مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2066|ئىنكاس: 7

ئۇيغۇرلارنىڭ توي تۆكۈنلىرىدىكى بىيىت ياكى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياردەم مەزمۇنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29392
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5684
تۆھپە نۇمۇرى: 443
توردا: 4950 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2012-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 04:02:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
             رايۇنىمىزدىكى قىسمەن ئۇيغۇرلارنىڭ توي- تۆكۈنلىرىدىكى بىيىت ياكى قوشاق ئېيتىشىشى ۋە ھازىرقى ھالىتى
       
توي ئىنسانلار ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنىڭ بىرى بولۇپ ،ئۇ تارىختىن بۇيان شەخسلەر ،ئائىلە ۋە جەميەتنىڭ يۈكسەك ئېتىبارىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.
دىمەك ئەر- ئايال ئوتتۇرسىدىكى توينىڭ تەرەقىيات جەريانلىرىدا ئوخشاش بولمىغان ئۆرۈپ ئادەت ۋە قائىدە يوسۇنلار شەكىللەنگەن.
مېنىڭ بۇ يەردە دوسلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنماقچى بولغىنىم دەل رايۇننىمىزنىڭ قىسمەن جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ  توي بولۇپ يەنى قىزنى يۆتكەپ ئەكىلىپ بولغاندىن كېيىنكى    قائىدە يۇسۇنلىرىدىن بىرى بولغان بىيىت ئېيتىشى ۋاقتىدا ئىككى تەرەپ ئۆزارا ئېيتىشقان بىيىتلىرىدىن ئىبارەت.
دىمەك رايۇنىمىزنىڭ قىسمەن جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلىرىمىز توي كۈنى قىزنى يۆتكەپ ئەپكېلىپ نولغاندىن كېيىن يىگىت تەرەپ قىز تەرەپنىڭ ئاتا ئانىسى ئۇرۇق تۇققانلىرى ،خۇلۇم خوشنىلىرى دوست بۇرادەرلىرىنى چىللايدۇ.
قىز تەرەپتىكى چىللاققا كەلگەن مېھمانلار كېلىپ بولغاندىن كېيىن مېھمانلارغا قەن كېزەك سېلىنغان ئۇسۇزلۇقلار تۇتۇلىدۇ. ئاندىن قىز ئۆزىنىڭ قولداشلىرى بىلەن بىرگە ئۇرۇق تۇققانلار خۇلۇم خوشنىلار ئولتۇرغان مېھمانخانىغا باشلاپ چىقىلىدۇ .
بۇ چاغدا ئۆينىڭ ئوتتۇرسىغا چىرايلىق كۆپە ئىككى قاتلاپ سېلىندۇ قىز شۇنىڭ ئۈستىگە دەسىگىنىچە ئۇرۇق تۇققىنى ۋە چوڭلارغا قارىغىنىچە قولداشلىرىنىڭ ھەمرالىقىدا تۇرۇدۇ بۇ چاغدا تېخى يۈزى ئېچىلمايدۇ ،مېھمانخاىنىغا بولسا قىز تەرەپتىن چىللاققا كەلگەن مېھمانلاردىن باشقا يەنى يىگىت تەرەپنىڭ ئايال ئۇرۇق تۇققانلىرى خولۇم خوشنىلىرى چوڭلارمۇ كىرىدۇ ئۆ ئىچى    قىز- يىگىت ئىككى تەرەپنىڭ قىز ئايال مېھمانلىرى بىلەن لىقمۇ لىق تولۇپ كېتىدۇ.
قىزنىڭ ئاستىغا سېلىنغان كۆپىنىڭ ئۈستىگە يوغانراق پاكىزە تاش قويۇپ قويۇلىدۇ سەۋەپ قىزنى ئاشۇ تاشتەك ئېغىر بېسىق ھالدا ئۆگۈنۈپ كەتسۇن دىگەننى بىلدۈرۈدىكەن.
مېھمانلار تۇلۇق كىرىپ ئورۇنلۇشۇپ بولغاندىن كېيىن قىز ئۆيدىكى چوڭلارغا ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىغا ھەممىسىگە سالام بېرىدۇ   سالام بېرىش ئاخىرلاشقاندا بولسا قىزنىڭ قولداشلىرى(يەڭگىلىرى دەپ ئاتىلاتتى) ۋاي توي قىزىمىزنىڭ بارماقلىرى قۇلاقلىرى بۇيۇنلىرى ئاغرىپ كېتىپتۇ دىيىشىدۇ بۇ چاغدا قىز تەرەپ يىگىت تەرەپ توي قىزىغا ئاتاپ سالغان ئالتۇن ھالقا،ئالتۇن ئۈزۈك، ئالتۇن بلەيزۈكلەرنى قىزغا تاقاپ قويۇشۇدۇ.شۇنىڭ بىلەن قىزنى كۆرپىدە ئولتۇرغۇزۇدۇ.
ئاندىن قىز تەرپ ئايرىم بىر پارچە رەختنى قىزنىڭ بېشىغا ياپىدۇ بۇ رەختنى يىگىت تەرەپتىكى مېھمانلارنىڭ كىچىك بالىلىرىدىن بىرى رەخمەت دەپ ئالىدۇ.
ئارقىدىن يىگىت تەرەپمۇ ئوخشاش ئۇسولدا رەخت ياپىدۇ بۇ قېتىم يېپىلغان رەختنى قىز تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ كىچىك بالىلىرىدىن بىرى رەخمەت دەپ رەختنى ئالىدۇ.  
بۇ چاغدا پەتنۇسقا ئىككى پىيالە ئۇسۇزلۇق سېلىنغان پەتۇنۇس تەييار قىلىندۇ يەنى قىز تەرەپ ئوغۇل تەرەپ تەييارلىغان چاچقۇلارنى پەتنۇسقا  سېلىنغان چىرايلىق رەخت ئۈستۈگە تۆكۈپ ئارلاشتۇرۇلۇپ ئاندىن تۆرۈدە ئولتۇرغان ھۆرمەتكە لايىق ھاجىم بۈۋۈم ئاناشلار تەرىپىدىن سۆرۈلەر ئوقۇلۇپ بارلىق مېھمانلارغا تەكشى چېچىلىدۇ بۇ چاغدا مېھمانلار چاچقۇنى تالىشىپ تېرىشۋالىدۇ ،چۈنكى ئۆتمۈشتىن بۇيان چاچقۇدا چېچىلغان نىمەتلەرنى ئىستىمال قىلغان كىشىنىڭ چىشى ئاغرىماسمىش چىش ئاغرىقىغا دورا بولارمىش دىگەندەك ئەنئەنىلەر ساقلانغان ئىكەن .
چاچقۇ چېچىش ئاخرلىشىپ تەييار قىلىنغان پەتنۇستىكى چاي بىيىتنى باشلىماقچى بولغان مېھمانغا سۇنۇلدۇ.ھەشقاللا دەپ ئۇسۇزلۇقنى قۇلىدا تۇتقۇنىچە بىيىتنى باشلاپ كىتىشىدۇ.
بۇ يەردە ئىككى تەرەپتىكى ئاياللارنىڭ بىيىت ئېيتىشىشى بولسا ئۆزارا قوشاق ئېيتىشىپ كۆڭۈل ئىزھارلىرىنى بىلدۈرگەنلىك ھىساپلىندۇ.

قىز تەرەپ:
بۇلاقلاردا چار بېلىق،
دەريالاردا ئاق  بېلىق.
ئەمدى چىقتى خوپ لايىق،
ھەيران قالسۇن خالايىق.

چىنە چىنە ئالدىلا،
چىن تەخسىگە سالسىلا.
شۇ مۇلايىم قىزىمىزنى،
پارلاپ تۇرۇپ ئالدىلا.

يىگىت تەرەپ:
پىلىك ئەشتىم پاختىدا،
ئاشنى ئەتتىم تاختىدا.
ئىككى قۇدا توي قىلدۇق،
ئەجەپ ئوبدان ۋاختىدا.

قىزىل گۈللەر ئېچىلىپتۇ،
زەپ چىرايلىق قات-قېتى.
ئىككى ياخشى بىر بولدى،
خۇدانىڭ ئىلتىپاتى.

قىز تەرەپ:
ھاۋادا ئۇچۇپ يۈرگەن ،
لاچىن بالىسى.
ئۆزلىرىگە خالاپ چۈشتى
كۆزۈم قارىسى
ئوڭ قولىدا ئالما قىلسۇن
خېنىم ئاپىسى
سەھەر تۇرۇپ دۇئا قىلسۇن
ئاخۇن ئاتىسى
ئەتە ئاخشام قاراپ قويسۇن
خولۇم خوشنىسى

كۈن چىقىشتىن كۈن چىقتى،
ئالەمگە يىتىپ
ئاسمانلارغا ئاي چىقتى
كۆڭۈللەرگە يىتىپ
جان قىزمىزنى سىلەرگە بەردۇق
گۆھەرنى قېتىپ
مۈشكىلىنى ئاسان قىلسۇن
سىلەرگە بېقىپ.

يىگىت تەرەپ :
چىلان تورۇق ئات مىندىم
يانپىشى ئالا
xxدىن قىز ئەپكەلدىم
گۆھەردەك بالا
بىرى قارى بىرى مۇپتى
ئەپلىشىپ قالار
بىرى سەبدەل بىرى رەيھان
ئېچىلىپ قالار

زەربابلاردىن تون كىيىپسىز
سەككىز تالاللىق
ئوڭ يېنىغا گۈل سانچىپسىز
خويمۇ خۇمالىق
خەق ئىككىسى دوست بولۇپتۇ
بۈگۈن تاڭنالىق
بىز ئىككىمىز قۇدا بولدۇ
ئىككى دۇنيالىق
بىيىت ئېيتىشىش مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىدۇ بۇ چاغدا قايسى تەرەپ بىيىت ئېيتسا پەتنۇستىكى ئۇسۇزلۇق شۇ تەرەپ بىيىت ئېيتقۇچىسىغا سۇنۇلدۇ ھەر-بىر ئادەم بىيىتنى ئېيتىپ بولۇپ ئۇسۇزلۇقنى بىر ئوتلام ئوتلاپ قويۇدۇ..

مانا مەن يۇقۇرىدا دوسلارغا بايان قىلىپ  ئۆتكەنلىرىم رايۇنىمىزنىڭ قىسمەن جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ توي تۆكۈن قائىدىلىرىدىن بىرى بولغان قىزنى سالامغا ئەپچىقىش ۋە ئىككى تەرەپ ئاياللىرىنىڭ بىيىت ئېيتىشىپ ئۆز كۆڭۈل خوشاللىقلىرىنى  ئىزھار قىلىشىدىغان قائىدە يوسۇنلىرىنىڭ بىرى ئىدى..........
ئەپسوس ئەمما ھازىرچۇ توي تۆكۈنلىرىمىز تەرەقىلىشىپ  توي تۆكۈنلەر رىستۇرانلاردىلا بولىدىغان بوپ كەتتى.ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىز مەدىنىلىشىپ قائىدە يوسۇنلىرىمىز ئاددىلىشىپ تويلاردىكى مانا مۇشۇنداق قىزنى سالامغا ئېلىپ چىقىدىغان ئىككى تەرەپ بىيىت ئېيتىشىدىغان ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىزمۇ ئەمەلدىن قېلىشقا باشلىدى.
ئەلۋەتتە ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشۇمىز كىرەك ئىدى.سۇسلاشتۇرۋەتمەسلىك كىرەك ئىدى.ئۆزۈمىزنىڭ مىللى خاسلىقىمىزنى،يەرلىك ئالاھىدىلىكىمىزنى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىزنى مەڭگۈ ساقلىشىمىز كىرەك ئىدى.

مەنبە: توي تۆكۈنلەردە كۆرگەنلىرىم ،ئاڭلىغانلىرىم ،شۇنداقلا ئوقۇغان كىتاپلىرىمدىن ئېسىمدە قالغانلىرىدىن  ئىبارەت..
مەسخىرە قىلمىغايسىلەر تۇنجى قېتىم يىزىپ بېقىشىم ئىدى.




  

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-1-30 11:28 PM):

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15694
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10134
تۆھپە نۇمۇرى: 468
توردا: 4156 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 10:30:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

http://www.muzat.net/

كۆزۈڭنى ئاچ ،ئۆز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19684
يازما سانى: 594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8504
تۆھپە نۇمۇرى: 613
توردا: 6914 سائەت
تىزىم: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 02:23:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ فىلىمنى كۇرۇپ توينىڭ مۇشۇنداق بىيىت قوشاقلار بىلەن قىزىيدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم. بۇ بىيتلارنى مەن خاتىرەمگە يېىزىۋالدىم.رەھمەت سىزگە
مىنىڭدىن باشقا ھىچكىم كۇرمەپتۇ بۇ تىمىنى ؟
توي قىلىپ بوپتىمەن بولمىسا بۇ بىيىتلارنى تويدا ئۇقۇپ .......

دۇست كۇلدۇرۇپ ئېيتار.دۈشمەن يىغلىتىپ ئېيتار .

ياردەم مەزمۇنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29392
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5684
تۆھپە نۇمۇرى: 443
توردا: 4950 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2012-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 02:26:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت مۇزات ئوغلى!
سىز يوللىغان بۇ قىسقا فىلىممۇ  نىكاھ تويدىكى ئۆرۈپ ئادەتلەر يەنى قائىدە يوسۇنلاردىن بىرى ئىكەن ...
مەنمۇ ھېس قىلغىنىمنى يېزىپ باقتىم ، سىزمۇ ھەم شۇنداق قىلدىڭىز ...
ئاخرىدا تويلۇرۇمىزدىكى قائىدە يوسۇنلۇرۇمىزنىڭ شەكلى ئوخشىمغان بىلەن مەقسىدىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى تۇنۇۋالدۇق............

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18875
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2014-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 03:09:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ سېغىنىم شۇ تۇيلارنى ،كىچىك ۋاختىمدا خېلى كۇرگەن  بولمىسا ،ئۇيغۇرلارنىڭ تۇي-تۆكۇنىگە ھىچ قانداق ،مىللەتنىڭ تويلىرى يەتمەيدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26761
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4787
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 344 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2012-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 10:33:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بەك ياخشىكەن

547675218

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26761
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4787
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 344 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2012-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 10:33:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    

547675218

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 03:13:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر بىيىت -قوشاق ئىيتىشمايدىغان بولۇپ كەتتۇق، قوشاقچىلارمۇ يوق.

ۋەت.............  دەپ توۋلايدۇ شۇ!

قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش