پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىبلىسى بولغان ئۇلۇغ كەبىنىڭ ئالتۇن ئىشىكىگە ئالتۇن بىلەن يېزىلغان خۇشخەتلەر ئارىسىدا "ئابدۇرېﻬىم ئەمىن" دېگەن ئىسىم ﻫېلىﻬەم كۆزۈمىزگە چېلىقىدۇ. بۇ بىز سۆزىنى قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر خەتتاتنىڭ نامى ئىدى. پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قەلبى تەلپۈنۈپ تۇرىدىغان ۋە ناماز ﻫە م دۇئالىرىدا ئۇنىڭغا يۈزلىنىدىغان ئۇلۇغۋار قىبلىسى - كەبىنىڭ ﻫەر كۈنى مىڭلارچە كىشى قوللىرى بىلەن ئېسىلىپ، يۈزلىرىگە سۈرتۈپ كېلىۋاتقان ئالتۇن ئىشىكىگە بىر ئۇيغۇرنىڭ نامى يېزىلغانلىقى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ﻫەقىقەتەن پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك كاتتا ئىشتۇر.
ئابدۇرېﻬىم ئەمىن ﻫاجىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاغىلىق ناﻫىيىسىدىن بولۇپ، خەتتاتلىقنى مەككە شەﻫىرىدە ئۆگەنگەن ۋە 1962- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەم شەﻫىرىدە كەبىنىڭ يوپۇقىنى توقۇش مەخسۇس فابرىكىسى قۇرۇلغاندىن بىرى بۇ مۇئەسسەسەنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن ئىكەن. ئابدۇرېﻬىم ئەمىن ﻫاجىم كەبىنىڭ 280 كىلو ساپ ئالتۇندىن ياسالغان ئىشىكىدىكى خۇشخەتلەرنى يازغان خەتتاتنىڭ ئۆزى ئىدى.
ئۇستا خەتتات
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەم شەﻫىرىدە ئولتۇرۇشلۇق مۇﻫەممەد قاسىم ﻫاجىم مۇنداق دەيدۇ: "خەتتات ئابدۇرېﻬىم ئەمىن 1925- يىلى قاغىلىقتىن بىر كىشىنىڭ ﻫەمراﻫلىقىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ، مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەﻫىرىدە "دارىلئېتام" دا ئوقۇغان. 1938 –يىلى مەككىگە كېلىپ يەرلەشكەن. ئۇ مەككىدە بىر ئۇستىنىڭ يېنىدا تىكىشچىلىككە شاگىرتلىققا كىرىپ تىكىشنى ئۆگەنگەن. بىز 1950- يىللىرى مەككىگە كەلگىنىمىزدە، مەككىنىڭ قەدىم كوچىلىرىدىن ‘بۇخارىي كوچىسى’ دەپ ئاتىلىدىغان كوچىدا بىر قانچە ئۇيغۇرنىڭ دۇكىنى بولۇپ، شۇ دۇكانلارنىڭ يېنىدىكى بىر تىكىش دۇكىنىدا تىكىشچىلىك قىلىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن ئىدىم. شۇنىڭدىن 10 ياكى 15 يىل كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان ﻫۆكۈمىتى شۇ ۋاقىتتىكى مىسىر رەئىسى جامال ئابدۇنناسىر بىلەن ئارىسى بۇزۇلغانلىق سەۋەب بىلەن تارىختىن بىرى مىسىردىن كېلىۋاتقان كەبىنىڭ يوپۇقىنى مەككىگە ئېلىپ كېلىشتىن توسقان ۋە كەبىنىڭ يوپۇقىنى ئۆزىمىز توقۇيمىز دېگەن مەقسەت بىلەن مەككىنىڭ ﻫازىرقى كونا جىددە يولىدا ‘كەبىنىڭ يوپۇقىنى توقۇش فابرىكىسى’ نى قۇرۇپ چىققان. ئابدۇرېﻬىم ئەمىن سەئۇدى ئەرەبىستانى تەۋەسىدە ئۇستا خەتتات بولۇپ تونۇلغانلىقتىن، ئۇ مەزكۇر فابرىكىدا كەبىنىڭ يوپۇقىغا ﻫۇسنىخەتلەرنى يېزىش ئىشلىرىغا تەيىنلەنگەن. كېيىنچە شۇ فابرىكىنىڭ باشلىقى بولغان".
سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى "ئىسلام دۇنياسى ئىتتىپاقى" دا خەلقئارا ئىسلام قۇرۇلتايلىرىنى بېكىتىش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتقان ۋەتەنپەرۋەر ئۇستاز رەﻫمەتۇللا ئەنايەتۇللانىڭ ئېيتىشىچە: ئابدۇرېﻬىم ﻫاجىم 1980- يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سابىق رەئىسى ئىسمائىل ئەﻫمەد سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەلگەندە، ئىسمائىل ئەﻫمەد بىلەن سۆﻫبەتلىشىپ، ئۆزىنىڭ قاغىلىقتىن ئىكەنلىكىنى ۋە بەزى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىكەن.
مەككە مۇكەررەمدىكى كەبىنىڭ ئىشىكىگە يېزىلغان ئۇيغۇر ئىسمى
"ﻫەرەمدىكى مەشﻬۇر ئۇيغۇرلار" دېگەن ماقالىلارنى يازغان ئەﻫمەد مۆمىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە: ئابدۇرېﻬىم ﻫاجىم ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە ئانچە كۆپ ئارىلىشىپ كەتمەيدىغان كىشى بولغانلىقتىن كۆپ ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ ﻫەققىدە بىر نەرسە بىلمەيدىكەن.
ئابدۇلئەزىز يۇنۇس ﻫاجىم مۇنداق دەيدۇ: "ئابدۇرېﻬىم ئەمىن زەگەرلىكتە بىرىنچى، توقۇمىچىلىقتا بىرىنچى ۋە خەتتاتلىقتا بىرىنچى بولغان ئادەم ئىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى قرالى ئابدۇلئەزىز كەبىنىڭ ئىشىكىنى ئالتۇندىن قىلىش ۋە يوپۇقنى يېڭىلاشنى قارار قىلغان بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا پۈتۈپ چىقىدۇ. بۇنى كۆرگەن قرال بۇلارنى كىمنىڭ قىلغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىپ خەتتات ئابدۇرېﻬىمنى ﻫۇزۇرىغا چاقىرتىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولۇپ، قانداقلا ﻫاجىتى بولسا راۋا قىلىپ بېرىشنى ئېيتقاندا، ئابدۇرېﻬىم ئەمىن، "مېنىڭ ئىسمىم كەبىنىڭ ئىشىكىگە يېزىلىپ قالسا" دېگەن تەلەپنى قويىدۇ. قرال بۇ ئادەمنىڭ ئېسىللىكىدىن تەسىرلىنىپ تەلىپىنى دەرﻫال قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئىسمى كەبىنىڭ ئىشىكىگە يېزىلىپ قالىدۇ. كېيىنچە ئابدۇرېﻬىم ئەمىن 300 دىن كۆپرەك ئادەم ئىشلەيدىغان "كەبىنىڭ يوپۇقىنى توقۇش فابرىكىسى" غا باشلىق بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. شۇنىڭدىن 30- 40 يىللار كېيىن ئابدۇرېﻬىم ئەمىن كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولىدۇ.
ئەﻫمەد مۆمىن ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: "مەن بۇ كىشىنى 1980- يىلىنىڭ باشلىرىدا ئىستانبۇلنىڭ لالەلى دېگەن يېرىدىكى بىر مېﻬمان كۈتۈشتە كۆرگەن ئىدىم. ئۇ ۋاقىتتا بۇ كىشى 60 بىلەن 65 ياشلار ئارىسىدا ئىدى. شۇ چاغدا يېنىدا 8-10 ياشلار ئارىسىدىكى بىر بۇغداي ئۆڭلۈك قىزى بار ئىدى. ئۇ كىشىنىڭ پەرزەنتى بولمىغانلىقتىن بۇ قىزنى بىر ئەرەبتىن بېقىۋالغان ئىكەن. مەن ئۇ قىزدىن ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئويناپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىۋىدىم. شۇنچە چىرايلىق ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئويناپ بەردى".
بۇنىڭدىن ئابدۇرېﻬىم ﻫاجىمنىڭ مىللىي غۇرۇرى كۈچلۈك بىر كىشى ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش ئانچە قىيىن ئەمەس. چۈنكى ئەرەبتىن بېقىۋالغان بىر قىزنىڭ ئۇيغۇرچە پاراڭغا جاۋاب بېرەلىشى ۋە ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينىيالىشى ئۇنىڭ ئائىلە تەربىيىسىدىن كېلىپ چىققان بىر ئىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە 1980 – يىللاردا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئانا ۋەتەندىكىلەرنىڭ قارام – قاتناشلىرى ئەمدىلا باشلانغان بىر ۋاقىت ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا بۇ جايدىكىلەر ﻫازىرقىدەك كۆپ ئۇيغۇرنى ئۇچرىتالمايتتى. ﻫازىرقىدەك سىنئالغۇ ئەسۋابلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ئۇسسۇللارنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىمۇ يوق ئىدى. دىمەك بۇ ئەرەب قىزىغا ئۇيغۇر تىلىنى ۋەئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئويناشنى ئابدۇرېﻬىم ﻫاجىم بىلەن ئايالىنىڭ ئۆگەتكەنلىكى ئېنىق. ئابدۇرېﻬىم ئەمىن ﻫاجىم كېيىن يەنە بىر ئوغۇل بالا بېقىۋالغان ئىكەن. ﻫازىر ئابدۇرېﻬىم ﻫاجىملارنىڭ مەككىدىكى چوڭ ئۆيىدە شۇ ئىككى بېقىۋالغان پەرزەنتلىرى ئولتۇرماقتا ئىكەن. خەتتات ئابدۇرېﻬىم ئەمىن ﻫاجىم 1993- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەﻫىرىدە ۋاپات بولغان ئىكەن.
www.kuktulpar.com