مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6541|ئىنكاس: 29

پۇلغا تامغان ياش(ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3603
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7791
تۆھپە نۇمۇرى: 707
توردا: 2565 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2011-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 11:11:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېتىز ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ، قورسىقىمنىڭ ئاچقانلىقىنى ھىس قىلىپ ، ھارۋامنى تېز ھەيدەپ ئۆيگە كەلگىنىمدە ، ئاپامنىڭ ئاغرىپ ياتقانلىقى مىنى تولىمۇ بىئارام  قىلدى . ئاپام 60 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بولسىمۇ ، ئادەتتە ئىشچان ، تەلەپچان ئائىلە ئايالى ئىدى .
    مەن ئاپامنى ئېلىپ ھارۋىنى دوختۇرخانا تەرەپكە چاپتۇردۇم ، ئاپام زادىلا بولالمايۋاتاتتى ، ئىتتىك ماڭغانسېرى دوختۇرخانا يىراققا سۆرىلىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى ، ئاخىرى دوختۇرخانىغا يىتىپ كەلدىم - دە ، ئاپامنى كۆتۈرۈپ دوختۇر ئىشخانىسىغا كىرسەم ، دوختۇرلار ئىشتىن چۈشۈپ ، پەقەت تېز قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىكى نوۋەتچىدىن باشقا ئادەم كۆرۈنمەيتتى . ئاپامنى كېسەل تەكشۈرۈش كارۋىتىدا ياتقۇزۇپ قويۇپ ، ئۇدۇلدىكى شىرەگە ئىككى جەينىكىنى تىرەپ ئولتۇرۇپ گېزىت كۆرۈۋاتقان 30 ياشلار چامىسىدىكى ئايال دوختۇرغا ئالدىراپ :
    ــــ ئاپام بەك بىئارام بولىۋاتىدۇ ، كۆرۈپ باقسىڭىز!؟ـ ـــ دىدىم .
    ــــ نومۇر ئالدىڭىزمۇ؟ ــــ دىدى ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپمۇ قويماي .
    ــــ نومۇر ئېلىش ئورنىدا ئادەم يوقكەن ، ئالدى بىلەن سىز كېسەلنى كۆرۈپ تۇرسىڭىز ، ئادەم پەيدا بولغاندا رەسمىيەت بىجىرىۋېتەي ــــ دىدىم يالۋۇرۇپ .
    ــــ ئۇنداق بولسا ، ئاپىڭىزنىڭ ھالى بەك ئېغىركەن ، سىز ماڭا  300 يۈەن پۇل بىرىڭ ، ئاندىن كېسىلىنى تەكشۈرۈپ ئامالىنى قىلاي .


    نومۇس دىگەننى قايرىپ قويۇپ ، ئايالنىڭ دەۋاتقان بۇ سۆزلىرىدىن بېشىم پىررىدە قىيىپ كەتتى . دەل شۇ چاغدا سالاپەتلىك بىر ئادەمنى ئىككەيلەن يۆلىگىنىچە بىز تۇرغان تېز قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ كىردى . بۇنى كۆرگەن ھېلىقى ئايال چۇچۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە :
   ــــ شۇجى سىلىگە نىمە بولدى؟ــــ دىدى - دە ، دەرھال قان بېسىم ئۆلچىگۈچ ۋە تىڭشىغۇچ قاتارلىق سايمانلارنى ئېلىپ كىلىپ تەكشۈرۈشكە چۈشۈپ كەتتى . ئادەملەر ئىشقا چۈشۈشكە باشلىدى ، مەن ئالدىراپ بېرىپ نومۇر ئالدىم - دە ، ھېلىقى دوختۇرنىڭ يېنىغا باردىم . ئۇ قولۇمغا بىر گىرادوس ئۆلچىگۈچنى تۇتقۇزۇپ قويدى . گىرادوس ئۆلچىگۈچنى ئاپامنىڭ قولتۇقىغا قىستۇرۇش جەريانىدا ، قىزىتمىسىنىڭ تېخىمۇ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى سېزىپ :
    ــــ بەك قىزىپ كېتىپتۇ !ـ ـــ دىدىم دوختۇرغا .
    ــــ ئالدىرىماڭ ، سەل تۇرۇپ بىر نىمە دەيلى ــــ دىدى خاتىرجەم ھالدا .
    ئاپامنىڭ نەپسى بارا - بارا ئاستىلاۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما دوختۇرنىڭ بايىقى جىددىيلىكىدىن قىلچە ئەسەر قالمىغان ئىدى . شۇ مىنۇتلاردا ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر ئامالسىزلىقىمنى ھىس قىلىپ ، ئاپامنىڭ تاتارغان چىرايىغا قاراپ مۇشۇ يەردە ئەرزىمەس ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانلىقىمغا بەكمۇ ئېچىندىم . دوختۇر سائىتىگە قاراپ قويۇپ ، گىرادوس ئۆلچىگۈچنى ئېلىشقا بويرىدى ، دەرھال ئېلىپ قولىغا تۇتقۇزدۇم ، ئۇ كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن ، بىر پارچە قەغەزگە بىرمۇنچە خەنزۇچە خەتلەرنى يېزىپ :
   ــــ رەسمىيەت بىجىرىپ كىرىڭ ــــ دەپ قولۇمغا بەردى . دەرھال رەسمىيەت بىجىرىش ئورنىغا بېرىپ ، قەغەزنى تەڭلىدىم .
    ــــ 300 يۈەن تاپشۇرۇڭ!
    ھەي ئىسىت........ بانكىغا ئامانەت قويغان بەش مىڭ يۈەن پۇلنى ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىگىنىمنى ، يېنىمدا پەقەت 30 نەچچە يۈەنلا پۇل بار ئىدى .
    - بۇ پۇلنى ئېلىپ تۇرسىڭىز ، ئاپامنى ياتاققا ئالغۇزۇپ بولۇپلا بىر دەمگىچە ئامالىنى قىلىمەن ــــ دىدىم دوختۇرغا يالۋۇرۇپ ، ئەمما بۇ يالۋۇرۇشلار ھىچنىمىگە ئەرزىمىدى .
    مەن دەرھال سىرتقا يۈگۈردۈم . كۆزۈم تورلىشىپ بىر نەرسىنى ئېنىق پەرىق ئېتەلمەيۋاتاتتى ، پۇتلىرىم ئېغىرلاپ ، گويا دەھشەتلىك بورانغا قارشى ماڭغاندەك سۆرىلەتتى . كاللامدا ‹ئاپام› ، ‹پۇل› ، ‹ئاپام› ، ‹پۇل› دىگەن ئىبارىلەر ئارقا - ئارقىدىن نامايەن بولىۋاتاتتى .
    بەختىمگە يارىشا سودىگەر ئاغىينەم ئابلەت سودىسىنى تۈگىتىپ ئۆيىگە كېتىۋېتىپتىكەن . ئۇنى چاقىرىپ ئەھۋالنى دىگەندىن كىيىن ، ئۇ يېنىدىن 300 يۈەن پۇلنى نەقلا ساناپ بەردى . مەن پۇلنى سىقىمداپ دوختۇرخانىغا كىرىشىمگە ، كىشىلەرنىڭ : ‹ توۋا خۇدايىم ، بۇ ئايالنىڭ ھىچنىمىسى يوقمىدۇ ؟ خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ قالدى ، نېمە كېسەل بولغىيتتى؟ › دىگەن گەپلىرى يۈرىكىمنى پۇلاڭلىتىۋەتتى .
    ئوقتەك ئېتىلىپ ئانامنىڭ يېنىغا كىرسەم ، بىر قولى ساڭگىلاقلىق ياتاتتى ، ئۆزۈمنى ئاپامنىڭ ئۈستىگە ئاتتىم ، كۆز ياشلىرىم ئاپامنىڭ مەڭزىنى بويلاپ يەرگە چېچىلغان ھېلىقى ‹ نىجىس › پۇلغا تامچىلىماقتا ئىدى ، ئۆز كۆزۈمگە ئىشەنمىدىم ، ئاپامنىڭ ئۇنداق ‹ ئۇخلاپ › كېتىشىنى زادىلا ئەقلىمگە سىغدۇرالمىدىم .
    ھېلىقى 300 يۈەنلىك رەسمىيەت قەغىزىنى غەزەپ بىلەن مىجىقلاپ ، بۇ دۇنيادا ئۆزۈمنىڭ تولىمۇ ئاجىزلىقىمنى ھىس قىلدىم . ئاپام ياشىشى كېرەك
ئىدى ، مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆتەشكە تىگىشلىك مەجبۇرىيىتىمنى تېخى ئادا قىلىپ بولالمىدىم . ئاھ .... ئاپا! سەن مەن ئۈچۈن بۇ دۇنيادا ئەڭ قەدىرلىك ئەمەسمىدىڭ؟ سەن ئېيتىپ تۈگىتەلمىگەن ناخشا ، چېلىپ تۈگىتەلمىگەن مۇزىكا ئىدىڭ...
    پەرزەنتلىك غورۇرۇمنىڭ قۇدرىتى بىلەن دوختۇرخانا تاملىرىغا يېزىلغان ‹ ئىناۋەت بىرىنچى › ، ‹ سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز › دىگەن خەتلەرگە قارىتىپ ھېلىقى رەسمىيەت قەغىزىنى غەزەپ بىلەن ئاتتىم . بۇ قەغەز شامالدا ئۇچۇپ دوختۇرخانا ھويلىسىدا بىردەم پىرقىراپ غايىپ بولدى......

    مەنبە : ‹ ئاتەش نەپەسلەر › ناملىق كىتابتىن

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
owqi205 + 1 شۇنداق دوختۇرنىڭ جىنىغا   ۋاي&

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1   باھا خاتىرىسى

كۈن نۇرى ئالەمگەئەسلى بىر زىننەت،لىكىن شەپەرەڭگە كۆرۈنەر بەك سەت.

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 11:31:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق مەسئۇليەتسىز دوختۇرلار بولىدىكەن كىشىلەر بىئەجەل ئۇ دۇنياغا كىتىپ قالىدۇ.

ھەقىقەت- ئاچچقتۇ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34152
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1233
تۆھپە نۇمۇرى: 2
توردا: 1713 سائەت
تىزىم: 2011-3-17
ئاخىرقى: 2011-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 11:37:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە نەرسە تېپىلىدۇ،ئاتا-ئانا تېپىلمايدۇ.
خىزمەت ،مۇناسىۋەت دەپلا شاپاشلاپ يۇرمەي ئاتا-ئانىغا ۋاپادار،كۈيۈمچان بولايلى.
ئۇنداق مەسئوليەتسىز دوختۇرلار دىگەن ھۆكۈمەت دوختۇرخانلىرىدا كۆپ.

ئەپۇ قىلىش- مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ بەلگىسى

ئاللادىن قورقىم

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35032
يازما سانى: 896
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8628
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 3601 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2012-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 12:02:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەممە ئىشنى بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دەپ باشلايمەن.

ئۆمۈد بىلەن ياشاش كېرەك

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3299
يازما سانى: 889
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9063
تۆھپە نۇمۇرى: 316
توردا: 7579 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 12:30:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇئاشنىڭ ،پۇلنىڭ قۇلى،  قىلچىمۇ مەسۇلىيەت تۇيغۇسى يوق پارازىت قۇرۇتلار

جەننەتكە ئاشىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20997
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3785
تۆھپە نۇمۇرى: 225
توردا: 3356 سائەت
تىزىم: 2010-12-6
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 12:40:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامال  يوق  جوڭگونىڭ  ھەرقانداق دوختۇرخانىسىدا  بۇنداق  ئەھۋاللار كۈرمىڭ ؟  قانداق  قىلالايتۇق ئەمدى !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6790
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 1823 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 12:52:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر بىرقىسىم دوختۇرلار نەپ چىقمايدىغان ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەردىن بولغىچە ، مەنپەئەت تېگىدىغان ئالۋاستى بولۇشنى ئەۋزەل كۆرىدۇ.
مۇشۇ دۇختۇرخەقنىڭ مۇئاش،مۇكاپات ،تەمىناتلىرى باشقا ساھەلەردە ئىشلەۋاتقانلارنىڭكىدىن كۆپ ئۈستۈن ،ھەتتا نەچچە قاتلايدۇ ، شۇنداق تۇرۇپ نېمىشقا تويمايدىغاندۇ؟

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14061
تۆھپە نۇمۇرى: 1443
توردا: 5642 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 01:05:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەمىمىز ئامال يۇق دەپ قاراپ تۇرماي ،بىرسى بولسا بىرسىنى ،ىككىسى بولسا ىككىسىنى پاش قىلايلى ،ھامان ئادالەتنى ياقىلايدىغان بىرسى چىقىشىغا ئىشىنىمەن،ئىنساپلىق دۇختۇرلارمۇ ئاز ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13164
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5927
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 2603 سائەت
تىزىم: 2010-10-8
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 04:48:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتور(parixta0020) نىڭ تېمىسىغا

ھېلىقى دوختۇرنىڭ ئىككى پۇتىنى ئىككى تەرەپكە قىلىپ قويۇپ بىر نىمە قىلىۋەتمەي نىمە دوختۇرخانىنىڭ تاملىرىغا قۇرۇق قەغەزنى ئېتىپ يۈرىسىز؟بۇنداق بىر نىمىلەر ھەممە يەردە بار!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

مەن پەقەت ئوزەم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44970
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1122
تۆھپە نۇمۇرى: 449
توردا: 832 سائەت
تىزىم: 2011-6-20
ئاخىرقى: 2012-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 05:31:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغلۇم  ئەمدىلا ئۇچ ئايلىق  بولغان ۋاقتىدا ئوپكە ياللۇغى بىلەن ئاغرىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى ، شۇ چاغدا تۇساتتىن  ياندىن  ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاڭلاندى،  نىمە بولغاندۇ  دەپ چىقىپ  قارىسام ئەمدىلا ئىككى ياشلىق ئېغىر ئوپكە ياللۇغى بولغان بىر ئوغۇل بوۋاقنى  دادىسى -ئاپىسى پۇل يوق سەۋەبتىن دوختۇرخاندىىن ئەچىقىپ كەتمەكچى بۇلۇپتىكەن، بىر ياش ئايال دوختۇر ئەچىقىپ كەتمەڭ بىز ئامالىنى قىلايلى ، بالىنىڭ  ھاياتى خەۋىپ ئىچىدە دەپ چۇشەندۇرۋېتىپتىكەن، ئەمما ئاشۇنداق تالاش-تارتىش ئىچىدە نارىسدە بالىنىڭ كۇزى يۇمۇلغانىدى......

ئانا بىر قۇلىدا بۇشۇكنى تەۋەتسە،بىر قۇلىدا دۇنيانى تەۋىتىدۇ!! سىز مۇشۇ نامغا لايىقمۇ؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44348
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 523 سائەت
تىزىم: 2011-6-14
ئاخىرقى: 2011-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-22 03:09:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىلىقى دوختۇرنىڭ ياق ھىلىقى ئالۋاستىنىڭ چاتار لىقىغا 300يۇەننى چاپلاپ قويۇپ بىرنىڭمە قىلۋەتمەي خەپ خەپ ئوزۇمنى باسالمايۋاتىمەن دىسى چۈنكى سىزنىڭ شۇ ئانىڭىز ھەممەيلەننىڭ ئانىسى ئەمەس مۇ   ھىلىقى جالاپ ئالۋاستىنى خەپ خەپ

قەدىرلىدىم قەدر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48304
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1327
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 886 سائەت
تىزىم: 2011-7-18
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-22 07:11:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا. ئەجەپ  ئاچچىقىم  كەلدى.  شۇمۇ دختۇر  بولۇپ  قاپتۇ.
ھازىر بەزى دوختۇرلارنى پەرىشتە  دىگەندىن  ؛ قانۇنلۇق  قاتىل  دىسە توغرا  بولدىكەن.

مەن  سۆيۈملۈك ئاچامدىن پەخىرلىنمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53656
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 393
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 749 سائەت
تىزىم: 2011-8-28
ئاخىرقى: 2011-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-2 01:14:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«قانۇنلۇق قاتىل »بۇ ئوقشۇتۇش بەك توغرا بوپتۇ!~!~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

بۇ جاھاننىڭ ئىشل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48277
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1779
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 3672 سائەت
تىزىم: 2011-7-18
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-2 11:45:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر  ھۈكۈمەت مائاشنى  100%بىرىدۇ ، ئەمەسمۇ  بۇرۇنقىدەك 70%نى بىرىپ 30% ئۈزى ئىشلىەەن ئىشقا قارىتا  بەرگەن بولسا ئۇنداق بولوپ كەتمەيتى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40527
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 170
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-3 02:48:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زامان تەرەققىي قىلىپ قولايلىقلار كۆپەيگەنسىرى قولايسىزلىقلارمۇ تەڭ كۆپىيىپ كەتتى . بەزى ئۇرۇنلاردا ئىش بىجىرىش بەك تەس بولۇپ كەتتى .

ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش