مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10547|ئىنكاس: 58

قاملاشتۇرالمىغان ئىلان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44376
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3243
تۆھپە نۇمۇرى: 909
توردا: 6065 سائەت
تىزىم: 2011-6-14
ئاخىرقى: 2012-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 10:14:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قاملاشتۇرالمىغان ئىلان


        ئاران ئىرىشكەن خىزمىتىمدىن ئايرىلىپ قىلىش ئالدىدا تۇرۋاتىمەن.قانچە ئويلىساممۇ كالامدىن زادىلا ئۆتمەيدۇ.ئالى مەكتەپنى پۈتۈرۈپ بىرقانچە قىتىم مەمۇرىيلىق ئىمتاھانىغا قاتناشقان بولساممۇ ھەر قىتىمدا بىرقانچە نومۇر كەملەپ قىلىپ ئۆتەلمەي ئاخىرى ئىختىساسلىقلار يەرمەنكىسىگە قاتنىشىپ بۇ خىزمەتكە ئىرىشكەن ئىدىم.ئىش ھەققىم تۆۋەن بولسىمۇ قورساق توتغۇزغۇدەك ھالەتتە ئىدى.بىرسى نىمىش قىلىسىز دىسە ئىش كۈتۋاتىمەن دىگەندىن كۆرە خىزمىتىمنىڭ بارلىقىدىن ئازراق بولسىمۇ پەخىرلىنىپ يۈرەتتىم.ئەمدى بۇ خىزمەتتىنمۇ قۇرۇق قالىدىغاندەك قىلىمەن.نىمىشقا دەمسىز؟ بۇ شىركەت ئىلان مۇلازىمەت شىركىتى بولۇپ،مەن ئىشلاۋاتقان بىر يىلدىن بۇيان تىجارىتى يامان ئەمەس كىتىۋاتاتتى.ئۆتكەن ھەپتە دىرىكتورىمىز مىنى ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ،- شىركەتكە كەلگەندىن بۇيان ياخشى ئىشلەۋاتىسىز،ئەمدى ئۆزىڭىز مۇستەققىل بىر ئىلان ئىشلەپ بىقىڭ-دەپ بىر ماتىريال لاھيسىنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى.
       مەن ئىشخانامغا چىقىپ ئۇ ماتىريالنى تەپسىلى كۆرۈشكە باشلىدىم.بۇ بىر ساغلاملىق مەھسۇلات زاۋۇتىنىڭ ھازىرقى زامان ئادەملىردىكى نۇقتىلىق كۆرلىۋاتقان تىپىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرى بولغان ئەر-ئايالاردىكى مىجەز خارەكتىر ئۆزگىرىشىگە شىپا بولىدىغان يىمەكلىك بولۇپ،ئەرلەر بۇ يىمەكلىكنى ئىستىمال قىلسا،  كەيپىياتىدىكى ئىزلەڭگۈلىك،مىشچانلىق،قورقۇنچاقلىق، تەشۋىشلىنىش ئالامەتلىرى تۈگەپ ھەقىقى ئەركەكلەرگە خاس سالاپەتكە قايتىدىغانلىغى.ئاياللار ئىستىمال قىلسا،قوپال، ئەسەبىلىكى،چىچىلاڭغۇلىغى تۈگەپ مۇلايىم،سىپايە،نازاكەتلىك، جۇشقۇن،روھلۇق بولىدىغانلىغى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.
         ئىلان لاھىسىدە بولسا بو يىمەكلىكنى يىگەن ئىشىت،مۈشۈك،ساچقاندىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ھايۋاننىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى نامايەن قىلىدىغان سۈرەتلىك ھەركەتچان چىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان كۆرنۈشلەر ۋە ئەمىلى سۈرەتكە ئىلىش تىخنىكىسى قوللۇنۇش تەلەپ قىلىنغان ئىدى.
       مەن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش مەخسىدىدە ئاران دىگەندە ساچقان بىلەن مۈشۈكنى تىپىپ كىلىپ ئۇلارنى ئايرىم-ئايرىم قەپەزگە سىلىپ شۇ مەھسۇلاتنى بىرىپ بىقىشقا باشلىدىم.لىكىن ئۇلار بۇ يىمەكلىككە قاراپمۇ قويمايۋاتاتتى.قورسىقى ئاچسا ھامان يەيدىغۇ دىگەن مەخسەتتە باشقا بىرنەرسە بەرمەيلا كەچتە ئىشىتىن چۈشۈپ قايتىپ كىتىپ ئەتىسى ئىشقا كىلىپ قارىسام يىمەكلىك ئۆز پىتىچە تۇرۇپتۇ.كۆڭلۈمدە يىمىسە بوپتىلا مەخسەت ئۇلاردىن پايدىلىنىپ ئىلان ئىشلەش بولغاندىكىن مۈشۈكنىڭ ساچقاانى باتۇرلارچە قوغلاپ تۇتۇپ بىر چىشلەپلا يەۋەتكەن كۆرنىشىنىلا ئىلىۋالسام قالدىسى كارىچاغلىق ئىش دەپ ئويلۇدۇم.شۇنىڭ بىلەن سۇرەتكە ئىلىش ئۆيىگە كىرىپ ھەممە تەيارلىقلارنى پۇتتۇرۇپ ئاۋال مۈشۈكنى ئاندىن ساچقاننى قەپەزدىن چىقاردىم.مۈشۈكتىن ئەنسىرەپ ساچقاننى بۇلۇڭغا ئاۋايلاپ قويۇپ ئاپراتىمنى ئۇلارغا توغۇرلاپ سۇرەتكە ئىلىشنى باشلىدىم.توۋا ئۇلار قويغان جايىمدىلا مىدىرلاپمۇ قويماي تۈگۈلگىنىچە تۇرشاتتى.مەن قولۇمغا تاياق ئىلىپ مۇشۇكنى ساچقان بار تەرەپكە ھەيدىدىم.مۈشۈك ساچقاننى كۆرمىدىمۇ ياكى چىراغنىڭ نۇرىدىن قورۇقتىمۇ تىخمۇ ئارقىسىغا تۈگۈلۈپ تۇرۋالدى.لىكىن ساچقان يەنىلا مىدىرلىماي ئەتراپنى كۈزىتىپ تۇراتتى.مەن ئەمدى ساچقاننى مۈشۈكنىڭ ئالدىغا ھەيدىدىم.ساچقان تۇيۇقسىزلا بۇلۇڭنى بويلاپ مۈشۈك تەرەپكە يۈگرەشكە باشلىدى.ھەيران قالدىمكى باياتتىن بىرى قىم تۇرغان مۈشۈك ساچقاندىن ھۈركىگەندەكلا ياندىكى ئىشىكتىن بەدەر قاچتى.ھىلىمۇ ياخشى سىرىتتىكى ئىشىكنى تاقاپ قويۇپتىكەنمەن بولمىسا تالاغا قىچىپ كەتكەن بولسا مۇشۇكنىڭ ئىگىسىگە جاۋاپ بىرەلمەسكەنمەن.
        بۇ ئىشلاردىن بىشىم قىتىپ ئۆيۈمدىكىلەرگە دىدىم.ئۆيۈمدىكىلەر تونۇش-بىلىشلەر ئارقىلىق ئارقىمۇ-ئارقا 4 مۈشۈكنى تىپىپ بەرگەن بولسىمۇ ھەمىسى دىگىدەكلا ئەزەلدىن ساچقان كۆمىگەندەك ساچقاننى كۆرسىلا ھۈركۈپ يىقىن يولىمىدى.خۇشنىمىز،- كىشىلەر ھازىرقى مۈشۈكلەرنى سىرتقا چىقارماي ئەمەك ھايۋان قاتارىدا ئەتىۋارلاپ باققاچقا ساچقان تۇتۇشنى بىلمەسلىگى مۈمكىن سىز ئەڭ ياخشىسى چەت يىراق يىزىلاردىن مۈشۈك تىپىپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولغۇدەك- دىگەن مەسلەھەتنى بەردى.ئامال يوق يىزىدىكى تۇقانلارغا تىلپۇن قىلىپ ئاران دىگەندە مۈشۈكتىن بىرنى ئەكىرگۈزدىمدە دەرھال مەشغۇلاتىمنى باشلىدىم.بۇ مۈشۈك ساچقاندىن قورۇقمىدى لىكىن ساچقان بىلەن كونا دوسلاردەكلا ساچقاننى ئەركىلىتىپ يۇرۇپ ئاخىرى پۇتىنى ساچقان چىشلىۋىلىپ چىقىرغىنىچە قىچىپ كۆزدىن غايىپ بولدى.لىكىن ساچقان ھىچ ئىشى بولمىغاندەكلا ئەتراپتىكى نەرسىلەرنى پۇراپ مەغرۇر يۈرۋاتاتتى.شۇ ئارلىقتا ئۆتكەندە قايسىبىر توربەتتىن ئىچكىرى ئولكىدە بىر بوۋاقنىڭ پۇتىنىڭ بىر بارمىغىنى ۋە قۇلىقىنى ساچقان چىشلەپ ئۈزۋالغانلىغى توغۇرسىدىكى خەۋەر ئىسىمگە كەلدى.كۆز ئالدىمدىكى بۇ مەنزىرنى كۆرۈپ ئاچىغىمدا ئۆز-ئۆزىمگە سۆزمەشكە باشلىدىم.دىمىسىمى ھازىرقى چاشقانلار تەپ-تارتماستىن ئۆيدىن ئۇياقتىن-بۇياققا بىمالال ئايلىنىپ يۈرىدىغان بەزىدە تىخى ساچقان تۇتۇش ئۈچۈن سىلىپ قويغان دورىنى يەپمۇ ھىچنىمە بولماي ئەكسىنچە تىخىمۇ يوغۇناپ ئادەمدىن قەتتى ھىيىقمايلا يەۋاتقان تامىقىنى تارتىۋالىدىغاندەكلا ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۇرىشلىرىچۇ.ئامرىكىنىڭ ‹ساچقان ئاپىتى› دىگەن كىنوسىدەك ئاپەت بولسا مۈشۈك ئەمەس ئادەمنىمۇ تىرىك يۇتقىدەكلا ئەلپىزى بار.شۇ ئاچىقتا ئالدىمدا تىمىسقىلاپ يۈرگەن ساچقاننى بىر تىپىپلا تامغا چاپلىۋەتتىم.يەنىلا ئاچىغىم چىقمايۋاتاتتى.ساچقانغۇ رەقىبىدىن قورۇقمايدىغان بولسۇن لىكىن مۈشۈك ئەلمىساقتىن تارتىپ ساچقان تۇتۇش بىلەن جان بىقۋاتقان بىر ھايۋان تۇرۇپ ئەمدىلىكتە ئۆز ئولجىسىنى تونۇماي ئەكسىچە ئۇنىڭدىن قورقۇپ تۈگىلىپ تۇرىشلىرىچۇ.قارىغاندا كىشىلەر داۋاملىق ‹بەز يىمەيدىغان مۈشۈك يوق› دەپ بەز يەمدۇ يىمەمدۇ كارى يوقلا ھەمىسىنى بەز بىلەنلا بىقىپ مۈشۈكلەرنىڭمۇ تەبىتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن چىغى.
          شۇ ئەسنادا دىرىكتور ئىشخانامغا كىرىپ،- ھە تاپشۇرغان ئىشلار قانداق بولدى؟ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز سوزلەپلا كىتىپسىزغۇ؟- دىدى.مەن نەچچە كۈندىن بىرى شۇنچە جاپا تارتىپمۇ تىخىچە بۇ ئىلاننىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى پۇتتىرەلمىگەلىگىمنىڭ سەۋەبىنى دىرىكتورغا چۈشەندۈردىم.دىرىكتور تىرىكىپ،- جىنىم ئۇكام بۇنچىلىك ئاددى ئىشنىمۇ قاملاشتۇرالمىسىڭىز ھازىرقى زامان ئىلانچىلىق ساھەسىدە قانداقمۇ جان بىقىپ كىتەلەيمىز؟ئۇ زاۋۇت بىلەن ئالىبۇرۇن توختام تۈزۈپمۇ بولغان تۇرساق،زاۋۇت شۇ خىلدىكى ساغلاملىق مەھسۇلاتىنى بازارغا سىلىش ئۈچۈن پەقەت شۇ بىزنىڭ ئىشلىمەكچى بولغان ئىلانىمىزغىلا قارپ قىلۋاتقان تۇرسا،شۇ مەھسۇلات سىتىلىشقا باشلىسىلا %20 پايدا بىزنىڭ چۆنتەەككە كىرىشكە باشلايدۇ.شۇڭا سىز يوقىلاڭ باھانە كۆرسىتىپ يۈرمەي تىزدىن ئامال قىلىپ ئىلاننىڭ مۇئاپىقيەتلىك ئىشلىنىشى ئۈچۈن باش قاتۇرۇڭ،بۇ سىزگە بىرىلگەن ئاخىرقى بىر ھەپتە ۋاقىت،ئەگەر ئىلاننى كۆڭۇلدىكىدەن ئىشلىيەلمىسىڭىز خىزمەتتىن قالدۇرۇشلا ئەمەس زاۋۇت تەرەپ بىلەن تۈزۈشكەن توختام بويىچە ھەممە ئاقىۋەتكە ئۆزىڭىز ئىگە بولىسىز-دىگىنىچە ئىشىكنى قاتتىق يىپىپ چىقىپ كەتتى.
           مەن مۈشۈك بىلەن ساچقاننىڭ كىنولىرىدىكى كۆرنىشلەرنى ئەسلەشكە باشلىدىم.لىكىن ھەمىسىلا كارتون فىلىملار بولغاچقا ئەمىلى مەيدان كۆرنىشى سۈپتىدە نۆۋەتتە ئىشلىمەكچى بولغان ئىلانىمىزغا ئازراقمۇ يىقىن كەلمەيتتى.كومپىيوتېردا قۇراشتۇراي دىسەممۇ مۇئاپىق ئەمىلى ھەركەتلىك سۈرەت بولمىسا يەنىلا قاملاشمايتتى.
          قانداق قىلىش كىرەك ئىشلىمەيمەن دەپلا پەشنى قىقىپ كەتكىلى بولمىسا.ئاخىرى شۇ ساغلاملىق يىمەكلىكتىن ئازراق يەپ جاسارىتىمنى تىخمۇ ئۇرغۇتۇپ ئاندىن ئىشىنى باشتىن باشلاش قارىرىغا كەلدىمدە زاۋۇت تەرەپكە تىلپۇن قىلدىم.لىكىن بۇ تىلپۇن ساغلاملىق يىمەكلىكلىرى زاۋۇتى بولماستىن يەم خىشەك پىشىقلاپ ئىشلەيدىغان زاۋۇتنىڭ نومۇرى بولۇپ چىقتى.

مەنبە:ئۆزۈمنىڭ يازمىسى.

ئەي فەرىۋەش ،گۈل

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34914
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 329
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1544 سائەت
تىزىم: 2011-3-23
ئاخىرقى: 2011-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 12:54:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كاشىغەر

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2081
يازما سانى: 448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7198
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1497 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 01:02:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاي ھاي سىككاكى ھەزرەت ئاچچىقنى بىسىپ گەپ قىلىلى . باكا ھەممە قاشقالىقنىڭ ئۇۋىسى چۇۋۇلۇپ كەتمىسۇن . مەنغۇ قەشقەرلىك .
نە ئۇ قاشقا دىگەن .
تىما ئىملا خاتالىقى خىلى كۆپ ئىكەن .

دۇشمەنلىرىمگە ئۆزۇم تىتىيمەن . دوستلۇرۇمنىڭ قەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ خۇدا !

ئەي فەرىۋەش ،گۈل

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34914
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 329
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1544 سائەت
تىزىم: 2011-3-23
ئاخىرقى: 2011-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 01:09:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

سىز ئۇزىڭىزگە ئى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4687
يازما سانى: 1377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11001
تۆھپە نۇمۇرى: 454
توردا: 7147 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 01:39:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىدىن ئىنكاس قىزىپ كىتىپتىغۇ

رىۋايەت

alla mining birdinbir yardamch

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3770
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10531
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 5565 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 01:57:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاھاھاھا
ئېلان دېسە ھېلىقى قۇملۇققا يوغان توڭلاتقۇنى ئۇچارتىپ كەلگەن كۆرۈنۈش ئېسىمگە كېلىپ قالدى، شۇنىڭ ئورنىغا بىرەر يەشىك ئىچىملىك ئاپارسىچۇ دەپ قالدىم، بىرەر چەتئەللىك كۆرسە ھەيران قالىدىغان بولدىدە، ئايروپىلان بەرسىمۇ خورىتىپ تۈگىتىۋەتكۈدەك دەپ...

ئاللاھنىڭ مېنى ئۇيغۇر يارىتىشى مېنى ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرغىنىدۇر،مۆمىن بەندە بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاللاھىمغا قانداقمۇ قارشى چىقالايمەن؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43087
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 186
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2011-6-4
ئاخىرقى: 2011-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 06:29:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاھاھاھاھاھا

قىزىپ كىتىپسىلەغۇ  !!!!

ياردەم مەزمۇنى

باش رەسىمى نىقابلانغان

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26702
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5306
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 3846 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 07:08:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
www.elkelem.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9745
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3846
تۆھپە نۇمۇرى: 518
توردا: 2654 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2012-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 09:17:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساختا ئىلان ئىشلە دەپتۇ دە بۇ خوجايىنلار، سىزنىڭ ئاۋۇ ساچقان بىلەن مۈشۈكنى سۈرەتكەن ئېلىش جەريانىڭىز بەك قىزىقارلىق بوپتۇ ، ياكى مۇشۇنى ئۆزگەرتىپلا ئىلان ئىشلەپ باقامسىز يا

بىلىم ئال

قايىل قىلىش قۇرق

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 602
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9222
تۆھپە نۇمۇرى: 275
توردا: 4758 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 10:05:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ نەرسىنى چاشقانغا يىگۇزۇپ ، چاشقانغا مۇشۇكنىڭ ئەدىپىنى بەرگۇزۇپ ئىشلىسىڭىز بۇلغۇدەك ئەسلى !

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ھەممە ئىشلار كۆڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 1881
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 19706
تۆھپە نۇمۇرى: 763
توردا: 7377 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 10:45:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىقارلىق فىليەتۇن ئىكەن، ئاچكۆزلەر پايدىنى كۆزلەپ ئۈنۈم بىلەن كارى يوق، ئەڭ ئاخىرىدا ئالدىنىدىغىنى ئىستىمالچىلار، ئىنىق زاۋۇت ئادىرسى ۋە ئالاقىلىشىدىغان نۇمۇرلارنىڭمۇ كۆپىنچىسى يالغان...
ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى تىز سىزما ئىكەن. ياخشى ئىپادىلەپسىز.

ئاللا ھەممىمىزگە ئىنساپ بەرسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 854
يازما سانى: 325
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7344
تۆھپە نۇمۇرى: 311
توردا: 4944 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 11:01:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساچقان ساچقان دەۋېرىپ ئېلانىڭىزنىمۇ مۇۋەپپەققىيەتلىك ئىشلىيەلمەپسىز مانىكا ،نەدە ئۇنداق دەيدۇ چاشقان دىمەمسىز .12 مۆچەل دىگەن كىتاپتىمۇ چاشقان دەپ چىقىدۇ ،ئىسمىمنى توغرا چاقىرمىدى دەپ چاشقاننىڭ ئاچچىقى كىلىپ دەردىنى سىزدىن ئالالماي مۇشۇكتىن ئالغان گەپ مۇشۇككە خىرىس قىلىپ جان ئاچچىقىدا............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1036
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7828
تۆھپە نۇمۇرى: 575
توردا: 7957 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 11:09:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
-ساغلاملىق مەھسۇلاتى، ئەرلەرنى ئەر، ئاياللارنى ئايال قىلىدۇ.....
يىيىشكە باھانىسى جىق!-
    دەپلا ئىشلىمەي ئىلان دىگەننى....

ئەتە ئۆلۈپ كىتىمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44376
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3243
تۆھپە نۇمۇرى: 909
توردا: 6065 سائەت
تىزىم: 2011-6-14
ئاخىرقى: 2012-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 11:25:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۈشىكىم مىياۋلايدۇ قورسقى ئاچقان ئوخشايدۇ،
ساچقان تۇتاي دىمەيدۇ تەييار گۆشنى مارايدۇ.
قورسىقى تويسا خاقىراپ بەكمۇ تاتلىق ئۇخلايدۇ.
گۆش بەرمىسەڭ ئۇنىڭغا پەقەت ئۆيگە كىرمەيدۇ.

توساتتىنلا بىر كەچتە توۋلاپ كەتتى مۈشۈگىم،
شۇئان چىقسام تالاغا ئوچۇق قاپتۇ ئىشىگىم.
ئاخىرى تاپتىم مەن ئۇنى قورو تامنىڭ تۈۋىدىن،
ئۇنى تۇتۇپ بولغۇچە ھاڭراپ كەتتى ئىشىگىم.

مۈشۈك دىگەن ئەزەلدىن بەز مارىلاپ يۈرىدۇ،
شۇنچە ياخشى باقساڭمۇ كۆزنى يۇمۇپ تۇرىدۇ.
لىكىن ئىشەك باققاننى خىلى ياخشى بىلىدۇ،
ھىچ بولمىسا ئىگىسى ھىرىپ كەتسە مىنىدۇ.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39711
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 684 سائەت
تىزىم: 2011-5-5
ئاخىرقى: 2011-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 11:42:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەزمەتكا شېئر دىگەننى سويىدىكەنسىزغۇ. بۇ بولماپتۇ جۇمۇ دەرھال كەسىپ ئۆزگەرتىڭ!

هصسسىياتنىث ظةقىل تةرپىدىن كونتىرول قىلىنىشى ظادةمىيلىك،ظةقىلنىث هصسسىيات تةرپىدىن كونتىرول قىلىنىشى هايۋاناتلىقتذر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش