نامرات يىگىتنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى
يىگىتلەر ، سىلەر سەل نامرات بولۇپ قالساڭلار ھېچقىسى يوق ، مۇھىمى سىلەردە كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىنتىلىش، ئىزدىنىش روھى بولىدۇ ، كۆڭلۈڭلەردە ئارزۇ -ئارمانلار بۆلىشى كېرەك . ئۆزۈڭلار قىز دوست تاپالماي مېنىڭ پۇلۇم يوق ، ھازىر قىزلارنىڭ ھەممىسى پۇلنىلا ياخشى كۆرىدۇ دېسەڭلار بولمايدۇ . قىزلارنىڭ سىلەردىن ئايرىلىپ كېتىشى ھەرگىزمۇ سىلەر نامرات ياكى پۇلۇڭلار سەل ئازراق بولۇپ قالغانلىق سەۋەبىدىن ئەمەس بەلكىم ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار مەن نامرات ، مېنىڭ تۇرۇشۇم شۇ دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىڭلاردا .
ھېكايەت قىلىنىشىچە ، بۇرۇن شۇنداق بىر ئاشىق -مەشۇق ئۆتكەن بولۇپ ، يىگىتنىڭ ئائىلىسىدە ئازراق قىيىنچىلىق بولۇپ ئۆزى سەل نامراتكەن. ئەكسىچە قىزنىڭ ئائىلىسى راۋۇرۇس بايلاردىن ئىكەن . ئۇلار ئالىي مەكتەپتە بىرگە ئوقۇغان بولۇپ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن يىگىت خىزمەت تاپالماي دائىم دوستلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە ياكى تورخانىلاردا تور ئويۇنلىرى ئويناپ كۈنلىرىنى شۇنداق مەنىسىز ئۆتكۈزۈۋېتىپتۇ . مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۇ قىزمۇ ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنىڭ زادى قانچىلىك مال-دۇنياسىنىڭ بارلىقىنى يىگىتكە بىلدۈرمىگەنىكەن. ئۇ قىز پەقەت ئۆزى ياخشى كۆرگەن ، تويلاشماقچى بولغان ، ئۆزىنى مەڭگۈ تاپشۇرماقچى بولغان يىگىتنىڭ ھازىرقىدەك تۇرمۇش شارائىتىدا زادى قانداق قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى ئىكەن.
قىزنى ئەڭ ئۈمىدسىزلەندۈرگىنى، قىز ھەر قېتىم يىگىتنى ئىلھاملاندۇرۇپ چىقىپ خىزمەت ئىزدەپ باقسىڭىز بولمامدۇ ، بىرەر خىزمەت چىقىپ قالسا ئەجەب ئەمەس دېسە ، ياخشى كۆرگەن يىگىتتىن قايتىدىغىنى : ‹‹ مېنىڭ تەقدىرىم مۇشۇنداقكەن ، مەنمۇ خىزمەت تاپالماي ئاران تۇرىمەن ، مېنى جىلە قىلماي بىردەم ئارامىمدا قوي . ›› ۋارقىراشلىرى بولىدىكەن .
ھەر قېتىم مۇشۇنداق بولغاندا قىزنىڭ يۈرەكلىرى ئېزىلىپ يىغلاپ كېتىدىكەن ، ئەمما ئۆزى ئۇ يىگىتنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەچكىمۇ كۆپ قېتىم ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى يىگىتكە بىلدۈرمەكچى ، ئۇنىڭغا ياخشىراق خىزمەتمۇ تونۇشتۇرماقچى بوپتۇ - يۇ ، يىگىتىنىڭ ئىنتىلىش ، ئىزدىنىش روھنىڭ يوقلۇقىنى ئېسىگە ئېلىپ يەنە بىر مەزگىل قاراپ باقماقچى بولۇپ توختاپ قاپتۇ .
قىزمۇ داۋاملىق يىگىتىم بىر كۈنلەردە مېنىڭ قىلغانلىرىمنى ۋە كۆڭلۈمنى چۈشىنەر دەپ ئۇنىڭغا يەنە پۇرسەتلەر بېرىپ،ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇپ ، كۆزىتىپ كەپتۇ. شۇنداق بىر كۈنلەردە يىگىت نامراتلىقتىنمۇ ياكى خىزمەت تاپالمىغان سەۋەبتىن بېسىم ھېس قىلغانمۇ قىزغا بەكلا چېچىلىپ، ۋارقىراپ كېتىپتۇ ھەم ئەڭ ئاخىردا : ‹‹ مەن بولۇشۇم شۇ ، شۇنداق نامرات ، ئەگەر سەن مەن بىلەن ئۆتۈشىنى خالىمىساڭ ئايرىلىپ كېتەيلى . ›› دەپتۇ .
قىز قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپتۇ ، ئۆيگە قايتىپ يىگىتىگە بىر پارچە خەت يېزىپ ئەۋەپىتۇ ، يىگىت خەتنى كۆرگەندىن كېيىن كۆزلىرى پارقىراپ ، باشلىرى ئايلىنىپ ئولتۇرۇپلا قاپتۇ. قىز خەتتىن باشقا يەنە 50 مىڭ يۈەن پۇلمۇ ئەۋەتكەن بولۇپ خەتتە يېزىلىشىچە بۇ قىزنىڭ يىگىتكە بەرگەن ئايرىلىپ كېتىش ھەققىكەن . شۇنىڭدىن كېيىن قىز تېلېفون نومۇرلىرىنى بىراقلا ئالماشتۇرۇپ يىگىتنىڭ كۆزدىن مەڭگۈ يوقاپتۇ .
بايلىق ۋە نامراتلىق ، ئۇ پەقەتلا بىر جەريان
كۆپىنچە ئەھۋالدا نۇرغۇن كىشلەر ئۆزىنىڭ نامىراتلىقىنى ئاتا -ئانىلىرىدىن كۆرىدۇ ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئاتا-ئانىلىرى تىرىشماي، ئۆزلىرىنىڭ نامراتلىقىنى باللىرىغىچە سۆرەپ يۈرىدۇ. ئاخىردا باشقىلارنىڭ ياقتۇرشىغا ئېرىشەلمىگەنى ، قىزدوست تاپالمىغاننى تەغدىردىن كۆرىدۇ . ھەمدە ‹‹بىزنىڭ ئۆينىڭ ھالى شۇ ، نامىراتلىق پىشانىمىزگە پۈتۈلۈپ كەتكەن . ›› دەپ ئويلايدۇ.
لېكىن ، مۇشۇنداق ئوي -پىكىردە بولغانلارنىڭ ھەممىسى يارىماس ، قولىدىن ئىشكەلمەسلەردۇر. چۈنكى ئاتا - ئانىلىرىمىز بىزنى مىڭ بىر جاپادا بېقىپ چوڭ قىلىپ ، ئۆزى يىمەي -ئىچمەي يىغىپ ساقلاپ قويغان پۇللىرىغا بىزنى ئالىي مەكتەپلەرگىچە ئوقۇتۇپ قويسا ، بىز ئۇلار بەرگەن پۇللارغا يەپ ئىچىپ ، ئويناپ ئەمدى بولغاندا نامىراتلىقنى ئۇلاردىن كۆرسەك قانداق بولىدۇ ؟
بىلىشىمىز كېرەككى ، نامىراتلىق ئۇ بىر خاتالىق ئەمەس ، يەنە كېلىپ ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ خاتالىقى ئەمەس ، ئۇ پەقەتلا بىر جەريان . ھەرقانداق ئادەم باشتىن ئۆتكۈزدىغان جەريان. مەيلى سىز نامىرات بولۇڭ ياكى باي بولۇڭ ئەگەر تىرىشمىسىڭىز، ئۆگەنمىسىڭىز نامىرات دېگەن نام سىزگە بىر ئۆمۈر چاپلىشىۋالىدۇ . نۇرغۇنلىغانلار بېلىدۇ، كىچىك بايۋەتچىلەر تۇغۇلغاندا ھەممە نەرسىسى تەل بولىدۇ، قولنى سوزسىلا پۇل ، ئېغىزىنى ئاچسىلا ئاش كېلىدۇ . لېكىن كۆپنچىسىنىڭ مۇھاببەتلىك تۇرمۇشى ، تويلىرى مەلۇم مەقسەتكە ، پايدا - مەنپەئەتكە باغلاشقان بولىدۇ .
دېمەككى ، ئۆزىمىزنىڭ نامىراتلىقىدىن ئاغىرىنىپ يۈرىۋەرمەي ، ئاز-ئازدىن تىرىشساق ، ئىزدەنسەك ، باشقىلار بىلەن ئارلاشقاندا سەمىمىي بولساق ، قىزلارغا كۆڭۈل بۆلسەك ياخشى خىزمەت، ياخشى تۇرمۇش ۋە بەخىتلىك ئائىلىگە ئېرىشىش تەس ئەمەس.
تىما ئىگىسى سۆزى : مەن تۇرمۇشتا دەل مۇشۇنداق ئىشقا يۇلۇققان ( گەرچە ئۇنداق كۆپ پۇل بىرەلمىسەممۇ ) شۇڭا بۇ تېما ئارقىلىق تورداشلارنىڭ كۆز - قارىشىنى سەمىمى پىكىرىنى ئاڭلاپ باقماقچى ، تورداشلارنىڭ كۆچۈرمىكەش دەپ مېنى تىللىماي ، ئەستايىدىل پىكىر- تەكلىپ بېرىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
مەنبە : نۇر تورى