لۇنىڭدا قوش ئۇزغۇن لوڭقىسىنى ئېلىپ ، رەقىبلىرى ئالدىغا ئۆزىنىڭ جەسۈرلىگى، باتۇرلۇقى،چىدامچانلىقى ، تۇغما تالانتى ۋە تېخنىكىسىنى نامايان قىلغان ئايخان ئانا مەكتىپىنىڭ ئۇيغۇر قېنى تومۇر تومۇرىدا ئۇخچۇپ ئېقىۋاتقان ئەزىمەتلىرى شەرەپ بىلەن غۇلجىغا ماڭدى . ئۇلار شىنجاڭ دىيارىنىڭ پۇتبول كەلگۈسىنى پۈتكۈل جۇڭگوغا تونۇتۇپ نامايان قىلدى .
بۇ مۇسابىقىدە ئومۇمى توپ سانى جەھەتتە 3 كە قارشى 23 ، 6 گە قارشى 59 دەڭ سەرخىل نەتىجە بىلەن شەرەپ گۈلىنى مەيدىسىگە تاقاپ يۇرتقا قايتتى ( تەپسىلاتى :
http://bbs.elqut.cn/read.php?tid-31745.html)
ئەزىمەتلىرىمىز ھازىر مۇشۇ ماقالىنى يېزىۋاتقان ۋاقتىمدا لوياڭدىن ئاشقان ئىكەن . ئۇلار ئاللا خالىسا 22 چېسلا ئەتىگەن سائەت 6 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەن ئەتراپىدا ئۈرۈمچىگە چۈشىدۇ ، ھەم ئەتىگەن سائەت 8دىن 50 نىڭ پويىزى بىلەن غۇلجىغا قايتىدۇ . ئاللا خالىسا ئۇلار بىلەن 23 - چېسلا كەچ سائەت 8 دىن ئاشقاندا غۇلجا پويىز ۋوگزالىدا كۆرۈشىمىز . مۇشۇ تاپتا مىنىڭ ھازىرلا پويىز ۋوگزالىغا گۈل تۈۇتۇپ بېرىپ ئۇلارنى ساقلىغۇم ، ھەممە كىشىگە بىزنىڭ ئوماق ئەزىمەتلىرىمىز كەلمەكچى مەن بۇ گۈلنى ئۇلارغا سوغا قىلىمەن دېگۈم كېلىۋاتىدۇ .
بىچارە ئەزىمەتلىرىمىز بارغۇچە 56 سائەت پويىزدا يول يۈرۈپ بىر كۈنلا ئارام ئېلىپ مۇسابىقە چۈشۈپ چارچىغان ئىدى . نەچچە كۈنلۈك كەسكىن جەڭ قىلىپ رەقىبلىرىنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇپ زەپەر قۇچتى ، يەنە كۆپ دەم ئالمايلا يەنە 56 سائەتلىك جاپالىق پويىز سەپىرىنى باشلاپ يۇرتقا يولغا چىقتى ، ئەزىمەتلىرىم ھارمىغايسىلەر ، پۈتكۈل شىنجاڭ ، پۈتكۈل ئۇيغۇر قوۋمى سىلەرگە مەدەت ، ۋە دۇئا ئوقۇۋاتىدۇ ، ئەزىمەتلىرىم سىلەر كەلگەندە سىلەرنى پۈتۈن ئانا ماكان ، پۈتۈن ئەل يۇرت ، پۈتۈن ۋەتەن ، پۈتۈن ئۇيغۇر باغرىغا باسىدۇ . ئىنىلىرىم سىلەر بىلەن ئەلقۇت پويىز ۋوگزالىدا كەڭ قۇچاق ئېچىپ ، سىلەر بىلەن باغاشلىشىپ كۆرۈشۈشكە ئىنتىزار ، ياق ئەلقۇتلا ئەمەس پۈتۈن ئۇيغۇر ئىنتىزار ، ھەم شۇنداق قىلىدۈ!
بۇ مۇسابىقىگە بېرىشقا تەييارلىق قىلىش، مەشىق قىلىش ، ئىقتىساد توپلاش جەريانىدا قۇربانتاي ، ئەيساجان ، شۆھرەت ،ئېرپان ، ئىليار قاتارلىق تېئنىرلار بارلىق قان تەرىنى تۆتى ، شەنبە يەكشەنبە دېمىدى، تەتىل دېمىدى ، ھەممە ئادەم ئىشتىن چۈشكەندە ئۇلار مەكتەپتە بالىلار بىلەن بىللە ، ھەممە ئادەم شەنبە يەكشەنبە ئۆي ئىشلىرى ۋە سەيلە ساياھەتتە بولسا ئۇلار مەكتەپتە بالىلار بىلەن بىللە ، ھەممە ئادەم تەتىلدە سىرتتا ساياھەتتە ئۇلار يەنىلا بالىلار بىلەن بىللە .
مانا مۇسابىقىگە چاقىرىق كەلدى. باللار تەييار ، ئۇزغۇنلار تەييار ، تۇلپارلار تەييار ، ئەپسۇس! ئىقتىساد ، ئىقتىساد !.... ئىقتىساد ... بىچارە تېئنىرلارغا يەنە يېڭى غەم ، ئۇلار تەرەپمۇ تەرەپ يۈگۈردى، ئاتا - ئانىلار بىلەن بىرمۇ _ بىر كۆرۈشتى . ئاتىلار قايىل كەلدى، پولى بارلار پۈ چىقاردى ، پولى يوقلار ياخشى تىلەكلەرنى قىلدى . ئىبادەتلىرىدە دۇئا ئوقۇدى . مەرىپەتپەرۋەر ، پۇتبولخۇمار ئايخان ئانا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ئۆمەرجان ئەپەندىمۇ قاراپ تۇرمىدى، ئۆمەرجان ئۆز مەكتىپىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىمكانىيىتى بىلەن ئىقتىسادى ياردەمدە بولدى . مۇھىمى ئۇنىڭ روھى جەھەتتە قوللىشى بەك كۈچلۈك بولدى . مائارىپ ئىدارىسى ، مەدەنىيەت ئىدارىسى بىر قاتار ئورۇنلارنىڭ قاتمۇ _ قات رەسمىيەتلىرى بىردىن بىردىن پۈتتۈردى ، ئۇلارغا كاپالەت بەردى . ئىقتىساد يەنىلا تولۇق ھەل بولمىدى. مانا مەرىپەتپەرۋەر ، پۇتبول سۆيەر ئابلىمىت ئاكا مەردلەرچە ئوتتۇرىغا چىقتى . ھەم ئۇلار بىلەن بىللە بېرىپ ئۇلار بىلەن جاپادىمۇ ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى . ھەمدە سەپەر ۋە مۇسابىقە جەريانىدا بالىلارنىڭ ھەرخىل چىقىملىرىغا مەسئۇل بولدى. شۇنداقلا بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئىككى كوماندىنىڭ ساھىپخان ئورۇنغا تۆلەشكە تېگىشلىك بارلىق ياتاق ھەم تاماق پۇلىنى ئۈستىگە ئالدى. مەن بۇ يەردە ئابلىمىت ئاكىغا مەكتەپ ، كوماندا تېرىنىر-تەنھەرىكەتچىلىرى ۋە ئاتا ئانىلارغا ۋاكالىتەن ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ( ئابلىمىت ئاكا ئۆزىنىڭ ياردەم قىلغانلىقىنى باشقىلارغا ئېيتماسلىقنى تاپىلىغان بولسىمۇ ، ئەمما،مەن بۇيەردە ئۇنىڭ بۇ ئاددىي رەھمىتىمنى قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.) كوماندا مانا مۇشۇنداق يولغا چىقتى ، 26 تەنھەرىكەتچى 5 نەپەر يېتەكچى تېئېنىردىدن تەركىب تاپقان 33 كىشىلىك تۇلپارلار گۇرۇپپىسى يورغىتىپ لۇنۇڭغا يۈرۈپ كەتتى !
سەپەر باشلاندى ، 5 نەپەر تېئىنىر يېتەكچى بىر مىنۇتمۇ خاتىرجەم تۇرالمايتتى ، كېچىلىرى بىر مىنۇتمۇ خاتىرجەم ئۇخلىيالمايتتى . چۈنكى ئۇلار مىللەتنىڭ پۇتبول كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى بولغان 26 مايسىنى ئېلىپ ماڭماڭتا ئېى ئۇلارنىڭ ئامانلىقى ھەممىنى بېسىپ چۈشەتتى . لۇنۇڭغا يېتىپ باردى . يەنە ئارام يوق . يەنە ئۇيقۇ يوق . چۈنكى 26 مايسا ئارام ئېلىشى ، بەدەن قۇۋۋىتى ئەسلىگە كېلىشى، ئەزەلدىن ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلىپ باقمىغان بۇ 26 مايسىغا ئاتا - ئاندىن، يۇرتتىن ئايرىلىش قىيىنچىلىقىنى بىلدۈرمەسلىكى كېرەك . ئۇلار 26 مايسىنىڭ ئانىسى ، ئۇلار 26 مايسىنىڭ ئاتىسى ئىدى.
مانا ئەجرىنىڭ تېگى ئالتۇن ، سەبرىدىن ھالۋا پىشىدۇ . ئۇلار ئۇزغۇن بولدى ! ھۇررا ! ئالغا ! ئۇيغۇرۇم ! ئالغا ! سىلەر جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنى يۇلتۇزلىرى ! سىلەر جۇڭگو پۇتبولچىلىقى دۇنياغا تونۇتىسىلەر !
قەدىرلىك پۇتبول خۇمارلار ! قەدىرلىك ئۇيغۇر ئەھلى ! بۇ ئۇزغۇنلارنىڭ ئالدىغا 1 سائەت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ھۇررا توۋلاپ كۈتىۋالىدىغانغا ۋاقتىڭىز بارمىكىن ؟ قېنى قەلەملىرىڭىزدىن ، ئېغىزلىرىمىزدىن چىققان ھۇررا سادالىرى ئەمەلىيەتتە كۆرۈنەمدىكىن ؟ مەردى مەيداندا سىنا دەپتىكەن كونىلار ، قېنى كىم مەن بىلەن ۋەدىلىشەيلى ؟ يۈرۈڭلار ۋوگزالدا كۈرىشەيلى ! ۋوگزالدا ھۇررا توۋلاپ ئۇزغۇنلارنى كۈتۈۋالايلى !
تامام
ئەلقۇت مەرىپەت تورىدىن ئەلقۇت
www.elqut.cn