ياپونىيە دۇنيا بويىچە ئۆي باھاسى يۇقىرى دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ياپونىيە ئۆي زېمىن باھالاش جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، توكيودىكى ئۆيلەرنىڭ باھاسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى 5 – ئورۇندا( نيۇ يورك 1 – ئورۇندا تۇرىدۇ) تۇرىدىكەن.
ياپونىيىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ خىزمەتكە يېڭىدىن چىققانلار يىلدا تەخمىنەن 3 مىليون يېن مائاش ئالىدۇ، ئۇلار بۇ كىرىمىگە تايىنىپ ئۆي سېتىۋالالمايدۇ. چوڭ شەھەرلەردىكى ياشلار ئادەتتە ئاتا – ئانىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئۇلار ئۆي مەسىلىسىنى ئاساسلىقى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرۇش ۋە سېتىۋېلىش ئارقىلىق ھەل قىلىدۇ.
بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، يەنىلا بويتاق ئۆتۈۋاتقان مەلۇم بىر ئاكسىيە شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئوسۇكىنىڭ يىللىق كىرىمى 9 مىليون يېن بولۇپ، خىزمەت بېسىمى چوڭ بولغاننىڭ ئۈستىگە، دائىم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ ئىككى يىل ئىلگىرى توكيو قولتۇقى ئەتراپىدىكى ئېگىز بىنادىن 80 كىۋادرات مېتىرلىق ئىككى ئېغىزلىق ئۆينى ئېيىغا 230 مىڭ يېندىن ئىجارىگە ئالغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ جاينىڭ تۇرمۇش مۇھىتى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، دېرىزىدىن دېڭىز ۋە فۇجى تېغى كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن، پەستە تاللا بازىرى بارئىكەن، گۇگۇم چۈشكەندە دېڭىز ساھىلىدا سەيلە قىلىپ، خىزمەت بېسىمىنى يەڭگىللىتىدىكەن. شۇڭا، ئۆي ئىجارىسى يۇقىرى بولسىمۇ، داۋاملىق ئولتۇرۇۋېتىپتۇ.
ياپونىيەنىڭ ئەڭ يېڭى دۆلەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، %61 ياپونىيەلىكنىڭ ئۆيى بار ئىكەن. ياپونىيەلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىگە تەئەللۇق ئۆي بولسا، تۇرمۇشتا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۈچىيىپلا قالماستىن، يەنە جەمئيەتتە ئىناۋىتى بولىدۇ،دەپ قارايدىكەن. ياپونىيەدە شىركەتلەر خىزمەتچىلىرىدىن پېنسىيەگە چىققان كۈندىن باشلاپ شىركەتنىڭ ياتىقىنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا، نۇرغۇن كىشى پېنسىيە تۇرمۇشىغا ئالدىن تەييارلىق قىلىدۇ. ياپونىيەلىكلەر ئادەتتە بانكىدىن 30 يىللىق قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋالىدۇ. ياپونىيەنىڭ ئۆي قەرز پۇلى مېخانىزمى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان، بولۇپ بانكىلار تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق كىشىلەرنى قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋېلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. ياپونىيەدە بانكىدىن قەرز ئېلىپ سېتىۋېلىنغان ئۆيلەر %90نى ئىگىلەيدۇ. يەرلىك مەمۇر فۇرۇكاۋانىڭ يىللىق مائاشى تەخمىنەن 6 مىليون يىن بولۇپ، توي قىلىپ ئون يىلدىن كېيىن ئۆي سېتىۋالغان. ئۇنىڭ توققۇز ياشلىق قىزى ۋە يەتتە ياشلىق ئوغلى بار، ئايالى تۇغقاندىن كېيىن خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئۆيىدە بالىسىغا قارىغان. ئەر – خوتۇن ئىككىيلەن ناھايىتى بۇرۇنلا ئۆي سېتىۋالماقچى بولغان. لېكىن، ئۆي باھاسى يۇقىرى بولغاننىڭ ئۈستىگە، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىغا پۇل توپلاش زۆرۈر بولغاچقا، ئۆي سېتىۋېلىشنى ئامالسىز كېچىكتۈرگەن. ئۇلار ئوغلى باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنلا، توكيو شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىن 46 مىليون يېن قىممىتىدىكى 70 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆينى ئالدىن 3 مىليون يېن تاپشۇرۇش، قالغىنىنى بانكىدىن 30 يىللىق قەرز ئېلىپ سېتىۋېلىشنى قارار قىلغان.
فۇرۇكاۋاغا ئوخشاش، كۆپ ساندىكى ياپونىيەلىكلەر ئوتتۇرا ياشقا قەدەم بېسىپ، سەل پۇل توپلىۋالغاندىن كېيىن ئۆي سېتىۋالىدۇ. ياپونىيە كابىنېت مەھكىمىسىنىڭ يېقىندىكى ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە نىكاھلىنىش يېشى 29 ياش ئىكەن، ۋەھالەنكى، تۇنجى قېتىم ئۆي سېتىۋېلىش ئوتتۇرىچە يېشى 42 ياش ئىكەن. ياپونىيەلىكلەر توي قىلىپ 13 يىلدىن كېيىن ئۆي سېتىۋالىدىكەن.
مەنە:
http://uyghur.xjass.com/uyghur/c ... /content_154181.htm