كىلىنىڭىزنى قىزىڭىزدەك كۆرۈڭ
مەن بۇ ماقالەمدە قېينى ئانىلارنى سۆكمەكچى ئەمەس،قېينى ئانا بولسۇن ،ياكى ئۆزىمىزنىڭ ئانىسى بولسۇن ھەممىسى بىزنىڭ مېھرىبان غەمگۈزارىمىز. پەقەت بىر قىسىم قېينى ئانىلارنىڭ كېلىنلىرگە تېخىمۇ مېھرىبان بۇلۇپ ئۆز قىزىدەك كۆرشىنى ،ئوغلىنى ياخشى كۆرگەندەك كىلىنلىرنىمۇ ياخشى كۆرۈپ ئىللىق مۇئامىيلە قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.بىزمۇ ھامان قېينى ئانا بۇلىمىز.مەيلى كېلىن بۇلايلى ياكى قېينا ئانا بۇلايلى،مىھرىبان بۇلۇپ ئائىيلە شاتلىقىدىن تەڭ بەھرىمان بۇلايلى .بۇ دۇنيا بىزگە تۆت كۈنلۈك قىسقىغىنە ھاياتتا بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەتلەپ كۆڭلىگە ئازار بەرمەي ئۆتسەك تۇرمۇش تېخىمۇ كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ.سۈيۈملۈك قىزلار بىزمۇ ياخشى كېلىن بۇلۇپ قېينى ئانا-قېينى ئاتىمىزنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلايلى.ئۇلارمۇ بىزنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىمىز.
شوخ ئۇماق نۇربىيە 17 يېشىدا مەريەمخان ئانىغا كىلىن بۇلۇپ كىردى.مەريەمخان ئانىنىڭ دۇنيالىقتا بىر تاللا ئوغلى بۇلۇپ،كۆزىنىڭ قارچۇقىدەك كۆرۈپ ئەتىۋارلايىتتى.بۇ يىگىت بۇغداي ئۆڭ ئوتتۇر بوي كەلگەن بۇلۇپ بوي بەستى .چىرايىمۇ ئانچە قاملاشقان ئەمەستى.نۇربىيە بولسا بەك چىرايلىق دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ ، ناھايىتى نازۇك،ھەم بەك ئىشچان چوڭ بولغان قىز ئىدى.
نۇربىيە مەريەمخان ئانىغا كىلىن بۇلۇپ كىرگەن كۈندىن تارتىپ،ئاتا-ئانىسىغا ئەركىلەپ يۈرۈيدېغان شوخلىقىدىن ئەسەرمۇ قالمىدى.مەريامخان ئانا ئۆينىڭ چوڭ-كېچىك ئىشلىرنىڭ ھەممىنى نۇربىيەگە قىلدۇراتتى.بۇ قىزمۇ خېلى چاققان بۇلۇپ قېينى ئانىسنىڭ بۇيرىغانلىرى بۇيىچە ئۆينىڭ ھەممە ئىشلىرنى بىر قوللۇق قىلىپ كەلدى.مەريەمخان ئانا بۇ قىزنى بىردەم ئارام ئالغىلى قويمايىتتى.شۇنداقلا ئولتۇرۇپ قالدىما!نەشتەردەك گەپ قىلىپ نۇربىيەنى تىللايىتتى.
بۇ قىز مانا مۇشۇنداق تىلنى ئىشتىۋېرىپ بىز خىل گاڭگىراشتا ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى تېپىپ قىلالمايدېغان بۇلۇپ قالدى.بىرەر ئىشنى قىلاي دەيدىييۇ قېينى ئانام بىر نېمە دەرمۇ دەپ،تىترەپ تۇرۇپ قىلالمايدۇ.مۇشۇنداق ئىزا ئاھانەتتە نۇربىيە نەچچە ئون يىلنى قېينى ئانىسىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەي،بىرەر ئېغىز گەپ تاكاللاشماي نېمە دېسە ماقۇل ئانا دەپ ھۆرمەتلەپ ئۆتكۈزدى.
يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ دېگەندەك،بۇلارنىڭ تۇرمۇشى خېلى ياخشى بۇلۇپ نۇربىيەمۇ قېينى ئانىسىدىن ئۆي ئايرىپ، ئەمدى تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھرىمان بۇلاي دېگەندە،شۇم تەقدىر بۇ بىچچارە نۇربىيە ئانا بالىغا قول سوزدى.
نۇربىيەنىڭ ئىرى ئادەتتىكى بىر ئاشپەز بۇلۇپ،ھۆكىمەتنىڭ بىر ئاشخانىسىدا ياللىنىپ ئىشلەيىتتى.نۇربىيە بولسا ئۆيىدە بالىسىنىڭ،قېينى ئانىسىنىڭ ئاش تامىقىنى ئېتىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ ئولتۇراتتى.بۇلار ئۆي ئايرىپ چىققان بىلەن قېينى ئانىسى دائىم بۇلارنىڭ ئۆيىدە ئىدى.
نۇربىيەنىڭ ئىرى ئىشتىن چۈشۈپ كىلىپ ئانىسى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى.نۇربىيە كەچلىك تاماق ئېتىش ئۈچۈن ئاشخانىدا ئالدىراش ئىدى.ئۇماق پەرزەنتى ھويلىدا ئويناۋاتاتتى.
تۇيۇقسىز ئانىنىڭ نۇربىيەنى چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى.نۇربىيە يۈگۈرۈپ كىرسە ئىرى خاخىراپ ئېغىزىدىن كىرپىك چىقىپ كۆزلىرى ئارقىغا كەتكەن پېتى ياتقان.قېينى ئانىسى ئوغلىنىڭ باش-كۆزىنى سىلاپ تىترەپ تۇرغان ھالىتىنى كۆرۈپ بىچچارە نۇربىيە ھۇشۇدىن كەتتى.
خۇلۇم-خوشنىلار نۇربىيەنى بىر ئاماللارنى قېلىپ ھۇشۇغا كەلتۈردى.نۇربىيە كۆزىنى ئېچىپ ئاللىقاچان نەپەستىن قالغان ئىرىنى قۇچاقلاپ يىغلاشقا باشلىدى. ھەر قانچە يىغلاپمۇ ئېرىنى ئويغىتالمىدى.پەرزەنتى بولسا بىر تەرەپتە مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزىدە دادىسىغا قاراپ يىغلاۋاتاتتى...
مانا مەريەمخان ئانىنىڭ ئوغلى نۇربىيەنى تاشلاپ كەتتى.نۇربىيە مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان بالىسى بىلەن قېينى ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسا بولمايىتتى.تۇرمۇش نۇربىيەنى خېلى ھالسىراتتى.
ئۆينى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان بولغاچقا،كۈنلەر تىز ئۆتۈپ بىردەمدە نەچچە ئايلىق ئۆي پۇلى يىغىلىپ قاپتۇ.ئۆينىڭ ئىگىسىمۇ باشقا گەپ قىلمىغان بىلەن ئەمدى سۈيلەۋاتاتتى...
ئۆيىدە يەيدېغان تۈزۈكمۇ نەرسە قالمىغان بۇلۇپ،ئىرىدىن قالغان پۇللار بۇ ئۈچ جانغا نەچچە ئايلىقلا بولدى.
نۇربىيە ئەمدى قانداق قىلارمەن دەپ كېچە-كېچە ئۇخلىماي نالە قىلىپ يىغلايىتتى.<يا ئاتا-ئانام بولمىسا دەردىمنى تۆكىدېغان،يا بىر تۇققانلىرىم بولمىسا >دەپ ئۈن-تىنسىز ياش تۆكەتتى.
چۈنكى يىغلىغىنىنى قېينى ئانىسى كۆرسە يەنە ئۇنى ئەيىپلەپ ۋۇ يارماس ئوغلۇمغىلا تاينىۋالغانمىدىڭ دەپ تىللايىتتى.
بۇ قىز كۆپ يول مېڭىپ ئاران دېگەندە بىر خىزمەت تاپتى.ئايلىقى ئانچە يۇقرى بولمىسمۇ تىجەپ خەچلىسە يىتىپمۇ قالاتتى.كۆندۈزى ئالدىراش خىزمەت قىلىپ كەچلىرى،كىر- قات يۇيۇپ دېگەندەك كۈن-كۈننى قوغلاپ ئۆتكۈزدى.
نۇربىيەنىڭ ئېرى تۈگەپ كېتىپ ئۇزۇنغا قالماي قېينى ئانىسى ئۆيىدىكى بەزى نەرسىلەرنى بالامنىڭ نەرسىلىرى دەپ ئەپكىتىپ ئۆينى قۇرۇغداپلا قويغان ئىدى.بۇلارنىڭ تۇرمۇشى شۇنچىلىك ئاددىي ھەم،غورۇگۇل ئىدى.بۇ قىزنىڭ بىرەر يىقىن دوستىمۇ يوق ئىدى.خۇلۇم-خوشنىلىرى ئۆيىگە كىرىپ ئانچە-مۇنچە تەسەللى بىرەيلى دەپ كىرسىمۇ قېينى ئانىسى كېلىنىمگە گەپ ئۆگەتكىلى كىرىشتىڭلارمۇ دەپ بۇلارنى قوغلايىتتى......
نۇربىيەنىڭ ئېرى ھايات ۋاقتىدا نۇربىيەنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن نۇربىيەگە مىراس قالغان ئۆي جاينى ئېرى سېتىپ،ئۆزى پۇل قۇشۇپ كېچىك بولسىمۇ ئىككى يۈرۈش ئۆيگە پۇل تۆلەپ قويغان ئىدى.بۇ ئۆيلەرنىڭ پۈتكەن خەۋرى بۇلارغا كەلدى.نۇربىيە خوشلۇقتىن قىن-قېنىغا پاتماي كېتىۋاتاتتى.چۈنكى كونىلارنىڭ بىر گىپى بارغۇ!<ئېيىق بولسىمۇ ئىرىڭ بولسا ئۆڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈڭ بولسا >دەيدېغان.بىر ئايدا تاپقان پۇلىنىڭ 3دەن 1 قىسمى ئۆي ئىجارىسىگە كىتەتتى.
نۇربىيە كۆڭلىدە بىر يۈرۈشتە قېينى ئانام ئولتۇرسا بىر يۈرۈشتە بالام بىلەن ئىككىمىز ئولتۇرامىز دەپ خىياللارنى قىلىپ ئولتۇراتتى.لېكىن قېينى ئانىسىنىڭ نېمە دەيدېغىنىنى بىلمەيىتتى.
نۇربىيە غەيرەتكە كېلىپ بۇ تۇغۇرلۇق قېينى ئانىسى بىلەن پاراڭلاشماقچى بولدى.
مىڭ بىر تەستە< ئانا...ئانا..نېمە دەيسىز،بولدى دىمەڭ مەن بىلىمەن >دېدى.نۇربىيەنىڭ ئاغزى تۇۋاقلىنىپلا قالدى.قېينى ئانىسى گەپ باشلاپ ئاڭلاپ تۇرۇڭ ئىككى يۈرۈش ئۆينىڭ ھەممىنى مەن ئالىمەن.بىرنى سېتىپ ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىپ كىلىمەن.بىردە ئۆزۈم ئولتۇرىمەن دېدى.نۇربىيەنىڭ بېشىدىن بىر چىلەك سۇ قۇيۋەتكەندەك بۇلۇپ ئولتۇرغان جايىدا ئولتۇرۇپلا قالدى.نە ئۆينى تالىشىپ جاۋاپلىشاي دېسە،تا ھازىرغىچە قېينى ئانىسنىڭ بىر ئېغىز گىپىنى يىرىپ باقمىغاچقا پەقەت تەڭ تۇرالمايىتتى.مانا ئەمدى بۇ ناتىۋان قىز مۇشۇنداق خورلۇق دەت-ئەلەمگە بەرداشلىق بىرىپ ياشىمىسا بولمايىتتى.
نۇربىيە ئېچە ئۈن-تىنسىز يىغلايىتتى قېينى ئانام نىمانچە ئىنساپسىزلىق قىلىدېغاندۇ. مېنى ئويلىمسىمۇ ئوغلىنىڭ ئۇماق پەرزەنتىنى ئويلىسا بولمامدېغاندۇ.ئوغلۇم بىلەن قېقىلىپ -سۇقۇلۇپ ياشىساق خوش بۇلامدېغاندۇ دەپ ياش تۈكەتتى...
مەن بۇ قىزنىڭ كەچۇرمىشنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ھىسداشلىق قىلدىم.مىسكىن ھالىتىگە قاراپ تەسەللى بەردىم.ۋە قانۇندىن پايدىلىنىپ ئۆز ھۇقۇقىڭىزنى قوغداڭ دېسەم بۇ قىز پەقەت ئۇنىمىدى.نېمىشقا ئۇنمايسىز مۇشۇنداق جاپا تارتىپ ياشامسىز دېسەم قېينى ئانام بىلەن تەڭ تۇرۇپ مال دۇنيا تالاشقۇم يۇق قېينى ئانام خالاپ بەرسە مەيلى ئىدى دېدى.
مەنبە قەلىمىم