ئىلگىرى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ يوق بولغانلىقتىن پاسىبان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بېتى ئارقىلىق بولسىمۇ بۇ ئىشلارنى ئاز-پاز قولايلاشتۇرۇپ تۇرغان ئېدۇق. يېقىندا بىلىك كۇلۇبىدىن Sazgum ئەپەندى ئەرەب يېزىقى كىرگۈزگۈچىسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق نىسبەتەن مۇكەممەل بولغان، ئايفوننىڭ بارلىق خىزمەت دائىرىسىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشكە بولىدىغان كىرگۈزگۈچ ياساپ چىقىپتۇ.
بۇنى قاچىلاش ئۈچۈن چوقۇم تۈرمىدىن قاچۇرغان ئايفون بولىشى شەرت ئىكەن. قاچىلاشقا تەمىنلەنگەن بولاق DEB فورماتىدىكى Cydia قاچىلاش بولىقى بولۇپ، Cydia نىڭ ئاپتۇماتىك قاچىلاش رايونىغا ئۆزىمىز قوشۇپ قويۇش ئارقىلىق ھەل قىلىدىكەنمىز. بۇنى قاچىلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈڭ.
•Cydia دىن WinterBoard دەيدىغان ئاساسى تېما ئىجرا قىلىش سۇپىسىنى تېپىپ قاچىلىۋېتىڭ
•搜狗拼音输入法 ۋە 百度输入法 دېگەندەك كىيىن قوشقان كىرگۈزگۈچلەرنى ئۆچۈرىۋېتىڭ. بۇنى ئۇيغۇرچىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن قاچىلاشقا بولىدۇ.
•چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگەن Uyghur.deb ھۆججىتىنى iTools دېگەندەك قوراللار ئارقىلىق /var/root/Media/Cydia/AutoInstall نىڭ ئاستىغا كۆچۈرۈڭ.
•ئايفوننى قايتا قوزغىتىڭ. قوزغاتقاندىن كىيىن Winterboard نىڭ تەڭشىكىنى ئچىڭ. Winterboard نى 设置 نىڭ ئىچىدىن، ياكى ئاساسى بەتكە قوشقان ئايكوندىن تاپالايسىز. ئۇنىڭ تەڭشىكىنى ئېچىپ Select Themes نىڭ ئىچىدىن Uyghur دېگەننى تاللاپ Respring نى بېسىڭ.
•ئاندىن …设置-通用-键盘-国际键盘-添加新键盘 دېگەننى بېسىپ يېڭى كونۇپكا تاختىسى قوشىدىغان تىزىملىكنى ئېچىڭ. بۇنىڭدىن 阿拉伯语 نى تاللاپ قوشۇپ بېرىڭ. قوشۇپ بولغاندىن كىيىن بۇ كىرگۈزگۈچنىڭ ئىچىدە يەنە بىر دانە كىچىك تاللاش تۈرىنىڭ ئىچىدە Uyghur دەپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز. شۇنى تاللاپ قويۇپ چېكىنىڭ.
•ئەمدى خاتېرە دەپتەرمۇ ياكى قىسقا ئۇچۇرمۇ خالىغان جايغا كىرگۈزگۈچنى ئۆزگەرتىپ يېزىپ بېقىڭ. ئىش تامام!
•ئەگەر ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسىنىڭ ھەرپلىرى كۆرۈنمەستىن باسسىڭىز ھەرپ چىقسا ئاستىدا تەمىنلەنگەن ئۇلىنىشتىكى يەنە بىر قاچىلاش بولىقى Keyboard Fixer دېگەن ياماقنى بايىقى ئۇسۇل بويىچە قاچىلىۋېتىڭ. يەنى iTools ئارقىلىق /var/root/Media/Cydia/AutoInstall نىڭ ئاستىغا كۆچۈرۈپ ئايفوننى قايتا قوزغاتسىڭىز بولىدۇ.
مەنبە:
http://www.pasiban.com/uyghur-keyboard.html