مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2147|ئىنكاس: 5

سالام-سەھەتتىكى ئادەت، سۆزلىرىمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئادەملەرنىڭ نەپ ئۇچۇنلا ياشىغى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31246
يازما سانى: 1416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19265
تۆھپە نۇمۇرى: 2473
توردا: 5454 سائەت
تىزىم: 2011-2-21
ئاخىرقى: 2013-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-18 07:29:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالام-سەھەتلىشىش دۇنيادىكى ھەممە مىللەتكە ئورتاق مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇپ، ئىپادىلىنىش ئۇسۇلى ئوخشاشمايدۇ.

  سالاملىشىشنىڭ ئۇسۇللىرى كۆپ بولۇپ، ئۇ ھەر بىر مىللەت خەلقىنىڭ تارىختىن بۇيان شەكىللەنگەن سالاملىشىش ئادىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا بىر يۈرۈش سالاملىشىش ئادەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. مۇستەقىل ئەدەپ-قائىدە كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلۈپ قېلىپلاشتۇرۇلغان بۇ قائىدىلەر نۇرغۇن مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بىرىنچى، سالاملىشىش ھەرىكەتلىرى. شەھەرلەشكەن رايونلىرىمىزدا سالاملىشىش ھەرىكەتلىرى ئەرلەردە قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، ئاياللاردا مەڭزىنى مەڭزىگە يېقىپ كۆرۈشۈشتە ئىپادىلىنىدۇ. دەرۋەقە، جايلاردا كۆرۈشۈشنىڭ ئۇسۇللىرى كۆپ خىل، بەزى رايوندىكىلەردە قول ئېلىشماي، ئاغزاكى سالاملىشىپ كۆرۈشىدىغان، بىر قولىنى كۆكسىگە قويۇپ ياكى ئىككى قولىنى قوشتۇرۇپ كۆرۈشىدىغان ئادەت بار. شەھەرلەردە ھازىر تۇرمۇش ۋە خىزمەت رىتىمى تېزلىشىپ، كىشىلەردە سالامغا بولغان ئېتىبار سۇسلاشماقتا. كىشىلەر بىر-بىرىنى كۆرگەندە باش لىڭشىتىپ ياكى كۈلۈمسىرەپ قويۇش بىلەنلا كۇپايىلىنىدىغان بولۇۋالدى. بۇنىڭ سالاملىشىش مەدىنىيىتىمىزنى خۇنۈكلەشتۈرۈشى مۇقەررەر. شۇڭا سالاملىشىشتىكى بۇنداق ياتلىشىشلارغا دىققەت قىلىپ، ئۇنى ۋاقتىدا تۈزىتىش كېرەك. ئەسلىي ساغلام سالام-سەھەتلىرىمىزدە ئەرلەر ئالدى بىلەن قارشى تەرەپكە كۈلۈمسىرەپ بېقىپ، ئاندىن ئوڭ قولىنىڭ بارماقلىرىنى تەكشى ئېچىپ قارشى تەرەپكە سۇنۇپ كۆرۈشىدۇ. ئەمما بەزىلەر قول ئېلىشىپ ك−ۆرۈشكەندە، خۇشياقمىغاندەك قولىنىڭ ئۇچىنى تەگكۈزۈپلا قويىدۇ ياكى ئالدىراپ كېتىپ ئالقىنىنى قارشى تەرەپنىڭ ئالقىنىغا توغرا جۈپلەشتۈرمەيدۇ، يەنە بەزىلەر ئالقاننى ئالقانغا ئۇرۇپ ئاۋاز چىقىرىپ كۆرۈشىدۇ. بۇلار مەدەنىيەتسىز كۆرۈشۈش ئۇسۇللىرى بولۇپ، قارشى تەرەپكە بولغان ھۆرمەتسىزلىكتۇر. بىزدە يەنە ئۇزاق ۋاقىت كۆرۈشمىگەن ئۇرۇق - تۇغقانلار ۋە دوست-بۇرادەرلەرنىڭ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈش ئادەتلىرى بار. شۇڭا، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈش ئۇسۇلىغىمۇ دىققەت قىلمىساق بولمايدۇ. قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەندە، ئەنئەنىۋى ئادىتىمىز بويىچە ئاۋۋال سول كۆكسىمىزنى قارشى تەرەپنىڭ ئوڭ كۆكسىگە، ئاندىن ئوڭ كۆكسىمىزنى قارشى تەرەپنىڭ سول كۆكسىگە يېقىپ كۆرۈشۈشىمىز، قۇچاقلىشىشنىڭ باسقۇچلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، بىر پۈتۈن كۆرۈشۈش مەشغۇلاتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ئاياللار كۆرۈشكەندە، قارشى تەرەپ بىلەن ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل تۇرۇپ، بىر ئاز ئالدىغا ئېگىلىپ، ئالدى بىلەن سول مەڭزىنى، ئاندىن ئوڭ مەڭزىنى قارشى تەرەپنىڭ مەڭزىگە بوشقىنە يېقىشى، ھەرگىز قاتتىق باسماسلىقى، سۈركىمەسلىكى، مەڭزىنى يۆتكىگەندە نەپەسنى توختىتىشى كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، چوڭلار كىچىكلەر بىلەن كۆرۈشكەندە ياكى تەڭتۇشلار كۆرۈشكەندە بىر-بىرسىنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ قويسىمۇ بولىدۇ.

  ئىككىنچى، سالاملىشىش سۆزلىرى. سالاملىشىش سۆزلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى سالاملىشىشتىكى مۇھىم ئامىل. سالاملىشىش سۆزلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئاساسەن تۇراقلاشقان بولۇپ، ئالدى بىلەن شەخسلەرنىڭ، ئاندىن ئاتا-ئانا، بالا-چاقا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ، ئاخىرىدا ئىش-ئوقەتنىڭ ئەھۋالىنى سوراش ئاساس قىلىنىدۇ. ئەمما بۇنىڭدا بىز ھازىرغىچە دىققەت قىلماي كېلىۋاتقان بىر نۇقتا بار، ئۇ سالامغا بولغان مىننەتدارلىق قارىشى. بۇنى سالاملىشىش مەدەنىيىتىمىزدىكى كەمچىلىك دېسەكمۇ بولىدۇ. بىز ئاۋۋال «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قانداق ئەھۋالىڭىز، تىنچ تۇردىڭىزمۇ؟» دەپ قارشى تەرەپتىن ئەھۋال سورايمىز، قارشى تەرەپمۇ ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن بىزدىن ئەھۋال سورايدۇ. بۇ سوئال تەكرارلىقى بولۇپ، سالاملىشىش قائىدىسىگە زىت. ئەلۋەتتە، بىر ئادەم سىزدىن ئەھۋال سورىغان ئىكەن، سىز ئۇنىڭدىن قايتۇرۇپ سوئال سورىماي، ئۇنىڭ سىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىشىڭىز، يەنى قارشى تەرەپ سىزدىن ئامانلىق سوراپ سالام بەرگەندە، سىز «رەھمەت، ئۆزىڭىزمۇ تىنچ تۇردىڭىزمۇ، ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ؟» دەپ جاۋاب سالىمى بەرسىڭىز بولىدۇ. بۇ يەردە «رەھمەت» سۆزى كۆپەيگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ سۆزنىڭ سالاملىشىشتىكى رولى ناھايىتى چوڭ. بۇ سىزگە سالام قىلغان كىشىگە تەشەككۈر ئېيتىشىڭىزنىڭ ئەڭ ئىخچام، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىدۇر.سالاملىشىش ئاددىي كۆرۈشۈش مەشغۇلاتى بولماستىن، بەلكى كىشىلەرنىڭ ھازىرقى شەھەرلىشىش مۇھىتىدا روھىي جەھەتتىن ئەڭ موھتاج بولۇۋاتقان مەنىۋى ئوزۇقىدۇر. سالاملىشىش مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە مېھىر-مۇھەببەتنىڭ كونكرېت ئىپادىلىنىشىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، سالاملاشقاندا ئىشلىتىدىغان سۆزلىرىمىزنىڭ ئەڭ چىرايلىق، مەنىلىك، پاساھەتلىك بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش ھەر بىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن! دىل ئازار~~~خۇدا بىزار!!! ئۇلۇغ ئاللادىن ئاۋال گۇناھىمىنى،ئاندىن بەختىمنى تىلەيمەن!

ئادەملەرنىڭ نەپ ئۇچۇنلا ياشىغى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31246
يازما سانى: 1416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19265
تۆھپە نۇمۇرى: 2473
توردا: 5454 سائەت
تىزىم: 2011-2-21
ئاخىرقى: 2013-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-18 08:14:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابايتىن بىرى بىر نەچچە تىما يوللىغان ئىدىم،گەرچە باشقا تور بەتتىن ئىلىنىپ كىلىنگەن بولسىمۇ لىكىن پايدىلىنىش قىممىتى يۇقرى نەرسىلەر ئىدى،بۇرۇنمۇ مىسرانىمدا ئىلان قىلنىپ باقمىغان،ياكى تەكرار تىما ئەمەس ئىدى،نىمىشقىكىن سەھرا ئوغلى دىگەن باشقۇرغۇچى يولـــــداش:باشقا توردىكى ئەسەرلەرنى قوبۇل قىلمايمىز دەپ 6تىمىنى ئۆچۇرۋىتىپتۇ.قىززىق،كۆپىنچە ئەسەرلەرنى بولۇپمۇ قىممىتى بار ئەسەرلەرنى باشقا تور بىكەتلەردىن يۆتكەش ئارقىلىق مۇنبەردىكى كىشىلەرنى خەۋەردار قىلىشنىڭ زىينى يوققۇ دەيمەن،باشقا يوتكەپ كىلىنگەن تىمىلارنى تەستىقلايسىزيۇ،بۇ تىمىلار رىئاكسىيە بەرگەن ئوخشايدۇ.ھىچ بىلمىدىم،ئىنىق چۇشەنچە بەرگەيسىز سەھــــــرا ئوغلى.

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن! دىل ئازار~~~خۇدا بىزار!!! ئۇلۇغ ئاللادىن ئاۋال گۇناھىمىنى،ئاندىن بەختىمنى تىلەيمەن!

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18880
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-18 08:23:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارغاندا ھەممە تېمىلىرىڭزنى مەن بىرىنجى بۇلۇپ كۆرگەن ئوخشايمەن .رەخمەت يەنە بىر ئۇيلۇنۇشقا تىگشلىك ،مەسلىنى ئۇتتۇرغا قۇيۇپسىز.

نەئىمە0903

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45579
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2540
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 1865 سائەت
تىزىم: 2011-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-18 10:56:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۇ سۆزلەگە ئانچە بەك دىققەت قىلمايتتىم،بۇندىن كېيىن دىققەت قىلسام بولغۇدەك.رەخمەت.

بۇ دۇنيادىكى بەخت كىشىلەرنىڭ كۈلكىسىنى كۆرۈش بولسا،شۇنداق بەختنىڭ قۇلىمەن.....

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 03:15:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئاۋۋال «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قانداق ئەھۋالىڭىز، تىنچ تۇردىڭىزمۇ؟» دەپ قارشى تەرەپتىن ئەھۋال سورايمىز، قارشى تەرەپمۇ ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن بىزدىن ئەھۋال سورايدۇ. بۇ سوئال تەكرارلىقى بولۇپ، سالاملىشىش قائىدىسىگە زىت. ئەلۋەتتە،

بۇ سۆز خاتامۇ قانداق!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام -دەيمىزغۇ.......... بۇ ئوخشاش سۆزنى تەكرارلاش ئەمەس.

قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتدۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28086
يازما سانى: 1580
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11715
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4652 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2014-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-20 11:06:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك  ئىشلاركەن ...

قەدىرلىگىن قەدىرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىگڭىنى ،قەدىرلىمىگىن قەدىرىڭىنى بىلمىگەن قەدىرسىزنى ،ئالدىڭغا كەلگەن سۆيگۈنى قەدىرلە ،كىشى ئالدىغا سۆيگۈ تىلەپ بارما .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش