ئىلى ئوبلاستتى چاپچال ناھىيە قاينۇق يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى جۈرئەت مۆسۈت خىزمەتكە قاتناشقان 15يىلدىن بۇيان ئۆز خىزمىتىگە ئىزچىل سادىق بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتقان تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بىرى .
جۈرئەت مۆسۈت 1996-يىلى ئىلى ئوبلاستلىق تەنتەربىيە مەكتىۋىنى پۈتتۈرۈپ قاينۇق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە چىققان . شۇندىن بۇيان ئىزچىل ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ پۈتكۈل يېزىنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ بىر بالداق يوقىرى كۆتۈرلىشى ئۈچۈن ئاساس سالدى. بولۇپمۇ 98-يىلدىن بۇيان چاپچال ناھىيىسى ۋە ئىلى ئوبلاستتى بويىچە ھەر قايسى ئورۇنلاردا ئېلىپ بىرىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە ئۇ يېتەكلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولۇپ كەلدى.بۇ جەرياندا ئۇنىڭ تەربىيىسى ئاستىدا ئۆز تالانتىنى تونىغان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ مەشىق قىلدۇرۇشى ۋە ئىلھام بىرىشى نەتىجىسدە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئۆزلىرى ئىشتىياق باغلىغان بۇ كەسىپتە ئوقۇماقتا. ئۇ ئەينى چاغلاردا يېتەكلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدى خىزمەتكە چۈشكەن بولۇپ ، بۇ ھارماس باغۋەن ھازىرمۇ ئۆز ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىر سەپتە ئىشلەپ كەلمەكتە.
بۇ قىتىم ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە 8-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە كۈنەس ناھىيىسىدە ئېلىپ بىرىلدىغان باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا يىللىقلارنىڭ زال ئىچى بەش ۋە يەتتە كىشىلىك پوتپۇل ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىگە ئۇ يېتەكلىگەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار كوماندىسى چاپچال ناھىيىسىگە ۋەكالەتەن بۇ قىتىملىق مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. بۇ بۇ ئوقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن بۇيان دەم ئېلىش ۋاقتىنى قۇربان قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنى جىددىي مەشىقلەندۇرمەكتە.
بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ مەشىق مەيدانىغا باردۇق. بۇ ۋاقىتتا ئۇ بالىلارنى جىددىي مەشىق قىلدۇرۇۋاتقان ئىكەن. جۈرئەت بۇ توغۇرسىدا مۇنداق دېدى : - بۇ قىتىملىق مۇسابىقىگە قاتنىشالىغىنىمدىن تولىمۇ خوشالمەن. بىر تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۆزى يېتەكلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇشۇنداق چوڭ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئاڭلاشتىنمۇ ئارتۇق خوشاللىق بولمىسا كىرەك. بۇ قىتىملىق مۇسابىقە مەن ۋە ئوقۇغۇچىلىرىم ئۈچۈن بىر سىناق . ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇسابىقىدە قانداق نەتىجىگە ئېرىشىشى بۇ موھىم ئەمەس. لىكىن چوقۇم ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن.بىراق مەن ئۈچۈن ئەڭ خوشاللىقى يەنىلا بۇ قىتىملىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولۇش.
بىز ئۇنىڭدىن بۇ قىتىملىق مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەش ئەھۋالىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ :
- بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى مەن ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزەم بىر قوللۇق تەربىيلەپ كېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مېنىڭ قولۇمدا تەربىيلىنىۋاتقان ۋاقتى 3يىلدىن ئاشقانلارمۇ بار.
بىز ئاخىرىدا بۇ كەسىپدىشىمىزنىڭ ئالدىمىزدىكى مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۇردۇق.
تۆۋەندىكىسى ئۇ يېتەكلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەشىق ئەھۋالىدىن كۆرۈنىشلەر: