باشقا مۇنبەرگە يۆتكىمەڭ!ئاپتۇرلۇق ھوقۇقىغا دەخلى قىلماڭ!
ئىتلار بىلەن «پىتلار»شەھەرلىشىپ كەتتى
ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات
فىليەتۇن
جەمىئەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، تۈرلۈك يېڭىلىقلار بارلىققا كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە مېنىڭ كۆزۈمگە كۆپىرەك چېلىققىنى دېھقانچىلىق دورىسى ۋە خېمىيەلىك دورىلارنى كۆپلەپ ئىشلىتىش سەۋەبىدىن سەھرالاردا شىددەت بىلەن ئاينىپ كەتكەن ياكى تۇرۇش ئىمكانىيىتى قالمىغان مەلۇم ھاشارەتلەر(«پىتلار») توپىنىڭ شەھەرگە كۆچىشىدۇر.
يېزىلارنى شەھەرلەشتۈرۈش دولقۇنىدا ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇپ،دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مۇھىم ھالقا بولغاچقا، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە كۆپلەپ ئىشلىتىلگەن خېمىيەلىك دورىلار ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ تەسىرىدە قىسمەن ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراپ، بۇنۇڭغا قارىتا تەبىئەت دۇنياسى تۈرلۈك ئىپادىلەر بىلەن ئىنكاس قايتۇردى.مەسىلەن، بۇرۇن توپا ياغىدىغان ئىش كۆپ كۆرۈلمەيتتى، ھازىر بۇ نورمال ئەھۋالغا ئايلىنىپ، ھە دېگەندىلا ھاۋانى چاڭ-توزان قاپلاپ، ماشىنىلار بەزىدە كۈندۈزدىمۇ چىراق يېقىپ ماڭىدىغان بولدى...دېھقانچىلىق دورىلىرى ۋە خېمىيەۋى دورىلار زىيانداش ۋە زىيانسىز ھاشارەتلەرنىڭ ھەممىنى قارا-قويۇق زىيانغا ئۇچرىتىدىغانلىقى ئۈچۈن، زىرائەتكە زىيانسىز، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق بولغان قىسمەن ھاشارەتلەرنىڭ كۈشەندىلىرىمۇ تەڭلا زىيانغا ئۇچىراپ، مەلۇم تۈردىكى زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. «تۆت زىيانداش»نىڭ بىرى بولغان چاچقاننى يوقىتىش داۋرىڭىدا،دېھقانچىلىق دورىلىرى ياكى زەھەرلىك دورىلار كۆپلەپ ئىشلىتىلدى.بۇنى يەپ ئۆلگەن زەھەرلىك چاچقاننى يەپ سالغان بىچارە مۈشۈكلەر زەھەرلىنىپ مىياڭلاپ جان تەسلىم قىلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، سەھرالاردا ھەر بىر ئائىلىدە بىردىن بولىدىغان ئىشىكباقار ئىتلارنىڭ بېشىغىمۇ كۈلپەت چۈشتى، ئۇلار تەتىپكە سېلىنىپ، سانى زور دەرىجىدە ئازلىتىلدى.
ئەكسىچە تۇرمۇشى باياشاتلىشىپ،ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا قىلىدىغان ئىشى قالمىغان قىسمەن شەھەرلىكلەر ئۆيلىرىدە ئىت-مۈشۈك بېقىشقا باشلىدى،بۇ ھەم مۇدىغا ئايلىنىپ قالدى.ئۇلار باققان ئىت-مۈشۈكلەر باشقىلارنىڭ ئارامىنى بۇزۇپ، شەھەرنىڭ مۇھىتىنى بۇلغاشقا باشلىدى.بۇ بىر قارىماققا سەھرالاردىكى ئىت-مۈشۈكلەر تەھدىتكە ئۇچراپ، شەھەرگە كىرىۋالغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. شەھەرگە كۆچكەن جانىۋارلاردىن يەنە ئاق قۇچقاچمۇ بار ئىدى.ئاق قۇچقاچلار شەھەرلىشىپلا قارا پەلتو كېيىشكەن(ئىس-تۈتەكتىن بەدىنى قارىداپ كېتىشكەن)ئىدى...
دېمەك،شەھەرلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن،ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش يولىدا ئىشلىتلگەن بەزى چارىلەر، يېزىلاردىكى جانىۋارلارغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈپ، ئادەملەردىن ئاۋال ئىتلار بىلەن «پىتلار» شەھەرلىشىپ بولغاندەك قىلاتتى...
مەنبە:
http://bbs.karahijran.com/read.php?tid=825