مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3130|ئىنكاس: 11

ھالاكەت ئاچىلىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

خەق ئاناڭمىدى ئى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37058
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4545
تۆھپە نۇمۇرى: 522
توردا: 933 سائەت
تىزىم: 2011-4-9
ئاخىرقى: 2012-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-19 06:20:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھالاكەت ئاچىلىدا





بىلسەڭ دوستۇم ھايات  قەدىرىنى،
تەقدىر تاشلايدۇ  نەلەرگە  بىزنى
كۆرىسەن كۆرمىگەنى ھاياتلىقىڭدا،
ھايات دولقۇنلىرى چايقايدۇ سېنى .
                                            خاتىرەمدىن


            ياش ــ دىلغا سىغدۇرغۇسىز قايغۇ ،ھەسرەت ،پۇشايمان ھەمدە شاتلىقنىڭ بەلگۇسى ، بۇ دۇنيادا كىمنىڭ كۆزىدىن ياش ئاقمىغان ؟ ئادەم ھەر بىر ئىشتىن قاتتىق تەسىرلەنگەندە كۆزىدىن ياش ئاققۇزىدۇ، ئۆزىنى چەكسىز بەختىيار ھېس قىلىپ ھاياجانلانغاندىمۇ كۆز ياش قىلىدۇ ،ئۆزىنىڭ ئۆتكۇزگەن سەۋەنلىك ،گۇناھى سەۋەپلىك ئۆزىگە ۋە باشقىلارنى زور زىيانغا ئۇچراتقاندىمۇ ،ئۆز قىلمىشغا توۋا قىلغان چاغلىرىدىمۇ ئىقتىيارسىز يىغلاپ تاشلايدۇ ،ئەنە مەنمۇ كۆز ياش قىلغان ، ھەسرەتلەنگەن ۋە قاتتىق قايغۇ نادامەتتە قالغان ، ھەتتا ئۆلۇشنىمۇ ئارزۇ قىلغان ئەمما جان چىقمىسا بىكار ئىكەن ، بۇلىدى، مەن ھېكايەمنى باشتىن باشلاي ؛
مەن كىچىكىمدىن مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە چوڭ بولدۇم،ئوقۇدۇم ،ئوقۇش پۇتتۇرۇپ خىزمەتكىمۇ چىقتىم ، مانا ياشلىقنىڭ قاينام تاشقىنلىق كۇنلىرى جىددىيچىلىك بىر خىل ساراسىمە ،ئىنتىزارلىق ھەمدە نىمىلەردىندۇر بىزارلىق ئىچىدە ھەم تىز  ھەم زەيكەش سۇيىنىڭ ئېقىشدەك ئاستا ئۆتمەكتە ، ياشلىقنىڭ چۇشقۇن مۇشۇ چاغلىرىدا دوسىت ئاغىنەر بىلەن ئازتۇلا يىغىلىش ،ئولتۇرۇشلار بولىشى ئەقەلىي ئىش بولسا كىرەك،شۇڭا بىزمۇ دوسىت يارەنلەر بىلەن يىغىلىش قىلىپ تۇراتتۇق ، مېنىڭ ھەر ساھە ھەر كەسپىتىن دوستلىرىم بولغاچقا يىغىلىشنىڭ ئورۇنلىرى مەزمۇنى ئوخشىماتتى ،بۇگۇنمۇ  يۇقاپ كەتكىلى بىر نەچچە يىل بولغان ،باشقىلاردىن ئىچىكىردە چوڭ سودىلارنى قىلىۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلىغان دوستۇم ئەبەيدۇللا تىلىفۇن قىلىپ ئۆزىنىڭ بىر نەچچە كۇن ئىلگىرى قايتىپ كەلگەنلىكىنى بۇگۇن كەچتە دوسلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىلىدىغانلىقىنى  دىدى، كەچتە دىيىشىپ قويغان ئايرىم خانىلىق رىستۇرانغا كەلدىم .
ـــ ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم ...دەپ كىرىپ كەلدىم.
ــــ ۋەئەلەيكۇم ئەسىلام ،ـ دىگىنىچە ئەبەيدۇللا ئولتۇرغان ئورنىدىن تىزلا تۇرۇپ ئالدىمغا كېلىپ مەن بىلەن كۆرۇشتى ،ئۇنىڭ قاراپ ھەيران قالدىم ، ئۇنىڭ بۇرۇنقى سىمىز ،دۇگىلەك ھالىتىدىن ئەسەرمۇ يوق ، قارىماققا كۆپ يىل كىسەل تاتقان ئادەمدەك ئورۇقلاپ ، بىر تىرە ،بىر ئۇستىغان بولۇپ قالغان ئىدى ، مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۇشۇپ بولغاندىن كىين باشقىلار بىلەنمۇ بىر قۇر كۆرۇشۇپ چىققاندىن كىيىن بىر بوش ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇردۇم ،بۇگۇن كەلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا مەن تۇنۇيدىغانلارمۇ ، تۇنىمايدىغانلارمۇ بار ئىدى . مەن ئولتۇرغاندىن كىيىن ئەبەيدۇللا قولىدىكى تاماكىسىنى قاتتىق –قاتتىق شوراپ تاشلىۋەتكەندىن كىيىن سۆز باشلىدى .
ـــ ھە باللا بۇگۇن ياخشى يىغىلىپتۇق ، ماۋۇ ئۇچەيلەن مېنىڭ سودىدىكى شىرىكلىرىم بۇ قېتىم مەن بىلەن بىرگە ئويلىنىغىلى كەلدى ،دەپ بىر قۇر تۇنۇشتۇردى ، بۇلار ئارىسىدىكى  ئۇزۇن چاچلىق ، ئاق يۇزلۇك ، چوڭ كۆزلۇك زىلۋا قىز ئادەمنىڭ دىققىتىنى ئالاھىيدە تارتاتتى ،ئۇنىڭ قېشىدىكى ئىككى ئەر بولسا گەۋدىلىك بولۇپ قارىماققا بۇ قىزنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدەكلا قىلاتتى .
ـــ بۇ دوستۇم بولسا شەھىرىنىمىزنىڭ ج خ ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقىنىڭ ئوغلى مەردان بولىدۇ ،ـ ئەبەيدۇللا مېنى شۇنداقلا تۇنۇشتۇردى . شۇنداق دىگەندە ھېلىقى چىرايلىق قىزنىڭ ماڭا تىكىلىپ كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغان بولساممۇ ئەمما ئارتۇقچە ئويلاپ كەتمىدىم ، ئەبەيدۇللا بىلەن ئىككىمىز قىزغىن پاراڭغا چۇشۇپ غىزالانغاچ پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتۇق.يېقىملىق مۇزىكا باشلاندى .
ــــ تانسا ئوينىساق بۇلامدۇ ؟ــ بۇ زىل ئاۋازدىن چۇچىگەندەك بولۇپ بېشىمنى كۆتۇرۇپ قارىدىم ، قېشىمدا ھېلىقى زىلۋا بويلۇق قىز ماڭا قاراپ مېيىقىدا كۆلۇپ تۇراتتى .
ـــ مەن ... مەن تانسىنى تازا ياخشى ئوينىيالماتتىم ... توۋا ماڭا نىمە بولدى، باشقا دوسلار سورىنىدا مەن بۇنداق ئەمەستىمغۇ ، ئەجەپ بۇگۇن.... بەلكىم تارتىنىپ قالغان ئوخشايمەن دىگەن خىياللار كاللامدىن چاقماق تىزلىكىدە ئۆتتى
ـــ قۇپە ئاداش ، نازلانماي ،ئوغۇل بالا تۇرۇپ تانسا بىلمەيمەن دەپ يۇرسەڭ سەت تۇرمامدۇ ،ـدەپ ئەبەيدۇللا مېنى تانسا ئويناشقا دەۋەت قىلدى . مەن ئاستىغىنە ئورنۇمدىن تۇرۇپ لەرزان مۇزىكىغا كىلىشتۇرۇپ تانسىغا چۇشتۇم.
ـــ تانسىنى شۇنداق ياخشى ئوينايدىكەنسىزغۇ ،ـدىدى قىز ماڭا كۆلۇمسىرەپ قاراپ ، مەنمۇ ئارتۇقچە چۇشەندۇرشنى خالىماي مىيىقىمدا كۆلۇپ قويدۇم.
ـــ دوسىت بوپ قالايلى ، ئىسىمىم دىلرابا ، دادام ئىچكىردە چوڭ سودىلارنى قىلىدۇ ،ئادەتتە مەن دادامغا ياردەملىشىمەن .
ـــ مېنىڭ ئىسمىم مەردان ، مەن ئوقۇتقۇچى ...
  سورۇنمۇ شۇنداق قىلىپ ئارخىرلاشتى ، سۇرۇن ئاخىرلاشقاندىن كىيىن دىلرابا مېنىڭ تىلىفۇن نۇمۇرۇمنى خاتىرلىۋېلىپ چۇقۇم تىلىفۇن قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇرۇپ خوشلاشتى ،ئەتىسىدىن باشلاپ مەن يەنە شۇ ئالدىراش خىزمەت ھەلەكچىلىكىگە چۇشۇپ كەتتىم ، ئارىدىن بىر نەچچە كۇن ئۆتكەندىن كىيىن تىلىفۇنۇم سايرىدى ، قارىسام ناتۇنۇشلا نۇمۇر خوش ياقمىغان ھالدا تىلىفۇننى كۆتۇردىم .
ـــ ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم ، ياخشى تۇرىۋاتامسىز ؟
ـــ ۋەئەلەيكۇم ئەسىلام ، ياخشى ،ئۆزىڭىز....؟
ـــ بىر نەچچە كۇن كۆرۇشمەي ئۇنتۇپ قالدىڭىزما ؟ مەن دىلرابا ..
ـــ سىزمىتىڭىز ، نىمانچە يېقىملىق ئاۋازدۇ دەپتىمەن تېخى ،ئۆزىڭىزچۇ ؟ ياخشى تۇرىۋاتامسىز؟
ـــ ياخشى ..ياخشى .. نىمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش يۇرىسىز؟ بەك كەم دىدارغۇ سىز ؟
ـــ خىزمەت ئالدىراشچىلىقى ...ئۆزىڭىزچۇ ؟
ـــ مەنما كۇندە ئايلىنىپ ساياھەت قىلىپ يۇرۇپتىمەن ،ئەمما سىزدەك ياخشى بىر يول باشلىغۇچىغا بەك مۇھتاج بۇلىۋاتىمەن جۇمۇ...
ـــ شۇنداقمۇ .... سىزدەك چىرايلىق قىزلارغا يول باشلىغۇچى بولۇش مېنىڭ شەرىپىم ... ھەر ئىككىمىز قاقاقلاپ كۆلۇشتۇق شۇنىڭدىن كىيىن بىز كۇندە كۆرۇشۇپ يۇرىيدىغان بولدۇق ، ئۇ قىزمۇ ئوچۇق سۆزلۇك ، پىكىرى ئۆتكۇر قىز بولغانلىقى ئۈچۈن تىزلا ئۇنىڭغا ئامراق بوپ قالغان ئىدىم .
ـــ مەن بۇ قېتىم بۇ جايدا ئۇزۇنراق تۇرايمىكىن دەيمەن ،سىزچە قانداق ؟-دەپ سورىدى دىلرابا
ـــ بۇلىدۇ ، بولمايدىغان نىمىسى بار ..
ـــ ئەمەلىيەتتە مەنمۇ مۇشۇ يەرلىك ،ـدىدى دىلرابا كۆزلىرىنى يىراقلارغا تىكىپ.
ـــ نىمە سىزمۇ مۇشۇ يەرلىكما ... مەن ھەيرانلىق ئىلىكىدە ئۇنىڭغا قارىدىم.
ـــ شۇنداق مەن مۇشۇ يەرلىك مەن 4ياش ۋاقتىمدا ئاتا –ئانام ئىچكىرگە سودا قىلغىلى كىرىپ شۇ جايدا ئولتۇرۇپ قاپتىكەن .
ـــ ھە مۇنداقكەندە ........
ـــ شۇڭا بۇ قېتىم مەن بۇ جايدا ئۇزۇنراق تۇرايمىكىن دەيمەن ، راستىنى دىسەم ھازىرغىچە مېنىڭ ئۆزىمىزنىڭ يېزىقىمىزدىن ساۋادىم يوق
ـــ بۇنىڭ نىمىسى تەس مەن سىزگە ياردەم قىلىپ ساۋادىڭىزنى چىقىراي
  بىر نەچچە كۇندىن كىيىن مەن ئۇنىڭغا بىر تال ئىلىپپە كىتاپ سوۋغا قىلدىم ، بىز ئەنە شۇنداق قىلىپ يېقىنلىشىپ كەتتۇق ھەتتا  ئۇنى بىر كۇن كۆرمىسەم بىر نەرسەم كامدەك ھېس قىلىدىغان ھالەتكە كىلىپ قالغاندىم ، شۇ كۇنلەردە ئەبەيدۇللا ئەتراپىمىزدا پەرۋانىدەك يۇرەتتى ، ماڭا ئېسىل تاماكىلارنى تەڭلەتتى ، مەن ئادەتتە تاماكىنى بېسىپ چەكمىسەممۇ يىغىلىش ،ئولتۇرۇشلارغا چىكىپ قۇياتتىم . مۇشۇ كۇنلەردە ئەدەيدۇللا مېنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق بەڭگى قىلىپ قويغاندى ، قىزىق يىرى مەن باشقا تاماكا چەكسەم ئۇ بەرگەن تاماكىنى چەككەندەك تېتىمايتى.
ـــ سەن بەرگەن تاماكا قانداق تاماكا ئۇ ، باشقا تاماكا چەكسەم ئەجەپ تېتىمىغىلى تۇردى ماڭا...
ـــ ھاھاھاھا ... سەنمۇ تاماكىنى تازا تۇنىيسەن جۇمۇ ، چەتنىڭ ئېسىل ماركىلىق تاماكىسى ، بىر قېپى 50نەچچە كوي دىگىنە ،-دىدى ئەبەيدۇللا كۆلۇپ ، مەنمۇ شۇندىن كىيىن ئارتۇق خىياللاردا بوپ كەتمىدىم . ئاردىن خىېلى ۋاقىتلار ئۆتتى ،كۆڭۇل دىگەن ئاجايىپ نەرسە ،ئۇ بەزىدە ئادەمنىڭ كونتىرۇللۇقىغا بويسۇنمايدۇ ، سەن ئۇنى تىزگىنلەي دېگەنسىرى ئۇ شۇنچە ئەركىنلىشىپ،ئادەم خاراكتېرىدە تۇغما بار بولغان ياۋايىلىقنى نامايەن قىلىدۇ .بولۇپمۇ ئادەم ياشلىققا قەدەم قويۇپ،ئۆزىگە ئەڭ سىرلىق بىلىنىدىغان يات جىنىسقا يېقىنلاشقان ، يۇرەكتە ياشلىقنىڭ تۇنجى مۇھەببىتنىڭ ئوتلىرى گۇرۇلدىگەن، شۇ تەپتىدەك،يات جىنىسنىڭ ھاراتلىك بەدىنىنىڭ مۇئەييەن يەرلىرى ئۆزئارا ئۇچىرشىۋاتقان،ئادەم بەدىنىدە توك تېپىۋاتقاندەك سىزىم پەيدا بولۇۋاتقان چاغدا ،كۆڭۇل ئادەمنى كۆزىگە ھېچ نەرسە كۆرۇنمەيدىغان ،ھەر قانداق ئاقىۋەتنى ئويلىمايدىغان ھېچ نەرسىدىن قوقمايدىغان ،تەپ تارتمايدىغان قىلىپ قويىدۇ ،مەنمۇ شۇ كۇنلەردە دىلرابانى ياخشى كۆرۇپ قالدىم ،ھەم ئۇنىڭغا كۆڭۇل ئىزھار قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلەشتىم
، شۇ كۇنلەردە ئۆزۇمنى شۇنداق بەخىتلىكتەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالغاندىم .دىلرابانىڭمۇ ئوبدانلا ساۋادى چىقىپ قالغاندى ، ھەتتا كومپىيۇتىردا خەت بېسىشنى ئۆگىنىپ مۇنبەر ئارلاشنى ياخشى كۇرۇپمۇ قالدى . ھەر كۇنى كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىغا كىلىۋېلىپ مۇنبەرلەردىكى ياخشى ، تەسىرلىك ، مەزمۇنلۇق ئەسەرلەرنىڭ مۇنازىلىرلەرنى كۆرىدىغان بۇلىۋالغاندى . بىر كۇنى ئوتتۇر كىچىدە تىلىفۇنۇم تۇيۇقسىز سايراپ كەتتى ، مەن دەرھال كەلگەن نۇمۇرغا قارىشام دىلرابا ئالغانكەن .
ـــ مەردان ئەبەيدۇللا ئۇ....ئۇ....،-دىلرابا قاتتىق جىددىيلىشىپ كەتكەندەك قىلاتتى.
ـــ نىمە ئىش بولدى ، ئەبەيدۇللاغا نىمە بوپتۇ ؟ ئالدىرماي سۆزلە...
ـــ ئەبەيدۇللا ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ئۇلۇپ قاپتۇ ، تىز كىلىڭ ... مەن دەرھال ئورنۇمدىن تۇردۇمدە سىرىتقا چاپتىم ، ئەبەيدۇللانىڭ سىرىتتا ئىجارىگە ئالغان بىر ئۆيى بار ئىدى ،مەن ئۇدۇللا شۇ ئۆيگە كەلسەم ساقچىلار قايناپ كىتىپتۇ ، ئۇ جايغا يىغىلىشۋالغان كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى « ھەي ياپياشلا بالىكەن تۇق بىجارە » دىيىشسە ، بەزىلىرى « ئاق چەككەندىن خاپ بوپتۇ »دىيىشەتتى ، دىمەك ئەبەيدۇللا ئاق چىكىپ قېتىپ قالغاندى ، شۇ ۋاقىتتا
ئەبەيدۇللانىڭ « چەتنىڭ ئېسىل تاماكىسى بولغاندىن شۇنداق بۇلىدۇدە » دىگەن گەپلىرى چاقماق تىزلىكىدە خىيالىمدىن كىچىپ لاسسىدە بوپ قالدىم ،ھەم كەينىمگە ئۆرۇلۇپلا پۇتۇمنىڭ باشلىغان تەرىپىگە قاراپ ماڭدىم ، ھەتتا دىلرابانىڭ «نىمە بولدىڭىز ؟نەگە بارىسز ؟»دىگەن گەپلىرىمۇ قۇلاقلىرىمغا كىرمەتتى ، شۇ ماڭغانچە قانداق قىلىپ دەريا بۇيىغا كىلىپ قالغىنىمنى ئۆزۇممۇ سەزمەي قاپتىمەن ، دەرياننىڭ شوخ سۇلىرى ھەر يانغا ئۇرۇلۇپ ئاقاتتى ، مەن دەريا سۇيىگە قاراپ خىيال سۇرمەكتە ئىدىم خىيالىرىم چىگىش ، مىڭەم ھازىرلا پارتلاپ كىتىدىغاندەك ئاغرىتى ، «ئەجىبا مەن ئاق تاماكىغا خۇمار بوپ قالغاندىمەنمۇ ؟»دەتتىم ئۆز-ئۆزۇمگە ،دىمىسىمۇ مۇشۇ يېقىندىن بىرى ئەبەيدۇللا بەرگەن ھېلىقى تاماكىنى چەكمىسەم پۇت-قوللۇرۇم قاتتىق ئاغرىيدىغان ، ئۆزۇمنى بەك بىئارام ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالغاندىم ، «شۇنداق مەن ئاق تاماكىغا خۇمار بوپتىمەن » دىگەن خىياللارنى سۇرگەن ۋاقتىمدا كۆزلىرىمدىن ئىقتىيارسىز ياشلار سۇرۇلۇپ چۇشەتتى ، بۇ نىمە كەلگۇلۇك ئىھ ئاللا مەن نىمىنى خاتا قىلدىم نىمىشقا مىنى مۇشۇ نىجىس نەرسىگە يۇلۇقتۇرسەن ....
   ئەتىسى بىر كۇن ئۆتتى ، ئەمما بۇ بىر كۇن قىيامەت قەييۇمدەكلا بىلىنىپ ئۆتتى ، ھېلىقى تاماكىنى چەككۇم كىلىۋاتاتتى ،پۇت قوللۇرۇم قاتتىق ئاغرىيتى ، باشقىلاردىن سوراي دىسەم  شۇ نىجىس نەرسىگە خۇمار بوپ قالغانلىقىمنى باشقىلارغا بىلدۇرۇشنى قەتتى خالىماتتىم ، شۇ ۋاقىتتا خىيالىمغا دىلرابا كەلدى ،مەن دەرھاللا ئۇنى ئىزدەپ باردىم .
ـــ دىلرابا ئەبەيدۇللا ماڭا بىرىدىغان ھېلىقى تاماكىنى نەدىن ئالىدىغانلىقىنى سىز بىلەمسىز؟
ـــ ئۇ تاماكىنىما ؟ ياخشىراق تاماكا ساتىدىغان ھەر قانداق  دۇكاندا بارغۇ دەيمەن ، نىمە شۇ خىل تاماكىغا كۇنۇپ قاپسىزدە ،ـدىدى ئۇ پەرۋاسىز قىياپەتتە
مەن ئۇنىڭغا خوشمۇ دىمەيستىن ئەڭ ياخشى تاماكا ساتىدىغان دۇكانغا قاراپ ئۇچتۇم ، ھەمدە شۇ خىل ماركىدىكى تاماكىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ چەكتىم ،ئەمما ھېچقانداق ئۆنۇمى بۇلىدىغاندەك ئەمەس ،ئۇلاپ ئۇلاپ بىر نەچچىنى چىكىۋەتسەممۇ ئوخشاش ، « چاتاق بوپتۇ ، ئەبەيدۇللا دىگەن ئىتنىڭ بالىسى چۇقۇم تاماكىغا ئارلاشتۇرىۋەتكەن گەپ ، تۇگۇشۇپتىمەن »دەتتىم ئۆزۇمگە ، «ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك ئاقنى قەيەردىن ئېلىش كىرەك ؟»دىگەن خىياللارنى سورەتتىم ،ئەمما ھېچ ئامالىنى قىلالماتتىم ئارىدىن ئىككى كۇن ئۆتكەندە مېنى ھەقىقىتەن چىدىغۇسىز ئاغىرىق ، بىئاراملىق قاپلاشقا باشلىدى ،ئەمدى پەقەت ئامالىم قالمىغان ئىدى ،«دىلرابا ئىچكىرلەردە يۇرگەندىنكىن چۇقۇم بۇ نەرسىنى نەدىن تاپقىلى بۇلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ ، توغرا ئۇنىڭدىن ياردەم سوراش كىرەك »دىگەنلەر خىيالىمغا كەلدىدە ئۇنىڭ قېشىغا چاپتىم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۇشتۇميۇ ئەمما ئۇ گەپنى ئېغىزىمدىن چىقىرالمىدىم ،« ئۇ شۇنداق ياخشى قىز تۇرسا ئۇنداق نەرسىلەرنى نەدىنمۇ بىلسۇن ،بەش ۋاخ نامازنى جايىدا ئۆتەپ يۇرگەن ئادەم ئەلۋەتتە ئۇنداق نەرسىلەردىن يىراق تۇرىدۇدە »دەتتىم ئۆزۇمگە ..
ـــ مەردان نەچچە كۇندىن بۇيان مىجەزىڭىز يوقمۇ نىمە ؟ چىرايلىرىڭىز ئاقىرىپ كىتىپتىغۇ ؟-دەپ سورىدى دىلرابا ، بۇ سۇئالدىن چۇچۇپ كەتتىم
ـــ ياق ... ياخشىغۇ ، شۇ ئازىراق زۇكام تىگىپ قاپتىكەن ،-دىدىم مەن ھەقىقى ئەھۋالىنى يۇشۇرۇپ ، ئۇ كۇنىمۇ ئۆتتى ،ئەتىسى ھەقىقىتەن چىدىغۇچىلىكىم قالمىغاندى شۇڭا تەۋەككۇل قىلىپ دىلراباغا دەپ مەسلىھەت بىلەن بىر ئىش كۆرۇشنى كۆڭلۇمگە پۇكۇپ دىلرابانى ئىزدىدىم .
ــ دىلرابا سىز بىلەن دىيىشىدىنغان ئازىراق ئىش باتتى ،ـدىدىم مەن تەكەللۇپ بىلەن
ـــ بۇگۇن نىمە بولدۇڭ بەك تۇزۇت قىلىدىغان بوپ كىتىپسەغۇ ؟
ـــ ھازىر بىلىسەن ... دەپ ئىككىمىز ئايرىم بىر ئۆيگە كىرىپ ئولتۇردۇم ، بىردەم جىمجىت ئولتۇرغاندىن كىيىن گەپنى مەن باشلىدىم .
ـــ دىلرابا ئەبەيدۇللا ئاق چىكىدىكەن شۇنداقمۇ ؟
ـــ ھە شۇنداق ئۇ بالىغا شۇنداق نەسىھەت قىلساق ئۇنىماي چەككەن ئاخىرى ئۆز بېشىغا چىقتى بىچارە ،ئۇنىڭغا بەك ئىچىم ئارغىريدۇ .
ـــ ھە ئۇ ئاق تاماكىنى نەدىن ئالىدىغانلىقىنى سىز بىلەمسىز؟ـدەپ سورىدىم مەن جىددى قىياپەتتە
ـــ ياق بىلمەيدىكەنمەن ، بۇنى سوراپ قاپسىزغۇ ؟ نىمە بولدى بۇگۇن سىزگە؟ـئۇ ھەيرانلىق ئىچىدە ماڭا قارىدى.
ــ سىزگە راستىنى دەي ... .ئەبەيدۇللا دىگەن ئىتنىڭ بالىسى ماڭا بەرگەن تاماكىلارغا ئاق تاماكا ئارلاشتۇرلغانكەن مەنمۇ .........گىپىمنىڭ ئاخىرنى دىيەلمىدىم
ـــ نىمە ..... نىمە دىدىڭىز ؟ سىزمۇ ئاق تاماكىغا خۇمار بوپ قالدىڭىزما ؟.... دىلرابانىڭ مەڭزىدە ئىككى تامچە ياش ئويۇپ قالدى .
ــ شۇنداق مەن ئۆزۇممۇ بىلمەي ئۇ نىجىسقا خۇمار بوپ قالدىم ، سىزدىن ئۆتۇنۇپ قالاي ، ماڭا شۇ نەرسىنى نەدىن تاپقىلى بۇلىدىغانلىقىنى سۇرۇشتۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز ؟
ـــ نىمە دەۋاتىسىز مەردان ، مەن سۇرۇشتۇرەمدىم.....،ـدىلرابانىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار يىپى ئۆزۇلگەن مارجاندەك چۇشۇشكە باشلىغاندى .
ـــ مەن جىدىمىدىم ، سىزدىن ئۆتۇنۇپ قالاي ، ماڭا بىر قېتىم پەقەت بىر قېتىم ياردەم قىلسىڭىز ؟.. مەن ئۇنىڭغا يىلىناتتىم ، باش قۇياتتىم ، قىسقىسى مەن ھازىر خۇددى ئىگىسىنىڭ ئالدىدا كۇچىكلىنىۋاتقان لالما ئىتقا ئوخشاپ قالغاندىم . دىلرابانىڭ يىلىنىشلىرىمغا ئىچى ئاغىردىمۇ ماڭا بىردەم ساقلاشنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى ،ئالاھەزەل ئىككى سائەتلەردىن كىيىن ئۇ قايتىپ كەلدى ، «قەيسەرنىڭ بىر دوستى باركەن ،ئۇ شۇخىل سودا بىلەن شۇغىلىنىدىكەن ، ئاران دىگەندە مۇشۇنچىلىك تاپالىدۇق »دەپ ماڭا بىر بولاق ئاق نەرسىنى بەردى ، مەن ئۇ نەرسىنى چەككەندىن كىيىن ئۆزۇمنى خۇددى ئاسماندا ئۇچىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ شۇنچىلىك راھەتلىنىپ كەتتىم ، دىلرابا ماڭا ئەكىلىپ بەرگەن ئۇ بىر بولاق نەرسە ماڭا بىر كۇن ئارانلا يەتتى ، مېنى يەنە ئاغىرىق ،بىئاراملىق ئازابى قىينىماقتا ئىدى ،مەن ئامالسىز يەنە ئۇ نەرسىنى ئىزدەشكە كىرىشتىم ، دىلراباغا دەۋىرىشكە يۇزۇم چىدىمىدى شۇڭا بۇرۇندىن يىغىپ قويغان پۇللىرىمنى ئالدىمدە قەيسەرنى ئىزدەپ باردىم ، قەيسەر ئىچكىردىن ئەبەيدۇللا بىلەن بىرگە چىققانلارنىڭ بىرسى ئىدى .
ـــ قەيسەر ئاكا سىزدىن ئۆتۇنۇپ قالاي ، ماڭا تاماكىنى نەدىن ئالغىلى بۇلىدىغانلىقىنى دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن ؟ سىزدىن ئۆتۇنۇپ قالاي ...
ـــ ھەي ...ئۇكام  ئەسلى شۇ نەرسىگە يېقىن يۇلىمىساڭ بۇلاتتى ، ماقۇل دەپ بىرەي ، سەن ئالدىمىزدىكى توت يول دوقمىشىغا بارساڭ بىر ساتىراچخانا بار ، ۋىۋىسكىسىغا « ئارامبەخش ساتىراچخانىسى »دەپ يېزىلغان ، شۇ يەرگە كىرىپ چېچىمنى يۇيۇپ قۇيۇڭ دەپ ئىچىدىكى ئۆيىگە كىرىسە ھەم چېچىمنى ئاق سۇپۇندا يۇيۇپ قويسىڭىز دەيسەن ، ئۇلار بەرسە يېنىپ چىقىسەن بەرمەي قالسا مېنى قەيسەر ئاكام ئەۋەتكەن دىسەڭ بولىدۇ
ـــ رەھمەت ئاكا..دەپ قەيسەر بىلەن خۇشلىشىپ ئۇ دىگەن ساتىراچخانىغا كىردىم ۋە چېچىمنى يۇيۇپ قۇيۇڭ دەپ ئىچكىرسىدە مەخسۇس چاچ يۇيۇش ئۈچۈن تەييارلانغان ئۆيگە كىردىم .
ـــ ئاكا چېچىڭىزنى قانداق يۇيىمىز ، قايسى ماركىدىكى سۇپۇننى ئىشلىتىمەن ،-دەپ سورىدى ۋىجىك كەلگەن ، ئورۇققىنا بىرسى
ــــ چېچىمنى ئاق سۇپۇندا يۇيۇپ قويغان بولسىڭىز ؟-دىدىم مەن ئىككىلەنمەي ، ئۇ بالا بىردەم تۇرىۋېتىپ ماڭا باشتىن ئاياغ قاراپ قويغاندىن كىيىن
ـــ كەچۇرۇڭ ،بىزدە ئۇنداق سۇپۇن يۇق دەپ چىقىپ كىتىشكە تەمشەلدى
ــــ توختاپ تۇرغىن ئۇكام ، مېنى قەيسەر ئەۋەتكەن ، بىز يات ئادەملەر ئەمەس ...
ـــ  ھە قەيسەر ئاكام ئەۋەتكەنما ، بىزنىڭ لوبەن قەيسەر ئاكام بىلەن بەك يېقىن بوپتۇ بىرەي ، قەيسەر ئاكام ئەۋەتكەن بولسا ئىشەنچىلىك ،ـدىدىدە ، ياندىكى ئورۇنلاشتۇرۇلغان جازا ئۇستىدىن بىر تال سۇپۇن قۇتۇسىنى ئېچىپ بىر بولاق ئاق تاماكىنى ئېلىپ ماڭا سۇندى ، مەن دەرھال قول ئۇزاتتىم ،ئەمما ئۇ شارتتىدە قۇلىنى تارتىۋېلىپ ماڭا قۇلى ئارقىلىق پۇلچۇ دىگەن ئىشارىنى قىلدى .
ـــ نەچچە پۇل ئۇكام بۇ بىر بولاق ...دىدىم مەن چىرايىمغا زورىغا كۇلكە يۇگۇرتۇپ ،
ـــ 150كوي ... ئۇ پەرۋاسىزلا جاۋاپ بەردى ، مەن يانچۇقۇمدىن پۇلنى چىقىرىپ 4بولاق بىرىشنى ئېيتىم ، مەن تاماكىنى ئالغاندىن كىيىن بىر نەچچە كۇنگىچە ئىشقا بېرىپ دىگەندەك ئۆتتۇم ، ئۇ نىجىس تاماكا قالمىسا ئۇدۇل شۇ دۇكانغا باراتتىم ، شۇنداق پۇللارنى ئىسراپ قىلىۋەرگەچكە ئۇزۇنغا بارماي ئۆزۇم يىغىپ قويغان پۇللار پاكپاكىزە تۇگىدى ، شۇندىن كىيىن ئاتا-ئانامنى ئالداپ ئۇنىڭغا پۇل كىتىدىكەن ، بۇنىڭغا كىتىدىكەن دەپ پۇل ئالدىم ، دوسىت –يارەنلەردىن قەرىز ئالدىم ، ئەمما ھېچ بۇ خۇمارغا يىتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى ، بىر كۇنى خۇمارىم قاتتىق تۇتۇپ كەتتى ، ئاتا-ئانامغا پۇل دەپ شۇنچە يالۋۇرساممۇ بەرمىدى ، ئامالسىز دىلرابانى ئىزدەشكە مەجبۇر بولدۇم ،ئەنە شۇ كۇندىن باشلاپ دىلرابانىڭ پۇلىسىغا چەكتىم ،ئارىدىن بىرەر ئاي ئۆتكەندىن كىيىن دىلرابا چاقىرىپ قالدى .
ــ مەردان ئاخشام دادام تىلىفۇن قىپتىكەن مېنى دەرھال يېنىپ كىلىڭ دەيدۇ ،-دىدى ئۇ ، بۇ گەپنى ئاڭلاپ بېشىمدىن بىر چىلەك سۇ قۇيغاندەك ھېس قىلىپ كەتتىم .
ــ سىز كەتمەڭ دىلرابا سىز كەتسىڭىز مەن قانداق قىلىمەن ،-دىدىم مەن يىلىنىش تەلەپپۇزىدا
ـــ مەن بىلەن بىرگە كىتەمسىز يا؟...دىدى ئۇ ماڭا سۇئال نەزىرى بىلەن قاراپ ، مەن خىيالغا چۆمگەن ئىدىم ، ئۇنىڭ بىلەن كەتسەم ئاتا-ئانام ئېنىم قانداق قىلار ؟ ئەگەر كەتمىسەم خۇمارىم تۇتسا قانداق قىلارمەن ،دىگەنلەرنى خىيال قىلاتتىم
ـــ نىمە مەن بىلەن كەتكۇڭىز يوقما ؟
ـــ ياق ئۇنداققۇ ئەمەس ، ئەمما مەن كەتسەم ئاتا-ئانام قانداق قىلار دەپ ئۇيلاۋاتىمەن ،-دىدىم مەن
ــ ئىشقىلىپ ياخشى ئويلىشىڭ ، مەن چۇقۇم كەتمىسەم بولمايدۇ ، بىز 3كۇندىن كىيىن يولغا چىقىمىز
مەن ئۆيۇمگە قايتىپ قاتتىق ئويلىنىش ئىشىچدە ياتاتتىم ، «قانداق قىلىش كىرەك »دىگەن سۇئال مىڭەمدە جاراڭلاتتى ،ئەگەر كەتمىسەم ئاتا-ئانام ئوزۇنغا قالماي مېنىڭ ئاق چىكىدىغانلىقىمنى بىلىپ قالىدۇ ، ئۇ چاغدا دادامنىڭ تاياق ئىزالىرىنىغۇ دىمەيلا قۇيەي ، تۇنۇش بىلىشلەرنىڭ ئالدىدا رەسۋا بۇلىمەن ، ئەگەر كەتسەم ئۇلار قانداق قىلار ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن كىم خەۋەر ئالار ، ھە مېنىڭ يەنە ئېنىم باغۇ ، شۇ خەۋەر ئالسا بۇلىدۇ ، ئۇمۇ مۇشۇ يىل ئوقۇش پۇتىرىدۇ ئەمەسمۇ »دىگەنلەرنى خىيال قىلىپ ئوخلاپ قالدىم ،ئەتىسى بۇ خەۋەرنى دىلراباغا يەتكۇزدىم ، دىلرابانىڭ تۇرىقىدىن خۇشال بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى ، ئۈچۇنچى كۇنى دەل ۋاقتىدا ئارتۇق بىر نەرسە ئالمايلا ئايرۇپىلان ئىستانسىسىغا كەلدىم ، بۇ چاغدا دىلرابا مېنى ساقلاپ تېتىت بولۇپ تۇرغانكەن .
ـــ مۇشۇنداقمۇ ساقلىتامسىز ؟ مەن تېخى سىزنى قارارىدىن يېنىۋالغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن ،ـدىدى ئۇ چىرايلىرىنى پۇرۇشتۇرۇپ
ـــ ياقەي ، يولدا ماشىنا تۇسۇپ بۇلالماي ،-دەپ باھانە كۆرسەتتىم .
بىز ئايرۇپىلانغا چىقىشقا باشلىدۇق ، نىمە ئۈچۈنكىن پۇتلىرىم شۇنداق ئېغىر ئىدى ، ئەگەر ئۆز مەيلىگە قۇيۇپ بەرسەم كەينىگە يېنىپ كىتىدىغاندەكلا قىلاتتى ، كاللامدا مىڭ خىيال ئەگىتتى ، مەن ئەنە شۇ خىياللار ئىچىدە ئېغىر پۇتلىرىمنى ئاران يۆتكەپ ئايرۇپىلانغا چىقىپ ئورۇنلاشتىم ،ئايرۇپىلان كۆتۇرۇلدى ، ئەنە مېنىڭ گۇزەل يۇرتۇم ، ئەنە مېنىڭ دوسلىرىم جان جىگەرلىرىم ، ئەنە مەن ئوقۇتقان سەبىيلەر ، ئەنە ..... ھەممىسى مەندىن تولىمۇ يىراقلاشماقتا ، خەيرى- خۇش يۇرتۇم ئامان بولغىن .
  ھايات تولىمۇ چىرايلىق ھەم تولىمۇ سەت ، ئانىدەك مىھرىبان ھەم جاللاتتەك رەھىمسىز،چۇنكى ئادەم شۇنداق ، ئادەم ئەرىشتەك ئولۇغ ھەم ناھايتى پەس ، ناۋاتتەك تاتلىق ھەم زەھەردەك ئاچچىق.ئادەمنىڭ ئەقلىگە نەپىسى مىنگەن خۇسۇسىي مەنپەئەپەرەسلىك ئادەم قەلبىگە تولۇق ئىگىلىگەن چاغدا ئادەم ئەڭ رەزىل ،پەسكەش ،رەھىمسىز ، مەنىسىز ،رەزىل ،ئىپلاس نەرسىگە ئايلىنىدۇ . بىز نەچچە سائەتلىك ئايرۇپىلان سەپىرىدىن كىيىن شىئەنگە چۇشتۇق ، ئايرۇپىلان ئىستانىسىغا دىلرابانىڭ دادىسى بىزنى ئالغىلى كەلگەن ئىدى ، دىلرابانىڭ دادىسى 50ياشلار چامىسىدىكى سىمىز ، قارىماققا ئاچىقى ياماندەك كۆرىنىدىغان بىر كىشى كۆتىۋالدى ،
ــ بۇ مېنىڭ دادام ئىسمى ھەسەن ، بۇ بولسا مەن سىزگە تىلىفۇندا گىپىنى قىلىپ بەرگەن دوستۇم ئىسمى مەردان ،ـدىدى دىلرابا ئىككىمىزنى بىر بىرىمىزگە تۇنۇشتۇرۇپ ، بىز ماشىنىغا ئولتۇرۇپ يېرىم سائەت ئەتراپىدا ماڭغاندىن كىيىن ، بىر ئولتۇراق رايۇنىنىڭ ئىچىگە كىرىپ توختىدى ،دىلرابانىڭ ئۆيى 9-قەۋەتتە ئىدى ، دىلرابانىڭ ئۆيى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ ئىچىنى ئىسىل ، قىممەت باھالىق ئائىلە جابدۇقلىرى بىلەن بىزەلگەچكە ئازادە ، چىرايلىق كۆرىنەتتى ، ئەنە شۇ كۇندىن باشلاپ مەن بۇ ئۆيدە تۇردۇم ، ئەمما ھېقانداق ئىش قىلماتتىم ، يەتتىم –ئىچەتتىم خۇمارىم تۇتۇپ كەتسە دىلرابا ئەكىلىپ بىرەتتى ، بىر نەچچە ئاي شۇنداق ئۆتتى ، بىر كۇنى ئۇخلاپ ياتسام ھەسەنكام كىرىپ كەلدى .
ــ ئۇكام ، مۇشۇنداق يېتىپ يەۋەرمەكچىمۇ سەن ، بىرەر ئىش قىلمامسەن دەيمە ،ـدىدى ئۇ قارىماققا مېنى بېقىپ تۇيغاندەك قىلاتتى .
ـــ مەنمۇ ئالدىڭىزدا بەك خىجىل ئاكا ، بولسا ماڭا بىرەر خىزمەت تېپىپ بەرگەن بولسىڭىز بەك ياخشى بۇلاتتى ،-دىدىم مەن خىجىللىق بىلەن
ـــ مەن تېپىپ بىرەمدىم ، بۇ شىنجاڭ ئەمەس ھەممە ئادەم ئۆز كۇچىگە تايىنىپ جان باقىدۇ ، كۇچىلارغا چىقىپ بىرەر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتقان ياخشى ،-دىدى ئۇ قاپاقلىرىنى تۇرۇپ
  ئەتىسىدىن باشلاپ مەن سىرىتلارغا چىقىپ ئىش ئىزدەشكە كىرىشتىم ،ئەمما قىزىق يىرى بۇ جايدا كىشىلەر بىز ئويغۇلارنى كۆرسە خۇددى يۇقۇملۇق كىسەلدىن قاچقاندەك قاچىدىكەن شۇڭا نەچچە كۇن خىزمەت ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم ، بۇ ئۆيدە كۇندىن كۇنگە تۇرالمايۋاتاتتىم ، قىسقىسى ھەسەنكامنىڭ غۇدۇراشلىرى ، ھە دىسە ماڭا تاپا قىلىشلىرىغا پەقەت چىدىمىدىم ، بىر كۇنى خىزمەت ئىزدەپ نەتىجىسىز ھېرىپ كەلسەم ھەسەنكام يېنىغا چاقىردى .
ـــ بۇگۇنمۇ يەنە خىزمەت يوق دىگىنە ، بەك يارىماسكەنسە ، نىمە ھالىڭغا ئوغۇل بالا سەن ، يارىماس لاتا، قانداقراق ئادەم تېپىپ ، قانداقراق دوت ئانا بېقىپتى بۇلا سەندەك يارىماسنى ،-دىدى ئۇ ، بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قاتتىق ئاچىقىم كەلدى.
ــ ھەسەنكا مېنى تىلىسىڭىز مەيلى ئاتا-ئانامغا تىل تەككۇزمىسىڭىز بۇلامدۇ ؟ـدىدىم مەن
ـــ ھەي گۇي ماڭا گەپ ياندۇرۋاتامسەن ..سويما .. دەپ تەستىكىمگە بىرنى سالدى ، ئۆمۇرۇمدە بۇنداق خۇرلىنىپ باقمىغاچقا بۇ بىر تاياق ماڭا شۇنچىلىك ئېغىر كەلدى ...يۇقال كۆزۇمدىن ئىككىنچى بۇسۇغامغا قەدەم باسقۇچى بولما.... ئۇنىڭ تىل ھاقارەتلىرىگە بەرداشلىق بىرەلمەيۋاتاتتىم ، ئاخىرى بەرداشلىق بىرەلمەي :
ـــ يۇقالسام يۇقالدىم ، سىزسىز جان باقالمايدىغانلىقىمغا ئىشەنمەيمەن ،ـدەپ ئىشىكنى جاڭڭىدە يېپىپ چىقىپ كەتتىم ،«ئەمدى نەگە بېرىش كىرەك نىمە ئىش قىلىش كىرەك » دىگەن خىياللار مېنى قىيناتتى ، خۇمارىم كۇچەيمەكتە مېنى قىينىماقتا ئىدى ، ئەمما يەنە شۇ ئادەمنىڭ ئالدىغا يىلىنىپ بېرىشنى قەتتى راۋا كۆرمەتتىم ، بۇ چوڭ شەھەرنىڭ ھەۋەتلىك سېپىللىرىغا كۆز تىكىپ كىتىپ باراتتىم ، قۇرسۇقۇم ئاچماقتا ئىدى ، بەزى مۇسۇلمانچە ئاشخانىلارغا كۆز تىكەتتىم يېنىمدا بىر سىنىت يوق ئىدى ، شۇ ۋاقىتلاردا ئانامنىڭ ئوخشۇتۇپ ئەتكەن تاماقلىرىنى سېغىندىم ، شۇ ۋاقىتلاردا ئانام «ئوغلۇم تاماق يەۋال دىسە ، شۇنداق ئوخشىغان تاماق بولسىمۇ ، يوق يەردىن قۇسۇر تېپىپ يىمەي ئولتۇرۋالغانلىرىم كۆز ئالدىمغا كىلىپ كۆزلىرىمدىن ئىقتىيارسىز ياش سىرغىپ چۇشتى ، ئەنە شۇنداق ھالەتتە يېرىم كۇن ئايلىنىپ يۇرۇپ كەچ قىلدىم ، كەچ  پۇتۇن بىر كۇن خىلمۇ خىل ۋارقىراش –جارقىراشلار ئىلىدە چارچىغان شەھەر شېرىن ئۇيقۇغا چۆكمەكتە ئىدى ،مەن كۇچا چىرىقىنىڭ تۇۋىدە ئولتۇرۇپ خىيالغا پاتتىم ، «ھەي ئىسىت ، نىمە ئۈچۈن كەلگەندىمەن بۇ شەھەرگە يۇرتۇمدا بولسام ، زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا بېرىپ زەھەر تاشلاپ ئىشنى قايتا باشلىسام بۇلاتتىغۇ ،ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك ؟ئۆلىۋېلىش كىرەكمۇ ؟ ياق ئۆلۇش ھەممىنى تۇگىتەلمەيدۇ ، مەن ياشىشىم كىرەك ، ئەمما قانداق ياشايمەن ؟ توغرا بۇلاي ، ئوغىرلاي شۇنداق قىلغاندا جاننى ساقلاپ قالغىلى بۇلىدۇ ،جان بولسا جاھان ،ئاش بولسا قازان ،دەپتىكەن »دىگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۇزۇپ ئاستاغىنە ئەتراپنى كۆزۇتۇشكە كىرىشتىم ، يېنىمدا ئىھتىيات ئۈچۈن دەپ دىلرابانىڭ ئۆيىدىن ئېلىۋالغان يۇغان پىچاق بار ئىدى ، مەن كۆزۇتۇپ يېقىنلا بىر جايدا كىچىك كۇچىنىڭ بارلىقى ئۇ كۇچىغا ئادەتتە ھېچكىشىنىڭ كىرمەيدىغانلىقىغا كۆزۇم چۇشۇپ مۇشۇ جايدا ساقلاپ ئولتۇرسام بىرەرسى مۇشۇ كۇچىغا كىرىپ قالسا شۇنىڭدىن بۇلاي دەپ ساقلاپ ئولتۇردۇم ، خىلى بىر چاغدا بىر ئىككى دانە خەنزۇ قىز بۇ كۇچىغا كىرىپ كىتىشتى ،ئۇنىڭ بىرسىنىڭ قۇلىدا سومكا بار ئىدى ،كۆزۇم دەل شۇ سومكىغا چۇشتى ، مەنمۇ دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئىزىغا چۇشۇشتۇم ،ئۇلار كۇچىنىڭ ئوتتۇرسىغا بارغاندا دەرھاللا ئۇلارنىڭ ئالدىنى تۇستۇم ۋە خەنزۇچە قىلىپ :
ـــ توختاش ، جان لازىم بولسا يېنىڭدىكى پۇللارنى قۇيۇپ كىتىش ،-دىدىم ئەتراپ قاراڭغۇ بولغاچقا ئۇلارنىڭ چىرايىنى ئىنىق پەرىق ئەتكىلى بولماتتى پەقەت مەندىن ئۆزلىرىگە زىيانكەشلىك قىلماسلىق توغىرسىدا يالۋۇرۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇراتتىم .
ـــ تۇلا گەپ قىلماي تىز پۇللىرىنى قۇيۇپ ،كۆزۇمدىن يۇقۇلۇش ،ـدەپ پىچاقنى تەڭلەپ پۇپۇزا قىلدىم ، شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئىككىسى يېنىدىكى بارلىق پۇللارنى قالدۇرۇپ يىغلاشقان پېتى غايىپ بولدى مەنمۇ پۇللارنى ئالدىمدە يۇگۇرگەن پېتى بۇ جايدىن ئايرىلىپ خىېلىلا يىراق جايغا بېرىپ توختىدىم ۋە يول ياقىسىغا كىلىپ ئولتۇردۇم ، قولۇمدىكى بىر ئۇچۇم پۇلنى ساناشقا كىرىشتىم ،پۇل دەل 1400كوي ئىدى ، مەن پۇللارغا قاراپ «توۋا مەن قانداق بالا ئىدىم ھە ، مانا ئەمدى مەن بۇلاڭچى بولدۇم »دەتتىم ئىچىمدە ئەمما تۇنجى ئولجامنىڭ شۇنچىلىك ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىدىن بەكمۇ خۇشال ئىدىم ، مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ بىر تاكسىنى تۇسۇپ دىلرابا ماڭا داۋاملىق ئاق تاماكا ئېلىپ بىرىدىغان جايغا كەلدىم ،ئەمما ئويلىمىغان يەردىن دىلرابا شۇ جايدا تۇراتتى ،ئۇ مېنى كۆرۇپ يۇگۇرۇپ كەلدى ، ئادەمنىڭ بەزىسى شۇ قەدەر رەزىلكى ،سېنىڭ بېشىغا كۇن چۇشكەن چاغدا ،ئۇنىڭ گۇلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىدۇ ، ساڭا سايىۋەن بولىغىلى كەلگەن قىياپەتتە يېنىغا كېلىپ ، ساڭا كىرسىن چېچىپ ئوت قۇيىدۇ ، سەن سۇغا چۆكۇۋاتساڭ ،ئۇ تېخىمۇ قاتتىقراق باسىدۇ ، دەريادا قولۋاق بىلەن كېلىۋاتقىنىڭدا ، قولۋىقىڭ ئازىراق بۇزۇلۇپ قالسا ،ئۇ قولۋىقى بىلەن كىلىپ سوقۇپ ، قولۋىقىڭنى تامامەن بۇزۇۋېتىدۇ ، سەن مۇھتاجلىققا چۇشۇپ قالغاندا ،ئۇ ئەرزىمەسلا يارەمنى قىلىپ قۇيۇپ سەندىن ئۆمۇر بۇيى ئورنىنى تولدۇرۇپ بۇلالمىغۇدەك بەدەل تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ .
ـــ  نەگە كەتىڭىز ؟ ئادەمنى شۇنچە ئەنسىرتەمسىز جۇرۇڭ ئۆيگە قايتىمىز ،ـدىدى ئۇ مېنى تارتىپ
ـــ ئۆيگە.... قايسى ئۆيگە ؟ـدىدىم مەن
ـــ قايسى ئۆيگە بۇلاتتى ، مېنىڭ ئۆيۇمگە ...
ـــ ئۇ سىزنىڭ ئۆيىڭىز مېنىڭ ئۆيۇم ئەمەس..دىدىم مەن ،ئۇ سەل بۇشاپ قالدى
ـــ كەچۇرۇڭ ،دادامنىڭ ئۇنداق قىلىشىنى پەقەت ئويلىماپتىمەن ،ھە بوپتۇ ، سىزگە سىرىتتىن ئىجارە ئوي ئېلىپ بىرەي ،شۇ جايدا ئولتۇرۇڭ ،ـدىدى ئۇ ، مەنمۇ ئارتۇق گەپ سۆز قىلماي ، قۇشۇلغاندەك قىلىپ باش لىڭشىتىم ، ۋە ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدىم .ئۇ چاغدا بەك كەچ بوپ كەتكەچكە ئۇ كۇنى بىز بىر مىھمانخانىدىن ياتاق ئېلىپ شۇ جايدا تۇنىمەكچى بوپ ياتاققا كىردۇق .
ـــ مەردان نىمىشقا مېنى ئويلىماستىن ئۆيىمىزدىن چىقىپ كىتىسىز ؟ چىقىپ كەتكەندىنكىن مېنى ئىزدىمەيسىز ؟ـدەپ سورىدى دىلرابا كۆزۇمگە تىكىلىپ
ـــ ئاچچىقىمدا ھېچنىمە ئويلىماپتىمەن ،ـدىدىم مەن خىجىللىق ئارلاش
  بۇ كىچىنى بىز مۇشۇ جايدا ئۆتكۇزدۇق ،ئەمما دىلراباغا ئۆزۇمنىڭ بۇلاڭچىلىق قىلغانلىقىمنى دىيىشتىن نۇمۇس قىلدىم ، تا بۇگۇنگىچە مەن ئۇ قىزنى بەكلا ھۆرمەتلەتتىم ،ئەتىسى بىز بىر ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئورۇنلاشتۇق ، شۇ كۇنلەردە دىلرابا ماڭا چىكىملىك ، تاماق ئەكىلىپ بىرىپ تۇرسىمۇ بەكلا ئۆكسۇپ قېلىۋاتاتتى ، شۇڭا مەن يەنە شۇ بۇرۇنقىدەك كەچ مەزگىللىرى سىرىتلارغا چىقىپ بۇلاڭچىلىق قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەتتىم ، قىزىق يىرى مەن ياشنى بۇلاي قېرىنى بۇلاي ئەرنى بۇلاي ئايالنى بۇلاي ،ھەتتا مەندىن قامەتلىك ، بەستىلىك ئادەملەرنى بۇلاي ھەممە ئىشلىرىم باھايتى ئوڭۇشلۇق تۇگەتتى ، بىر كۇنى بىر ئەرنى بۇلاپ بۇلىغان پۇللارنى ساناپ ئولتۇرسام ئەتراپىمغا ئاسماندىن چۇشكەندەك تۆت بەش ئويغۇر باللار پەيدا بولدى ،ئۇلارنىڭ قىياپىتى بىر –بىرسىدىن قورقۇنۇچلۇق ئىدى .
ــ بالاڭزا بۇگۇنكى تاپاۋېتىڭ خېلى ياخشى ئوخشىمامدۇ ؟-دىدى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن خۇنۇك چىراي بىرسى ، مەن قورقۇنۇچىنى قەستەن يۇشۇرۇپ
¬¬¬ـــ خېلى يامان ئەمەس دىدىم ،ـ ئۆزۇمنى تەمكىن تۇتۇپ
ـــ شۇنداقمۇ كىمدىن سۇراپ ئوقەت قىلىۋاتىسە  بۇ يەردە ،ـدىدى ئوزۇن چاچ كۆرۇمسىز كەلگەن بىرىسى
ـــ بۇ جايدا ئوقەت قىلىش ئۈچۈن بىرەركىمدىن سوراش كىرەكمىدى ؟-دىدىم مەن سۇئال نەزىرىدە ئۇلارغا قاراپ ،
ـــ بولدى ئارتۇق گەپنى قۇيۇپ ئورۇڭلار  بۇ گۇينى ،ـدىدى بۇرۇن گەپ قىلغىنى ،ھەممىسى ماڭا يۇپۇرلۇپ كىلىشتى ، مەن يېنىمدىن پىچاقنى چىقىرىپ ھەر يانغا شىلتىپ ئولارنى يېقىن يۇلاتماتتىم ، بىزنىڭ تىركىشىشىمىز خىلى بىر ۋاقىت داۋام قىلغاندىن كىيىن يېنىمىزغا قاپقارا قارىماققا ئىسىل كۆرىنىدىغان بىر ماشىنا كىلىپ توختاپ ئىچىدىن 35ياش چامىسىدىكى كىلىشكەن بىر ئەر چۇشتى ،ئۇنىڭ كەلگىنى كۆرۇشۇپ ھېلىقى بىر نەچچىسى  دەرھال ئۆزلىرىنى تۇزەپ جىممىدە تۇرۇشتى ،ئۇ ئەر مېنىڭ قېشىمغا كىلىپ :
ـــ بولدى پىچاقنى يىغىشتۇر ، بىز پاراڭلىشايلى ،-دىدى ماڭا كۆلۇمسىرەپ قاراپ ، مەن پىچاقنى ئاستا پەسەتتىم ،ئۇ قېشىمغا كىلىپ
ـــ ئىچكىر دىگەن بۇ جايدا ھەممە جاينىڭ ئىگىسى بار ،سەن ھازىر  مېنىڭ يىرىمگەكىرىپ ئوقەت قىلىۋاتسەن ، مۇنداقچە قىلىپ ئېتقاندا سەن مېنىڭ نىسىۋەمنى تارتىۋالدىڭ ،سېنىڭچە بۇ توغىرىمۇ ،ـدىدى ئۇ ماڭا سۇئال نەزىرى بىلەن قاراپ
ـــ توغىرا ئەمەس مەن بىلمەپتىمەن ،خاپا بولماڭ ئاكا ، مەن يىرىڭىزدىن چىقىپ كىتەي ،ـدىدىم مەن
ـــ چىقىپ كىتىشنىڭ ھاجىتى يوق ، قارىسام جىگەرلىك قوقماسكەنسەن ، ماڭا ئەگەش ،
قارىسام چىكىدىكەنسەن ، چىكىشىڭ بار ، يىيىشىڭ بار ،ھەممىسى تەل پەقەت پۇللا تاپساڭ ،-دىدى ئۇ ، مەن بىردەم ئولتۇرىۋالغاندىن كىيىن ماقۇللۇق بىلدۇرۇپ بېشىمنى لىڭشىتىم ، ھەمدە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماشىنىسىغا چىقتىم ، بىز ئوزۇن ماڭغاندىن كىيىن بىر چوڭ قورۇننىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدۇق ،ئۆي خىلىلا چوڭ ئىدى ،ئويگە كىرگىنىمىزدە ئون نەچچە باللا بەزىلىرى قەرىت ئويناپ بەزىلىرى پاراڭلىشىپ ئولتۇرشاتتى ، بىزنىڭ كىرگىنىمىزنى كۆرۇپ ھەممىسى گۇررىدە قوپۇت قېشىمىزغا كەلدى .
ـــ بۇ ئاكاڭلارنىڭ ئىسمى مەردان ، سېپىمىزگە يېڭى قېتىلدى ، ئارىڭلارغا قۇشۇۋېلىڭلار ،ـدىدى
مانا شۇ كۇندىن باشلاپ كامىل بايۋەتچە دەپ ئاتىلىدىغان بۇ كىشىگە ئەگەشتىم ، نۆۋىتى كەلسە بۇلىدىم ، نۆۋىتى كەلسە ئوغىرلىدىم ، ئۆزۇممۇ يىتىلگەن ئوغىرى بوپ قالدىم ، ئەمما بۇلارغا ئەگەشكەندىن بىرى بۇلاڭچىلىقنىڭ مەن بۇرۇن بۇلاڭچىلىق قىلغاندەك ئۇنداق ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ ھەيرانلىق ھېس قىلاتتىم ، بۇلارغا ئەگەشكەندىن بىرى بۇ يەردىكى كىچىكى 10-12ياش ،چوڭلىرى 20-25ياشلاردىكى بۇ بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق دەردى ، ھېكايىسى بار ئىدى ، ماڭا  بىر بالىنى شىرىك قىلىپ قويدى ،ئۇ بالىنىڭ ئىسىمى قەييۇم ئىدى ، بۇ بەك كەم سۆز بولۇپ مەن گەپ قىلمىسام ماڭا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماتتى ، دەم ئالغان ۋاقىتلىرىمىزدىمۇ كۇنلەپ كۇنلەپ گەپ-سۆز قىلماي جىمجىتلا خىيال سۇرۇپ ئولتۇراتتى ، بىر كۇن ئىككىمىز كۇچىغا ئوقەت قىلغىلى چىقىپ يامان ئەمەس پايدا بىلەن قايتىپ كىلىپ دەم ئېلىشقا تۇتۇش قىلدۇق ئەمما سەككىزىنچى ئاينىڭ تۇمۇز ئىسسىقى بولغاچقا ئۆي ئىچىدە ياتالماي ئۆگزىگە چىقىپ ياتماقچى بولۇپ ئۆگزىگە چىقىپ ياتتۇق ،ئاسماندا سانساقناقسىز يۇلتۇزلار جىمىرلاپ تۇراتتى .
ـــ بۇ جايدا يۇلتۇزلار بىزنىڭ يۇرتىمىزدىكىدىن كۆپكەن دىسە توۋا ....دىدىم مەن خۇرسىنىپ .... بۇ يۇلتۇرلارنى ئاۋۇ ئاينى ئانام دادام يەنە يۇرتۇمدىكى دوسىتلىرىم كۆرىۋاتامدىغاندۇ ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قانداقراقتۇ ؟-دىدىم مەن ، شۇ ۋاقىتتا سۆيۇملۇك يۇرتۇمنى ،مىھرىبان ئانامنى ، كۆيۇمچان ، تەلەپچان دادامنى سېغىنغانلىقىمنى ھەقىقى ھېس قىلىپ كۆزلىرىمدىن ياش قۇيۇلۇپ كەتتى ، قارىسام قەييۇممۇ بۇقۇلداپ يىغلىغىلى تۇرۇپتۇ .
ـــ يىغىلىما ئۇكام ، دەردىڭ بولسا ماڭا سۆزلە ، ئىككىمىز شۇنداق دەرىت سۆزلەپ ئىچىمىزنى بوشاتمىساق بۇ خەق يۇرتىدا ھېچكىم بىزنىڭ ھالىمىزغا يەتمىگۇدەك ،-دىدىم مەن ، بۇ ھېلىقىچە بۇقۇلداپ يىغلاتتى ،ئاخىرى ئۆزىنى تۇتىۋالالمىدى بولغاي يىغىسىنى تېخىمۇ كۇچەيتىپ ماڭا ئېتىلىپ مېنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى ،مەنمۇ ئۇنى چىڭ قۇچاقلىدىم ، بىز شۇنداق چىڭ قۇچاقلاشقىنىمىزچە ئۇزۇن يىغلاشقاندىن كىيىن مېنى ئاستا قۇيىۋېتىپ ھېكايىسىنى باشلىدى .
ـــ مەن بۇ يەرگە چىققىلى 7يىل بولدى ، مەن بۇ يەرگە چىققان ۋاقتىمدا ئارانلا 13ياش ئىدىم، ئۆزۇمنىڭ ئاقسۇلۇق ئىكەنلىكىمنى بىلىمەن ،ئەمما ئۆيۇمنىڭ زادى قايسى جايدا ئىكەنلىكىمنى ئۆزۇممۇ ئىنىق بىلمەيمەن پەقەت ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدا تال-بوستان بىلەن يېپىلىپ تۇرىدىغان سۆيى سۇپسۇزۇك ياز كۇنلىرى شۇنداق چىرايلىق بوپ قالىدىغان بىر چوڭ ئۆستەڭ بارلىقى ئىسىمدە ، ئىسىمدە قېلىشچە كىچىك ۋاقتىمدا مېنىڭ شۇنداق بەخىتلىك ئائىلەم باتتى ، دادام ئېنېم مېنى جېنىدىن ئەزىز بىلەتتى ،ئەمما تەقدىر ئۇلارنى مەندىن بۇرۇن ئايرىدى ،ئۇلار بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىدە تۇگەپ كەتتى ، شۇندىن كىيىن مەن دادامنىڭ سىڭلىسى تەرىپىدىن بېقىۋېلىندىم ، باشتا ئۇلار ماڭا ياخشى كۆيۇنگەن بولسىمۇ كىيىن مېنى ھاقارەتلەيدىغان ،« شۇم »«ھېتىمەك»دەيدىغان ھەتتا ئۆلۇپ كەتكەن ئاتا-ئانامنى تىلغا ئېلىپ ھاقارەتلەيدىغان بۇلىۋالدى ، مەن شۇ دەرىت ئازاپلارغا چىدىماي بىر كۇنى ئۇ ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ ئاتا-ئانامنىڭ قەبرىسى ئالدىغا كىلىپ كۆپ يىغلىدىم ، نىمىشقا ئۆزلىرى كىتىپ مېنى بۇ رەزىل دۇنياغا تاشلاپ قويغانلىقىنى سورىدىم ،ئەمما جاۋاپسىز قالدىم ،ئولۇغ ئاللادىن ئۆلۇم تىلىدىم ،ئەمما جان چىقمىسا بىكاركەن ، شۇ كۇندىن باشلاپ سەرگەردانلىق تۇرمۇشۇم باشلاندى ، ئىشلەپ جان باقاي دىسەم باشقىلار يېشىمنى كىچىك كۆرۇپ ئىشلەتمىدى ، قۇرسۇقۇم ئاچاتتى ، كۇچا رەستىلەردىكى نانلارغا قاراتتىم ، تاماقلارنىڭ پۇرىقىنى پۇراتتىم ، ئەمما مەندە پۇل ..ئەنە شۇ ھەممىنى قىلدۇردىغان ئىپلاس پۇل بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئاچ قالاتتىم ، بىر كۇنى مەن قۇرسۇقۇم ئېچىپ ئۇچەيلىرىم تارتىشىپ ئولتۇرسام بىر كىشى كلىپ كەلدى ، كىچىلىرى يوللادا قىشنى بېشىمغا قۇيۇپ ئوخلاتتىم ، ئەنە شۇنداق بىر ۋاقلىق تاماق تاپسام شۇكىرى قىلىپ يۇرگەن كۇنلەردە قاسىمجان ئىسىملىك 15ياشلار چامىسىدىكى بىر بالا بىلەن تۇنۇشۇپ يېقىن دوسىت بوپ قالدىم ، ئۇنىڭ پۇل تېپىشقا خېلى ئېپى بار ئىدى ، شۇنىڭ بىلەن تۇنۇشقاندىن كىيىن ياتقىلى جاي ، يىگىلى تاماق پەيدا بولدى ، مېنىڭ پۇللارنى ئىقتىساد قىلىپ باي بۇلۇش ئىگىلىك تىكلەش ئۇيۇم باتتى ،ئەمما قاسىمجان بىر كۇن تاپقىنىمىزدىن تاماققا ئىشلىتىپ ئاشقىنىغا ھاراق ئىچىپ ئۇدۇللۇق تۇگىتەتتى ، شۇڭا قۇرسىقىمىز تۇق ، ياتقىلى جايىمىز بولغان بىلەن بىر سىنىت ئىقتىساد قىلالمايۋاتاتتۇق ، كۇنلىرىمىز شۇ تەرىققىدە ئۆتتى ، بىر كۇنى قاسىمجان بىر كىشىنى باشلاپ كەپتۇ ،ئاڭلىشىمچە بۇ كىشىنىڭ ئىچكىردە ئاشخانىسى بارمىش ، بىز ئىچكىرگە كىرىپ ئىشلىسەك نەچچە يىلغا قالماي بېيىدىكەنمىز بۇنى ئاڭلاپ سەل قىزىققان بولساممۇ قۇشۇلمىدىم ، چۇنكى مېنىڭچە مۇشۇ ئۆز يۇرتىمىز ھامان ياخشى ئىدى ، مەن بارمايدىغانلىقىمنى بىلدۇرسەم ئۇ مېنى تاشلاپ كەتمەكچى بولدى ، مەندە نىمە ئامال ئۇ كەتسە مەن يەنە ئاچ قالاتتىم شۇڭا ئامالسىز مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن كەلدىم ، نەدىن بىلەي بىز بۇ جايدا ئاشخانىدا ئىشلەشكە ئەمەس ،ئوغىرلىققا ئاچىققانلىقىنى بىلدىم ، مەن باشتا قۇشۇلمىدىم ،ئەمما تاياق ئادەمنى ھەممىگە كوندۇرىدىكەن ، مېنى نەچچە كۇن ئېسىپ قويدى ، ھەتتا تاماقمۇ بەرمدى ،ئاخىرى ئۆلۇم كۆزۇمگە كۆرۇنگەندە مەن قۇشۇلدىم ، ئەنە شۇ كۇندىن باشلاپ قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ ھارام تاپقان پۇللىرىنى مۇشۇ قارا قۇللۇرۇم بىلەن ئوغىرلاپ بۇ ھارامخۇرلارغا ئەكىلىپ بەرگىنىمنى بىلمەيمەن ، مەن شۇ ئارلىقتا 6قېتىم قاچتىم ،ئەمما ھەر قېتىم تۇتۇلۇپ قالدىم ھەتتا ئۇلار پۇتۇمنى چېقىۋېتىشتى ، مەن شۇنداقتىمۇ يۇرتۇمغا قايتىش ئارزۇسىدا يەنە قاچتىم ئاخىرى ئۇلار ماڭا ئامال قىلالماي ماڭا ئاق چىكىشنى ئۇگەتتى ، شۇ نىجىسقا خۇمار بولغاندىن باشلاپ بۇ ئادىمى ھايۋانلارغا تېخىمۇ باغلاندىم ، قېچىشقا جۇرئەت قىلالمىدىم ، چۇنكى قاچسام خۇمارىم تۇتقانداق چىدىماتتىم ئامالسىز ئۆزۇم يېنىپ كىلەتتىم ، ھېلىقى قاسىمجان دىگەن دوستۇم سىز كىلىشنىڭ بىرەر ئاي بۇرۇن ئاق چىكىپ قېتىپ قالدى ، ئۇنىڭ ئۆلىكىنى بۇ ھايۋانلار ئاچىقىپ كۇمىۋېتىشتى ، مانا كۆرۇپ تۇرۇپسىز مۇشۇنداق ياشاۋاتىمىز ، بۇمۇ ئادەمنىڭ ياشىشىمۇ ؟ ...دەپ ئۇ ئۇن سېلىپ يىغلىۋەتتى ، ئۇ يىغىسىدىن ئاران توختاپ ... ئاز قالدى ، ئۇزۇن ئۆتمەي سىزمۇ مەنمۇ بۇ زۇلۇمدىن قۇتىلىمىز ، ھەر ئىككىمىز ئۆلىمىز ،ـدىدى ئۇ قەتئىيلا قىلىپ .
ـــ ئۆلىمىز ، نىمىشقا بۇنداق دەيسەن ؟ـدىدىم مەن ھەيرانلىق ئىچىدە
ـــ ئاق ... شۇ ئاق تاماكىنى چەككەن ئادەم قانچىلىك ياشىماقچى ئىدى ، بىز يا ئوبۇرنىدا ياكى بولمىسا مانا مۇشۇنداق جايدا ھايۋان ئۆلىمىدە ئۆلىمىز ،-دىدى ئۇ
  مەن ئارتۇق گەپ سۆز قىلماي سۇكۇتكە چۆكتىم ، قەييۇمغا ئىچىم ئاغرىتتى ،ئۆزۇمنىڭ بولسا خالاپ خۇشاللىق بىلەن بۇ ئالۋاستى ئۇۋىسىغا كەلگىنىمگە ئۆكىنەتتىم ، كۆزلىرىمدىن ياشلار ئۆزلىكسىز سىرىلىپ چۇشمەكتە ئىدى ،.
ـــ سەنچۇ ئاكا ؟ قانداق بۇ جايغا كىلىپ قالدىڭ ؟ مەن كۆرگەنلەر ئىچىدە سەندىن يېشى چوڭ بولغاندا چىققانلارنى كۆرمىگەن مەن ،ـدىدى قەييۇم ماڭا سۇئال نەزىدىدە قاراپ ، مەن ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەنلىرىمنى سۆزلەپ مەنمۇ بۇقۇلداپ بۇقۇلداپ يىغلاپ تاشلىدىم ، قەييۇم بىردەم سۇكۇتكە چۆكۇپ تۇرغىۋالغاندىن كىين مېنى ئىتتىرىپ تۇرۇپ :
ــ بەك ... بەك دوتكەنسىز ئاكا ... مۇشۇمۇ كىلىدىغان جايمۇ ؟.. سىز ئەشۇ دىلرابا دىگەن قىزغا شۇنچە ئىشىنەمسىز ؟ ئۇنىڭ دادىسىغا ئىشىنەمسىز ؟-دىدى ئۇ ، مەن نىمە دىيىشىمنى بىلمەتتى ، ئەمما شۇنى بىلەتتىم ، دىلرابا مېنىڭ قىز دوستۇم ،ھەم ئۇ مەن ھۆرمەتلەيدىغان ، مەن ئىشىنىدىغان قىز ، ھازىرغىچە ئۇ مېنى ئالداپپ باقمىدى ،ئۇننىڭغا ئىشەنمەسلىكتە مەندە قىلچە ئاساس يوق .
ـــ ئەلۋەتتە ،ئىشىنىمەن ،ئۇنىڭ دادىسىغا ئىشەنمىسەممۇ ئەمما دىلراباغا ئىشىنىمەن ،دىدىم مەن ، قەييۇم بېشىنى ئەپسۇسلىنارلىق چايقاپ قۇيۇپ ئاستاغىنە ياتتى ، مەنمۇ ئارتۇق خىياللارنى قىلماي ئۇخلىدىم ، بۇ ئارلىقتا دىلئارا بىلەن كۇرۇشۇپ تۇردۇم ،ھەتتا مۇشۇ يېقىندا پۇرسەت بولسا تويمۇ قىلماقچى بولدۇق ، مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن كىيىن دىلرابا مېنى نەچچە قېتىملاپ بۇ ئىشنى قىلماسلىققا دەۋەت قىلدى ، ئەمما مەن بۇ ئىشنى قىلمىسام باشقا ئامال يوقلىقىنى ئېيتىپ چۇقۇم قىلىدىغانلىقىمنى يەنە كىلىپ ھامان بىر كۇنى كاتتا سودىگەر بۇلىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ چىڭ تۇرىۋالدىم ، دىلرابا ماڭا ئامال قىلالمىغاندىن كىيىن ماڭا ئارتۇق گەپ قىلمىدى ، كامىل بايۋەتچە ماڭا ھەپتىدە بىر كۇن دىلرابا بىلەن كۆرۇشۇش ۋە دەم ئېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن ئىدى ، بۇ بىر كۇندە دىلرابا بىلەن ئىككىمىز ھەر خىل جايلارغا مەسىلەن جىنشىخۇڭنىڭ قەبرىسى ، ماۋجۇسى ، جاڭجىشىلارنىڭ بۇرۇن تۇرغان قەسىرلىرى قاتارلىق مەنزىرلىك جايلارغا بېرىپ ئويناتتىق ، كۇلىشەتتۇق ، قىسقىسى بۇ جايدا مەن ئە خۇشال بىلىدىغان ئىش مانا مۇشۇ دەم ئېلىش كۇنۇم بۇلاتتى ، ئەنە شۇنداق قىلىپ بىر يىل ھەش پەس دىگۇچە ئۆتۇپ كەتتى ،بەزىدە تۇرۇپ ئۆزۇمنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ئادەم بوپ قالغانلىقىمغا قاتتىق ئېچىناتتىم ، ئەبەيدۇللاغا قاتتىق نەپرىتىم ،ئۆچلۇكۇم كىلەتتى ،ئەمما ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن مېنى مۇشۇنداق زەھەرلىگەنلىكىنى بىلگۇم كىلەتتى ، شۇ كۇنلەردە كامىل بايۋەتچە مېنى چاقىرىپ قالدى
ـــ كىلە ئۇكام ، ئولتۇر بۇ يەردە ،ـدىدى ئۇ يېنىنى ئىشارەت قىلىپ ، مەن تەكەللۇپسىزلا كىلىپ ئولتۇردۇم
ـــ سەن سېپىمىزگە قۇشۇلغىلىمۇ خېلى ۋاقىتلار بوپ قالدى ، ھازىر تولۇق ئىشەنچىمىزگە ئىرىشتىڭ شۇڭا سېنى چوڭ سودىلارغا قاتناشتۇرايمىكىن دەيمەن ،-دىدى ئۇ
ـــ قانداق سودىنى دەيسىز ئاكا ،ـدىدىم مەن ئۇنىڭغا سۇئال نەزىرىدە قاراپ
ـــ ئاق سودىسى ، بۇ سودا بىر ئاز خەتەرلىك ئەمما پايدىسى ياخشى ، بۇ پايدا ساڭىمۇ ،ماڭىمۇ بۇلىدۇ ،ـدىدى ئۇ چۇشەندۇرۇپ ، مەن « بوپتۇ ، ھامان يامان ئىش قىپتىمەن ، بۇ سودىدا ئازىراق پۇل تاپسام پۇرسەت تېپىپ شىنجاڭغا قايتىپ كىتىپ ، تېنىچ ياشاي »دىگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۇزۇپ ماقۇل دىدىم . شۇ كۇندىن كىيىن بىر نەچچە قېتىملىق زەھەر سودىسىغا قاتناشتىم ، قىزىق يىرى بۇ زەھەر سودىسى قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىدە قۇرال بار ئىدى ، «توۋا بۇ جايدا قانۇن يوقمىدۇ »دەپ ئويلاتتىم ، كىينچە مەن بۇ سودىغا تولۇق كۆنگەندىن كىيىن كىچىك كۆلەمدىكى سودىلارغا ئۆزۇم باش بولۇپ باردىم ، بۇ سودىلارمۇ تۇسالغۇسىز بولماقتا ئىدى ، ئەمما بىر قېتىملىق سودىدا چاتاق چىقتى ، بىز سودا قىلىۋاتقاندا ساقچىلار بىزنى قورشىۋالدى ، قېشىمدىكى مەن بىلەن بىرگە كەلگەنلەر دەرھال قۇراللىرىنى چىقىرىشىپ ساقچىلارغا ئوق چىقىرشقا كىرىشتى ، مەندىمۇ قۇرال باتتى ئەلۋەتتە مەنمۇ قۇرالىمنى بەتلەپ ساقچى تەرەپكە قاراتتىم ئەمما نىمە ئۈچۈنكىن ساقچىلارنى كۆرگۇنۇمدە دادامنىڭ ساقچى فۇرمىسى كىيىپ تۇرغان ھالىتى ئىسىمگە كىلىپ پەقەت ئوق چىقىرالمىدىم ، شۇ ۋاقىتتا مەن بىلەن كەلگەنلەرگە چىكىنىش بۇيرىقى بەردىم ، بىز ھەر تەرەپكە قاچقاندۇق، « تىز قاچ ئاكا »دىگەن ئاۋاز بىلەن «پاڭ »قىلغان ئوق ئاۋازى كىلىپ قاييۇم بىلەن ئىككىمىز تەڭلا يېقىلدۇق ، قەييۇم مېنى ئوقتىن ساقلاپ قالغاندى ، مەن ئورنىدىم تۇرۇپ ئۇنىڭغا كۆلۇمسىرەپ قۇيۇپ يەنە قاچتۇق ،شۇنداق قېچىپ مەنمۇ مىڭ بىر جاپادا ساقچىلارنىڭ مۇھاسىرسىدىن قۇتۇلۇپ قېچىپ  ئادەمسىز بىر جايغا كىلىپ توختىدۇق ، شۇ ۋاقىتتا قەييۇم «ئاكا مەن بۇلالمىدىم »دىدىدە يېقىلدى ، مەن تىز بېرىپ ئۇنى يۇلىدىم ، ئۇنى تۇتۇپ بولغۇچە قوللۇرۇم قىپقىزىل قانغا بۇيالدى .
ـــ قەييۇم .... قەييۇم ...دەپ قاتتىق توۋلاتتىم ... نىدا قىلاتتىم ، بىر چاغدا قەييۇم قۇلۇمنى چىڭ سىقتى ، مەن دەرھال ئۇنىڭغا قارىدىم ،ئۇنىڭ جانسىز لەۋلىرى يىنىك تىتىرەتتى ، يېرىم يۇمۇلغان كۆزلىرىنىڭ نۇرلىرى ئۆچكەن ئىدى .
ـــ ئاكا مەن ماڭغاچ تۇراي ، ساڭا دەيدىغىنىم ئۆزۇڭدىن باشقا ھېچكىشىگە ئىشەنمە ، بولۇپمۇ ... بولۇپمۇ ...ھېلىقى قى..... ئۇ گىپىنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمىدى ئاغىزىدىن بۇلدۇقلاپ قان چىقماقتا ئىدى ، مەن توختىماي ئۇنىڭ ئىسىمىنى چاقىراتتىم ، ئاللاغا نالە قىلاتتىم ، شۇنداق قىلىپ قەييۇم ، مېنىڭ ياخشى ئىنىم مېنى قۇتقۇزىمەن دەپ ئۆزى ئۆلۇپ كەتتى ، شۇ كۇنى مەن ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ ئۆتكۇزدىم ، ئەتىسى تاڭ سۇزۇلگەندىن كىين مەن ئۇنى شۇ ئەتراپتىن يەرلىك كولاپ كۇمۇپ قۇيۇپ كامىل بايۋەتچىنىڭ قورىسىغا كەلدىم ، كامىل بايۋەتچە ئەھۋالىمنى كۆرۇپ سوردى .
ـــ نىمە ئىش بولدى ؟
ــ ساقچى... ساقچىلار بىزنى قورشىۋالغاندى ، بىز مۇھاسىرسىنى بۇسۇپ چىقىپ قېچىپ كەلدىم ،ئەمما ....ئەمما ... قەييۇم ...ئۇ .... مەن ئۆزۇمنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ تاشلىدىم
ــ مالچۇ ؟-دىدى كامىل بايۋەتچە
ـــ مال .... شۇ ۋاقىتتا بىز سېتىش ئۈچۈن ئاپارغان زەھەرنىڭ شۇ نەخ مەيداندا قالغانلىقى ئىسىمگە كەلدى ـــ ساقچىلار بىزنى قورشىۋالغاچقا مال شۇ ئورۇندا قالدى ،ـ دىدىم مەن
ـــ ئەبلەخ.... ئۇرۇڭلار بۇ گۇينى ،ـدىدى كامىل بايۋەتچە ئەتراپىدىكىلەرگە بۇيرۇق بىرىپ ، ھەر تەرەپتىن كىلىۋاتقان مۇش تىپىكلەر يامغۇردەك ياغماقتا ئىدى ،ئۇلار مېنى ئورۇپ ھاردى بولغاي توختاپ قالدى
ـــ ھېي ھارىمى .. ئۇ مالنىڭ نەچچە پۇل ئىكەنلىكىنى بىلمامسە 100مىڭ يۇەنلىك مالنى شۇنداق قىلىپ ساقچىلارغا سوۋغا قىلدىم دىگىنە ، مەن ساڭا ئۇ ماللارنى ئۆز جېنىڭدىن ئارتۇق بىل دىمىگەنمۇ ؟ بۇ گۇينى ئېسىپ قۇيۇڭلار ...  باشقىلار مېنى سورەشكىنىچە ئاچىكىپ ئېسىپ قۇيۇشتى ، كىچە ئەتراپ قاپقاراڭغۇ ئىدى ،ئۇزۇن ئېسىپ قۇيۇلغاچقا قوللۇرۇم ئاغىرىق ئازابىنى سەزمەس بوپ كەتكەندى ، قۇلاق تۇۋۇمدە  قەييۇمنىڭ قىلغان «ئاكا ئۆزۇڭدىن باشقىلارغا ئىشەنمە »دىگەن گىپى جاراڭلاتتى، كاللامدا مىڭ خىيال ئەگىتى « مەن دىلراباغا بەك ئىشىنىپ كەتتىممۇ نىمە ؟ دىمىسىمۇ مەن شۇ قىز بىلەن تۇنۇشقان شۇ كۇندىن باشلاپ پىشكەللىك ئاز ئەمەسقۇ ماڭا ، شۇ قىزغا ئەگىشىپ بۇ يەرگە كىلىپ كۆرىۋاتقان كۇنۇم مۇشۇ مېنىڭ ، توغرا دىلراباغا ئىشنىپ كەتمىسەم بولغۇدەك ئامال قىلىپ قاچاي ،ئۆز يۇرتۇمغا كىرىپ كىتەي ،ئەمەلىيەتتىمۇ مەن  بۇ جايغا تەۋە ئەمەس ئىدىم »دىگەنلەرنى خىيال قىلدىم ، ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇلار مېنى بۇشۇتۇشتى ، قوللىرىم ھېچ نەرسىنى سەزمەيۋاتاتتى ، پۇتلىرىمدا جان يوق بولغاچقا ئورنۇمدىن تۇرالماي قالدىم ، كامىل بايۋەتچە قېشىمغا كىلىپ ئىنىكىمگە دەسسەپ تۇرۇپ :
ـــ ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان ھارىمى ... سېنىڭ تۇپەيلىڭ 100مىڭ يۇەندىن قۇرۇق قالغاندىن سىرىت يەنە سەن بىلەن كەتكەن بىزگە ئاڭ سادىق 6ئادەمدىن ئاران ئىككىسى قايتىپ كىلەلىدى ، يەنە بىرسى تىرىك قولغا چۇشۇپ قاپتۇ،ـدىدى كامىل بايۋەتچە ئارقىدىنلا يېنىدىكىلەرگە بۇيرۇق قىلىپ .... كىلىڭلا ، بۇ ھارىمىنى ئاچىقىپ ئۆلتۇرۇپ جەسىتىنى ئەخلەتخانىغا تاشلىۋېتىڭلا،ـدىدى ، بۇ گەپنى ئاڭلاپ بېشىمدىن تۇتۇن چىقىپ كەتتى .ھەمدە يالۋۇرۇشقا باشلىدىم .
ـــ خۇش بوپ كىتەي ئاكا ماڭ يەنە بىر پۇرسەت بىرىڭ ، مەن گۇناھىمنى يۇياي ، مېنى ئۆلتۇرۋەتسىڭىزمۇ سىزگە ھېچ پايدا يوق ، مېنى تىرىك قويسىڭىز ، مەن يەنە كۇچىغا چىقىپ ئوقەت قىلسام سىزگە پايدا بولىدۇ ئەمەسمۇ ،ـدەپ ئۇنىڭ پاچىقىغا چىڭ ئېسىلىپ خۇددى ئىگىسىگە سادىق لالما ئىتتىكە ئۇنىڭ ئاياقلىغا سۇيەتتىم ،ئاللا بۇ نىجىس بەدىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ سالدىمۇ ياكى مېنىڭ يەنە پۇل تاپالايدىغانلىقىمغا كۆزى ئەلدىمۇ ئىشقىلىپ مېنى تېپىپ ئىتتىرۋېتىپ تۇرۇپ :
ـــ بوپتۇ ،ساڭا بىر قېتىم پۇرسەت بىرەي ، ھەر كۇنى ساڭا باشقىلاردىن بىر ھەسسە كۆپ ۋەزىپە بىرىلىدۇ ،ئەگەر ئۇرۇندىيالمىساڭ ....دەپ پىچىقىنى چىقىرىپ ماڭا پوپوزا قىلىپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى ، مەن ئۇ بىر كۇن مىدىرلىماي ياتتىم ،ئەتىسى ئەتىگەندە قاتتىق تىپىلگەن بىر تىپىكتىن ئىڭراپ كەتتىم ،
ـــ ھۇ ھاراملىق مۇشۇ ۋاقىتقىچە ياتامسە ، قۇپ تىز بازارغا چىق ،ـدىدى كامىل بايۋەتچە ، مەن گەپ-سۆز قىلماي ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىرىتقا چىقتىم ، ماڭا بۇرۇن كەلگەن ئىككى بالىنى قېتىپ قويدى ، مەن يولدا خىياللارغا ئەسرا بولۇپ كىتىپ باراتتىم .
ـــ مەردان ئاكا بىزنىمۇ تەڭقىسلىقتا قويما ، بىز ساڭا ياردەم قىلايلى ، ساڭا بىرىلگەن ۋەزىپە ئاز ئەمەس تىزراق تۇتۇش قىلايلى ،ـدىدى مەن بىلەن بىرگە چىققاندىن بىرسى ، مەن ماقۇللۇق بىلدۇرگەندەك قىلىپ باش لىڭشىتىپ ، ئۆلجا كۆزىتىشكە بالىدىم ۋە چاققانلىق بىلەن بىر نەچچە قېتىم سودا قىلغان بولساممۇ ھېچ ۋەزىپىگە يېقىنلىشىدىغاندەك قىلماتتى ، شۇ كۇنى كەچ بىر مەھەللىدە ئاران دىگەندە ۋەزىپىنى ئورۇنداپ قايتىپ كەلدىم ، بۇ خىل ئەھۋال بىر نەچچە كۇن داۋام قىلغاندىن كىيىن بۇنداق يۇرىۋەرسسەم قاچالمايدىغانلىقىمغا كۆزۇم يىتىپ ئاز تۇلا بولسىمۇ ئۆزۇمگە ئېلىپ قېلىشنى ئويلىدىم ،ئەمما مەن ھەر كۇنى قايتىپ بارغاندا پۇتۇن بەدىنىم ئاقتۇرلىدۇ قانداق قىلىش كىرەك ؟ ھە راسىت ئۇلار بەدىنىمنى ئاقتۇرىدۇ ئەمما جىنسى ئەزارىم تەرەپكە يۇشۇرسام ئۇلار بۇ جاينى ئاقتۇرمايدۇ شۇنداق قىلاي دىگەننى خىيال قىلىپ بۇگۇنكى ئوقەتنىڭ بىر قىسىمىنى شۇ جايىمغا ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ قايتتىم ئەمما بۇگۇن ۋەزىپە ئورۇنلانمىغان ئىدى ، بارسام ئىنىقلا جازا يەتتىم ، دىگىنىمدە بۇگۇنكى ۋەزىپىنى ئورۇندىيالماپسەن دەپ بىرمۇنچە تاياق يىگەننىڭ سىرتىدا كەچكە تاماق بەرمەي جازا يىرگۇزۇش ئۆيىگە سۇلاپ قۇيۇلدۇم ، خۇمارىم قاتتىق تۇتماقتا ئىدى ، بەدىنىمنىڭ ئاغىرقىغا ئۆزۇمنى ھەر ياققا ئوراتتىم ،
ــ كامىل ئاكا خوش بوپ كىتەي ماڭا بىر چىكىم بىرىڭ ، خوش بوپ كىتەي ئاكا ..دەپ بۇ ئادىمى ھايۋانغا يالۋۇراتتىم ،ئۆتىنەتتىم ، ئاخىرى شۇنداق يالۋۇرۇپ توۋلاۋەرگەچكە ئۇخلىيالمىدىمۇ ياكى رەھىمى كىلىپ قالدىمۇ ، بىرسى ماڭا چىكىملىك ئەكىتىپ بىرىپ چىقىپ كەتتى ، ئەتىسى ،ئۆگىنىسى ۋەزىپىنى ئۇرۇندىسام دەم ئېلىپ ياخشى يەپ ئىچىپ ،ئۇرۇندىيالمىسام تاياق يەپ دىگەندەك كۇنلەر شۇنداق ئۆتتى ، بىر نەچچە كۇندىن كىيىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمىدىم ، بىز تۇرىۋاتقان جايدىكى بالىلارنى گۇرپپىغا بۆلۇپ ئېلىپ كىتىشكە باشلىدىم ، ئاڭلىشىمچە ساقچىلار بىزدىن گۇمانلىپ قالغاچقا بىزنى مەزگىلىك ھەر تەرەپلەرگە بۆلىۋەتمەكچى جاھان تىنجىغاندا ئاندىن ئەكەلمەكچى بۇلىشىپتۇ ، مېنىمۇ بىر جايغا ئاپىرىپ يالغۇز سۇلاپ قۇيۇشتى ، تاماق ئۇسۇزلۇق قالدۇرمايلا ئىشىكنى قۇلۇپلا چىقىپ كىتىشتى ، مەن ئەتراپقا نەزەر تاشلىدىم ، بۇ ئۆي قاراڭغۇ بولۇپ ئەتراپنى ئاران –ئاران پەرىق ئەتكىلى بۇلاتتى ، ئەتراپقا قاراپ ئالدىمدا بىرلا كارۋات بارلىقىنى ھېس قىلىپ شۇ كارۋاتقا كىلىپ ياتتىم ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەندە قۇرسىقىمنىڭ ئاچقانلىقىنى ھېس قىلدىم ، خۇمارىممۇ ئوبدانلا تۇتۇشقا باشلىغاندى ، مەن خۇمارىمغا چىدىماي ئۆزۇمنى ھەر يانغا ئۇراتتىم ، توۋلاتتىم ، ۋارقىراتتىم ئەمما بىر ئازمۇ شەپە كەلمەتتى ، شۇ تەرققىدە ئاران –ئاران دىگەندە ئەتىسىنى قىلدىم ، بىر چاغدا ئىشىك شاراقلاپ ئېچىلىپ دىلرابا ئىنتايىن جىددىيلەشكەن ھالدا كىرىپ كەلدى .
ـــ تىز بولۇڭ مەردان تىز قاچايلى ، تىز .....دىدى ئۇ مېنى تارتىپ ، مېنىڭ خۇمارىم تۇتۇپ كەتكەچكە ھەرىكەت قىلغۇدەك مادارىم يوق ئىدى ، مەن خىرەلەشكەن كۆزلىرىمنى ئاران-ئاران ئېچىپ:
ـــ ماڭا بىر چىكىم بىرىڭ ....دىدىم
ـــ ۋايخۇدا سىزگە جان لازىم ئەمەسمۇ ؟
ـــ بىر چىكىۋالسام نىمە بولسام مەيلى ، سىزدىن ئۆتۇنۇپ قالاي ماڭا بىر چىكىم بىرىڭ ،-دىدىم مەن يىلىنىپ ، دىلرابا سومكىسىدىن بىر پولاقنى چىقىرىپ ماڭا تەڭلىدى ، مەن شۇ نىجىسنى چەككەندىن كىيىن ئازىراق ئەسلىمگە كەلدىم .
ـــ تىز بولۇڭ ، تىز قاچايلى ؟-دىدى دىلرابا مېنى تارتىپ
ـــ نىمە ئىش بولدى ؟ـدەپ سورىدىم مەن ھېچ ئىشنى چۇشەنمەي
ـــ باشقىلار سىنى ئۆلتۇرمەكچى ، تىز بۇلۇڭ باشقا جايغا بېرىپ پاراڭلىشايلى ، بىز بۇ ئۆيدىن چىقىپ خېلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كىيىن بىر تاكسىغا چىقىپ ئۇزۇن ماڭغاندىن كىيىن بىر خىرابىلىككە كىلىپ توختىدۇق ، خارابىلىكنىڭ ئىچكىرسىگە كىرگەندىن كىيىن بىر كارۋات قۇيۇلغان يەرگە كىلىپ توختىدۇق ، مەن ھازىرغىچە نىمە ئۈچۈن بۇ جايغا كەلگىنىمىزنى چۇشەنمىدىم ، سۇرىساممۇ « بىرسى سىزنى ئۆلتۇرمەكچى »دىگەن جاۋاپلا كىلەتتى ، دىلرابا چىقىپ كىتىپ بىر نەچچە سائەتتىن كىيىن يىمەكلىك ، چىكىملىك ئېلىپ كىلىپ ماڭا بىرىپ چىقىپ كەتتى شۇ خىل ئەھۋالدا بىر نەچچە كۇن ئۆتۇپ كەتتى ، مەن بۇ بىر نەچچە كۇن ئىچىدە نۇرغۇن –نۇرغۇن ئىشلارنى بولۇپمۇ دىلرابا بىلەن تۇنۇشقاندىن كىيىنكى ھەممە ئىشلارنى ئويلاپ چىقتىم ، ئويلىغانسىرى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دىلرابا بىلەن چېتىشلىقى باردەك ھېس قىلماقتا ئىدىم ، شۇ خىياللاردا ئولتۇرسام دىلرابا كىلىپ كەلدىدە ئەكەلگەن تاماقلىرىنىڭ ئاغىزىنى ئېچىشقا باشلىدى ، مەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ ئولتۇراتتىم .
ـــ بىر نەچچە كۇندىن كىيىن سىزنى يولغا سېلىپ قۇياي سىز كىتىڭ ، ئۆز يۇرتىڭىزغا كىتىڭ ،-دىدى دىلرابا ، بۇ گەپنى ئاڭلاپ چەكسىز خۇشال بولدۇم ھەم قاتتىق ھەيران قالدىم ، مېنىڭ مۇشۇ ھالەتكە چۇشۇپ قېلىشىمدا شەكسىز دىلرابانىڭ قۇلى بار ئىدى .
ـــ نىمىشقا ؟ زادى نىمىشقا مېنى بۇنداق ئالدايسىز ؟ نىمىشقا مېنى بۇنچىلىك تۇگەشتۇرىسىز؟ ئەمدى يەنە نىمىشقا مېنى قۇتقۇزماقچى بۇلىسىز ؟ـ دەپ سورىدىم مەن ئىقتىيارسىزلا ، بۇ گەپنى ئاڭلاپ دىلرابا چۇچۇپ ماڭا قارىدى ۋە جېنى چىقىپ كەتكەندەك كارۋاتتا لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى .بىز ئەنە شۇنداق جىمجىتلىق ئىچىدە ئۇزۇندىن ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتۇق ، ئاخىر بۇ جىمجىتلىقنى ئۇ بۇزۇپ گەپ باشلىدى .
ـــ بۇنىڭدىن 16يىل بۇرۇن مېنىڭ شۇنداق بەخىتلىك ئائىلەم باتتى ،ئەمما بىر كۇنى ئىشىكىمىز قاتتىق چىكىلىپ ساقچىلار باستۇرۇپ كىلىپ دادام ۋە ئانامنى چەمبەرچاس باغلاپ ھايۋاننى سۆرىگەندەك سورەپ ئېلىپ چىقىپ كىتىشتى ، باشقىلار بۇ قىزنى قانداق قىلىمىز دەپ باشلىقىدىن سورىغاندا « ئوغىرنىڭ بالىسى ھامان ئوغىرى » بۇ ھاراملىقنى بالىلار تۇرمىسىگە ئاپىرىپ بىرىڭلار» دەپ بۇيرۇق قىلدى ، ئەمدىلا 4ياشقا كىرگەن مەن بارلىق ئەركىنلىكىم ، خۇشاللىقىمدىن ئايرىلىپ 3يىللىق تۇرما ھاياتىنى باشتىن كەچۇردۇم ، قەلبىمدە شۇ ساقچىلارغا نىسپەتەن ئۆچمەس ،ئۆچىمەنلىك قالدى ، مەن داۋاملىق ئۆچ ئالىمەن دەتتىم ، مەن تۇرمىدىن چىققاندىن كىيىن دادامنىڭ سودىدىكى شىرىكى ۋە ئەڭ يېقىن دوستى ھەسەن دادام مېنى تۇرمىدىن ئەكىلىۋېلىپ بۇ شەھەرگە ئېلىپ كەلدى ، ئەنە شۇ كۇندىن باشلاپ مەن ئادەمنى قانداق ئۆلتۇرۇشنى ، قانداق ئوغۇرلۇق قىلىشنى ئىشقىلىپ قانداق ئەسكى ئىش قىلىشنى ئۆگىنىشكە باشلىدىم ، كىچىكىمدىن مۇشۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولغاچقا مېنىڭ قەلبىمدە پەقەتلا رەزىلىك بار ئىدى ، مېنىڭ نەزىرىمدە بىز ئىنتايىن ياخشى ئادەم ساقچىلار ۋە باشقا كىشىلەر بىزنىڭ ئەشەددى دۇشمىنىمىز ئىدى ، شۇڭا مەن ئىككىلەنمەي ئادەم ئۆلتۇرەتتىم ، باشقىلارغا زەھەر چەكتۇرەتتىم ، 16يىل بۇرۇنقى شۇ ئۆچىمەنلىك قەلبىمدە ئۆچمەس ۋولقان ئىدى ،شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ قەلبىمگە ئۆچمەس ئىز سالغان ئادەم باشقا بىرسى ئەمەس جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى يەنى سىزنىڭ دادىڭىز ئىدى ،
ـــ مېنىڭ دادام ، بۇ مۇمكىن ئەمەس ، دادام مىنەۋەر ساقچى ،ئۇ ھەرگىز بۇنداق قىلمايدۇ ،ھەرگىز ........... ئۆزۇمنى تۇتىۋالالمايۋاتاتتىم ، قەلبىمدە ئۆچمەس ئابىدە سانىلىدىغان دادامنىڭ بۇنداق دىگەنلىكىگە ئەقلىم يەتمەيۋاتاتتى ، مەن ئۆزلىكسىز ياش تۇكەتتىم ، دىلرابا يەنە بىردەم جىم تۇرغاندىن كىيىن يەنە سۆز باشلىدى .
مەن سىزگە كۆز تىكتىم سىزنى تۇگەشتۇرۇش ، سىزنى جىنايەت كۇچىسىغا باشلاش ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۇلىدىم ، بىز دوستىڭىز ئەبەيدۇللانى ئاۋۋال ئالداپ ئاچىقىپ ئاق چىكىشنى ئۆگىتىپ ئۇ بىزدىن ئايرىلالمىغۇدەك بولغاندا ئاندىن سىزنى شۇ ئارقىلىق زەھەرلەشنى كۆڭلىمىزگە پۇكۇپ پىلان بۇيىچە ئىش قىلغاندۇق ،ئەمما سىز ھېچ ئىشنى سەزمىگەندەك مېنىڭ ئويلىغىنىمدىنمۇ ئاسان ئىندەككە كەلدىڭىز ، ھەم پىلانمنى ناھايتى .. ناھايتى ئاسان ھۇجۇتقا چىقاردىڭىز ، ئەگەر شۇ ۋاقىتتا سىز مەن ئىچكىرگە كىرمەيمەن دىگەن بولسىڭىز مەنمۇ قايتىپ كەلمەي سىزنىڭ تېخىمۇ تىگىشىشىڭىزنى ئاخىردا چىقىش يولى يوق بولغاندا ئاندىن مەن بىلەن ماڭغۇچە ساقلاتتىم ئەمما سىز بىرىنچى قېتىمدىلا مەن بىلەن بىرگە كەلدىڭىز ، دادامنىڭ سىزنى تىللاپ شۇنداق ھاقارەتلىشى سىزنىڭ شۇ ئۆيدىن قېيداپ چىقىرىش ئىدى ، سىز ئۇنىمۇ بەكمۇ ئاسان قىلدىڭىز ، ئەمەلىيەتتە سىز كامىلغا ئەگىشىشتىن بۇرۇنقى بارلىق بۇلاڭچىلىق ھەرىكىتىڭىزنى بىز كونتىرۇل قىلىپ تۇرغان بۇلىغىنىڭزنىڭ ھەممىسى بىز ئورۇنلاشتۇغان ئادەملەر سىز شۇنداق ئاسان بىز ئورۇنلاشتۇرغان بىزنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادىمىمىز دەپ قارايدىغان كامىلغا ئەگەشتىڭىز شۇنداق قىلىپ بىز ئۆز مەقسىتىمىزگە يەتتۇق ،ئەمما ئويلىماپتىمەن ، بىز يەنە سىزنىڭ قۇلىڭىزدا ۋەيران بۇلۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالدۇق ، سىز ئالدىنقى قېتىم ئاق سودىسىغا بارغاندا بىرسى تىرىك قولغا چۇشۇپ قاپتىكەن ئۇ ھەممىنى ئىقرار قىپتۇ ، شۇڭا ساقچىلار ھازىر بىزنى قاتتىق كۆزىتىپ تۇتۇشقا تەمشەلگەچكە بىز قۇلىمىزدىكى بارلىق بالىلارنى تەرەپ تەرەپكە يۆتكىدۇق ، ھازىر بۇ شەھەردە سىز ، كامىل ، دادام ۋە مەن يەنە بىر نەچچە ئىشەنچىلىك ئادەملا بار ....ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغانچە قېنىم قىزىماقتا مېنى مۇشۇنداق تۇگەشتۇرگەن ئالدىمدىكى مەلئۇنى ئۆلتۇرۋەتكۇم كەلمەكتە ئىدى .
ـــ سەن جاللات ،ئىپلاس  مېنى تۇگەشتۇردۇق ، پاك مۇھەببىتىمنى خارلىدىڭ ، سېنى ئۆلتۇرۋېتىمەن ...دىمدە دىلراباغا ئېتىلدىم ،ئۇ ئاستىمدا تىپىچەكلەتتى
ـــ مەردان ئۆزىڭىزنى تۇتىۋېلىپ ، گىپىمنى تولۇق قىلىۋالاي ئاندىن نىمە قىلسىڭىز ئىقتىيارىڭىز ...دىدى ئۇ يالۋۇرۇپ ، مەن شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ گىپىنى تولۇق ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇنى قۇيۋېتىپ جايىمغا كىلىپ ئولتۇردۇم ،ئۇ ئۆزىنى تۇتىۋالغاندىن كىيىن يەنە سۆز باشلىدى .
ـــ مەن سىز بىلەن تۇنۇشقان شۇ كۇنلەردە مېنىڭ ساۋادىمنى چىقاردىڭىز يەنە تۇر دۇنياسىدىكى مۇنبەرگە ئەزا قىلدىڭىز يەنە سىز ماڭا نۇرغۇن –نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىپ بەردىڭىز ، مەن شۇ گەپلەرنى ئاڭلاش ، مۇنبەردىكى ھەقىقى ئادەم ، ھەقىقى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنازىرىلىرىنى كۆردۇم شۇنداق قىلىش ئارقىلىق مەندە ياخشىلىق ،ئادىمى پەزىلەت ئويغىنىشقا باشلىدى ، يەنە كىلىپ مەن سىزنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم ، بىزنى ساقچىلار تۇتۇشقا ھەرىكەتلىنىۋاتقانداق كامىل بىلەن دادام سىزنى ئۆلتۇرۋېتىشنى قارار قىلىدى ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىزنى قۇتقۇزۇش ، يۇرتىڭىزغا يولغا سېلىپ قۇيۇش بولسا ئۆزۇممۇ سىز بىلەن كىتىپ كىيىنكى ئۆمرۇمنى ھەقىقى ئادەمدەك ئۆتكۇزۇش ئۈچۈن سىزنى قۇتقۇزۇپ چىقتىم ، قالغان ئىشلارنى سىزگە دىمىسەممۇ سىزگە ئايان ،ئەگەر مېنى كەچۇرەلمىسىڭىز مېنى مۇشۇ يەردە ئۆلتۇرۋەتسىڭىز مەيلى دەپ سومكىسىدىن  قۇرالنى چىقىرىپ ئالدىمغا قويدى ، كاللامدا چىگىش خىياللار ھۆكۇم سۇراتتى ، « بۇ جاللات يېقىن دوستۇم ئەبەيدۇللانى يەنە يېقىن دوستۇم ياخشى ئىنىم قەييۇمنى يەنە نۇرغۇن نۇرغۇن ئويغۇر باللىرىنى قىيناپ قېنىنى شورىدى ،ئۇنى ئۆلتۇرۋېتىش كىرەك »دىگەن خىيال كەلسە يەنە بىر جەھەتتە « ئۇنى مۇشۇنداق قىلىپ قويغان مېنىڭ دادام ، ئۇ ھازىر ئۆز خاتالىقىنى تۇنۇپتۇ يەنە كىلىپ مەن ئۇنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرىمەن ،ئۇنى كەچۇرۇش كىرەك »دىگەن خىيال كىلەتتى ، شۇنداق بولغاچقا بېشىم قاتتىق ئاغىرماقتا ئىدى ، ئەنە شۇ ئىككىلىنىشتە تۇرسام سىرىتتىن ئاياق تىۋىشى ۋە«مەردان دىگەن ئىتىنىڭ بالىسى تاپقان ھامان ئۆلتۇرۋېتىڭلا ئۇ ھەرگىز تىرىك قالمىسۇن»دىگەن ئاۋاز كەلدى ، مەن دەرھال قۇرالنى چىڭ سىقىمدا ئىشىڭ تۇۋىگە كىلىپ سىرىتىنى كۆزەتتىم ، سىرىتتا ھەسەن ، كامىل ۋە بىر نەچچىسى مۇشۇ ئۆيگە يېقىنلاپ كىلىۋاتاتتى ، مەن قۇرالنى سىرتقا چىقىرىپ ئالدىدا ماڭغان بىرسىگە نىشانلاپ ئوق ئۆزدىم شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئېچىنىشلىق ئىڭىراپ يەر چىشلىدى ، شۇنداق قىلىپ بىر مەيدان ئىتىشىش باشلاندى ، ماڭا بۇرۇن دادام قارغا ئېلىشنى ئۇگەتكەن بولغاچقا ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەي بىر نەچچىسىنى يەر چىشلەتتىم ھازىر ئۇلاردىن ھەسەن بىلەن كامىللا قالغان ئىدى ،ئىتىشىش داۋام قىلاتتى ، مەن چاققانلىق بىلەن ھەرىكەتلىنىپ بىر پاي ئوق بىلەن ھەسەننى يەر چىشلەتتىم قېنىم تېخىمۇ قىزىماقتا ئىدى ، شۇنداق بولغاچقا مەن يۇشۇرۇنغان جايىمدىن سەكرەپ چىقىپ :
ـــ كامىل ... نوچى بولساڭ بۇياققا چىق ، مېنى ئۆلتۇرۋەت .. مېنى ئۆلتۇرۋەت ،ـدەپ ۋارقىراشقا باشلىدىم ، ئەمما ئۇ تۇخۇ يۇرەك چىقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى ،شۇ ئەسنادا «ئىھتىيات قىلىڭ »دەپ توۋلىغىنىچە دىلرابا مېنىڭ ئالدىمغا ئۆتتى ، پاڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇ ئاستا –ئاستا سىرىلىپ يېقىلدى ، كۆزلىرىمگە قان تولغاندى ، مەن دىلرابانى تاشلاپ قۇيۇپ كامىل ئوق چىقارغان تەرەپكا يۇگۇرۇپ باردىمدە كامىل قۇرالنى بەتلەپ بولغۇچە مەن پىشاينىسىگە قۇرالنى تاقاپ تۇرۇپ ئوق ئۆزىشكە بالىدىم
ـــ ھۇ ئىتنىڭ بالىسى ، ھايۋان ئۆلە .... ئۆلە ...ئوقنى  تاكى تاپانچىنىڭ ئوقى تۇگىگىچە  ئاتقاندىن كىيىن تاپانچىنى تاشلاپ دەرھال دىلرابانىڭ قېشىغا كەلدىم ، دىلرابانىڭ ئاغىزىدىن قان سىرغىپ چۇشمەكتە ئىدى ، مەن دەرھال ئۇنى قۇچاقلاپ يۇلىدىم ، ئۇنىڭ ماڭا گىپى باردەك ئېغىزىنى مىدىرلىتاتتى ، مەن ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاش ئۈچۈن قۇلىقىمنى ئۇنىڭ ئاغىزىغا يېقىن ئەكەلدىم ،
ـــ مېنى كەچۇرۇڭ .... مېنى كەچۇرۇڭ.... دىلرابا مۇشۇ بىر ئېغىز گەپنى تەكرارلاتتى.
ـــ سىزنى كەچۇردۇم ، دىلرابا بەرداشلىق بىرىڭ ، سىز ئۆلمەيسىز .. مەن قاتتىق جىدىيلىشىپ كەتكەندىم .
ـــ رەھمەت .... دىلرابا شۇنداق دىگىنىچە ئۆلۇمسىرەپ ئاستا –ئاستا ئۆزىنى قۇيىۋەتتى
ـــ ياق ... ئاھ خۇدا .... مەن ئاۋازىمنىڭ بارىچە ۋارقىراتتىم ، بۇ ۋاقىتتا پۇتۇن جاھان لەرزىگە كىلىپ خۇددى بۇ جەمىيەتنىڭ رەزىللىكىدىن نەپرەتلەنگەندەك ئەبەيدۇللا ، قەييۇم ، دىلرابالارغا ھازا ئېچىۋاتقانداك قاتتىق يامغۇر يېغىشقا باشلىدى .
خاتىمە
مەن دىلرابانىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كىيىن شىنجاڭغا قايتىپ كەلدىم ، مەن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن دادام ئانام چۇقۇم ماڭا تىل –ھاقارەت بىرىدۇ دەپ ئويلىغاندىن ، بىراق ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۇلار ئۆزلىرىدىن ياش تۆكىشىپ مېنى قۇچاقلاپ سۇيۇپ كىتىشتى ، كونىلار « دادا ۋە ئانا ئۆز پەرزەنتى ھەر قانداق خاتالىق ئۆتكۇزسە كەچۇرىدىدۇ ، دادا ۋە ئانا بىز ئۈچۈن ئەڭ ئىشەنچىلىك كىشىلەردۇر »دەپ توغىرا ئېيتىپتىكەن ، شۇندىن كىيىن مەن زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدا 3ئايلىق داۋالانى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن سەلىمازا ساقايدىم ھەمدە بىر «خەت كۆپەيتىش ، تەرجىمە قىلىش مەركىزى »ئېچىپ ئۆزۇمنىڭ ھالال ئەمگىكى ئارقىلىق جان كەچۇرۇشكە باشلىدىم ، ئەمما ئىچكىردىكى شۇ كۇنلىرىمنى ھەمدە ئەبەيدۇللا ، قەييۇم ، دىلرابالارنى ئەسلىگىنىمدە كۆزلىرىمدىن ئىقتىيارسىز ياش قۇيىلاتتى، ئىھ ئاللا بۇ دوسلىرىمنىڭ گۇناھلىرىنى مەخپىرەت قىلىپ ،ئۇلارغا جەننەتتىن ئورۇن بەرگەيسەن ..ئامىن....


مەنبە :ئۆز قەلىمىم

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
musilina + 200

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 200   باھا خاتىرىسى

ئازاپتىن   چاكىچاك  يېرىلىپ  يۇرەك. چىن سۆيگۇ نەدە دەپ كۆتىرەر غەليان. ئىشەنىچ ۋە ساداقەت بولمىغاچ بىزدە، قىز-يىگىت غەپلەتتە يۇرىيدۇ ھەريان.

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 4806
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 50998
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 1998 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-19 10:43:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكايە ۋەقەلىكى ناھايىتى جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ئەمىلىيەتچانلىقى كۈچلۈك بولغان،،ئىشلىتىلگەن  ئەدەبىي تىللارمۇ ۋەقەلىكنى ياخشى ئىپادىلەپ بەرگەن بولۇپ   تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە،ھېكايە ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا مۇۋاپپەققىيەتلىك چىققان.....

باشقۇرغۇچىلار بولسا مەسلەھەتىلشىپ،بۇ ھېكايىنى نادىرلاشنى ئويلۇشۇپ بېقىڭلار...مەن ‹‹نادىر ھېكايە ››دەپ باھا بەردىم....

   
ساقچى باشلىقىنىڭ « ئوغىرنىڭ بالىسى ھامان ئوغىرى » بۇ ھاراملىقنى بالىلار تۇرمىسىگە ئاپىرىپ بىرىڭلار» دېگەن سۆزى ئەمىلىيەتكە تازا ماس كەلمەي قالغان،دىلرابانىڭ ئۆچ ئېلىش ئۇسۇللىرىدا  ئازىراق مەسىلە باردەك ھېس ققىلىپ قالدىم،بۇ ئۆزۈمنىڭ شەخسىي كۆز قارىشى...

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

خەق ئاناڭمىدى ئى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37058
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4545
تۆھپە نۇمۇرى: 522
توردا: 933 سائەت
تىزىم: 2011-4-9
ئاخىرقى: 2012-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-19 11:04:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇسلىنە ھەدە ماڭا قىممەتلىك پىكىر بەرگەنلىكىڭىزدىن شۇنداق خۇشالمەن ... ئەمما بۇ يەردە تىلغان ئېلىنغان بەزى ۋەقەلىكلەر ھەقىقى بولغان بىرسىنىڭ ئاغىزىدىن ئاڭلىغانغا ئاساسەن يېزىلغان شۇڭا سىز پىكىر بار ئاۋۇ يەرلىرى ئەمەلىيەتتە ھەقىقەت .. شۇنداق ئىش بولۇپ ئۆتكەن ... بۇ ھېكايىنى مەن شۇ ئەمەلىي بولغان ئىشقا ئۆزۇمنىڭ تەسەۋۇرىنى بىرلەشتۇرۇپ ئولتۇرۇپ يازدىم خالاس ... بەلكىم تىل ئىشلىتىش ئىپادىلەش ئىقتىدارىم چەكلىك بولغاچقا شۇنداق بولغان بۇلىشى مۇمكىن .....

ئازاپتىن   چاكىچاك  يېرىلىپ  يۇرەك. چىن سۆيگۇ نەدە دەپ كۆتىرەر غەليان. ئىشەنىچ ۋە ساداقەت بولمىغاچ بىزدە، قىز-يىگىت غەپلەتتە يۇرىيدۇ ھەريان.

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14061
تۆھپە نۇمۇرى: 1443
توردا: 5642 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-19 11:26:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتور(atiwajan) نىڭ تېمىسىغا

ئىملا خاتالىقىڭىز خېلى ئېغىركەن ،ئەمما ئەسەرنى ياخشى ،تەسىرلىك يېزىپسىز، بولسا راست ئىشمۇ، ياكى تۇقۇلما ،ئەسكەرتىپ قۇيغان بولسىڭىز ،بولمىسا بىھۇدە ئازاپلىنىپ يۇرمەيلى يەنە .

خەق ئاناڭمىدى ئى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37058
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4545
تۆھپە نۇمۇرى: 522
توردا: 933 سائەت
تىزىم: 2011-4-9
ئاخىرقى: 2012-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 09:26:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھېكايىنى راسىت بولغان دىيىشكىمۇ پۇتۇنلەي بولمىغان دىيىشكىمۇ بولمايدۇ ... مەن پەقەت ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن بىر نەچچە ۋەقەلەرنى بىرلەشتۇرۇپ ، ئۇنىڭغا ئۆزۇمنىڭ تەسەۋۇرۇمنى بىرلەشتۇردۇم شۇ ...

ئازاپتىن   چاكىچاك  يېرىلىپ  يۇرەك. چىن سۆيگۇ نەدە دەپ كۆتىرەر غەليان. ئىشەنىچ ۋە ساداقەت بولمىغاچ بىزدە، قىز-يىگىت غەپلەتتە يۇرىيدۇ ھەريان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13164
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5927
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 2603 سائەت
تىزىم: 2010-10-8
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 05:28:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتور(atiwajan) نىڭ تېمىسىغا

مۇشۇنداق ئاق چەككەن،ساتقان ھەزىلەك،پاسكىنىلارنى قىرىق كېچە-كۈندۈز ئوتى ئۆتى ئۆچمىگىدەك ئوتتا كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتسىمۇ ئادەمنىڭ دەردى چىقمايدۇ!!!!نىمە ئىش قىلىدۇ ئۆز مىللىتىڭ پېيىنى قىرقىپ،بىڭسى بولسا باشقىلارغا قىلىپ باقسابولمامدۇ؟مەن دەيمەن مۇشۇ ئاق چېكىپ ئۆلگەنلەرنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمەيلا باشقىلارغا ئوخشاش كۆيدۈرۈۋەتسە دەيمەن،مۇشۇنداق لەنىتىلەرنىڭ نامىزىنى بەزى ئاچكۆز موللىلىرىمىز ئازراق پۇلنى بەرسە ‹روھى جەننەتتە بولسۇن›دەپ دۇئا قىلىشلىرى بار ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېلىشتۈرۈپ،مەنغۇ ئاقتا،ئەيدىزدە ئۆلگەن لەنىتىلەرنىڭ ئۆلۈم،نەزىر-چىراقلىرىغىمۇ بارمايمەن.ئىنساپ قىلىڭلار ھەي ئادىمىي ھايۋانلار!ئۆزۈڭلار تۈگەشكەننى ئازدەپ ئۆزقېرىندىشىڭلارنىمۇ ئوتقا ئىتتىرەمسىلەر؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟نۇمۇس قىلىش ھەزىلەك،پاسكىنىلار!!باشقىلار سەن بىلەن بىزنىڭ ئويۇنىمىزنى كۆرۈۋاتىدۇ!!!!!

ۋاپاسىز ياردىن ۋ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1873
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2559
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 6940 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 12:50:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنى كىنو قىلىپ ئىشلىسە ياخشى چىققۇدەك.....

گاھى خۇشال كۈلەي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22657
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3646
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 1942 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-31 01:03:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bunhi inkasta saklap koyoyya

ئادەمسەن شەكسىز دۇر ئازماق ھەقىقەت، نىجادلىق ئىزدىسەڭ بار يەنە پۇرسەت تۆۋبىگە يېقىن بوپ ھۆرلۈك ئىزدىسەڭ   يىراقتۇرسىنىڭدىن بەلكىم ھالاكەت .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24400
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3872
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 1383 سائەت
تىزىم: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-31 11:50:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكاينىڭ  بىشى  ياخشى  چىقىپتۇ  لىيكىن  ئاخرى  تازا  بولماي  قاپتۇ   دادىڭز  قانۇن  ئجرا  قىلغۇچى  تۇرۇپ   سىزنى  قانۇنى ئورۇنلارغا  تۇتۇپ بەرمەي  قانات  ئاستىغا  ئاپتىغۇ.    يا سىزنىڭ   ھەسەن  كامىللارنى  ئولتۇرشىڭز    بۇلانچىلق  قىلشىڭز    ئاق  سودىسى  قىلشىڭز  قانۇنلىقمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53677
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 230 سائەت
تىزىم: 2011-8-28
ئاخىرقى: 2011-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 11:11:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھېكايە ناھايىتى تەسىرلىك چىقىپتۇ . لىكىن بەزى يەرلىرى سەل باغلاشماپتۇ .يەنە ئىملا خاتالىقى بەك كۆپ ئىكەن . بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنى كۆپرەك يوللىشىڭىزنى ئۈمۈد كىلىمەن.

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61026
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 175
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-10-18
ئاخىرقى: 2011-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-21 09:47:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Q84461610会计从业资格证代考报关员代考四级英语代考

ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61281
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 230
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 412 سائەت
تىزىم: 2011-10-19
ئاخىرقى: 2011-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 09:48:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزلىپىتۇ بەلىكىم بۇ تۇردشمىڭزنىڭ تۇنىجى ئەسىرى بۇلغاشقا  خاتالىقتىن ساقلانغىلى بۇلىمايدۇ ،ئاللا ئگەم شۇنداق ئۇز قىرداشلىرىنى زەھەرلەيدغان نىجسلانىڭ كۇڭلىگە ئنساپ ئاتا قىلسۇن.ئامىن ئامىن ئامىن،،،،،،،،،،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش