مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3496|ئىنكاس: 22

يۇرتىمىزدىكى قىزىقارلىق يەر ناملىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 12:14:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاپاق ئاستى: بۇيەر مەكىت ناھىيە شېھىددۆڭ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ 11 كىلومېتىر غەربىدە بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇزاق يىللار ئىلگىرى بۇ جاي پايانسىز توغراقلىق ئىكەن، ئايىمخان ئىسىملىك بىر ئايال يوپۇرغىدىن بىر قاپاق سۇنى كۆتۈرۈپ پىيادە مېڭىپ دەل شۇ يەرگە كەلگەندە، كۈن ئولتۇرۇپ ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق بېسىپتۇ. ئۇ بۆرىدىن قورقۇپ قاپاقنى دەرەخ شېخىغا ئېسىپ قويۇپ، ئۆزى دەرەخكە چىقىۋاپتۇ، كەچتە بۆرىلەر كېلىپ ئۇنىڭغا قاراپ ھۇۋلاپتۇ، ئايال قورقۇپ كەتكىنىدىن دەرەختىن يىقىلىپ چۈشۈپ، بۆرىلەرگە يەم بوپتۇ. ئەتىسى يولدىن ئۆتكەن يولۇچىلار دەرەخ شېخىغا ئېسىقلىق قاپاقنى كۆرۈپ، بۇ جاينى ‹‹قاپاق ئاستى››دەپ ئاتاپتۇ.

قانجۇغان: قانجۇغان ئۇلۇغچات ناھىيىسىدىكى بىر قەدىمىي قورغاننىڭ نامى بولۇپ، بۇ جاي دېڭىز يۈزىدىن 2105 مېتىر ئېگىز، قانجوغان سۆزى قەدىمكى تۈركچىدە ‹‹قانغا بويالغان››دېگەن مەنىدە. قەدىمكى زاماندا بۇ جايدا قاتتىق جەڭ بولۇپ، كۆپ قان تۆكۈلگەن ئىكەن.

ئاغىچام قىڭغاندى: بۇ قەدىمكى لۈكچۈن — دۈنخۇاڭ يولىدىكى بىر جاينىڭ نامى بولۇپ، لۈكچۈندىن 60 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ جايدا يول ناھايىتىمۇ خەتەرلىك بولغاچقا، تىك يار ياقىلاپ مېڭىشقا توغرا كېلىدىكەن، لۈكچۈنلۈك پېشقەدەم زات ئىسمائىل ھادىنىڭ ئېيتىشىچە، تارىختىكى يېغىلىقلارنىڭ بىرىدە، لۈكچۈن ۋاڭى مۇشۇ يول بىلەن قاچقاندا، ئاغىچىسى مۇشۇ جايدىن ئۆتكىچە ئۇلاغنىڭ ئۈستىدە قورقۇپ، بىر ياققا قىڭغىيىپ ئولتۇرۇپ كۆز يېشى قىلغانىكەن. شۇنىڭدىن بۇيان بۇ جاي‹‹ئاغىچام قىڭغايدى››دەپ ئاتىلىپ قالغانىكەن.

نىياز ئۇچقان چوققا: تۇرپاندىن ئىدىقۇت تېغى ئارقىلىق گۇچۇڭغا ئۆتىدىغان ئۇلاغ يولىنىڭ قۇتاز داۋىنى (سازلىقنىڭ داۋىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)دىكى بىر چوققىنىڭ نامى. پېشقەدەملەر بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا مۇنداق رىۋايەت قىلىشىدۇ؛ ئىلگىرى چالغانتاغدىكى قوشنا ئىككى سايدا ئىككى باينىڭ ئاتلىرى ئوتلايدىكەن، بىرىنىڭ ئىسمى بارات باي بولۇپ، ئەل ئىچىدە يۈز – ئابرويلۇق كىشى ئىكەن. يەنە بىرىنىڭ ئىسمى ھاجى بولۇپ، چالغانتاغنىڭ دىنىي مۆتىۋىرى ئىكەن. بۇ ئىككى زات ھەمىشە بىر – بىرى بىلەن مەنمەنلىك تالىشىدىكەن. بارات باينىڭ ئايغىرى يامان ئىكەن، ئۇ دائىم ئۆز ئۇيۇرىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، ھاجىنىڭ ئاتلىرىغا ئارام بەرمەيدىكەن، ھاجىنىڭ نىياز دىگەن بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ بىر كۈنى بارات باينىڭ ھېلىقى يامان ئايغىرىنى ئوغرىلاپ، گۇچۇڭغا ئاپىرىپ سېتىشقا تەمشەلگەندە، بارات باينىڭ مالايلىرى ئاتنى ئىزدەپ كېلىپ نىيازنى تۇتۇپ تاغقا ئېلىپ ماڭغانىكەن. نىياز ئۆيگە قايتىپ بارسا ‹‹ئوغرى››دېگەن ئاتاققا قېلىپ خەلقئالەم ئالدىدا رەسۋا بولۇشىدىن ئەنسىرەپ، تاغنىڭ تىك چوققىسىدىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغانىكەن، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ چوققا ‹‹نىياز ئۇچقان چوققا››دەپ ئاتالغانىكەن.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ياۋا تۇڭگۇز لەڭگەر، ئەندىر لەڭگەر، ياۋا ئات قۇدۇقى، چىڭگىزلىك، ئوسمانباي ئۆتىڭى، تايلاق تۇتقان(تايلاق سوۋغا قىلىنغان دېگەن مەنىدە)، كالا ئاستى، يىلان كۆيدى، ئاق تاز دۆڭ، پاسلادوقا ماڭلاي، ئارغامچىنى بوش ئۆرىگەن، كالا ئۆلگەن دېگەندەك قىزىقارلىق يەر ناملىرى بار.



مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»
مەنزىل: شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلىرى
http://uyghur.xjass.com/uyghur/c ... 0/content_75959.htm

قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك

نىيازى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45569
يازما سانى: 803
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9960
تۆھپە نۇمۇرى: 935
توردا: 3548 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 12:41:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي نېمىدېگەن قىزىقارلىق ئىسىملار بۇ...بولۇپمۇ ئاغىچام قىڭغايدى دېگەن...بۇرۇنقىلار قويغان يەرجاي ناملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ھېكايىسى بار ئىكەن جۇمۇ...

نىيازى يازمىلىرى جەمگاھى «پەرىشتە كوچىسى 123-نومۇر» malak8814 ئۈندىدار سالونى

بەخىت- ئاللاھنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41019
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17910
تۆھپە نۇمۇرى: 6011
توردا: 5290 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 01:03:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ قىزىقارلىق، لېكىن يېقىملىق بىلىندى بۇ
جاي ناملىرى. نىمىلا دىگەن بىلەن، ئانا تىلىم
زاغرا تىلىم دەپتىكەن كونىلار.

ھاياتنىڭ مەنىسى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشيۇر! يەنى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈلۈشتۇر !

ئادەم مەن دىگەن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45094
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6736
تۆھپە نۇمۇرى: 588
توردا: 2917 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2014-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 01:14:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەدىمى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئشلىتىلىشىغا ئاھاڭ جەھەتتىن  يېقىىنلاشقاندەكلا ھىس قىلدىم.

ئەڭ پاك ئادەم،ئەڭ ناپاك مۇھىتتىمۇ بۇلغۇنۇشتىن ساقلىنالىغان ئادەمدۇر.

ياردەم مەزمۇنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4175
يازما سانى: 1388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10770
تۆھپە نۇمۇرى: 562
توردا: 6900 سائەت
تىزىم: 2010-7-17
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 02:12:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پوداق چاقى- قاغىلىق 18- دوختۇرخانىڭ كەيىنى بۇرۇنقى نامى -ھازىر ئۇرۇقچۇلۇق دۇي دەيدۇ
كىشىلەرگە - ئۇرۇقچۇلۇق دۇي دىسە بىلمەيدۇ .ئەما  پوداق چاقى دىسە كۆپ ئادەملەر بىلدۇ .. مەنمۇ شۇ پوداق چاقى تۇرۇپ  ئىنكاس يىزۋاتىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3315
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10422
تۆھپە نۇمۇرى: 600
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 02:52:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاڭلاپمۇ باقماپتىكەنمەن  دىسە بۇ ئىسىملارنى

گەزنىنىڭ  ئىككى يۈزى بار ،بىر يۈزىدە نان ياقىدۇ .ئادەمنىڭ بىر يۈزى بار  ئىككى يۈزىدە جان باقىدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16159
يازما سانى: 1033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6103
تۆھپە نۇمۇرى: 715
توردا: 7354 سائەت
تىزىم: 2010-11-3
ئاخىرقى: 2014-7-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 03:00:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ يۇرىتتىمۇ خوتۇن تام ، چاشقانتۇر ،توخوتۇر ، دۆۋە جىن دىگەندەك يەرلەر بار .

                                                               قىزلار كىرمەڭلار   

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 03:24:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت  شاتمەن كە 2011-07-21 03:00 PMئەۋەتىلدى  :
بىزنىڭ يۇرىتتىمۇ خوتۇن تام ، چاشقانتۇر ،توخوتۇر ، دۆۋە جىن دىگەندەك يەرلەر بار .
شۇ سۆزلەرنى ئېزاھلىۋەتكەن بولسىڭىز ياخشى بولاتىتىكەن.........

قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك
oghuzkhan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 03:49:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25938
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8324
تۆھپە نۇمۇرى: 561
توردا: 6515 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 04:06:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
、بىزنىڭ يۇرتتىمۇ  ئىشتان سالدى  دەيدىغان بىر يەر باركەنتۇق

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش