1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، چار پادىشاھنىڭ جەسىتى قايتىدىن كۆمۈلگەن. رۇسىيەنىڭ ئاخىرقى چار پادىشاھى نىكۇلاس Ⅱ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ 80 يىللىقىدا، ئۇلارنى قايتىدىن دەپنە قىلىش مۇراسىمى رۇسىيەنىڭ 2-چوڭ شەھىرى سانكىت پېتىربۇرگتا ئۆتكۈزۈلگەن. رۇسىيەنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى پىرېزىدېنتى يېلىتسىن موسكۋادىن بۇ مۇراسىمغا قاتناشقىلى كەلگەن. ئەڭ ئاخىرقى چار پادىشاھ رۇسىيەگە 23 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان، بۇ جەرياندا رۇسىيەگە كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلغان، شۇڭا رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا دەپنە قىلىنمىغانلىق ئادىل بولمىغانلىق، دەپ قاراپ قايتىدىن دەپنە قىلغان.
1996-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى ھاۋا بوشلۇقىدا پارتلاپ كەتكەن. بۇ ئايروپىلان نيۇيورك كېننىدى ئايرودرومىدىن پارىژغا قاراپ ئۇچقاندا ئاتلانتىك ئوكياندا پارتلاپ كەتكەن. ئايروپىلاندىكى 228 كىشى قازا قىلغان. بۇ قېتىملىق پارتلاشنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىقلانمىغان بولسىمۇ، لېكىن تېررورچىلارنىڭ قىلمىشى ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغان.
1994-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، بىرازىلىيە كوماندىسى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن 15-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان. ئىككى تەرەپ نۇقتا توپ تېپىش ئارقىلىق، بىرازىلىيە كوماندىسى 3 كە قارشى 4 نەتىجە بىلەن ئىتالىيە كوماندىسىنى مەغلۇب قىلغان.
1976-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 21-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كانادانىڭ مونترېئال شەھىرىدە ئېچىلغان. 1-ئاۋغۇست ئاخىرلاشقان. سوۋېت ئىتتىپاقى 49 ئالتۇن مېدال بىلەن 1-ئورۇندا تۇرغان. گېرمانىيە 2-ئورۇندا، ئامېرىكا 3-ئورۇندا تۇرغان.
1920-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئۆمۈرلۈك پەخرى رەئىسى خۇئان ئانتونىيو سامارانچ ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى ۋاپات بولغان. ئۇ 21 يىل خەلقئارا ئولىمپىك كومىتىتىنىڭ رەئىسى بولۇش جەريانىدا، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى غەلبىلىك تاۋارلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومېتىتىنى ئىقتىسادىي كىرزىستىن قۇتۇلدۇرغان. 1991-يىلى 12-ئايدا سامارانچ ئىسپانىيە پادىشاھلىقى تەرىپىدىن كېنەزلىك مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەن. 2001-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۇ موسكۋادا پۈتكۈل دۇنيا خەلقىگە پايتەختىمىز بېيجىڭنىڭ 2008-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىغان ۋاقتىدا ئېلىمىز خەلقى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى.
مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى