1996-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا ئالىملىرى يۇپېتىردا دېڭىز-ئوكيان مەۋجۈت بولۇشى مۇمكىن دېگەن. يۇپېتىرنىڭ بۇ ھەمراھىنىڭ سىرتقى يۈزىدە شىمالىي مۇز ئوكيانغا ئوخشاش مەنزىرە كۆرۈنگەن.
1996-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 26-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. مۇسابىقە 20 كۈن داۋاملاشقان، 197 دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر بۇ قېتىملىق كاتتا مەرىكىگە قاتناشقان. ئامېرىكا 44 ئالتۇن مېدال بىلەن 1-ئورۇندا، روسىيە 26 ئالتۇن مېدال بىلەن 2-ئورۇندا، گېرمانىيە 20 ئالتۇن مېدال بىلەن 3-ئورۇندا تۇرغان.
1993-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، پاكىستاننىڭ پىرېزىدېنتى ۋە باش مىنىستىرى بىرلىكتە ئىستىپا بەرگەن.1993-يىلى پاكىستاننىڭ سىياسىي سەھنىسىدە قىزىقارلىق ۋەقەلەر يۈز بەرگەن. ئاۋال پىرېزىدېنت ئىساق باش مىنىستىر شېرىفنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىغان، لېكىن ئالىي سوت مەھكىمىسى بۇ قارارنى ئىناۋەتسىز قىلىپ، باش مىنىستىرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ ئىككەيلەن 18-ۋە 19-ئىيۇل كەينى-كەينىدىن ئىستىپا بەرگەن. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى:پىرېزىدېنتنىڭ ئىستىپا بېرىشى ئامالسىزلىقتىن، ئىستىپا بېرىشىدىكى سەۋەب، ئالىي سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ قارارىنى ئىنكار قىلغانلىقى، پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنىڭ ئاجىزلىغانلىقى. باش مىنىستىر شېرىفنىڭ ۋەزىپىسى ئەسلىگە كەلگەن بىلەن، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنىڭ ھەمكارلىقىغا ئېرىشەلمىدى، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. باش مىنىستىر شۇنىڭ ئۈچۈن ئىستىپا بەردى.
1975-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى سوۋىت ئىتتىپاقى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىلەن ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچراشقان. ئىككى دۆلەت ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئىككى كۈنلۈك ئالەم ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغان. ئىككى دۆلەت ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىرلىكتە ئالەم پىلانلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان، ئالەمدە بىرلىكتە تاماق يېگەن، ئۆزئارا خاتىرە بۇيۇم سوۋغا قىلىشقان.
1952-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 15-نۆۋەتلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسى فىنلاندىيەنىڭ خلىسىنكى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان روسىيە كوماندىسى 22 ئالتۇن مېدال بىلەن 2-ئورۇندا تۇرغان، ئامېرىكا 1-ئورۇندا تۇردى.
مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى