مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3330|ئىنكاس: 12

لۈكچۈن خانلىق مەدرىسە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-18 05:57:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1755– يىلى (چيەنلۇڭ 20- يىلى) چىڭ سۇلالىسى ئەسكەر چىقىرىپ جۇڭغارنى بىسىقتۇرغاندىن كىيىن ئالتە شەھەر(قەشقەرىيە )گە يۈرۈش قىلىدۇ . شۇ يىللاردا چىڭ سۇلالىسى قۇشۇننىڭ ھەربىي يۈرۈشىگە ماسلىشىپ خىزمەت كۆرسەتكەن ئىمىن خوجىغا 1763 – يىلى چىڭ خاندانلىقى "دەۋلەجۇنۋاڭ " ئەمىلى بېرىدۇ . ئىمىن خۇجا ۋاڭلىق مەنسىپىدە ئولتۇرغاندىن كىيىن ، لۈكچۈن قەدىمىي ئوردىنىڭ شىمال تەرىپىگە مەدرىس سالدۇرۇپ ، ئۇنىڭغا " لۈكچۈن بەگلىك مەدرىسى " دەپ نام بېرىدۇ  . بۇنىڭ ئورنى تەخمىنەن 30 مو  دىن ئارتۇقراق بۇلۇپ ، ئۇنىڭ ئىمارەت قۇرۇلمىسى شەرىقتىن غەرىبكە سوزۇلغان .ئۇنىڭ ئەگمەپەشتاقلىق دەرۋازىسى شەرىققە قارىغان بۇلۇپ ، دەرۋازىنىڭ شىمالى بىلەن جەنوبىدا 40 مىتىر ئىگىزلىكتە ئىككى مۇنار ى بار . دەرۋازىدىن مەدرىس ھويلىسىنىڭ شىمال ۋە جەنۇب تەرەپلىرىدە ،ئۈچتىن ئالتە دەرسخانە بۇلۇپ،ئارلىقتا كەڭلىكى 150 مىتىر ئەتراپىدا بولغان مەيدان بار ، بۇ مەيداننىڭ غەربىي شىمالىدىن جەنۇبقا تۇغرىسىغا سېلىنغان خانىقا ،خانىقانىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالىدا 12 دىن 24 گۈمبەزلىك ھۇجرا بار  ، خانىقا 80 تۈۋرۈكلۈك پاشايۋاندىن ئىبارەت بۇلۇپ ، خانىقا بىلەن تۇتاش سېلىنغان 80 مېتىر ئۇزۇن ، 16 مېتىر كەڭلىكىدە بولغان ئېگىز گۈمبەزلىك مەسچىت بار . ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئىمىن ۋاڭ سالدۇرغان مەزكور مەسچىت كېيىنكى يىللاردا كۆپ قىتىم رىمونت قىلىنغان .      لۈكچۈن خانلىق مەدرىسكە ھەر يىلى پىچان ، تۇرپان ، توقسۇن ، كورلا ، ئۈرۈمچى ،گۇچۇڭ ،مورى ۋە قۇمۇل قاتارلىق جايلاردىن ئاز دېگەندىمۇ  1000 دەك تالىپ كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان .مەدرىستە ئەرەپ تىلى ، پارىس تىلى ، ئۇيغۇر تىلى ، ئەدەبىيات ، شەرىئەت قانونى ۋە پارائىز (ھېساب ) قاتارلىق دەرسلەر ئۆتۈلگەن .لۈكچۈن خانلىق مەدرىستە نۇرغۇن بەگ ، ئالىم ،ئۆلىمالار يىتىشىپ چىققان ، مەسىلەن : يەركەنگە ھاكىمبەگ بولغان مۇھەممەد سەئىدە ،« دىۋان نىيازى » نىڭ ئاپتورى شائىر نىيازى ، خەلق قىزىقچىسى مۇللا زەيدىن ، جامائەت ئەربابى ، ئىنقىلابى شائىر نەمەت خەلپەت ، ۋەتەنپەرۋەر جامائەت ئەربابى تاھىربەگ قاتارلىقلار مۇشۇ مەدرىستە بىلىم ئالغان .بۇ مەدرىس 1956 – يىلى بۇزۇۋېتىلگەنگە قەدەر قەددىنى روسلاپ كەلگەن .  

مەنبە:كەۋسەر بلوگى
http://kawsar.blogbus.com/logs/20306340.html

قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك

ھىچكىمنىڭ ھىچكى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11987
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8435
تۆھپە نۇمۇرى: 441
توردا: 1058 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2014-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-18 08:02:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سىزگە لۈكچۈن خانلىق مەدرىسىنىڭ تارىخىنى بىلىۋالدىم .مىنىڭ ئۆيۈم لۈكچۈن ۋاڭ ئوردىسى خارابىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدە مەن تۇغۇلسام بۇ ئوردا خارابىگە ئايلىنىپ بۇپتىكەن . لىكىن خانلىق مەدرىسە تىخى بار مەزموت قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا . ھەر جۈمە كۈنى بېرىپ جۈمە نامىزىنى ئۇقۇپ كىلىمەن .تىخى ئىككى ھېيت نامىزىدا كىشىلەر پۇل يىغىپ مەدرىسىنى رىمونىت قىلىپ تۇرىمىز .  لۈكچۈن ۋاڭلىق مەدرىسى شەرقىي چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدە بەرپا قىلىنغان مەدرىس بۇلۇپ جاھاننامە مەدرىسى دەپ ئاتىلىدۇ دەپ كۆرگەنىدىم بىر ماتىريالدىن



مانا بۇ لۈكچۈن خانلىق مەدرىسىنىڭ رەسىمى

ۋەتەن ساتقان خائىنلارنى تۇپراقمۇ ئۆز قوينىغا ئالمايدۇ............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36697
يازما سانى: 816
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3118
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 4933 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-18 08:16:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  sarsan0995 كە 2011-07-18 08:02 PMئەۋەتىلدى  :
رەخمەت سىزگە لۈكچۈن خانلىق مەدرىسىنىڭ تارىخىنى بىلىۋالدىم .مىنىڭ ئۆيۈم لۈكچۈن ۋاڭ ئوردىسى خارابىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدە مەن تۇغۇلسام بۇ ئوردا خارابىگە ئايلىنىپ بۇپتىكەن . لىكىن خانلىق مەدرىسە تىخى بار مەزموت قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا . ھەر جۈمە كۈنى بېرىپ جۈمە نامىزىنى ئۇقۇپ كىلىمەن .تىخى ئىككى ھېيت نامىزىدا كىشىلەر پۇل يىغىپ مەدرىسىنى رىمونىت قىلىپ تۇرىمىز .  لۈكچۈن ۋاڭلىق مەدرىسى شەرقىي چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدە بەرپا قىلىنغان مەدرىس بۇلۇپ جاھاننامە مەدرىسى دەپ ئاتىلىدۇ دەپ كۆرگەنىدىم بىر ماتىريالدىن



مانا بۇ لۈكچۈن خانلىق مەدرىسىنىڭ رەسىمى
.......


بىر مەھەللىك ئىكەن مىزدە، بىزنىڭ ئۆيمۇ مەدىر سىگە يىقىن مۇنار كۆرنۈپ تۇردۇ
يۇقارقى تارىختا خاتالىق بارمۇ قانداق؟ ئىسىڭىزدە بامىكىن نەسرۇللا مەخسۇم ھاجىم 600-700 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇمەدىرسە دىگەنتى، تىخى ئەمدى 250 بۇلدىما؟

سۇقۇلدىغان ساندال بۇلغۇچە، ئۇرىدىغان بازغان بۇل

نىيازى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45569
يازما سانى: 803
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9962
تۆھپە نۇمۇرى: 935
توردا: 3549 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-18 08:19:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىگە رەھمەت. بىز سانجى گۇچۇڭ جىمسار ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى كۆپ قىسمى لۈكچۈندىن ... داۋاملىق مۇشۇنداق ۋاقىتتا لۈكچۈنگە قۇمغا كۆمۈلگىلى بارىدۇ... ئامانشاھ يېزىسىدىكى قۇملۇققا....ئۇ يەرنىڭ ئادەملىرى بەك مېھماندوست ھەم شۇنداق ساددا...

نىيازى يازمىلىرى جەمگاھى «پەرىشتە كوچىسى 123-نومۇر» malak8814 ئۈندىدار سالونى

ھىچكىمنىڭ ھىچكى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11987
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8435
تۆھپە نۇمۇرى: 441
توردا: 1058 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2014-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-18 08:23:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  mostafa كە 2011-07-18 08:16 PMئەۋەتىلدى  :



بىر مەھەللىك ئىكەن مىزدە، بىزنىڭ ئۆيمۇ مەدىر سىگە يىقىن مۇنار كۆرنۈپ تۇردۇ
يۇقارقى تارىختا خاتالىق بارمۇ قانداق؟ ئىسىڭىزدە بامىكىن نەسرۇللا مەخسۇم ھاجىم 600-700 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇمەدىرسە دىگەنتى، تىخى ئەمدى 250 بۇلدىما؟  
مەدرىسىنىڭ تارىخى خېلى ئۇزۇن .مەخسوم ھاجىمنىڭ 600-700  يىللىق تارىخقا ئىگە دىگەنلىكى مىنىڭمۇ يادىمدا لىكىن بۇ يازمىدا شۇنداق دەپتىغۇ تاڭ

ۋەتەن ساتقان خائىنلارنى تۇپراقمۇ ئۆز قوينىغا ئالمايدۇ............

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44553
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15774 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-18 08:33:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن يىقىندىلا لۈكچۈنگە بارغان ، لۈكچۈن بازىردا ئۇنداق يەرنى ئۇچراتمىدىمغۇ ؟ ئەمما ئىسسىق ئالامەت بولدىكەن.........

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

گەپنىڭ ئېزى ھەسە

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48109
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5461
تۆھپە نۇمۇرى: 590
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2011-7-17
ئاخىرقى: 2011-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-19 12:23:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر.لۈكچۈن خانلىق مەدرىسىنىڭ  تارىخى  بىلەن تۇنۇشۇۋالدىم ئەمما تىمىڭىزنى بىر قانچە رەت ئۇقۇشقا توغرا كەلدى ،چۈنكى تارىخ توغرىسىدا بىلدىغىنىم ئاز بولغاچقا ياخشىراق چۈشەنجىگە ئىگە بۇلاي دىدىم ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14804
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8094
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-19 09:29:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدى مۇنار- پەشتاقلىرى خېلى ياخشى تۇرۇپتۇ . ئىچىنىمۇ ياخشىراق رىمىنوت قىلدۇرساق بۇلاتتى

نەغەمى

ئۆرۈك بۇلۇپ شاخل

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27918
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5204
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 1420 سائەت
تىزىم: 2011-1-26
ئاخىرقى: 2012-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 05:09:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزغا رەخمەت.ئەسلى ئەجدادلىرىمىزدىن قىلىپ قالغان جايلارنى ياخشى ئاسرىشىمىز كېرەك ئىدى.بەزىلىرى ئىچىنىشلىق ھالدا ئـۆرۈلۈپ چۇشكەن.لۈكچۈن ھەقىقەتەن تۇرپاننىڭ ئەڭ ئىسسىق يىرى.يازنىڭ مۇشۇنداق كۇنلىرى ئالامەت قىزىپ كىتىدۇ.ئۇزۇنغا سوزۇلغان قۇملۇقمۇ ئۈرۈمچى، قارىماي ....دىگەندەك جايلاردىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ قۇمغا چۈشۈپ داۋالىندىغان ياخشى جايى.قۇملۇق تۇغرىسىدىمۇ ئەجدادلىرىمىزدىن قىلىپ قالغان نۇرغۇنلىغان رىۋايەتلەر بار.يەنىلا تىمىڭىزغا رەخمەت .

يولۋاسنى يەڭگەن،شېرىن سوزگە ئەل بولدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44007
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4244
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1505 سائەت
تىزىم: 2011-6-10
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 11:19:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
、ئامانشاغا بارساڭلار ئۆيىمىزگە تەكلىپ قىلىمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش