىم « ئېزىتقۇ»دا يېزا باشلىقى ،  تەڭرىتاغ كىنو ستودىيسى ئىشلىگەن ھېكايە فىلىم « كېچىك مېھمان » دا  ھۇشۇر بوۋاي ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېۋزىيە ئىستانىسى ئىشلىگەن تېلېۋزىيە تىياتىرى «كومېدلىك ئارتىس » دا كومېدىك ئارتىس ئېلاخون،ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېۋزىيە ئىستانىسى ئىشلىگەن بىر قىسىملىق تېلېۋزىيە تىياتىرى « غەربىي دىيار روھى »دا ساپال ساتقۇچى بوۋاي، تەڭرىتاغ كىنو ستودىيسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق سۇغۇرتا شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلىگەن  ئۈچ قىسىملىق تېلېۋزىيە تىياتىرى « 2 - كۈز »دە بېيىغان پېشقەدەم دېھقان قاتارلىق ئوخشاشمىغان پېرسونالاژلار رولىنى ئالغاندىن سىرت ، يەنە « قىز قەبرىسى» قاتارلىق ھېكايە فىلىملەرنىڭ ۋە «تىمتاس گۇگۇم »نامىلىق تېلېۋزىيە تىياتىرىنىڭ فىلىم مۇدىرلىقىنى ئۆتىدى .
   ئابدۇراخمان  ھاۋاز 1980 - يىلى سىچۈەندە نەشر قىلىغان چوڭ ھەجىملىك « كىنو قۇللانمىسى» دېگەن كىتابتا نەچچە يۈزلىگەن كىنو  سەنئەتكارى  قاتارىدا شىنجاڭدىكى بىردىنىبر كىنو سەنئەتكارى  بولۇپ تونۇشتۇرۇلدى . ئۇنىڭدىن سىرت يەنە « شىنجاڭ رەسىملىك ژۇرنىلى »، « شىنجاڭ گېزىتى» ،  « تەڭرىتاغ ئېكرانى»، ژۇرنىلى،« ئاسىيا كىندىكى گېزىتى »، « ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى » ۋە رادىئودا ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتى تونۇشتۇرۇلدى.
   _ ئە  ئۇزۇ   بىللاھى .  .   .  
   جاراڭلىق، ئەمما مۇڭلۇق خەتمە قۇرئان ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئېسىمگە كەلدىم. پۈتۈن  قەبرىستانلىق شۇ تاپتا شۈكۈتكە چۆمگەن بولۇپ،پەقەت  قىرائەت قىلغۇچىنىڭ ئاۋازىلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى
   _ ئامىن! - بارلىق جامائەت دۇئاغا قول كۆتۈردى . دۇئادىن كېيىن ھەممەيلەن ئۇرۇنلىرىدىن تۇرۇشقىنىدا ،يېقىن ئەتراپتىكى  قەبرىلەر ئۈستىگە چېچىلغان بۇغداي ،قوناقلارنى دانلاۋاتقان كەپتەرلەر چۆچۈشۈپ ،قانات قېقىشىپ ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى .   .   .
   ئابدۇراخمان  ھاۋاز خەلققە ،پارتىيىگە ۋەتەنگە 42 يىل سەمىمىيى ساداقەت بىلەن ئىشىلگەن بولۇپ ، پارتىيىنى، خەلقنى ، ئۆزى تۇغۇلغان ئانا تۇپراقنى قىزغىن سۆيەتتى . ساپ دىل ،پاك - دىيانەتلىك ،ئاق - كۆڭۈل ،كىچىك پېئىل ،چېقىشقاق،خۇش چاقچاق ئىدى. بىر ئۆمۈر ھاياتىنى بېغىشلىغان سەنئەتنى  كىنو كەسپىنى تولىمۇ قەدىرلەيتتى ، سۆيەتتى ، خىزمەتتە دادىل ،مەسئۇلىيەتچان ، تۇرمۇشتا ئاددىي -  سادا،  كەمتەر بولۇپ كىبىرنى بىلمەيتتى . ئابدۇراخمان ھاۋازنىڭ ئېكراندا  ئالغان روللىرىنىڭ كۆپىنچىسى سەمىمىي ،ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ئوبرازى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ شۇنداق كىشى ئىدى . ئۇ تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك خىزمىتىنى بەجانىدىل ئىشلەپ ، ستۇدىيە ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى جالاندۇرۇش يولىدا جاپالىق ئەجىرسڭدۈرۈپ ، ئاكىتىپ تەشكىلاتچى ، دادىل باشلامچى ،كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدە ماھىر ئارتىس بولۇپ ھەممىگە ئۈلگە ياراتقانىدى.
   ئەمدىلىكتە ،ئۇنىڭ دائىم كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان چىراي يولداشلار قەلبىدە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قەلبىدە مەڭگۈلۈك ئەسلىمە ،ئۇ رول ئالغان كىنو - تېلېۋزىيە فىلىملىرى ئەبەدىي ئۆچمەس يادنامە سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالدى .
   ئابدۇراخمان ھاۋازنىڭ ۋاقىتسىز ئېلىمىز ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كىنو ئىشلىرى ئۈچۈن چوڭ  بىر يوقىتىش . ئۇنىڭ خۇشخۇي سىماسى ، ئېكران ئوبرازى ھەرمىللەت  خەلىقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ يادىلىنىدۇ،  تۆ ھپىسى  مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ .

manba   bilqut tori

ھاياتتا ئىككى يول بار: بىرى، تەن ئۈچۈن ياشاش؛ يەنە بىرى، روھ ئۈچۈن ياشاش. ئەگەر، تەن ئۈچۈن ياشىسا، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تەن شادلىقى تولىمۇ ئاجىز-زەئىپ كېلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ ئاجىزلاپ بارىدۇ، ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەكسىچە، مۇبادا، روھ-م

ئەركىنلىككە تەل

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 160
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6823
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 628 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2011-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-26 01:59:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
مىللىتىمغا .شۇنداقلا دىنىمغا قۇرۇق شۇئار توۋلاپ ئېغىزىدا شەھەر .ئالىدىغانلار كېرەك ئەمەس ئۇلار. دىنغا .مىللەتكە يۇك خالاس كەمىنە ؛ئۈمۈدگۇلىدىن ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن !

دوستۇم ئېسڭىزدە

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 742
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24400
تۆھپە نۇمۇرى: 294
توردا: 322 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-26 01:59:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىزمەتتە دادىل ،مەسئۇلىيەتچان ، تۇرمۇشتا ئاددىي -  سادا،  كەمتەر بولۇپ كىبىرنى بىلمەيتتى .
بۇتەرىپلەشلەرگە قارىغاندا بۇئادەم خېلى ..

دوستۇم ئېسڭىزدە بولسۇن ، سز رىئاللىق دۇنياسىدا ......

ياخشىلىق قىل قول

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 4555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1574673
تۆھپە نۇمۇرى: 33044
توردا: 12094 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-26 02:23:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل كىشىتى بۇ...

↓ ←★ئەزىز قېرىندىشىم،سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماڭ دەپتىكەن. ‹‹مىسرانىم››دا كۆرۈنگەن خەنزۇچە(ئىنگلىزچە)خەتلىك ئېلانلارنى كۈندە بىر قېتىم چىكىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى! ئەلدىن ئەلگە نەپ! بۇ بىزنىڭ‹‹مىسرانىم››نى قوللىغانلىقىمىزنىڭ كىچىككىنە ئىپادىسى...

بارچۇق گۈلى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 223
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6570
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 1341 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-26 02:25:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئانارخان فىلىمىدە كۆرۈپتىكەنمەن بۇ ئادەمنى....ئۇلارنىڭ نىكاھلانغان ۋاختى ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدۇ....تېخىمۇ بەك تونۇ ۋالدىم....

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 118
يازما سانى: 3290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25495
تۆھپە نۇمۇرى: 2116
توردا: 1437 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-26 03:02:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەجەپ تونيالمىدمغۇ بۇ چولپانىمىزنى .... [s:13]  [s:13]  [s:13]

دىلنىڭ سىر دىشى -

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 183
يازما سانى: 1650
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9974
تۆھپە نۇمۇرى: 313
توردا: 955 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-26 03:13:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇرۇن زاكاس قىلىپ قويدۇم ھە

مەن يىقلىپ كەتتىم ،بۇرنۇمدىن قان ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىۋاتىدۇ ،لىكىن ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم ،قان توختايدىغاندەك ئەمەس ،مەن يەنىلا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۋاتىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7537
تۆھپە نۇمۇرى: 294
توردا: 284 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-26 03:15:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  yahxilik كە 2010-05-26 02:23 PMئەۋەتىلدى  :
ئىسىل كىشىتى بۇ...
بوۋاي تۇنۇيدىكەنسىزدە...  بىراق مەن پەقەت تۇنىيالمىدىم .  [s:13]

ھامىنى بىر ئۆلۈم

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 346
يازما سانى: 1322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10377
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 442 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2012-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-26 05:01:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ۋاقىتسىز ئۆچكەن كىنو چولپىنى _ ئابدۇراخمان

كىم بولغىيتى بۇ ئىسىل كىشى....؟
ھەي دىدارلىشالماپتىمەن.ئاللا ئىگەم ياتقان يىرىنى......قىلغاي!@!

ئەگەر قاخشاپ دۇنيانى ئۆزگەرتكىلى بولسا بىر ئۆمۈر قاخشاپ چىقاتتىم!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 828
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5667
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2010-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-26 05:11:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:9]  [s:9]  [s:9]  [s:9]  [s:9]  [s:9]

تەنھا  گۈل
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش