مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3521|ئىنكاس: 9

تارىختىكى بۈگۈن(21-ئىيول) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 01:26:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ۋۇخەن ئاز ئۇچرايدىغان قارا يامغۇرنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان. 60 مىڭدىن ئارتۇق كادىر ئامما بۇ قېتىملىق يامغۇرغا تاقابىل تۇرۇشقا ئاتلانغان. بۇ قېتىملىق يامغۇر سەۋەبلىك 23 جايدا قاتناش توسۇلۇپ قالغان، 47 جايدا توك توختاپ قالغان، 23 دۇكان، ساراي سۇ ئىچىدە قالغان.

1995-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى تۇنجى دېڭىز ئاتلىغان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى پۈتكەن. داليەن پورتىدىكى جىنياۋۋەن تۆمۈر يولى ئېلىمىزنىڭ شىمالدىكى تۇنجى دېڭىز ئاتلىغان تۆمۈر يولى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قۇرۇلۇشقا 300 مىليون يۈەن ئاجرىتىلغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 17.76 كىلومېتىر.

1985-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، غەۋۋاسلار مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يارايدىغان گۆھەرنى تېپىۋالغان. غەۋۋاسلار فىلورىدا دېڭىز ئەتراپىدا 1622-يىلى قارا بوراندا چۆكۈپ كەتكەن ئىسپانىيە پاراخوتىدىن بۇ گۆھەرنى تېپىۋالغان.

1977-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، لىۋىيە بىلەن مىسىرنىڭ تۆت كۈنلۈك ئۇرۇشى پارتلىغان. لىۋىيە بىلەن مىسىرنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى ئىدى. 1971-يىلى 9-ئايدا مىسىر، لىۋىيە، سۈرىيە «ئەرەب جۇمھۇرىيىتى فېدېراتسىيەسى» قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە 1973-يىلى 9-ئايدىن بۇرۇن بىرلەشمەكچى بولغان. بىراق فېدېراتسىيە قۇرۇشتا زىددىيەتلەر تۇغۇلغاچقا، فېدېراتسىيە قۇرۇش ئەمەلگە ئاشمىغان. 1973-يىلى ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدىن كېيىن، سادات ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى تىنچ ھەل قىلماقچى بولغان، لىۋىيە بۇنىڭغا قايىل بولمىغاچقا، ئىككى تەرەپنىڭ زىددىيىتى بارغانسېرى ئاشكارىلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ توقۇنۇشتى.

1969-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، «ئاپوللو» ناملىق ئالەم كېمىسى ئايغا چىققان. بۇنىڭ بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ئايغا چىقىش غايىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى، ئامېرىكا سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئالەم قاتنىشى جەھەتتە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ كەينىدە تۇراتتى. ئامېرىكا شۇنىڭ بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ تورغا چىقىشتىكى «ئاپولو پىلانى» نى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپولو پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا 400 نەچچە مىڭ ئادەمنى ئىشقا سالدى، 20 مىڭ شىركەت ۋە تەتقىقات ئورنى بۇ پىلانغا قاتناشتى.
1899-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى ئېرنېست ھېمىڭۋاي چىكاگو شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى بىر كاۋچوكزارلىقتا ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.1961-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى، ھېمىڭۋاي ئالەمدىن ئۆتكەن. دادىسى كلارون ھېمىڭۋاي دوختۇر بولۇپ، ئوۋچىلىق ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئامراق ئىدى؛ ئاپىسى سەنئەتكە ھەۋەس قىلاتتى. ئائىلىسىنىڭ تەسىرى بىلەن ھېمىڭۋايدا كىچىكىدىنلا ئوۋ ئوۋلاش، بېلىق تۇتۇش، بوكسىيورلۇق، مۇزىكا ۋە رەسىمگە كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا بولدى. 1917-يىلى ھېمىڭۋاي كاۋچۇكزارلىق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈردى؛ ھەربىي سەپكە ئۆتۈپ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، كۆزى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئارزۇيىغا يېتەلمىدى ۋە نائىلاج كانزاس شەھرىدە چىقىدىغان «يۇلتۇز» گېزىتىدە پراكتىكانت مۇخبىر بولۇپ ئىشلىدى. 1918-يىلى 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئىتالىيە ئۇرۇش مەيدانىدا ئېغىر يارىلاندى. تاشقى ئۇنىڭ بەدىنىدىن 237 تال ئوق پارچىسى چىققان. ئۇنىڭ «قۇياش يەنە چىقىدۇ» دېگەن رومانى شۇ دەۋردىكى «گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد» ئەدەبىي ئېقىمدىكىلەرنىڭ ئىجادىيەت مايىللىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مەشھۇر ئەسەر. بۇ ئەسىرى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ھېمىڭۋاي «ئۈچ ھېكايە ۋە ئون شېئىر» دېگەن توپلىمىنى ئېلان قىلدۇرغان. 1936-يىلى ئىسپانىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتىلىدى. بۇ جەرياندا ھېمىڭۋاي ئىسپانىيەگە ئىككى قېتىم باردى ۋە مۇخبىر بولۇپ ھۆججەتلىك فىلىم «ئىسپانىيە تۇپرىقى» نىڭ سىنارىيەسىنى يېزىشقا قاتناشتى ھەم فىلىمدا رول ئوينىدى. يازغۇچىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ چوققىسى ھېسابلىنىدىغان «ئەجەل سىگنالى كىم ئۈچۈن چېلىندى؟» دېگەن نادىر رومانىدا دەل مۇشۇ قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇش ئەكس ئەتكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھېمىڭۋاي باشتىن–ئاخىر ۋاقتىنى ئۇرۇش قاينىمىدا ئۆتكۈزدى. 1942-يىلى مەردانىلىك بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىگە ئۆزىنىڭ بېلىق تۇتۇشتا ئىشلىتىدىغان قولۋىقىدا فلورىدا دېڭىز بوغۇزىدىكى ئەھۋاللارنى چارلاش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى ھەم بۇ پائالىيەتنى ئىككى يىلغىچە داۋاملاشتۇردى. 1944-يىلى ئۇ مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن ئەنگىلىيىگە باردى. لوندوندا ئېغىر يارىلاندى، دوختۇرلار ئۇنىڭ بېشىنى 57يىپلىق تىكتى. ئۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاجايىپ سەرگۈزەشتلەرنى باشتىن كەچۈرگەچكە، ئوبزورچىلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇنىڭ مۇشۇ قېتىملىق ئۇرۇش توغرىسىدا بىرەر ئەسەرنى روياپقا چىقىرىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەنىدى. 1952-يىلى يازغۇچىنىڭ «بوۋاي ۋە دېڭىز» دېگەن مەشھۇر پوۋېستىنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشى ئۇنىڭ ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى شۆھرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۇنى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈردى. 1954-يىلى ھېمىڭۋاي ئافرىقىدا ئىككى قېتىم ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچرىدى. بېشى قاتتىق سىلكىنگەچكە، شۇنىڭدىن كېيىن سالامەتلىكى ۋە زېھنىي كۈچى بارغانسېرى ناچارلاشتى، ئەڭ ئاخىرىدا ئىجاد قىلىش ئىقتىدارىدىنمۇ ئايرىلىپ قالدى. 1961-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى دېئابىت، يۇقىرى قان بېسىمى، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ۋە ئېغىر روھىي ئازابنىڭ قىيىنىشىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن، ئەمدى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنالمايدىغانلىقىنى ئۆكۈنۈش ئىچىدە ھېس قىلغان بۇ قەيسەر يازغۇچى ئىداخو شىتاتىدىكى ئۆيىدە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئوې مىلتىقى بىلەن ئۆلۈۋالدى. «دۇنيا ئوغلى» دېگەن چىرايلىق نامغا ئېرىشكەن، فرانسىيە، ئىتالىيە، كۇبا، ئىسپانىيە، ئەنگىلىيە، كانادا، جوڭگو قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرگىچە قەدىمي يەتكەن بۇ مەشھۇر يازغۇچىنىڭ مول سەرگۈزەشتىلەرگە تولغان ھاياتى ئەنە شۇنداق ئاياغلاشتى.



مەنبە: جۇڭگۇ ئۇيغۇر رادىئوسى تورى

قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 01:31:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلتۇر21ئىيول يەنى بۈگۈنكى كۈندە مەن پۇلۇمنى ئوغرىغا ئالدۇرۇپ قۇيۇپ ئاچ قالغان.

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41753
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5355
تۆھپە نۇمۇرى: 292
توردا: 1093 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 01:42:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1قەۋەتتىكى(كارۋان) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قا

ئۇنداق كىچىك ئىشلارنى يېزىپ كەلسە،تور دۇنياسىنىڭ ئەھمىيىتى قالمايدۇ،بىز كومپىيۇتۇرنىمۇ ئىشلىتىپ يۈرمەيتۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41753
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5355
تۆھپە نۇمۇرى: 292
توردا: 1093 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 01:44:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامېرىكىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى ئېرنېست ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرى ئۇيغۇر كىتابخانلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ باقتىمۇ؟مەن ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43220
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3992
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1595 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 01:52:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  karwan21 كە 2011-07-21 01:44 PMئەۋەتىلدى  :
ئامېرىكىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى ئېرنېست ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرى ئۇيغۇر كىتابخانلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ باقتىمۇ؟مەن ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن.
با،  بوۋاي ۋە دىڭىز دەپ !  بەك ئىسل كىتاب ئۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10693
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13465
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 5732 سائەت
تىزىم: 2010-9-17
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 02:05:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  كارۋان كە 2011-07-21 01:31 PMئەۋەتىلدى  :
بۇلتۇر21ئىيول يەنى بۈگۈنكى كۈندە مەن پۇلۇمنى ئوغرىغا ئالدۇرۇپ قۇيۇپ ئاچ قالغان.
سىزمۇ داڭلىق ئەرباپ بولغان بولسىڭىز بۇ ئىشىڭىز بەلكىم يىزىلىپ قالاتتى

نېمىلەرنى ئويلا

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26380
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4537
تۆھپە نۇمۇرى: 292
توردا: 122 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2013-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 07:09:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
21- چىسلا نېمە ئىشلار بولغان بولغىيتى يەنە.......   
بۈگۈن مىنىڭ ئەتراپىمدا ھەممە ئىش نورمال...

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 09:27:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:1قەۋەتتىكى(كارۋان) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس ق

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  karwan21 كە 2011-07-21 01:42 PMئەۋەتىلدى 1قەۋەتتىكى(كارۋان) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش :
ئۇنداق كىچىك ئىشلارنى يېزىپ كەلسە،تور دۇنياسىنىڭ ئەھمىيىتى قالمايدۇ،بىز كومپىيۇتۇرنىمۇ ئىشلىتىپ يۈرمەيتۇق.   
ۋوي جۆرەم بۇ سىز ئۈچۈن كىچىك ئىش بولغان بىلەن مەن ئۈچۈن چوڭ ئىش.چۈنكى ئاچ قالغان قورساق مىنىڭدە

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 09:28:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  kurkum كە 2011-07-21 02:05 PMئەۋەتىلدى  :

سىزمۇ داڭلىق ئەرباپ بولغان بولسىڭىز بۇ ئىشىڭىز بەلكىم يىزىلىپ قالاتتى
ھە بۇ مىنى ئادەتتىكى ئادەم دەپ ئويلاۋاتامسىز؟

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59758
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3040
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-10-10
ئاخىرقى: 2011-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 08:54:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

雅思代考经济师代考QQ362785110

雅思代考经济师代考QQ362785110http://www.hanwenks.com

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش