ئامېرىكىنىڭ ۋەزىپىدىكى زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن خانىمى مېچىلنىڭ ئىككى قىزى بار ، چوڭىنىڭ ئىسمى مارىيا 10 ياشقا كىردى ؛ كىچىكىنىڭ ئىسمى روسا يەتتە ياشقا كىردى . ئوباما ئەر – خوتۇن قىزلىرىغا قارىماققا بەكلا ئاددىي ، ئەمما قىلماق تەس مۇنداق ئائىلە نىزامى تۈزۈپ بەرگەن :
1 . يولسىزلىق بىلەن غەزەپلىنىشكە بولمايدۇ ، قالايمىقان سوقۇشۇشقا ۋە بىكاردىن – بىكار بىمەنە سۆزلەرنى قىلىپ مازاق قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا بولمايدۇ ؛
2. كارىۋات چوقۇم پۇختىلاپ يېپىلىشى كېرەك ، بىر قارىماققا پاكىز ۋە رەتلىك كۆرۈنىدىغان قىلىپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ ؛
3. ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلىش كېرەك ، يەنى بولكا توغراش ۋە سۈت قويۇپ ئىچىش ، ئورۇن سېلىپ يېتىش ، سائەتنى توغرىلاش ، ئۇيقۇدىن ۋاقتىدا ئويغىنىپ ئورنىدىن تۇرۇش ھەمدە رەتلىك كىيىنىش لازىم ؛
4. ئويۇنچۇق قويۇلغان ئۆينىڭ تازىلىقىغا ئۆزى ئىگە بولۇشى كېرەك ؛
5. ئاتا – ئانىلارغا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشىنى قىلغانلار ھەپتىدە بىر دوللارغا ئېرىشەلەيدۇ ؛
6. مەيلى تۇغۇلغان كۈن بولسۇن ياكى باشقا ھەر قانداق تەبرىكلەشكە ئەرزىيدىغان كۈنلەر بولسۇن ، ئېسىل سوۋغا ياكى يېمەك – ئىچمەك مول زىياپەتتىن ئۈمىد كۈتمەسلىك كېرەك ؛
7 . ھەر كۈنى كەچ سائەت 8:30 دا چىراغ ئۆچۈرۈلىدۇ ؛
8. دەرستىن سىرتقى پائالىيەتنىڭ مول مەزمۇنلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ ، مارىيا ئۇسسۇل ئوينايدۇ ، پىيانىنو چالىدۇ ، سېتكا توپ ئوينايدۇ ، زەيتۇن توپ ئويناشنى مەشىق قىلىدۇ ، روسا گىمناستىكا ماھارىتىنى ئۆگىنىدۇ ، پىيانىنو چالىدۇ ، سېتكا توپ ئوينايدۇ ، ئۇسسۇل ئويناشنى مەشىق قىلىدۇ ؛
9. ھەر قانداق ئائىلە ئەزالىرىنىڭ چولپانلارغا مەستانە بولۇپ يۈرۈشىگە رۇخسەت يوق .
http://uyghur.xjass.com/uyghur/c ... /content_132380.htm