مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5093|ئىنكاس: 15

جىمسار ناھىيىسى(قەدىمكى بەشبالىق) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نىيازى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45569
يازما سانى: 803
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9962
تۆھپە نۇمۇرى: 935
توردا: 3549 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-19 01:01:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     جىمسار ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان. جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇپ بۆلىكى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. شەرقتە گۇچۇڭ ناھىيىسى بىلەن غەرپتە فۇكاڭ ناھىيىسى بىلەن قوشنا . بۇغدا تېغى ئارقىلىق تۇرپان ،ئۈرۈمچى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. جىمسار ناھىيىسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 8169.86 كىۋادرات مىڭ مېتر بولۇپ، خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل قاتارلىق 13 مىللەت ئۆزئارا ئىناق ئىتتىپاق ياشايدۇ. جىمسار ناھىيىسىغا قاراشلىق تۆت بازار، بەش يېزا بار ، ئۇلار: جىمسار بازىرى، سەنتەي بازىرى، چۈەنزىجيې(بۇلاقكوچىسى)بازىرى، بېيتىڭ(بەشبالىق)بازىرى؛ئەرگۇڭ يېزىسى،چىڭياڭخۇ يېزىسى،لاۋتەي يېزىسى، دايوۋ يېزىسى، شىندى يېزىسى ھەم ۋۇسەيۋەن قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. يەنى يېزا ئىگىلىك ئالتىنچى دىۋىزىيە قىزىل بايراق دېھقانچىلىق مەيدانى، يېزا ئىگىلىك ئالتىنچى دىۋىزىيە 107 - تۇەنىمۇ جىمسار ناھىيىسى ئىچىدە.
  ئەمدى جىمسار ئىسمىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى مىسالغا ئالساق، جىمسار سۆزى موڭغۇلچە قۇمشېغىل ساھىلى دېگەن مەنىدە. يەنە بىر ئېيتىلىشچە، «جىمۇ» 吉木  سۆزى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى «جىنمەن» 金满   سۆزىنىڭ تەرجىمىسى ئىكەن، «سار» 萨尔  سۆزى تۈرك تىلى بولۇپ، شەھەر دېگەن مەنىدە . شۇڭا بۇ جىمسار دېگەنلىك ئالتۇنبالىق ، ئالتۇن شەھىرى دېگەنلىك .
   جىمساردا ياۋا ئات فېرمىسى بار بولۇپ ، بۇ ياۋا ئات فېرمىسى ئاسىيا بويىچە بىرىنچى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. جىمسار ناھىيىسى بازار ئىچىدىن شىمالغا 100مىڭ مېتر ماڭسا قۇربان تۇڭغۇت قۇملۇقىغا بارىدۇ. بۇ دەل ۋۇسەيۋەن بازىرى. ھازىر بۇ جاي جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى ئىككىنچى چوڭ نېفىتلىك ھېسابلىنىدۇ. ئارخېئولوگلارنىڭ قارىشىچە، بۇ جاي جۇلوجى 侏罗纪 يەر قاتلىمى بولۇپ، مىليونلىغان يىللاردىن بېرى ھاۋارايى ھادىسىلىرىنىڭ يىمىرىش ۋە يالاش تەسىرىدە ھازىرقىدەك يىمىرىلغان رەڭگارەڭ پەلەمپەيسىمان يەر شەكلى پەيدا بولغان.
   بەشبالىق قەدىمكى شەھىرى ناھىيە بازىرىدىن 10 كىلومېتر يىراقلىققا جايلاشقان. بۇ جاي دۆلەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقى قوغدىلىدىغان مۇھىم ئورۇن ھېسابلىندۇ. بەشبالىق قەدىمكى شەھىرىنىڭ ئەسلى ئاتىلىشى ‹ خۇباۋزى› شەھىرى. بۇ شەھەر خەن سۇلالىسى مەزگىلىدە ئالتۇنبالىق دەپ ئاتىلىپ، چې شىخۇۋ  车师后 خان ئوردىسىدىكى داڭلىق خەن شاھىغا تەقسىم قىلىپ، ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرگەن. تۈرك تىلىدا ‹ خاقان قۇت شەھىرى› دېيىلگەن. تاڭ جېنگۇەن14 -يىلى ( مىلادىيە 640 - يىلى) تاڭ تەيزۇڭ بۇ يەردە ئوردا قۇرغان. چاڭئەن 2 - يىلى( مىلادىيە702- يىلى) ۋۇ زېتيەن رەسمىي ھالدا بەشبالىق مەھكىمىسىنى قۇرۇپ، تەڭرىتاغنىڭ شىمال ۋە غەرپ قىسمىدىن تارتىپ كاسپىي دېڭىزىنىڭ شەرق ۋە شىمال قىسمىدىن ئىبارەت زور كۆلەملىك رايونلارنى باشقۇرغان. بۇ مەھكىمىدە زور خىزمەت كۆرسەتكەن ئۇيغۇر ئالىم يازغۇچى سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ نامى ئەدەبىيات ۋە تارىخ دەرسلىكلىرىدە تا ھازىرغىچە تىلغا ئېلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.
   ھازىرقى جىمسار ناھىيە بازار ئىچىدە دىنازاۋۇر باغچىسى ۋە گىئولوگىيە باغچىسىدىن ئىبارەت چوڭ ساياھەت ئورنى بار. يەنى مىڭ ئۆيدىكى قەدىمكى بۇددا دىنى ئەۋجىگە چىققان مەزگىللەردىكى تام رەسىملىرى ۋە بۇتلار ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئۇ چاغلاردا ئىسلام دىنى تېخى بارلىققا كەلمىگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ۋاقىتلىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇتلىرى بۇ مىڭ ئۆيدە ساقلانماقتا.
تورداشلار سىلەرنىڭ يۇرتۇمغا كېلىپ مېھمان بولۇپ كېتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.


دىنازاۋور باغچىسى:







گىئولوگىيە باغچىسى:





بەشبالىق :




ۋۇسەيۋەن:






مەنبە: بەيدۇ توردىن ئۆزۈم تەرجىمە قىلدىم.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
polatalamdar + 500 ياخشى تىما
ئەركەم + 300 ئەجىر

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 800   باھا خاتىرىسى

نىيازى يازمىلىرى جەمگاھى «پەرىشتە كوچىسى 123-نومۇر» malak8814 ئۈندىدار سالونى

دىلى كور ئادەم ن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5079
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11436
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 3014 سائەت
تىزىم: 2010-7-29
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-19 12:14:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ باغچىغا خېلى ئەجىر قىپتۇ، ئەمما ھازىرقى باغچىلارنى « خەلىق باغچىسى » دەپ قۇيىدۇ - يۇ . مىللى پۇراق يوق ، ياكى بىز خەق خەلىق ئەمەسمۇ، بۇ باغچىمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىنكەن.

بابۇر بىر مەشھۇر پادىشاھ ۋە ھەربى قۇماندان،  ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭ،   1483 - ﻳﯩلى ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .

يۇقىرغا قاراپ پى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18610
يازما سانى: 1541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3360
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 5970 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-19 12:18:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىشبالىققا ئائىت تارىخلار يوقكەنغۇ.نەدە چۈشەنمەيدىغان بىر ئىشلار تۇردۇ.كىينكى رەسىملىرى خلى يامان ئەمەس ئىكەن.بىشبالىقنى بەك كۆرگۈم بار ئىدى مېنىڭ .بىشبالىق دىسە خۇددى بوۋىلىرمىنى كۆرگەندەك بولىمەن.

ئنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمەس،ئىسسىق قېنى بىلەن قولغا كېلىدۇ.

ھەقىقەت- ئاچچقتۇ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34152
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4233
تۆھپە نۇمۇرى: 92
توردا: 1713 سائەت
تىزىم: 2011-3-17
ئاخىرقى: 2011-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-19 12:29:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  baburxah كە 2011-07-19 12:14 PMئەۋەتىلدى  :
بۇ باغچىغا خېلى ئەجىر قىپتۇ، ئەمما ھازىرقى باغچىلارنى « خەلىق باغچىسى » دەپ قۇيىدۇ - يۇ . مىللى پۇراق يوق ، ياكى بىز خەق خەلىق ئەمەسمۇ، بۇ باغچىمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىنكەن.
توغرا دەيسىز، باغچىلاردىكى ئۇرۇندۇقلارنىمۇ ھەيكەل سۈپەت ياساپ.

ئەپۇ قىلىش- مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ بەلگىسى

نىيازى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45569
يازما سانى: 803
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9962
تۆھپە نۇمۇرى: 935
توردا: 3549 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-19 12:46:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

3قەۋەتتىكى(taklip.com) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قال

چۈنكى بۇ يەردە بىر ھەپتە يۈرسىڭىزمۇ ئاران بىر نەچچە ئۇيغۇرنى ئۇچرىتىسىز. ھەممىسى مۇشۇ مىللەتتىن،،،، ئۇيغۇرلىرىمىز ئاز بولغانلىقتىن مىللىيچە قۇرۇلۇش سېلىشى ناتايىن،،، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەشبالىق بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىمۇ دېگەن بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مەزگىلى بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇتى بار. بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ دېگەن تارىخ. ئەگەردە مېنىڭ شۇنداق ھوقۇقۇم ھەم ئىمكانىيىتىم بولسىدى، مەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە خاس ھالدا باغچە سالاتتىم...توغرا چۈشىنىڭ.

نىيازى يازمىلىرى جەمگاھى «پەرىشتە كوچىسى 123-نومۇر» malak8814 ئۈندىدار سالونى

يۇلتۇزلار قېنى؟

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52694
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 11365 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-19 06:18:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ ھەقىقى  تاش قاتمىلىرىمۇ يا؟ ئەگەر رەس بولسا چوقۇم بېرىپ كۆرۈپ كىلىمەن بۇ يەرنىمۇ .

نىيازى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45569
يازما سانى: 803
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9962
تۆھپە نۇمۇرى: 935
توردا: 3549 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-19 07:03:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

5قەۋەتتىكى(xamil) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇر

ئەلۋەتتە ھەقىقىي تاش قاتمىسى. تاغلىق رايونلىرىمۇ بار ...پۈتۈنلەي قارىغايلىق. ساياھەت رايونلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ خالىسا كېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

نىيازى يازمىلىرى جەمگاھى «پەرىشتە كوچىسى 123-نومۇر» malak8814 ئۈندىدار سالونى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 428
يازما سانى: 1201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3224
تۆھپە نۇمۇرى: 648
توردا: 1495 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2011-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-19 08:28:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساياھەت قىلىپ كەلگۈچىلىكى بار يەر ئىكەن، قاچانمۇ ساياھەت قىلغۇدەك پىرىنسىيەگە چىقارمەن.

ئەجەپ ئۇزۇن بولد

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1655
يازما سانى: 827
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5077
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 11130 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-19 09:05:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇرتۇم نىمە دىگەن گۇزەل . مەن مۇشۇ جىمساردا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان .

مەن ئاللاھتىن قورقمايدىغانلاردىن قورقمايمەن ، ئاللاھتىن قوققانلارنى ھۆرمەتلەيمەن .

نىيازى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45569
يازما سانى: 803
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9962
تۆھپە نۇمۇرى: 935
توردا: 3549 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-19 09:22:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

8قەۋەتتىكى(polatalamdar) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قا

راستما؟ مەن بۇ مۇنبەردە يۇرتدىشىمغا ئۇچراپ قالارمەن دەپ ئويلىماپتىمەن.

نىيازى يازمىلىرى جەمگاھى «پەرىشتە كوچىسى 123-نومۇر» malak8814 ئۈندىدار سالونى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش