ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت sirliq كە 2011-07-22 12:46 PMئەۋەتىلدى :
اللاھ مەرھۇم ئالىمىمىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتىن قىلغاي.
مەرھۇمنىڭ ئوغلى مەرھۇم ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى توغرۇلۇق مەلۇماتلارنى بىلىدىغانلار بولسا يوللاپ قويساڭلار ، بىلىۋالساق .
ۋەتەنپەرۋەر شائىرىمىز ئابدۇلئەزىز مەخسۇم
ئۇلۇغ پەيغەمبىرىم چەككەن جاھاندا ئۈممىتىم دەپ غەم.
ئۇنىڭ بىر ئۈممىتى زىنداندا ياتقاي مىللىتىم دەپ ھەم
.
كىشىلەر قەلبىنى ھاياجانغا سالغۇچى ئۆتكۈر شىئىر-غەزەللىرى، ئىگىلمەس-سۇنماس پىداكارانە روھى ئارقىلىق بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر پەرزەنتىلىرىنىڭ تىللىردا داستان بولۇپ كىلىۋاتقان ئىنقىلابى ۋەتەنپەرۋەر شائىرىمىز ئابدۇلئەزىز مەخسۇم، 1894-يىلى ئۇيغۇر يىڭىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بايراقدارى، جامائەت ئەربابى، يىتىشكەن ئالىم، شۇنداقلا يىڭى زامان ئۇيغۇر مائارىپىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان ئابدۇلقادىر ئابدۇلۋارىس(تەخەللۇسى: غازى) داموللامنىڭ ئائىلىسىدە ئاتۇشتا دۇنياغا كەلدى.
ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ئاتىسى ئابدۇلقادىر داموللامنىڭ ئائىلە تەربىيەسى بىلەن باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەشقەر شەھرىدە پۈتتۈردى. بۇ جەرياندا داموللام ۋە باشقا بىر قىسىم ئۇستازلاردىن ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى ئۈگەندى.
ئۇنىڭدىن كىيىن ئابدۇلقادىر داموللام ئوغلى ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنى چەتئەلدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا تەربىيلەش مەقسىتىدە ھىندىستانغا ئەۋەتىدۇ.
20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ھىندىستاندا ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى باشلايدۇ.
ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلى ھىندىستان خەلقىنىڭ ئەنگىلىيە جاھانگىرلىكىگە قارشى ئىلىپ بىرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك كۆرەش جەريانىغا توغرا كىلىدۇ.
ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ھۆرلۈك، ئەركىنلىكنى ئۆزلىرىنىڭ ئالىي نىشانى قىلغان بۇ خىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ.
ئىزىلگەن ھىندىستان خەلقىنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئىلىپ بارغان كۆرەش سەپلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالىدۇ.
1924-يىل 8-ئايدا مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ يوشۇرۇن پىلانلىشى، ساتقىن مۇناپىقلارنىڭ قوللىشى بىلەن ئابدۇلقادىر داموللام ئۆزىنىڭ قەشقەر شەھەر كونائوردادىكى كۈتۈپخانىسىدا رەھىمسىزلەرچە قەتلى قىلىنىدۇ.
شۇ يىلى كۈز مەزگىلىدە بۇ شۇم خەۋەردىن، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىشىغا كەلگەن پاجىئەدىن خەۋەر تاپقان ئابدۇلئەزىز مەخسۇم دادىسىنىڭ قاتىلىنى، توغرىسى ئۇيغۇر يىڭى مائارىپى ئىسلاھات ھەركىتىنىڭ قاتىلىنى تىپىپ، خەلقتىن ئىبارەت بۇ ئادىل سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ ھىندىستاندىن ئانا ۋەتىنىگە قايتىپ كىلىدۇ.
ئەپسۇسكى، مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ كۆپ تەرەپلىك توسقۇنلىقى بىلەن ئۇ ئاچقان داۋا ئۈنۈمسىز ئاخىرلىشىدۇ.
ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ۋەتەننىڭ ئازاتلىقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئاتىغان ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنىڭ 1920-يىللاردىن باشلاپ شېئىر يىزىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم.
ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت سەمەرلىرىگە ئىتىقاد نوختىدىن قاراشنى ئۆزىنىڭ مۇتلەق سۆيگۈسىنى، بارلىقىنى ۋەتەننى، خەلقىنى، ياشلارنى، ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى، ئار-نۇمۇسىنى، مەدەنىي مىراسلىرىنى، ئىتىقادىنى، ئومۇمەن، ۋەتەن-مىللەتكە بولغان ئىخلاسنى بىر مىنۇتمۇ ئۇنۇتمىغان شائىر، ئانا تۇپراقنى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ تۆمۈر تاپىنىدىن تارتىپ چىقىرىش ئۇچۇن كۆرەشكە چاقىرىشتىن، جەننەت مىسالى گۈزەل ۋەتىنىنىڭ تەبىئى مەنزىرلەرىنى تەسۋىرلەشتىن، رەقىپلەرىگە نەپرەت ياغدۇرۇشتىن باشقىغا ئىشەنمىدى.
شائىرنىڭ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى، رەقىپلەرىگە بولغان نەپرىتىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولسا، كۆرەشتىكى سەۋىرچانلىقى، پىداكارلىقى، ئىسيانكارلىقىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.
قاراڭغۇ تۈرمە، زەي زىندان، ئىغىر جىسمانىي ئەمگەك بۇ ئىتىقادلىق ئىنساننىڭ گىگانت گەۋدىسىنى ھۆرلۈك دەۋاسىدىن، ئىتىقادىدىن ۋاز كىچىشكە كۆندۈرەلمىدى.
مىللەتنى ئويغۇتۇش، يىڭىلىققا ئىنتىلدۈرۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، خائىنلارنى قامچىلاش، زۇلۇمغا قارشى كۆرەشكە چاقىرىش، ئىنسانىيەت كىشىلىك ھوقوقىنى قوغداش-شائىر ئابدۇلئەزىز مەخسۇم شىئىرلىرىنىڭ مەركىزى تىمىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى رەھىمسىزلەرچە قامچىلاپ تەنقىدلىگەن.
شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن بىز شائىرنىڭ شىئىرلىرىدىن تەكلىماكان ئەھلىنىڭ جىددى تەشۋىشلىرى ۋە ئۈمىت ئىشەنچىلىرىدىن يۇغۇرۇلغان بىر غىرىپ كۈينىڭ يۈرەكنى لەززىگە سالىدىغان ياڭراق مۇزىكىسىنى ئاڭلىغاندەك بولىمىز.
ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ياڭ زىڭشىن دەۋرىدىن باشلاپ(1914-1924)، جىن شۇرىن(1924-1933)، شىڭ سىسەي (1933-1944)، گومىنداڭ ھاكىمىيىتى(1944-1949) دەۋرلىرىدە ۋە ئازاتلىقتىن كېيىنكى تۈرلۈك «سولچىل سىياسىي ھەرىكەتلەر»(1949-؟) ئەۋج ئالغان مەزگىللەردە بولۇپ، چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىنكى 58 يىللىق ھاياتىنىڭ 43 يىلدىن كۆپرەكىنى تۇرمەلەردە ئۆتكۈزگەن ئىدى.
شائىرنىڭ تازا جاسارەتكە تولغان چاغلىرى مىڭلىغان ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرىنى چىرىتىپ تۈگەتكەن قاراڭغۇ كامىرلاردا، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىدا ئۆتتى.
1980-يىلى كۈز ئايلىرىدا شائىرنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقى ۋە كىسەل ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ھۆكۈمەت ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنى تۈرمىدىن قويۇپ بەردى.
ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنىڭ تۈرمىدىن چىققانلىقىنى ئاڭلىغان ئانايۇرت خەلقى، قەيەرگىلا بارسا شائىرنى بىشىدا كۆتۈردى، چەكسىز ئىززەت-ئىكرام، ھۆرمەت-ئىھتىرام بىلەن قارشى ئالدى.
شائىر ئابدۇلئەزىز مەخسۇم قەشقەر، كۇچار، غۇلجا قاتارلىق جايلاردا بىر قاتار زىيارەتتە بولغاندىن كىيىن، ئۈرۈمچىگە كىلىپ يەرلىشىدۇ.
ئابدۇلئەزىز مەخسۇم 1982-يىلى 8-ئايدا ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى ئانا ۋەتىنى ئۈچۈن، خەلق بىلەن كۈيىنى بىللە كۈيلەپ، يىغىسىنى تەڭ يىغلاپ، كۈلكىسىنى تەڭ كۈلۈپ ئۆتكەن بۇ جاسارەتلىك ئىنسان، قانداقتۇر ھىچ كىشى چۈشۈنەلمەيدىغان، ئەقىلگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان، ئاتالمىش «پويىز ۋەقەسى»دە، ئۈرۈمچىدە ئۆزى ئۈچۈن ھاياتىدا كىچىككىنە بىر خۇۋلۇق كۆرسەتمىگەن بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.
ئىنقىلابى شائىر، مەشھۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم بىر دىنى ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن:
<<ۋەتەن ۋە مىللەتنى سۆيمەك ئەھلى ئىسلام شانىدۇر.
بۇ ھەقىقەت، بۇ ئادالەت تەڭرىنىڭ پەرمانىدۇر.>>
دىگەندەك جاراڭلىق مىسرالىرى بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ساداسىنى ياڭرىتىدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ھەقىقى ئۈلگىسىنى يارىتىدۇ.
ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدە ئۆلمىدى، ئۇ مىليونلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ كۆرەش يولىدىكى نامايەندىسىگە ئايلاندى.
ياشلارغا مەدھىيە
ئابدۇلئەزىز مەخسۇم (ئەزىزى)
ياشلىق ئۆمۈرنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغى،
قاينام ھاياتنىڭ بەك كۆركەم باغى،
ھۆرلۈك-بۇ گۈلزار باغنىڭ مىۋىسى،
ۋىجدان-تېنىدۇر. ھىممەت-ياپراغى.
ياشلىق زور نىئمەت بۈيۈك غەنىمەت
بۇ غەنىمەتنىڭ قەدرى بەك قىممەت
مىللەت-ۋەتەنگە تەقدىم قىلغاندا
ئىرۇر ئەڭ شانۇ-شەرەپلىك ھىممەت
ھەر كۈن تارىخدىن ئۇچار بىر ياپراق
ھايات شىخىدىن چۈشەر بىر ياپراق
ياشلىق دەۋرانى-شوخلۇق جەريانى
شۇل ھايات ئۈچۈن ئەڭ خۇشبۇي پۇراق
ياشلىق بىر ياقتىن ئۆتكۈر كەسكىنلىك
جۇنۇن ئارىلاش شوخلۇق ئەركىنلىك
سۇندۇرالمايدۇ ياشلىق روھىنى
تۈرلى خام-خىيال قىسمەن قىيىنچىلىق
ئوتتەك يالقۇنلاپ ياشلىق مەزگىلى
ئىچىلىپ تۇرغاي خۇش ھىدلىق گۈلى
ئەڭ شانۇ-شەرەپ ھەر بىر ياش بىلسۇن
ۋەتەن مىللەتنىڭ ئۆتكۈر بۇلبۇلى
ياشلىق ھاياتنىڭ شەرەپ-شانلىرى
ياشلار مىللەتنىڭ ئارسىلانلىرى
ۋىجدانلىق ياشلار ھەققانىيەتلىك
جەڭ مەيدانلىرىنىڭ قەھرىمانلىرى
ۋىجدان ئەسلىتەر مەقسەت نىشاننى
چىقىرىپ تاشلار قۇرۇق ئارماننى
ئەركىن ئازاتلىق يولىدا ۋىجدان
كۆزلەر ھەققانى كۆرەش مەيداننى
ياشلىق جەريانى مەۋسۇمى باھار
كۆڭۈللۈك گۈزەل رەڭگارەڭ گۈلزار
تىخىمۇ ياشناپ تىخىمۇ گۈللەپ
بولۇر بۇ گۈلزار ياشاشقا مادار
ياشلىق ھاياتنىڭ كۆركەم زامانى
شانۇ-شەۋكەتلىك گۈزەل دەۋرانى
يالقۇنلاپ تۇرغاي ئەزىز ياشلارنىڭ
ئوتلۇق يۈرەكى ئۆتكۈر ۋىجدانى
ياشلار ئىلكىگە قەلەم ئالغاندا
تىرەن ئىلھاملار كىلەر يازغاندا
بايراق كۆتۈرۈپ جەڭگە ئاتلانسا
چاقماق چاقتۇرار قىزىل مەيداندا
ياشلار جىسمانى قابىلىيەتلىك
روھى جىسمانى ئۆتكۈر خىسلەتلىك
بولسۇن ياشلاردا مىللى ھىسيات
بولسۇن شۇ چاغ زور پەزىلەتلىك
ياشلىق گۈللىرى نىمىدىن ئىبارەت
يەنى ۋىجدانى ھىممەت جاسارەت
ۋەتەنگە كۆيۈش مىللەتنى سۆيۈش
شۇ خۇشبۇي گۈللەر ئۈچۈن بىشارەت
بولسۇن ھەربىر ياش ئالىي نىيەتلىك
دىن ۋە دىيانەت ھەققانىيەتلىك
مىللىتى ئۈچۈن بولۇر ئىپتىخار
ۋىجدان ئىگىسى ئىنسانىيەتلىك
يۈزۈڭلارنى ياخشى ئاقلاڭلار
تارىخىڭلارنى ئوبدان ساقلاڭلار
ۋەتەن مىللەتنى جان دىلدىن ئاسراپ
ھەققانىي يولنى دائىم ياقلاڭلار
ئەزىز ياشلىرىم بولۇپ مەردانە
ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن كۆيۈپ پەرۋانە
قۇرۇق ئوي بىلەن خام تەمە قىلىپ
بولۇپ قالماڭلار ھەيران ۋەيرانە
ئەزىز ياشلىرىم غەييۇر ئارسىلان
ياۋلارغا قارشى جەسۇر قەھرىمان
باسقان ئىزىدىن يانماس ئوت يۈرەك
قىرىنداشلىرى ئۈچۈن دائىم مىھرىبان
ئەزىز ياشلىرىم ئۆتكۈر ۋىجدانلىق
ئىسلام دىنىنى سۆيىدۇ ئىمانلىق
مەھكەم ئىرادە قەيسەر نىشانلىق
مانا شۇ ئۆلگە تولۇق ۋىجدانلىق
ئەزىز ياشلىرىم بولسۇن بەختىيار
دىگەن تىلەكتە غايەت ئۈمىدۋار
بولغاچ <<ئەزىزى>> ياشلار شەنىگە
يىزىپ ئەسەر قىلىندى يادىكار