نەشىرگە تەييارلىغۇچى : پەلسەپە دوكتورى ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ( تاشقىن )
ئارستوتېلنىڭ << ئاسمان ھەققىدە >> دىكى كىتابىغا دائىر برونىنىڭ ئون سوئالى ۋە ئۇنىڭغا ئىبىن سىنانىڭ ﺟﺎﯞﺍﺑﻰ
ئىبىن سىنا ئېيتتى : بۇ ، ئەبۇ رەيھان مۇھەممەت ئىبىن ئەخمەت برونىنىڭ خارەزمدىن ماڭا ئەۋەتكەن مەسىلىلىرىنىڭ جاۋابى ھەققىدە يېزىلغان رىسالەمدۇر . خۇدا سېنى مەقسىتىڭگە يېتىش بىلەن خۇشال قىلسۇن ، ھەممە ئارزۇ - ئارمانلىرىڭنى راۋا قىلسۇن ، ئىككى دۇنيا سائادەتنى ساڭا نېسىپ قىلسۇن ، كېچە ۋە كۈندۈزدە ھەممە يامان كۆرگەن نەرسەڭنى سەندىن قايتۇرسۇن ، ھەمىشە سېنى سالامەت قىلسۇن . بىر نەچچە مەسىلىلەرنى سوراپسەن ، بۇ مەسىلىلەرنىڭ بەزىسى ئارستوتېلغا قارشى ئېيتىلغاندۇر . ئۇ كىشى << ئاسمان ۋە ئالەم >> دېگەن ئەسىرىدە شۇ مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلىگەن ئىدى . بۇلاردىن بەزىسى ئۆزۈڭگە قىيىن بىلىنگەن مەسىلىلەردۇر . ئەمدى سوئاللىرىڭغا جاۋاب بېرىمەن ، مەسىلىلەرنى قىسقا بايان قىلىشقا تىرىشىمەن . چۈنكى ، توغرا كېلىپ قالغان بەزى مەشغۇلاتلار ھەر بىر مەسىلىنىڭ جاۋابىدا سۆزنى كېڭەيتىشكە ئىمكانىيەت بەرمىدى . ئەگەر مەن پاكىخ مەسۇمى ساڭا يېزىلىدىغان نەرسە ھەققىدە سېنىڭ ھوزۇرۇڭدا سۆزلەيدىغانلىقىمنى كۆزدە تۇتقىنىمدا ، رىسالىنى ئەۋەتىش شۇ ۋاقىتقا قەدەر كېچىكمىگەن بولاتتى . مەرھەمەت قىلىپ ھەر بىر سورىغانلىرىڭنى شۇ رىسالىدە يازىمەن ، كېيىن ھەر بىرىگە قىسقىچە جاۋاب بېرىمەن .
برونىنىڭ بىرىنچى سوئالى
<< نېمە ئۈچۈن ئارستوتېل پەلەكنىڭ ( ئاسماننىڭ ) مەركىزىدىن ياكى مەركەزگە ھەرىكىتى يوقلۇقىنى سەۋەب قىلىپ ، ئۇنىڭ يېنىكلىكى ۋە ئېغىرلىقى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدى ؟ >> دەپ سوراپسەن . بىز ئەلۋەتتە ئىجابىي بولمىسا ھەم تەخمىن قىلىمىزكى ، پەلەك جىسىملارنىڭ ئەڭ ئېغىرلىرىنىڭ بىرىدۇر . بۇنداق ئويلاش پەلەكنىڭ مەركەز تەرەپكە ھەرىكەت قىلىشىنى ئىسپاتلىمايدۇ . پەلەك ( ئاسمان ) پارچىلىرى بىر - بىرىگە ئوخشاشتۇر . ئەگەر پەلەك پارچىلىرىنىڭ ھەر بىرى مەركەز تەرەپكە تەبىئىي ھەرىكەت قىلسا ، كېيىن بۇ پارچىلار بىر - بىرى بىلەن تۇتاشسا ، بۇ ھال ئاسمان ( پەلەك )نىڭ مەركەز ئەتراپىدا تۇرۇشىدىن باشقا بىر نەرسىنى لازىم كۆرمەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاسمان ( پەلەك )نى جىسىملارنىڭ ئەڭ يەڭگىلى دەپ ئويلايمىز . بۇ ئويلاش ئاسماننىڭ ھەرىكىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ . لېكىن ، ئاسماننىڭ مەركەز بىلەن بىرلىشىشىدىن ياكى ئاجرىلىشىدىن ئۇنىڭ تاشقىرىسىدا ھاسىل بولغان بوشلۇق ئۇنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ . ئەگەر ئارستوتېلنىڭ پىكرىچە ، ئاسماننىڭ تاشقىرىسىدا بوشلۇقنىڭ يوقلۇقى ئېنىق ۋە توغرا بولغان بولسا ۋە بىز ئاسماننى ئوت كەبى گۈزەل بىباھا نەرسە دەپ پەرەز قىلساق ، ، ئۇ گويا چېگرىلانغان بىر گۇرۇپپا نەرسىدۇر . ئەمما ئاسماننىڭ ئايلانما ھەرىكىتى تەبىئىي ھەرىكەت بولماسلىقى مۇمكىن . ئاسماننىڭ بۇ ئايلانما ھەرىكىتى سەييارىلەرنىڭ شەرق تەرەپكە بولغان تەبىئىي ھەرىكەتلىرىگە ۋە غەرب تەرەپكە بولىدىغان كېچە - كۈندۈزلۈك ئارازى ھەرىكەتلىرىگە ئوخشايدۇ . ئەگەر << ئاسماننىڭ ئايلانما ھەرىكىتى ئارازى ئەمەس ، چۈنكى ئايلانما ھەرىكەتلەردە بىر - بىرىگە زىتلىقلار ۋە ئۇ ھەرىكەتلەرنىڭ بۆلۈنۈشلىرىدە كېلىشمەسلىك يوق >> دېيىلسە ، شۇ سۆزگە لازىم كېلىدىغان نەرسىلەر ئارىسىدا بۇيۇمچىلىق سەپسەتە زاھىر ( پەيدا ) بولىدۇ . چۈنكى بىر نەرسىنىڭ ئۆزىدە بىرى شەرق تەرەپكە ، بىرى غەرب تەرەپكە بولغان ئىككى تەبىئىي ھەرىكەتنى ئويلاش مۇمكىن ئەمەس . بۇ بولسا مەنىدە ماس بولۇپ ، لەۋزىدە ( سۆزىدە ) ئايرىملىق بولىدۇ . چۈنكى غەربكە بولغان ھەرىكەت شەرققە بولغان ھەرىكەتنىڭ قارىشىسى دەپ ئېيتىلمايدۇ . بۇ قايىل ۋە ئېتىراپ قىلىنغان بولۇپ ، لەۋزىلەردە ( سۆزدە ) تالاشقاندا مەنىلەرگە قارايمىز .
ئىبىن سىنانىڭ جاۋابى
ئاسماننىڭ يەڭگىل ھەم ئېغىر ئەمەسلىكىنى ئۆز سۆزلىرىڭدە ئىسپات قىلىپ مەن ئۈچۈن كۆپ مۇشەققەت چېكىپسەن ؛ ئۆز سۆزلىرىڭدە ئاسماننىڭ يا يۇقىرىسىغا ، يا قايسى تەرەپكە ھەرىكەت قىلىشى ئۈچۈن ئورۇن يوقلۇقىنى ئىقرار قىلىپسەن . بۇنىڭغا ئاسمان جىسىملىرىنىڭ بىر - بىرى بىلەن ئالماشقانلىقىنى دەلىل قىلىپسەن . مەن ھەم پەلەك ( ئاسمان )نىڭ پەس تەرەپكە ھەرىكەت قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ، پەستە پەلەكنىڭ كۆچۈپ بېرىشى ئۈچۈن تەبىئىي ئورۇن يوق دەيمەن . ئەگەر بىر ئېغىزدىن ئاسمان ( پەلەك )دا شۇنداق ھەرىكەتنىڭ بارلىقى قىيامەتكە قەدەر پەرەز قىلىنسا ، ھەم مەن يوق دەيمەن . چۈنكى << ئاسمان ( پەلەك ) تۆۋەن تەرەپكە ھەرىكەت قىلىدۇ >> دېيىش ئالەمدىكى ھەممە ئېلېمېنتلار ئۆز تەبىئىي ئورۇنلىرىدىن كۆچۈپ يۈرىدۇ دېگەننى ئىسپات قىلىدۇ . بۇنداق كۆچۈپ يۈرۈشنى تەبىئەت ئالىمىدە ھەم مۇمكىن دېيىش خاتالىقتۇر . بۇ بولسا ئاسماننىڭ كۆچۈشى ئۈچۈن بوشلۇق بار ئىكەنلىكىنى ئىسپات قىلىدۇ . ھالبۇكى ، تەبىئەت ئالىمىدە بوغلۇق يوقتۇر . شۇنداق بولغاچ ، ئاسماننىڭ كۆچۈپ بېرىشى ئۈچۈن تەبىئىي بىر ئورۇن يوقتۇر ۋە يەنە يۇقىرىدا ھەقىقىي ۋە خىيالىي بولسۇن ھەرىكەتكە ئورۇن يوقتۇر . چۈنكى بۇ ھەرىكەت ھەم بىر ئېيتقاندەك ئىلاجىسىز يامانلىقلارغا ، يەنى ھەممە ئېلېمېنتلارنىڭ ئۆز تەبىئىي ئورۇنلىرىدىن كۆچمەكلىرىگە ياكى بوشلۇقنىڭ بارلىقىغا ئېلىپ بارىدۇ . ھالبۇكى ، يا پېيىل بىلەن ، يا ۋەھىم ۋە ئىمكان بىلەن ئىسپات قىلىنىشى مۇمكىن بولمىغان نەرسىدىن كۆرە بۇزۇقراق بىر نەرسە يوقتۇر . شۇنداق بولغاچ ، يا پەسكە ، يا يۇقىرىغا بېرىش ئۈچۈن جاينىڭ يوقلۇقى مېنى قايىل قىلىدۇ .
ھەر بىر تەبىئىي جىسىمنىڭ تەبىئىي ئورنى باردۇر . شۇ مۇقەددىمە ( سۆز بېشى )گە << پەلەك جىسىمدۇر >> دەپ كىچىك مۇقەددىمىنى قوشساق ( مەن تېخى ئىستىلاھلار بىلەن ) ، بىرىنچى شەكىلنىڭ بىرىنچى خىلىدا << پەلەكنىڭ تەبىئىي ئورنى بار >> دېگەن نەتىجە چىقىدۇ . بۇ نەتىجىنى بەزى قىياسىغا كۆچۈرۈپ << پەلەكنىڭ تەبىئىي ئورنى يا يۇقىرىدا ، يا تۆۋەندە ۋە ياكى ئۆزىنىڭ تۇرغان ئورنىدا >> دەپ ئۇنىڭ يۇقىرى ۋە پەستە بولماسلىقىنى ئارىدىن چىقارساق ، << پەلەكنىڭ تەبىئىي ئورنى تۇرغان يېرىدۇر >> دېگەن نەتىجە چىقىدۇ . ئۆزىنىڭ تەبىئىي ئورنىدا بولغان ھەر بىر نەرسە ھەقىقەتتە يەڭگىل ھەم ئېغىر ئەمەس . پەلەك ( ئاسمان ) ئۆزىنىڭ تەبىئىي ئورنىدىدۇر . نەتىجە : پەلەك ئەسلىدە يەڭگىلمۇ ئەمەس ، ئېغىرمۇ ئەمەس .
ئۆز تەبىئىي ئورنىدا بولغان ھەر بىر نەرسىنى يەڭگىل ھەم ئېغىر ئەمەس دېيىشكە دەلىل شۇكى ، يەڭگىل نەرسە يۇقىرىغا ھەرىكەت قىلىدۇ ، ئۇنىڭ تەبىئىي ئورنى يۇقىرىدىراق بولىدۇ . تەبىئىي ئورنىدا بولغان نەرسىنىڭ يەڭگىل بولۇشى مۇمكىن ئەمەس . چۈنكى مۇمكىن دېيىلگەندە ، يۇقىرىدىكى << يەڭگىل نەرسە يۇقىرىغا ھەرىكەت قىلىدۇ >> دېگەن مۇقەددىمە بىلەن << بىر نەرسە تەبىئىي ئورنىدا بولىدۇ ھەم تەبىئىي ئورنىدا بولمايدۇ >> دېيىش قارىمۇ قارشىلىقتۇر . ئېغىر نەرسىدىمۇ ھۆكۈم شۇنداق بولىدۇ . چۈنكى ئېغىر نەرسە تەبىئەت بويىچە قويۇغا ھەرىكەت قىلىدۇ . ئۇنىڭ تەبىئىي ئورنى تۆۋەنلىكتۇر . تەبىئىي ئورۇننىڭ تۆۋەنلىك ئىكەنلىكىگە سەۋەب شۇكى ، تەبىئىتى بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان ھەر بىر نەرسىنىڭ ھەرىكىتى تەبىئىي ئورنى تەرەپكە بولىدۇ . ئىلگىرىكىگە ئوخشاش بايان قىلىمىزكى ، تەبىئىي ئورنىدا بولغان نەرسە ھەقىقەتەن ئېغىر ئەمەستۇر . ئەمدى ئىككى مۇقەددىمىنىڭ نەتىجىسىنى قوشساق ، << تەبىئىي ئورنىدا بولغان نەرسە ئەسلىدە ھەم ئېغىر ئەمەس ، ھەم يەڭگىل ئەمەس >> دېگەن مەسىلە ئىسپاتلىنىدۇ .
<< پەلەك ئۆزىنىڭ تەبىئىي ئورنىدىدۇر >> دېگەن ئىككىنچى كىچىك مۇقەددىمىنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلاندى . سۆزنىڭ تۈزۈلۈشى شۇ نەتىجىگە كەلتۈردىكى ، بۇ توغرىراقتۇر . يەنى ئاسمان ئەسلىدە ھەم يەڭگىل ، ھەم ئېغىر ئەمەستۇر ھەمدە بىلقۇۋۋەت ۋە بىلىمكان ئاسمان ئېغىر ۋە يەڭگىل ئەمەستۇر . شۇنىڭ ئۈچۈنكى ، بار قۇۋۋەتكە ئاساسەن يەڭگىللىك ۋە ئېغىرلىق ياكى پۈتۈن بولىدۇ . مەسىلەن ، ئېلېمېنتلارنىڭ تەبىئىي ئورۇنلىرىدا بولغان پارچىلىرى ئەمەلىيەتتە يا يەڭگىل ، يا ئېغىر بولمىسىلا ، ئۇلاردا يەڭگىللىك ، ئېغىرلىق ، بىلىمكان باردۇر . چۈنكى ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ھەرىكەت بىلەن تەبىئىي ئورۇنلىرىدىن كۆچۈشلىرى ۋە تەبىئىي ھەرىكەت بىلەن يا يۇقىرىلاپ ، يا پەسلەپ ئۆز ئورۇنلىرىغا قايتىشلىرى مۇمكىن . ياكى كۈچسىز يەڭگىللىك ئېغىرلىق بۆلەكلەردە بولۇپ ، پۈتۈندە بولمايدۇ . مەسىلەن ، ئېلېمېنتلار توپلىمى ، بۇلار ھەم يەڭگىل ئەمەس ، ھەم ئېغىر ئەمەس . چۈنكى ئۇلارنىڭ يېرىمى يۇقىرىلاپ ھەرىكەت قىلسا ، يېرىمى پەس تەرەپكە ھەرىكەت قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ . بۇ ھال شەكىللەرنىڭ يۇمىلاقلىقىغا ۋە باشقا كۆپ سەۋەبلەرگە ئاساسلانغاندۇر . يەڭگىللىك ۋە ئېغىرلىق ئېلېمېنتلارنىڭ قىسىملىرىدىدۇر . ئەگەر ئاسمان كۈچسىز ئېغىر ۋە يەڭگىل بولىدىغان بولسا ، بۇ سۈپەت پۈتۈن ئاسماندا بولىدۇ .
ھالبۇكى ، بىز پۈتۈن ئاسماننىڭ يۇقىرىغا ۋە پەسكە ھەرىكىتى بولماسلىقىنى ئىسپات قىلدۇق . بۇ مەسىلىدە ئۆزۈڭنىڭ بەزى پىكىرلىرىڭگە تاياندۇق . مەسىلە بىزگە پايدىلىق تەرەپكە ھەل بولۇپ ، پەلەك ( ئاسمان ) ھەم پۈتۈنلەي يەڭگىل ھەم پۈتۈنلەي ئېغىر ئەمەس ، دېگەن پىكىر ئىسپاتلاندى .
ئاسمان پارچىلىرى مەلۇم مىقداردا كۈچسىز . ھەم ئېغىر ئەمەس ، ھەم يەڭگىل ئەمەس . چۈنكى يەڭگىل ۋە ئېغىر قىسىملار يېنىكلىكلىرى ، ئېغىرلىقلىرى ئارىسىدا تەبىئىي ئورۇنلىرى تەرەپكە تەبىئىي ھەرىكەت قىلىدۇ . تەبىئىي ئورۇنلىرىغا تەبىئىي ھەرىكەت قىلغۇچى قىسىملار ياكى مەجبۇرىيەت بىلەن تەبىئىي ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىپ ، تەبىئىي ھەرىكەت بىلەن يەنە ئۆز تەبىئىي ئورۇنلىرىغا قايتىدۇ ، ياكى يېڭىدىن پەيدا بولۇپ ، تەبىئىي ئورۇنلىرى تەرەپكە ھەرىكەت قىلىدۇ . مەسىلەن ، ياغدىن پەيدا بولغان ئوت يۇقىرىغا قاراپ ھەرىكەت قىلىدۇ . ئاسمان پارچىسىنىڭ مەجبۇرىي سۈرئەتتە تەبىئىي ئورنىدىن قوزغىلىشى مۇمكىن ئەمەس . چۈنكى بۇ قىسىمنىڭ ھەرىكىتى ئۈچۈن بۇ قىسىم زاتىدىن بولمىغان تاشقى بىر ھەرىكەتكە كەلگۈچى كۈچ لازىمدۇر . بۇ بولسا يا جىسىم بولىدۇ ، يا جىسىم ئەمەستۇر . چۈنكى ، ھۆكۈملەرنىڭ << پائال ئەقىل بىرىنچى سەۋەب >> دەپ ئاتىغان نەرسىلەر مەجبۇرىي ھەرىكەت قىلالمايدۇ . تەبىئەتتە مەجبۇرىي ھەرىكەتنىڭ يوقلۇقى مەلۇمدۇر . ئەمما ئەقىلدە _ بىرىنچى سەۋەبتە مەجبۇرىي ھەرىكەت ئىلمى ئىلاھقا تاپشۇرۇلغاندۇر . ئەمما جىسىمغا تېگىشلىك ئىللەت بولسا ۋە ئۇنى ھەرىكەتكە سېلىش مۇمكىن بولسا ، ئۈستى قۇسسا ( تۇپراق ، ھاۋا ، سۇ ، ئوت ) ، بىرى ياكى ئۇلارنىڭ قوشۇلمىلىرى بولۇشى كېرەك بولىدۇ . چۈنكى بۇ بەشىدىن ، يەنى ئالاھىدە ئالغاندا _ تۆتنى قوشۇپ ئالغاندا ، تۆت جىسىمدىن مۇرەككەپ بولغان بەشىنچى جىسىمدىن باشقا جىسىم يوقتۇر . ھەر بىر ھەرىكەت قىلدۇرغۇچى ياكى تەسىر ئەتكۈچى جىسىم ئەلۋەتتە ھەرىكەت قىلغۇچى ۋە تەسىرلەنگۈچىگە بىۋاسىتە تېگىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن تەسىرلىنىدۇ . بۇنىڭ بايانى << پەيدا بولۇش ۋە يوقىلىش توغرىسىدا >>نىڭ بىرىنچى ماقالىسىدا باردۇر . بىرەر جىسىم ئاسماندىكى بىرەر جىسىمنى ھەرىكەت قىلدۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس . پەقەت شۇ جىسىم يا مەجبۇرىي ھەرىكىتى ، يا تەبىئىي ھەرىكىتى بىلەن ئاسمان پارچىلىرىغا تۇتاشقاندىلا ، ئاندىن ئاسمان پارچىلىرىنى ھەرىكەتكە سېلىشى مۇمكىن . مەجبۇرىي ھەرىكەت پەلەك قىسمىغا يېپىشقان تاشقى بىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچىنىڭ ئىشى بولۇپ ، ئاسماننىڭ مەلۇم تەرەپكە تەبىئىي ھەرىكەت قىلغۇچى بۆلىكىگە بېرىپ چەكلىنىدۇ . بۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى باشقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچىلەرنىڭ بىرىنچى ھەرىكەت قىلدۇرغۇچىسىدۇر . بۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى تەبىئىي بولسا ، ئۇ ئاددىي ئوتتۇر ياكى تەركىبىدە ئوت پارچىسى ئۈستۈن بولغان مۇرەككەپ بىر نەرسىدۇر . ئەمما مۇرەككەپ بولمىغان ئوت ئاسمانغا تەسىر قىلالمايدۇ .
چۈنكى ، جىسىملارنىڭ جىسىملارغا بولغان تەسىرى بىر - بىرىگە تېگىشى بولۇپ ، مۇرەككەپ بولمىغان ئوت ھەر بىر تەرەپتىن ئاسمان ( پەلەك )غا تېگىپ تۇرغىنىدىن تەسىرلىنىدۇ ، ئاسماننىڭ ھېچقانداق پارچىسى بىر - بىرىدىن پەرق قىلمايدۇ . ئاھ تەڭرى ، ئەگەر بۇ قىسىملار ( بۆلەكلەر )نىڭ بەزىسى كۈچسىز بولۇپ ، كۈچسىزلىرى تەسىرلىنىشتە كۈچلۈكرەك بولغاندا ، تەسىرلىنىش پەرقلىق بولىدۇ . جەۋھەرنىڭ كۈچسىزلىكى زاتى جەھەتتىن بولماستىن ، بەلكى بىر تەسىر قىلغۇچىنىڭ سەۋەبىدىندۇر . بۇ چاغدا مەسىلە ئاۋۋالقى ھالىتىگە _ ئاسماننىڭ بىرەر قىسمىنى بىرەر جىسىم ھەرىكەت قىلدۇرالمايدىغانلىقىغا قايتىدۇ . ئەمما ، ئوت غالىپ ( كۈچلۈك ) بولغان مۇرەككەپ جىسىم بولسا ، ئوت ئورنىغا يېتىشكە قەدەر تۇرمايدۇ . چۈنكى ئۇ مۇرەككەپ بولۇپ ، خالىس ئوتقا ئايلىنىپ كېتىدۇ ، مېتورلاردا كۆرگىنىمىزدەك يېنىپ كۆيۈپ تۈگەيدۇ . ئەگەر ئۇ مۇرەككەپ نەرسە خالىس ئوتقا ئايلىنىشىدا سۇسلۇق قىلسا ، ئاسمانغا تېگەلمەيدۇ . چۈنكى بۇنداق مۇرەككەپ ئەھۋالدا ، جىنىس ۋە باشقا ئېغىر بۆلەكلەر ( قىسىملار ) باردۇر . ئاسمان جىسىمى ( ماسسا )غا خالىس ئوتتىن باشقىسىنىڭ تەبىئىي تېگىپ تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس . ئەمما ئۈچ ئېلېمېنت ( تۇپراق ، سۇ ، ھاۋا ) ئورنىغا يېقىنلىشىش ھەم خالىس ئوتقا ، ھەم خالىس ئوت بولمىغانغا مۇمكىندۇر . تەركىبىدە خالىس ئوت بولمىغان نەرسىنىڭ ئۈچ ئېلېمېنت ئورنىغا يېقىنلىشىشى مۇمكىن بولىدۇ . لېكىن تەبىئىي ئاسمانغا تېگىشى مۇمكىن ئەمەس . ئەمما باشقا ئۈستى قۇس ( تۇپراق ، سۇ ، ھاۋا ، شامال )لارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاسمانغا تېگىشى مۇمكىن ئەمەس . چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەبىئىي ئورۇنلىرىدىن كۆچمەيدۇ . ئۇ ئۈچ ئېلېمېنتنىڭ بىرىكمىلىرى ۋە شۇنىڭدەك پارچىلىرىغا كەلگىنىمىزدە ، بۇلارنىڭ ھەم ئاسمانغا تەسىر قىلىشى مۇمكىن ئەمەس . چۈنكى ئۇلارنىڭ ئوت ئالدىدا كۆيۈشلىرى ۋە خالىس ئوتقا ئايلىنىشلىرى سەۋەبلىك ئاسمانغا تېگىشى مۇمكىن ئەمەس . ئوت ئاسمانغا تەسىر قىلماس . بۇنى يۇقىرىدا ئىسپات قىلدۇق . ئوت ئۆزىدە ھاسىل بولغان ھەر بىر نەرسىنى ئۆزگەرتىدۇ ، پارچىلايدۇ . چۈنكى ئالاۋ ( ئوت ) ھەقىقەتەن ئىسسىقتۇر . ھەقىقەتەن ئىسسىق ( قىزىق ) بولغانلىقىدىن ، ئۆز جىنسى بىلەن ئارىلاشقۇچى ھەم جىنسى بولمىغان نەرسىدىن ئاجرالغۇچى ، جىنىسلىرى تۈرلۈك بولغان نەرسىلەر بىلەن جىنىسلىرى بىر خىل بولغان نەرسىلەر ئارىسىنى ئاجراتقۇچى دەپ تەرىپلىنىدۇ . ئوت ئۆزىدىن تەسىرلەنگۈچى بىر جىسىمغا تەسىر قىلغاندا ، ئەگەر ئۇ جىسىم تۈرلۈك قىسىملاردىن مۇرەككەپ بولسا ، ئۇلارنى بىر - بىرىدىن ئاجرىتىپ ئۆزىنىڭ ئوتلۇق تەبىئىتىگە كۆچۈرىدۇ . شۇ جىسىمنىڭ جەۋھىرىگە ئوت ئارىلاشقانلىقتىن ، ئۇ جىسىمغا مۇخالىپ بولمايدۇ . ئەمما سوغۇق نەرسە ئىسسىق نەرسىدەك ئەمەستۇر . شەك يوقكى ، تەسىر قىلغۇچى نەرسىلەرنىڭ ئارىلىرىدا ئىش كۆرسىتىش ۋە تەسىر قىلىش جەھەتتىن ئىسسىق ھەممە نەرسىدىن قاتتىقراق ۋە كۈچلۈكرەكتۇر . ئۆز تەبىئىي ئورنىدا بولغان نەرسىنىڭ جىنسى كۈچلۈك بولۇپ ، كۇللى جۈزئىيدىن كۈچلۈكرەك بولىدۇ . ئەمدى ئۆزۈڭ قانداق گۇمان قىلىسەنكى ، كۇللى ئورنىدا بولغان ئىسسىق نەرسە ئالدىغا كەلگەن بىر جۈزئىينى تەسىرلەندۈرمەي ، ئۆزىگە تارتىپ ئۆزگەرتمەي ياكى شۇ جۈزئىي مۇرەككەپ بولسا ، پارچىلىرىنى بىر - بىرىدىن ئاجراتماي قويۇۋەرسۇن . شۇ مۇقەددىمىلەردىن ئۈستى قۇسلار ئېلېمېنتلارنىڭ ئاددىيسىنىڭمۇ ۋە مۇرەككەپلىكنىڭمۇ ئاسمانغا چىقالماسلىقى ئېنىق بولدى . ئاسمانغا چىقالمىغاچ ، ئۇنىڭغا تېگەلمەيدۇ . تەگمىگەچ ، ئۇنىڭغا تەسىر قىلالمايدۇ .
دېمەك ، باست ( ئاددىي ) ۋە مۇرەككەپلىرىنىڭ بىرەرسى ئاسمان بۆلەكلىرى ( جىسىملىرى )گە تەسىر قىلالمايدۇ . ئاسمان جىسىملىرىدا ئۆزلىرىدىن باشقا جىسىملارنىڭ توپلىرىدا ئاددىي ھەم مۇرەككەپ جۈزئىيلەرنىڭ تەسىر قىلىشلىرى مۇمكىن بولمىغاچ ، جىسىملارنىڭ تەسىرلىنىشلىرى ۋە مەجبۇرىي ھەرىكەت قىلىشى مۇمكىن ئەمەس . مۇقەددەم ( شەرت ) ئىجابىي ( بوشلۇق ) بىلەن ئىستىنا ، يەنى ئاسمان جۈزئىيلىرىگە ئۆزلىرىدىن باشقىلارنىڭ تەسىر قىلىشى مۇمكىن ئەمەس دېگەن سۆزىمىز ھەقتۇر . بۇنىڭدىن نەتىجە ، يەنى << ئۇنىڭ تەسىر قوبۇل قىلىشى ۋە مەجبۇرىي ھەرىكەت قىلىشى مۇمكىن بولمايدۇ >> دېگەن سۆزىمىز توغرا ۋە ھەقتۇر . ئاسمان پۈتۈن ھالىتىدىمۇ ياكى بۆلەكلەرگە بۆلۈنگەن ھالەتتىمۇ يەڭگىل ھەم ئېغىر ئەمەس . بىزمۇ ھەم شۇنداق ئەمەسلىكىنى ئىسپات قىلغان ئىدۇق . دېمەك ، ئاسمان ھەم مۇتلەق يەڭگىل ھەم ئېغىر ئەمەستۇر . بىزنىڭ بايان قىلماقچى بولغىنىمىز شۇدۇر .
ئاسماننى بىر ۋەجىدىن يەڭگىل دەپ ئاتاش سەن ئۈچۈن دۇرۇستۇر . ئۇنىڭ ۋەجى شۇدۇركى ، ئادەملەر بىر جىسىمنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرۈلۈپ چىققان جىسىملارنى ئاستىدا قالغان جىسىمدىن يەڭگىلرەك دەپ ئاتايدۇ . ئەنە شۇ سەۋەبتىن ، ئاسماننى ھەممە نەرسىنىڭ يەڭگىلى دېيىشكە مۇمكىن بولىدۇ . ئەمما << ئاسماننىڭ ئايلانما ھەرىكىتى ئۇنىڭ تەبىئىي ھەرىكىتى بولماسلىقى مۇمكىن >> دېگەن سۆزۈڭ ھەمدە << ئايلانما ھەرىكىتى ئارازى ئەمەس ، پاسىل ئاخىرىغا داۋام ئەتكەن >> دېگەن سۆزۈڭ دۇرۇس ئەمەس . چۈنكى ، ئاداشتۇرۇپ ( ئازغاشتۇرۇپ ) ، ئاسماننىڭ تەبىئىي ئايلانما ھەرىكىتى بار ، دېگۈچىلەرنىڭ بىرەرىمۇ ئۇنى ئىسپاتلىمىغان . سېنىڭ كەلتۈرگەن ئېتىرازىڭ ئۆزۈڭنىڭ ئېھتىياجىڭدۇر . بەلكى باشقا سەۋەبلەردىن ھەم سۆز ئۇزارتىشنىڭ ، نېمە ئۈچۈن بۇ سۆزنى يالغۇز بىر مىسال قىلدىڭ ، دەپ سورىلىشنىڭ كېرەكسىزلىكى بولمىسا ئىدى ، ئايلانما ھەرىكەتنى بايان قىلار ئىدىم . ئەمما ، ئاسمان ۋە سەييارىلەرنىڭ ھەرىكىتى زىت ھەرىكەتلەردۇر ، دەپ ئىسپات قىلىشىڭ خاتادۇر .
ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرى ھەر خىل ، خالاس . چۈنكى قارىمۇ قارشى ھەرىكەتلەر دېگەن سۆز يۆنىلىشى ۋە بېرىش جايلىرى قارىمۇ قارشى بولغان ھەرىكەتلەرگە ئېيتىلىدۇ . ئەگەر يۇقىرى بىر - بىرىگە زىت بولمىسا ئىدى ، مەركەزدىن چەتكە يۈزلەنگەن ھەرىكەتنىڭ قارشىسى دەپ ئېيتماس ئىدۇق . بۇ مەسىلىنىڭ بايان << فىزىكا >>نىڭ بەشىنچى ماقالىسىدىدۇر . ئامما ئىككى خىل ئايلانما ھەرىكەتلىرىنىڭ يۆنىلىشى ۋە بىزنىڭ ئەرز قىلىشىمىزغا ۋازىيدۇر _ تەبىئىي ئەمەستۇر . چۈنكى ئاسماننىڭ ئايلانما ھەرىكىتىگە تەبىئىي چەك يوق . سەۋەبى ، ئۇ ھەرىكەتلەرنىڭ بىر - بىرىگە زىت ئەمەسلىكىدۇر . بەس ، بىر - بىرىگە مۇخالىپ ئىككى ئايلانما ھەرىكەت بىر - بىرىگە زىت ئەمەستۇر . بىزنىڭ بايان قىلماقچى بولغىنىمىز شۇدۇر .
مەنبە: تاجىك ئۇنۋېرسال تورى
http://tajikam.cn/bbs/read.php?tid-56-page-e-fpage-1.html