مورى ناھىيەلىك مىللەتلەر مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان شىنجاڭنىڭ قەدىمكى پۇللىرى
مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدە 1978–يىلىدىن باشلاپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئارخېئولوگىيە خىزمىتى باشلانغان بولۇپ ، بىر قانچە يىل خەلق ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان توپلاش خىزمىتىدىن كېيىن بۈگۈنكى ناھىيەلىك مىللەتلەر مۇزېيى بارلىققا كەلگەن . شۇ چاغدىن باشلاپ، خەن دەۋرىدىن تاڭ سۇلالىسىغىچە ئىشلىتىلگەن قەدىمي پۇللار مۇزېيدا ساقلىنىپ ، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ داڭلىق ئىقتىساد ۋە پۇل–مۇئامىلە مەركىزى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان .
1986–يىلى 6–ئايدا، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى قەبرىستانلىقتىن مارجان، قۇلۇلە، پۇل قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قېزىۋېلىنغان بولۇپ ، قېزىۋېلىنغان پۇلنىڭ رەڭگى سېرىق، ئۇزۇنلۇقى 1.5 سانتىمېتىر، كەڭلىكى بىر سانتىمېتىر، قېلىنلىقى بەش مىللىمېتىر كېلىدىكەن . دېڭىز قۇلۇلىسى — قەدىمكى زاماندىكى كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك ياخشى كۆرىدىغان زىبۇ–زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، دائىم ھەدىيە قىلىدىغان ، تارتۇقلايدىغان ئىشلارغا ئىشلىتىلگەن . كېيىن ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ، چىداملىق ، تەبىئىي بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغاچقا، ئىنسانلار ئۇنى پۇل ئورنىدا ئىشلەتكەن . ئۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى 16–ئەسىردىن 11–ئەسىرگىچە ئوبوروت قىلىنغان بولۇپ ، جۇڭگودا ئىشلىتىلگەن ئەڭ بۇرۇنقى پۇل ھېسابلىنىدۇ . دېڭىز قۇلۇلىسى ، مارجان ، مەرۋايىت قاتارلىقلار ئەسلىدەئېلىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇب دېڭىز بويلىرىدىن چىقاتتى . بىراق مورى ناھىيەسىدىكى قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنىشى ئۇنىڭ شىنجاڭغا ئېقىپ كىرىپ پۇل ئورنىدا ئوبوروت قىلىنغانلىقى مورى ناھىيەسىدىن تېپىلغان پۇللار بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا يەنە مورىنىڭ يىراق قەدىمكى زاماندا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى سۇلالىلەر بىلەن قويۇق ئالاقە قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ .
1986–يىلى ، تۈگمەنلىك سايدىن سانى بىرقەدەر كۆپ مىللىي ئۇسلۇبتىكى پۇللار قېزىۋېلىنغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ياقۇپبەگنىڭ تەڭگىسى ھەمدە گۇاڭشۈنىڭ تەڭگىسى بار ئىكەن . گۇاڭشۈ تەڭگىسى — 1877–يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ياقۇپبەگنى مەغلۇب قىلىپ جەنۇبىي شىنجاڭنى قايتۇرۋالغاندىن كېيىن ، شۇ يەرلىك ئاھالىلارنىڭ تەڭگە ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن ، ياقۇپبەگنىڭ تەڭگىسىگە تەقلىد قىلىپ قۇيغان تەڭگە .شۇڭا ، ياقۇپبەگنىڭ تەڭگىسى بىلەن گۇاڭشۈ تەڭگىسى يېزىق جەھەتتىنلا ئەمەس ، چوڭ– كىچىكلىكى ۋە قىممىتى ئاساسەن ئوخشاش . دىيامېتىرى تەخمىنەن 1.5 سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ . ئەندىزە بىلەن قۇيۇلغاچقا ، چوڭ–كىچىكلىكى ، قېلىن–نېپىزلىكى بىردەك ئەمەس ، ئۈستىدىكى يېزىقلار بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتكەن . 1987–يىلى ، مورى ناھىيەسىدىن قېزىۋېلىنغان 60 كىلوگىرامدىن كۆپرەك قەدىمىي پۇللارنى تاللاش داۋامىدا ، تۇركەش خانلىقىنىڭ بىر دانە مىس پۇلى بايقالغان .
تۇركەش — ئەسلىدە غەربىي تۈرك خانلىقى غەربىي رايوندىكى دۆلەتلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردىكى قەبىلە بولۇپ ، تۇركەش خانلىقىنىڭ پۇللىرى مىلادىيە 8–ئەسىردە غەربىي رايوندىكى تۇركەش خانلىقى قۇيۇپ تارقاتقان پۇللار بولۇپ ، شەكلى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ‹‹كەييۈەن توڭباۋ›› ناملىق پۇلغا ئوخشاپ قالىدىكەن . بۇنداق پۇلدىن بىر تالنى 1929–يىلى ئېلىمىزنىڭ ئارخېئولوگى خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندى كۇچا ناھىيەسىدىن تېپىۋالغان ، پۇلنىڭ ئوڭ يۈزىدە ئۇيغۇر يېزىقىدا ‹‹تۇركەش خاقان بايبېگى›› دېگەن خەت ، تەتۈر يۈزىگە چوڭ بىر ئەگرى–بۈگرى شەكىل چۈشۈرۈلگەن .
دېمەك ، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىن تېپىلغان قاراخانلار خانلىقىنىڭ قەدىمىي پۇللىرى ، بۈگۈنكى كۈندە قاراخانلار خانلىقىنىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرىدىكى ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئىشەنچىلىك ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ .
مەنبە: شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلىرى
http://uyghur.xjass.com/uyghur/c ... /content_194703.htm