مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5283|ئىنكاس: 5

ئۇيغۇرلاردا باشقىلارنىڭ بەدىنىگە ئائىت پە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يول سورىغان يولد

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38732
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6526
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 5142 سائەت
تىزىم: 2011-4-25
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 10:37:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەنۋەر سەمەد قورغان


ئۇيغۇرلار ناھايىتى قەدىمكى دەۋىردىلا ئانىمىزىم چۈشەنجىسى،ھەرخىل دىننى ئىتىقاد ۋە ئىجتىمائى شارائىت قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئادەملەر پەرىقلىق بولىدۇ ،بۇ پەرىق يالغۇز جىسمانى تۈزۈلۈش جەھەتتىنلا ئەمەس بەلكى كۈچ-قۇۋەت ئەقلى قۇۋەت،سېھرىي قۇۋەت قاتارلىقلاردىمۇ ئىپادىلىنىدۇ.ئۇلار قىلىدىغان ئەمەللىرى ۋە ئىجتىمائى ئورنى تۈپەيلىدىن ئوخشىمىغان خارەكتىرگە –مۇقەددەسلىك خارەكتىرىگە ياكى ناپاكلىق خارەكتېرىگە ئىگە بولىدۇ دەپ چۈشىنىپ كەلگەن.شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇرلاردا ھەربىر كىشى ئاڭ جەھەتتە ئۆزىدىن باشقا ئادەملەرنىمۇ مۇقەددەس ۋە ناپاك دەپ ئىككى كاتىگۇرىيىگە ئايرىپ ئۇلارغا قارىتا نۇرغۇن پەرھىزلەرنى شەكىللەندۈرگەن.
      مۇقەددەس ئادەملەرگە ئائىت پەرھىزلەر:قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلار ئادەملەردە بىرخىل سىرلىق قۇۋەتنىڭ بارلىقىغا ئىشىنەتتى.بولۇپمۇ بىر قىسىم ئادەملەر ئىجتىمائى ئورنىنىڭ يۇقۇرلىقى ۋە شۇغۇللىنىدىغان كەسپىنىڭ ئالاھىدە بولىشىغا ئاساسەن«مۇقەددەس كىشىلەر»دەپ تەسەۋۋۇر قىلىنغان.بۇنداق «مۇقەددەس»كىشىلەرنىڭ سىرلىق قۇۋىتى كۈچلۈك بولۇپ ئۇلار باشقا ئادەملەرگە زىيان ئىلىپ كىلەلەيىتتى ۋە بەخىت ئامەتمۇ ئاتا قىلالايىتتى.شۇڭا ئۇيغۇرلار ئۇلارنى پەرھىز ئوبىكتى سۈپىتىدە كۆرۈپ ئۇلارغا يىقىنلىشىش چىقىلىش ۋە سۆزلەشتىن ئالاھىدە ئىھتىيات قىلاتتى.ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە «مۇقەددەس كىشىلەر»خاقان-پادىشاھ،ۋەزىر-ۋۇزرا، قاتارلىق ئورنى يۇقۇرىلارنى،دىن ۋە سىھرىگەرلىك پائالىيەتلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قولىدا تۇتقان پېرىخون ،باخشى،جادۇگەرلەر ۋە نەزىر-چىراغ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچىلارنى ،تەسەۋۋوپچىلىقتىكى «ئەۋلىيا»لىق ماقامىغا يەتكەن«پىر»ۋە«خوجا»لارنى كۆرسىتەتتى.بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلق تەرىپىدىن ئۇلۇغ ۋە ئاپەت كەلتۈرەلەيدىغان كىشىلەر دەپ ھىساپلىناتتى.
ئۇيغۇر ئەجداتلىرى تارىختا خاقان ۋە پادىشاھلارنى مۇقەددەس دەپ بىلگەن ياكى شۇ خاقانلارمۇ ئۆزلىرىنى مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغ ھىساپلىغان.ئۇلارنىڭ مۇقەددەسلىكى شۇ يەردىكى ئۇلار ئالدى بىلەن دۆلەت ھوقۇقىنى تىزگىنلىگەن،يەنە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنى تەڭرىنىڭ «تاللانغان بەندىللىرى»ياكى«ئوغۇللىرى»قاتارىدا سانىغان.ئۇيغۇر ئەجداتلىرى شامان ئىتىقادىدا تۇرغان مەزگىللەردە خاقانلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئاسمان جىسىملىرى سىياقىدىكى تەڭرىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىغانلىقى ،ئۆزلىرىگە «تەڭرىنىڭ ئوغلى» مەنىسىدىكى«تەڭرىقۇت»نامىنى بىرىشى...بۇ پىكىرنىڭ مىسالىدۇر.كۆك تۈرۈك خانلىقى ۋە ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خاقانلىرى ئۆزلىرىنى تەبىئەت تەڭرىللىرى بىلەن باغلاپ،مۇقەددەسلىكنى بىلدۈرىدىغان «ئاي تەڭرىدە ئۇلۇغ بولمىش قۇتلۇق بىلگە قاغان»،«كۈن تەڭرىدە ئۇلۇغ  بولمىش كۈچلۈك بىلگە قاغان»،«تەڭرىدە بولمىش ئېل تۇتمىش بىلگە قاغان»...دىگەندەك ناملار بىلەن ئۆزلىرنى ئاتىغان.
پادىشاھلار ۋە خاقانلار ئىجتىمائى ھوقۇقنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۈچىنىڭ زورلۇقى ۋە ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئىلىپ كىلىدىغان خەۋىپ-خەتىرى ئوبىكتىپ مەۋجۇت ئەھۋالدۇر.بىراق بۇنداق ئەھۋال ئادەتتىكى كىشىلەر ۋە پۇقرالارنىڭ نەزىرىدە بىر خىل سىھرىي كۈچ سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىنىپ ئۇلار پەرھىز ئوبىكتىللىرىغا ئايلانغان.نەتىجىدە ئادەتتىكى كىشىلەر خاقانلارنىڭ ئىسمىنى بىۋاستە ئاتىماسلىق ئۇلارغا يىقىنلاشماسلىق چىشغا تەگمەسلىك،بىللە تائام يىمەسلىك،خاس بۇيۇملىرىنى ئىشلەتمەسلىك،ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈستىدىن يامان ھۆكۈم چىقىرىشىدىن ساقلىنىش قاتارلىق بىر قاتار پەرھىزلەرنى شەكىللەندۈرگەن.شۇنىڭ بىلەن بىرگە پادىشاھلارنىڭ يىنىدىكى ۋەزىر  ئەمەلدارلار خانىش،مەلىكىلەر،شاھزادە-تېكىنلەر ئوخشاشلا سىرلىق كۈچكە ئىگە خەتەرلىك ۋە مۇقەددەس كىشىلەر دەپ قارىلىپ ئۇلارمۇ مۇھىم پەرھىز ئوبىكتىغا ئايلانغان.قۇللۇق ۋە پىئوداللىق تۈزۈم شارائىتىدا كىشىلەرنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن پادىشاھ ۋە ئوردا ئەھلىنىڭ سىرلىق كۈچكە ئىگە خەتەرلىك مۇقەددەس كىشىلەر دەپ قارىلىشى تەدرىجىي ھالدا كۈچلۈك تۈزۈمگە ھەتتاكى قانۇن-نىزامغا ئايلىنىپ كەتكەن.ئادەتتىكى كىشىلەر پادىشاھ ۋە ئوردا ئەھلىنى مۇقەددەس دەپ قاراپ ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر يۈرۈش پەرھىزلەرنى شەكىللەندۈرگەندىن باشقا پادىشاھلارمۇ ئۆز تۈرمۇشى ۋە پائالىيىتى دارئىرسىدە بىر يۈرۈش پەرھىزلەرگە رىئايە قىلغان.بۇنداق پەرھىز كۆپىنچە پادىشاھلارنىڭ غىزالىنشى،يىتىپ-قوپۇش،كۆرۈشۈش،ياسىنىش...جەھەتلىرىدە ئىپادىلەنگەن..بىز ئۇيغۇر پادىشاھلىرىنىڭ تارىختا قانداق پەرھىزلەرگە رىئايە قىلىپ كەلگەنلىكىنى تولۇقى بىلەن دەلىللەپ بىرەلمەيمىز.بىراق مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»ئەسىرىدە پادىشاھلارنىڭ غىزالىنىش سايمىنى ھەققىدە مۇنداق بىر بايان بار.«تامغالىق:بىر كىشىلىك داستىخان،ئەسلى‹تامغالىغ›بولۇپ،تامغىلىق،تامغىلانغان دىمەكتۇر.ئادەتتە پادىشاھلار ئۆزىگە خاس داستىخان ۋە ئىۋرىق(كوزا)نى باشقىلار ئىشلەتمىسۇن دەپ ئۈستىگە تامغا بىسىپ قويىدۇ.بۇلاردا بىر كىشىلىك تاماق  ۋە شاراب بولىدۇ».كۆرۈشكە بولىدۇكى پادىشاھ خاقانلار تاماق يىيىشتە قاچا-قۇچىلارنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىكتەك پەرھىزلەرگە رىئايە قىلىپ كەلگەن.يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ «قۇتاتغۇ بىلىگ »تە ھۆكۈمىرانلارنىڭ  يىمەك-ئىچمەكتىن زەھەرلىنىپ قىلىشتەك بەزى خەتەرلىك ئەھۋالغا ئۇچراپ قىلىش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە مۇنداق بىيىتلەرنى قالدۇرغان.
«بۇ گالدىن بولۇر بەككە ھەممە خەتەر،
بۇ گال تاتقى ئاشچى،ئىدىشچى تۇتار.
بۇ ئاشچى ،ئىدىشچى سادىق بولمىسا ،
بولۇر بەك قىيىن بەككە ئىچسە-يىسە.
كۆرۈپ مەينى قۇلىلە ياسىسۇن ئۆزى،
بىسىپ تامغا تۇتسۇن ،ساقلىسۇن ئۆزى»
ئۇنىڭدىن باشقا پادىشاھلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى جەھەتلەردىمۇ كونكىرىت بەلگىلىمە بولغان بولىشى مۈمكىن.مەسىلەن قەدىمكى كۆسەن پادىشاھلىقىدا پۇقرالار چىچىنى كىسىپ قىسقا چاچ ھالەتتە يۈرسىمۇ كۆسەن شاھلىرىنىڭ چىچىنى كىسىشىگە روخسەت قىلىنمىغان.«كونا تاڭنامە»«شىمالى سۇلالىلەر تارىخى،غەربى يۇرت تەزكىرىسى»،«يىڭى تاڭنامە،غەربى يۇرت تەزكىرىسى»قاتارلىق كىتاپلاردا كۆسەن شاھلىرىنىڭ چىچىنى كەستۈرمەيدىغانلىقى  ھەققىدە مەلۇماتلار خاتىرلەنگەن.«سۈينامە،غەربى يۇرت تەزكىرىسى»دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا قەدىمكى خوتەن پادىشاھلىرى چىچىنى كەسمىگەندىن سىرت يەنە چىچىنى كىمخاپ تەلپەك ئىچىگە تۈگىۋىلىپ باشقىلارغا كۆرسەتمىگەن.رىۋايەتلەرگە قارىغاندا كىمىكى پادىشاھنىڭ چىچىنى كۆرۈپ قالسا شۇ كىشىنىڭ شۇ يىلدىكى ھوسۇلى بەك ئازلاپ كىتەركەن.قارىغاندا ئۇزۇن چاچ پادىشاھلارنىڭ بىر خىل زىننىتى بولۇپلا قالماي مۇھىمى ئۇلارنى ئەمەلدارلار ۋە پۇقرالاردىن پەرىقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان مۇھىم بەلگە بولۇپ ھىساپلانغان.ئۇيغۇرلاردا قەدىمكى دەۋىرلەردىلا ئىلاھى ھوقۇقنى دىننى پائالىيەت ۋە نەزىر-چىراغ ھوقۇقىنى قولىدا تۇتقان كىشىلەر «شامان» «باخشى» «قام»ناملىرى بىلەن ئاتىلىپ ئۇلارنىڭ سىھرىگەرلىك ۋە جادۇگەرلىك يولى بىلەن ئىلاھ جىن-ئالۋاستى ۋە ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت پەيدا قىلالايدىغانلىقىغا كىشىلەر ئىشەنگەن.شۇڭا ئۇلارغا كىشىلەر پەرھىزلىك ئادەم قاتارىدا مۇئامىلە قىلغان.ئادەتتىكى كىشىلەر ئۇلارغا ئالاھىدە كۆز قاراشتا بولۇپ،ئۇلارغا بوي سۇنۇش پىسخكىسىنى ئىپادىلەپ كەلگەن.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك قىسمەن پەھىزلەرنى شەكىللەندۈرگەن.يەنە قەدىمكى دەۋىردە سىھرىگەر ۋە قاملار ھاكىمىيەت دائىرسىدىكى دىننى پائالىيەتلەرنى باشقۇرغۇچىلار بولغاچقا ئۇلارنىڭ بەزىدە مەلۇم خىلدىكى ئىشلارنى ياكى شەيئىلەرنى پەرھىزلىك ھەركەت ياكى پەرھىزلىك شەيئى سۈپىتىدە بەلگىلەش ھوقۇقىمۇ بولغان.پىرىخون ۋە قاملارنىڭ ئۆزى پەرھىز ئوبىكتى بولغاچقا ئۇلار ئىشلىتىدىغان ئەسۋاپلارمۇ پەرھىزلىك نەرسىلەر بولۇپ سانالغان.مەسىلەن ئۇيغۇر باخشىلىرى ئىشلىتىدىغان داپ،ساز،كۆزگۇ(ئەينەك)،خەنجەر،قامچا،تانا،دەرەخ شىخى(بولۇپمۇ جىگدە دەرىخىنىڭ پۇتىقى)،تۇغ-ئەلەم ۋەچىراغ(بەزىدە نوكچا)قاتارلىقلار پەرھىزلىك شەيئىلەر بولۇپ،ئادەتتىكى كىشىلەر ئۇلارنى تۇتۇش ئىشلىتىش ئارىيەتكە ئىلىش ھەتتاكى كۆرۈشتىن ھەزەر قىلغان.دىمەك بۇلار ئەسلىدە ئادەتتىكى شەيئىلەر بولسىمۇ بىراق ئۇلارنى ئىشلەتكەن باخشى ۋە قاملار ئىلاھىي خىسلەتكە ئىگە ئادەملەر دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن ئاشۇ نەرسىلەرمۇ سىرلىق ۋە پەرھىزلىك نەرسىگە ئايلىنىپ كەتكەن.يەنە بىر تەرەپتىن باخشى ۋە قاملارنىڭ  ئۆزىمۇ شۇ شەيئىلەرنى باشقىلارغا ئاسانلىقچە كۆرسەتمىگەن،تۇتقۇزمىغان ياكى ئىشلەتكۈزمىگەن،ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ قولى تەگسە قۇۋۋىتى يوقىلىدۇ دەپ قارىغان.ئۇيغۇرلار يەنە قىسمەن ھاللاردا بىلملىك كىشىلەرنى ۋە تەسەۋۋۇپچىلىقتا«ئەۋليالىق ماقامى»غا يەتكەن كىشىلەرنى «مۇقەددەس كىشىلەر» ئۇلاردا ئادەتتىن تاشقىرى سىرلىق قۇۋۋەت بار دەپ ئىشەنگەن. شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئۇلارنى پەرھىزلىك ئادەملەر دەپ ھىساپلاپ ،ئۇلارنىڭ چىشىغا تىگىش ،غەزىپىنى قوزغاشتىن كۇچلۇك پەرھىز قىلغان.بۇنداق پەرھىز مۇنداق ئەھۋاللاردا گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.يەنى ئۇلارنىڭ سۆزى سىرلىق قۇۋۋەتكە ئىگە،شۇڭا ئۇلارنىڭ دىگىنى چوقۇم يۈز بىرىدۇ،باشقىلار ئۇلارنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان بولسا ئۇلار قارغايدۇ ياكى يامان سۆز قىلىدۇ.بۇنداق قارغىش دەرھال ئەمەلگە ئىشىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغاچقا ،كىشىلەر ئۇلارنى خاپا قىلىپ قويۇشتىن قاتتىق پەرھىز قىلىدۇ.ئۇيغۇرلار بۇنداق ئەھۋالنى «دۇئايى بەتكە ئۇچرىغان»دەپ ئىپادىلەيدۇ.
ئۇيغۇرلار مۇقەددەس دەپ بىلگەن كىشىلەر يەنە باشقا خىل كىشىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئىلىشى مۈمكىن،بىراق ھەممىسى ھامان يۇقۇرىقى ئۈچ كاتىگۇرىيەگە تەۋە بولىدۇ.دەرۋەقە خاقان-پادىشاھلارنى سىرلىق كۇچ-قۇۋۋەتكە ئىگە ،ئۇلارنىڭ تەڭرى بىلەن باغلىنىشى بار دەپ قاراش ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ئىتىقادى دەۋرىدىن ئىتىبارەن سۇسلاشتى.ئىسلام مۇھىتىدا يەنە داۋاملىق پائالىيەت قىلغان شامان باخشى-داخانلىرى ،ئىسلام دىنى بىلىملىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن ئۆلىمالار يەنىلا «مۇقەددەس ئادەم»قاتارىدا پەرھىز ئوبىكتى بولۇپ قىلىۋەردى.ئىسلام دىنىدىكى ئادەمنى ئادەمدىن ئۇلۇغ كۆرۈش...تەك ھەركەتلەرنى چەكلەش بەلگۈلىمىسىگە قارىماي ،تەسەۋۋۇپچىلىق«ئەۋلىيا»لىرى ئۆزىنى مۆجىزىدار ۋە سىرلىق كۈچكە ئىگە قىلىپ كۆرسەتتى.ئومومى يۈزلىنىشتىن قارىغاندا ،مۇقەددەس ئادەملەرگە قارىتىلغان پەرھىزلەر يوقالمىدى.شۇنداقتىمۇ  كۆپ قىسمى مەنپەتدارلىق نوقتىسىدىن ئۆزلىرىنىڭ خۇراپات ئاساسىدىن ئايرىلدى.
ناپاك ئادەملەرگە ئالاقىدار پەرھىزلەر: ئۇيغۇرلاردا ناپاك ئادەملەرگە ئالاقىدار پەرھىزلەر ئاساسەن مۇنداق بىرقانچە خىل كىشىدە ئىپادىلىنىدۇ.بىرىنچى ھەيىزدار ئايال؛ئىككىنچى تۇغۇتلۇق ئايال؛ئۈچۈنچى جۇنۇپ كىشى؛تۆتىنچى جەسەت؛بەشىنچى كىسەل ئادەم.
ناپاك كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىك پەرھىزلەر ئاخىرقى ھىساپتا كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى قوغداش پىسىكىىسى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن.يەنە ئۇنىڭدا نۇرغۇن خۇراپى تەركىپلەر(مەسىلەن،ھىسسىي تەسىر،روھ قاراشلىرى)مۇ مەۋجۇت.ناپاك دەپ قارالغان يۇقۇرقى كىشىلەر تەۋەلىك جەھەتتىن ناپاك بولسىمۇ ،بىراق ئۇلار خۇددى «مۇقەددەس كىشىلەر»گە ئوخشاشلا بىرقاتار پەرھىزلەرنىڭ ئوبىكتى ھىساپلانغان.خەلق ئىچىدە«ناپاك»دەپ قارالغان يۇقۇرقى كىشىلەرگە ئالاقىدار پەرھىزلەر تىخمۇ قاتىق ۋە كۆپ.بۇ پەرھىزلەر ئاساسەن يۇقۇرقى «ناپاك»كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشتىن پەرھىز قىلىش،ئۇلارغا قاراشتىن پەرھىز قىلىش،ئۇلار بىلەن سۆزلىشىشتىن ھەزەر ئەيلەش،ئۇلار ئىشلەتكەن نەرسىلەرنى ئىشلەتمەسلىك،ئۇلار بىلەن جىسمانى جەھەتتە يىقىنلاشماسلىق ، ئۇلارنى مەلۇم ئىجتىمائى پالىيەتلەرگە قاتناشتۇرماسلىق،ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن نەرسىللىرىنى باشقىلارغا كۆرسەتمەسلىك  قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ.ئادەتتىكى كىشىلەر «مۇقەددەس كىشىلەر»گە مۇناسىۋەتلىك پەرھىزلەردە كۆپىنچە بويسۇنۇش،بىسىمغا ئۇچراشتەك پاسسىپ ئەھۋالدا تۇرىدىغان بولسا «ناپاك»ئادەملارگە مۇناسىۋەتلىك پەرھىزلەردە ئاكتىپ ھالەتتە چەكلەش پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەيدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقۇرىقى ناپاك كىشىلەرمۇ ئوخشاشلا ئاڭلىق ھالدا شۇ بىر قاتار پەرھىزلەرگە بوي سۇنىدۇ.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئەھۋال شۇكى ،مەيلى مۇقەددەس چىقىلغىلى بولمايدىغان ئادەملەر بولسۇن ۋە مەيلى ناپاك ۋە خەتەرلىك ئادەملەر بولسۇن ،ئۇلاردىن پەرھىز قىلىش ئۇسۇلىدا دائىم قوللىنىدىغىنى ئۇلارنى ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئايرىپ تۇرىدىغان تۈرلۈك ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشتۇر.ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ،قەدىمدىن بىرى خاقان-پادىشاھلار قەسىر-ساراي ئوردىلاردا ياشاپ ،ئادەتتىكى خەلىقتىن ئايرىلىپ تۇرغان ،راھىب ۋە راھىبەلەر بۇتخانا ۋە ساڭراملاردا ماكانلاشقان .پىرىخون ۋە باخشىلار بولسا كىشىلەردىن يىراق جايلاردا ماكان تۇتقان.تەرىقەت يولىنى تۇتقان راھىبلار سوپىلار خانىقا مەسچىت ۋە مازارلارنى ماكان تۇتقان.ئۇيغۇرلاردا يەنە يىڭى ھەيىز كۆرۈپ رەسىدە بولغان قىزلار،تۇغۇتلۇق ئاياللارمۇ ئوخشاشلا كىشىلەردىن مەلۇم مەزگىل ئايرىۋىتىلىدۇ،كىسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ھەرقانداق جايدا ئايرىم كۈتۈلىدۇ.ئۆلۈكلەر دەپنە قىلىنىدۇ.مۇقەددەس ۋە ناپاك دەپ قارالغان كىشىلەرنى ئادەتتىكى كىشىلەر توپىدىن ئايرىۋىتىشتەك ئۇسۇل ناھايىتى قەدىمقى زاماندىن تارتىپلا دۇنياۋى كۆلەمدە ئورتاق ئادەتكە ئايلانغان.قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنگەن بۇنداق ئايرىۋىتىش ئەمىلىيەتتە ناھايىتى قەدىمگە تۇتىشىدىغان پەرھىز بەلگىللىرى بولۇپ بۇ بەلگىلەر خەتەرلىك رايۇن،چەكلەنگەن رايۇن ئۇقۇمىنى ساقلىغان ئاساستا تۇرلۇك مەدىنىيەت مەنىللىرىنى ئىپادىلەپ ،ھازىر بىر كۆرىۋاتقان ھەر خىل مەدىنىيەت نامايەندىللىرىنى (جۈملىدىن ئوردا قەسىر شەكىلدىكى قەدىمكى شەھەر مەدىنيىتى،بۇتخانا،مىڭ ئۆي،مەسچىت،خانىقا شەكىلدىكى دىننى مەدىنىيەت،قەبرىستانلىق ۋە مازار شەكىلدىكى دەپنە مەدىنىيىتى)گە تەرەققى قىلغان.بىزنىڭ قارىشىمىزچە ئىنسانلار ئەنە شۇنداق چەكلىمىلەر ئارقىلىق جەمىيەت ۋە تەبىئەتتىكى ھەر خىل تەبىقە ۋە جايلارنى «مەدىنىيەت ماكانى»تەرىقىسىدە پەرىقلەندۈرۈپ تۇرغان.شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى تەبىقە ۋە ئورۇنلار ھەم شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن ئارلىق ساقلىنىپ ھەر بىر مەدىنىيەت ماكانىدىكى كىشىلەر مۇئەييەن پەرھىزلەرگە تەرتىپلەرگە بوي سۇنغان ھالدا جەمىيەتنىڭ مۇئەييەن قىلىپىنىڭ ئەندىزىسىنىڭ تۈزۈلمىسىنىڭ پەيدا بولىشىغا ئاساس سالغان.

دۇنيادا  يول يوقتى،ماڭىدىغانلار كۆپەيگەچكە يول پەيدا بولغان.

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18880
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 11:09:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېمىڭزنى بىرىنجى بۇلۇپ كۆرگەن ئۇخشايمەن ،مەن بۇ ئىشلارنى ئانچە-مۇنچە كڭتاپلاردىن كۆرگەن بولساممۇ بۇنداق تەپسىلى كۇرمەپتىكەنمەن.تېمىڭزغا كۆپتىن -كۆپ رەخمەت ،تۇللۇق خەۋەردار قىلغىنىڭزغا

دىنىمنىڭ ئۇستۇن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34992
يازما سانى: 491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8429
تۆھپە نۇمۇرى: 208
توردا: 3830 سائەت
تىزىم: 2011-3-23
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 11:34:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  «ئۇيغۇرلاردا باشقىلارنىڭ بەدىنىگە ئائىت پەرھىزلىك ئادەتلەر. »

   مەن تىمىڭىزنى باشتىن ئاياغ كۆرۇپ چىقتىم . ھەقىقەتەنمۇ  تارىخى مەنبەلەرنى ۋاراقلايدىغان بولساق ، دىيارىمىزغا  مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىز قوبۇل قىلىنماستىن بۇرۇن ، «شەخس»نى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇلارنى ئەيمىنىش يوسۇنىدىكى «مۇقەددەس»لىككە  كۆتۇرۇش ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى .مەسىلەن تۇنيۇقۇق مەڭگۇ تىشىگە پۇتۇلگەن ئابىدىلەر شۇلارنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ .

   ئەمما تىمىڭىزدا بىر نەرسە ئايدىڭ يورۇتۇپ بىرىلمەپتۇ . سىز ماۋزۇيىڭىزغا «ئۇيغۇرلاردا باشقىلارنىڭ بەدىنىگە ئائىت پەرھىزلىك ئادەتلەر.» دەپ قويۇپسىز . بىراق ئەينى زامان كىشىلىرى «بەدەن»گە  ئەمەس، «روھىيەت»كە بەكرەك ئىتىبار بىرەتتى .چۇنكى «روھىيەت»ئەۋزەللىكنى ئىگەللىگەنلىكى ئۇچۇن ، جىسمانى بەدەن شۇنىڭغا مۇناسىپ رەۋىشتە ھۆكۇم سۇرىدۇ .«بەدەن» يەنى  «ماددا» بىر ۋاستە خالاس. ئۇنى تىزگىنلىگۇچى «روھىيەت» تۇر .
شۇڭا ماۋزۇسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا بىرقىتىم تەھرىرلىۋەتكەن بولسىڭىز....
   ئۇنىڭدىن باشقا  alipbay  ۋە    Misranim2   ئەپەندىمگە ئەسكەرتىش :
    ئەدەبىيات ئۇسلۇب ئۆلچىمىدە ، ماۋزۇنىڭ ئارقىسىغا تىنىش بەلگىسى قويۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ .بۇ ئەدەبىياتقا قىلىنغان ئىغىر ھاقارەتتۇر. شۇڭا ئەڭ تىز سۇرئەتتە  تۇزىتىۋىتىشىڭلارنى  ئۇمىد قىلىمەن .

دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى  -مىنىڭ شان-شەرپىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36679
يازما سانى: 1041
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6896
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 4391 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2013-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-22 12:42:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      

تاغ سۈپەت قەددى بار ئىگىلمەيدىغان،
شىرسۈپەت روھى بار يىڭىلمەيدىغان .
ھەق ئۈچۈن ئۆلگەن بار تىرىلمەيدىغان.
شۇنداق بىر ۋەتەننىڭ ئوغلى ئىدىم مەن.

ھەسەلنىڭمۇ ھەرى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47743
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3468
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-22 12:59:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇئىشلارغا ئانچە بەك قىزىقىپ كەتمەيمەن ...

ھەسەلنىڭمۇ ھەرىسى بار ، قىزىل گۇلنىڭىمۇ تىكىنى بار.

ئىناق،ئصتتصپاق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3750
يازما سانى: 1667
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15252
تۆھپە نۇمۇرى: 601
توردا: 317 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2014-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-23 04:02:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداش تىۋىپ دىگەن تورداشلار، سىلەر ئىنكاس، تىمىغا دىققەت قىلدىڭلارمۇ قانداق؟

ئۇيغۇر كەلگۈسى ئۈچۈن قانۇن،بىلىم ئۆگىنىش كېرەك. ياخشىنى بىرى تارقاتسا،ئىغۋانى مىڭى تارقىتىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش