توقسۇ ناھىيە ئۈچقات يېزا يۇلغۇنشەھەر كەنتىنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى قۇملۇقتا يەنى يېزىلىق ھۈكۈمەتكە تەخمىنەن20 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا خەن سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت بىر قەدىمىي شەھەر خارابىلىقى بولۇپ ، بۇ قەدىمكى شەھەر خارابىلىقى داۋانقۇم قەدىمىي شەھىرى خارابىلىقىدۇر .
جۇڭخۇا مىنگونىڭ 17 – يىلى ( 1928 – يىلى ) 9 – ئايدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرستېتى ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ پروفسسورى ، مەشھۇر ئالىم خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندى غەربىي شىمال ئىلىم –پەن تەكشۈرۈش ئۆمىكى بىلەن بىرگە شىنجاڭغا ئېكىسكۇرسىيەگە كېلىپ توقسۇ ناھىيەسىدىن ئۆتكەن . شۇ چاغدا خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندى بىلەن ئۆمەك ئەزالىرى ھازىرقى توقسۇ ناھىيە ئۈچقات يېزا يۇلغۇنشەھەر كەنتىنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى كەڭ كەتكەن قۇملۇقتىن داۋانقۇم قەدىمىي شەھەر خارابىلىقىنى بايقىغان .
خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندى‹‹ تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئارخىېئولوگىيە خاتىرسى ›› ناملىق ئەسىرىنىڭ 10 – بېتىدە داۋانقۇم قەدىمىي شەھىرىنى ، ‹‹ داۋانقۇم بۈك – باراقسان يۇلغۇنلار بىلەن قۇم دۆۋىسىنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان بولۇپ ، سېپىل تېمىنىڭ ئىزلىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ ، پەقەت ئېگىز دۆڭنى كۆرگىلى بولىدۇ ، تۆت ئەتراپىنىڭ ھەممىلا يېرىدە كاھىش پارچىلىرى ۋە كىچىك مىس پۇللار چېچىلىپ ياتىدۇ ، خارابىلىقنىڭ كۆلىمى ناھايىتى چوڭ ئىكەن ›› دەپ يازغان . ‹‹توقسۇ ناھىيەسىنىڭ تەزكىرىسى ›› ناملىق خەنزۇچە كىتاپنىڭ 3 – بېتىدە : ‹‹ شەرقىي خەن سۇلالىسى يوڭپىڭنىڭ17 – يىلى غەربىي يۇرت قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى كۈسەننىڭ تاۋقان شەھىرى ( بۈگۈنكى توقسۇ ناھىيىسى ئۈچقات يېزىسىنىڭ غەربىي جەنۇبى ) غا تەسىس قىلغان ۋە شەرقىي خەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ، يوڭيۈەننىڭ 3 – يىلى (مىلادى91 – يىلى ) 12 – ئايدا بەنچاۋنى باش قۇرۇقچىبەگلىككە تەيىنلىگەن ، بەنچاۋ كۈسەننىڭ تاۋقان شەھىرىدە تۇرغان ›› دېيىلگەن . خۇاڭۋېنبى ئەپەندى يەر ئاستىدىكى يادىكارلىقلارنى قېزىش ئارقىلىق ، بۇ جايدىن غەربى خەن سۇلالىسى دەۋرىگە تەئەللۇق بەش مىسقاللىق مىس پۇل ، كۈسەن بەگلىگىنىڭ كىچىك بەش مىسقاللىق مىس پۇلى ، قاشتېشىدىن ياسالغان تۈرلۈك زىبۇ – زىننەت بۇيۇملىرى ، يېڭى تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە توغرا كېلىدىغان يېشىل قاشتېشىدىن سۈركەپ ياسالغان ئىككى دانە پالتا ، قاشتېشى پىچاق ، تۆمۈر دەستە ، نۇرغۇن كاھىش پارچىلىرى قاتارلىق قەدىمكى زامان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تاپقان بولۇپ ، قاشتېشىدىن ياسالغان زىبۇ– زىننەت بۇيۇملىرىغا قۇرت ، ھايۋان ۋە ئادەمنىڭ سۈرەتلىرى ئويۇلغان . يېشىل قاشتېشىدىن سۈركەپ ياسالغان پالتىنىڭ ئېگىزلىگى4.7 سانتىمېتىر ، بىسىنىڭ كەڭلىكى تۆت سانتىمېتىر ، دۈمبىسىنىڭ كەڭلىگى 3.2سانتىمېتىر ، قېلىنلىقى ئالتە سانتىمېتىر كېلىدۇ . خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندى يەنە بۇ ئەتراپتىن گۈلخان ، قەلئە ۋە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خارابىلىقىنى بايقىغان ، بۇ خارابىلىقنىڭ كۆلىمى ۋە جايلىشىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا ، بۇ ئەتراپ خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولغان ھەربىي ئىشلار ۋە ئاھالىلار ئولتۇراقلاشقان مەركىزىي رايون ئىكەنلىكىنى ، بۇ شەھەردىن ئانچە يىراق بولمىغان ئۈچقات قەدىمىي شەھىرىدىن غەربى خەن سۇلالىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قۇرۇقچىبېگى لىچۇڭنىڭ شەخسىي تامغىسىنى تاپقانلىقىنى ، ئۇ قەدىمكى كىتاپ ۋە مول ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتىغا بىرلەشتۈرۈپ ، بۇ جاينى‹‹كېيىنكى خەننامە›› ، ‹‹بەنچاۋ تەزكىرىسى›› ۋە ‹‹ لياڭ جىن تەزكىرىسى››قاتارلىق ئەسەرلەردە خاتىرلەنگەن كۈسەننىڭ تاۋقان شەھىرى ئىكەنلىگىنى دەلىللىگەن ۋە ئەينى يىلى ئۇ داۋانقۇم رايونىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش لىنىيە خەرىتىسىنى قول بىلەن ئېنىق سىزىپ چىققان . بۇ بايقاشلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى كۈسەن رايونىنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالى ۋە تۇرمۇش قىياپىتىنى جۇڭگو ئارخېئولوگىيە ئالىملىرىنىڭ ئالدىدا تۇنجى قېتىم نامايەن قىلغان . كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئارخېئولوگىيە خادىملىرى داۋانقۇم قەدىمىي شەھەر خارابىلىقى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ئۈچقات قەدىمىي شەھەر خارابىلىقىنى قېزىش ئارقىلىق داۋانقۇم قەدىمىي شەھىرىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىسپاتلاپ ، داۋانقۇم قەدىمىي شەھىرىنى‹‹جۇڭگو تارىخىنىڭ خەرىتىلەر توپلىمى››غا كىرگۈزگەن .
داۋانقۇم قەدىمىي شەھىرىنىڭ تارىخى قەدىمكى زاماندىكى قەھرىمان بەنچاۋ ۋە ئۇنىڭ تۆھپىسى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان . شەرقىي خەن سۇلالىسى يوڭپىڭنىڭ17– يىلى( مىلادى 74 – يىلى ) شەرقىي خەن سۇلالىسى ھۈكۈمىتى كۈسەننىڭ داۋانقۇم قەدىمىي شەھىرىدە قۇرغان غەربىي يۇرت قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە ئالىي سەركەردە چېن مۇنى تۇنجى قۇرۇقچىبەگلىككە ، يۇڭيۈەننىڭ 3 – يىلى ( مىلادى91 – يىلى ) بەنچاۋنى قۇرۇقچىبەگلىككە ، ئۇنىڭدىن كېيىن رېن شاڭ ، دۇەن شىنى قۇرۇقچىبەگلىككە ، جاۋبۇنى چەۋەندازلار بېشى قىلىپ تەيىنلەپ ، داۋانقۇم قەدىمكى شەھرىدە تۇرغۇزغان . داۋانقۇم قەدىمىي شەھىرى شەرقى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە پۈتكۈل غەربىي يۇرتنىڭ ھەربىي ئىشلار ۋە مەمۇرىي مەركىزىگە ئايلانغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە بەنچاۋنىڭ قۇرۇقچىبەگ بولغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن . شەرقى خەن سۇلالىسى يۇڭ يۈەننىڭ 12 – يىلى ( مىلادى 100 – يىلى ) بەنچاۋ چاچ ساقاللىرى ئاقىرىپ ماغدۇرىدىن قالغاچقا ، شەرقى خەن سۇلالىسى ئوردىسىغا يۇرتى لوياڭغا قايتىپ كېتىش ئارزۇسى بارلىقى توغرىسىدا مەكتۇپ يوللىغان بولۇپ ، ئوردىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە قايتىپ كېتىپ يوڭ يۈەننىڭ 14 – يىلى ( مىلادى 102 – يىلى ) كېسەل سەۋەبىدىن 70يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن .
1995 – يىلى ، توقسۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى ۋە تارىخىي تەزكىرە ئىشخانىسىدىكى خادىملار داۋانقۇم قەدىمىي شەھىرىدىن 20 تالدىن كۆپرەك قەدىمىي پۇل ۋە چوڭ ئىدىشتىن ئىككىنى قېزىۋالغان . بۇ قەدىمكى شەھەرنىڭ جەنۇبىغا بەش كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى ساڭتام دېھقانچىلىق مەيدانىدا بوز يەر ئاچقاندا ، ھاراق رومكىسى ۋە قەدىمىي پۇل قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قېزىۋېلىنغان ۋە بۇ جايدىن يەنە قەدىمىي قۇرۇلۇش خارابىسى ۋە زور مىقداردىكى كاھىش پارچىلىرى چىققان ، شۇ يىلى ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى بۇ يەرنى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش دائىرىسىگە كىرگۈزگەن .
توقسۇ ناھىيەسى بەنچاۋنىڭ داۋانقۇم شەھىرىدە 12يىل قۇرۇقچىبەگلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ ، چېگرا رايوننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى خاتىرىلەپ ، كۈسەن مەدەنىيەت ماركىسىنى يارىتىپ ۋە مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتنى جارى قىلدۇرۇپ ، قويۇق تارىخىي مەدەنىيەت كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ، 2003 – يىلى بەنچاۋنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان مەدەنىيەت مەيدانى ياساشقا كىرىشىپ ، 2005 – يىلى سىرتقا رەسمىي ئېچىۋەتكەن . بەنچاۋ مەدەنىيەت مەيدانىدا ئالتە دانە ئاق رەڭلىك قاپارتما نەقىشلىك تۈۋرۈك تۇرغۇزغان بولۇپ ، بۇ نەقىشلەردە يىپەك يولى ، كۈسەن ناخشا – ئۇسسۇلى ، توقسۇنىڭ ئازاتلىقى ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتىپاقلىقى ، توقسۇنىڭ مەنزىرىسى يارقىن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن . 2010 – يىلى بۇ ناھىيە بەنچاۋنىڭ ھەيكىلىنى بەنچاۋ مەيدانىغا تۇرغۇزۇپ ، 7 – دېكابىر بەنچاۋ ھەيكىلىنىڭ يۇپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن .
مەنبە: شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلىرى
http://uyghur.xjass.com/uyghur/c ... /content_189200.htm