1999-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيا ئۆگزىسىدە نېفىت تېپىلغان. شىزاڭنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش تارىخى يوق ئىدى. 1999-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو يېڭى يۇلتۇز نېفىت شىركىتى سەككىز يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق دېڭىز يۈزىدىن 4700 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئېدىرلىقتىن سانائەت نېفىتى چەككىلىگەنلىكىنى جاكارلىدى.
1987-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 598-نومۇرلۇق قارارى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ قارار دەل ئىران بىلەن ئىراقنىڭ تېزدىن ئۇرۇش توختىتىشىنى تەلەپ قىلىش قارارى. قارار قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن، ئىران بىلەن ئىراق ھەر ئىككى تەرەپ بۇ قارارغا قوشۇلغان.
1974-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيە ئارمىيىسى سىپرۇسقا تاجاۋۇز قىلغان. بۇنىڭ بىلەن چوڭ خەلقئارا كىرىزىس كېلىپ چىققان. كەسكىن ئۇرۇش ئىككى كۈن داۋاملاشقان، تۈركىيە 30 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ئاجراتقان. تۈركىيە ئارمىيەسى سىپرۇسنىڭ پايتەختى نىكوزىيەنى ئىشغال قىلىۋالغان.
1961-يىلى بۈگۈنكى كۈندە فرانسىيە بىلەن تۇنىس ئۆزئارا ئۇرۇش باشلىغان. شىمالىي ئافرىقا ئۇرۇشىغا ئارىلىشىپ قالغان فرانسىيە كوماندىسى تۇنىسقا ھۇجۇم قىلغان، فرانسىيە ئارمىيىسى تانكا، ئايروپىلاننى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، 100 دىن ئارتۇق تۇنىس ئەسكىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. تۇنىس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا فرانسىيەنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشىىنى تەلەپ قىلغان. ئۇرۇش باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئالجىرىيەلىكلەرمۇ فرانسىيە بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان.
1810-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، كولۇمبىيە مۇستەقىل بولغان. كولۇمبىيە جۇمھۇرىيىتى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىككى ئوكيانغا يۈزلەنگەن دۆلەت. كولۇمبىيە 16-ئەسىردە ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكىسىدە بولغان. 1819-يىلىدىن باشلاپ، پاناما، ۋېنىسۇئىلا، ئېكۋاتور قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە كولۇمبىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 1830-يىلى ۋېنىسۇئىلا، ئېكۋاتور چېكىنىپ چىقىپ، كولۇمبىيە پارچىلانغان. بۈگۈننى دۆلەت بايرىمى كۈنى قىلىپ بېكىتكەن. 1980-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى كولۇمبىيە دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.
مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى