مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 536|ئىنكاس: 2

تارىختىكى بۈگۈن(18-ئىيۇل) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-18 12:37:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1969-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، پۇتبول مۇسابىقىسى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن ئۇرۇش توختىتىلغان. تۆت كۈن بۇرۇن ھۇندۇراس بىلەن سالۋادور ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسىدە جېدەل كېلىپ چىققانلىقتىن، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئۇرۇش قوزغالغان، بۇ ئۇرۇشتا 1000 كىشى قازا قىلغان. 4 كۈن ئىچىدە ئىككى دۆلەت قوشۇن چېكىندۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان. بۇ قېتىملىق توقۇنۇش ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىكى زىددىيەتنىڭ چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

1965-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، لاتىن ئامېرىكىسى پارلامېنتى قۇرۇلغان. تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى:سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ بىردەكلىك ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تەڭشەش، ئەزا دۆلەتلىرى بىرازىلىيە، كولۇمبىيە، كوستارىكا، مېكسىكا، پاراگۋاي قاتارلىق 16 دۆلەت ۋە رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

1955-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۇنجى دېسنىي باغچىسى ئاممىغا رەسمىي ئېچىۋىتىلگەن. 1901-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى، دېسنىي باغچىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋولت دېسنىي چىكاكودا دۇنياغا كەلگەن. مىككى چاشقىنى ئوبرازىنى ئامېرىكا كارتون فىلىمنىڭ ئاۋانگارتى ۋولت دىسنىي بارلىققا كەلتۈرگەن. 20 ياشلار ۋاقتىدا، كارتون فىلىمنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. ئۇ تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان جاي ھوللىۋۇدنىڭ كونا ماشىنا قويىدىغان ئۆيى بولۇپ، چاشقانلار ئىنتايىن جىق ئىدى. ئۇ ۋاقىت تاپسىلا، چاشقاننىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتەتتى. بۇ جەرياندا ئۇ چاشقان مىككى ئوبرازىنى يارىتىپ چىققان. ئەسلىدە كىشىنى بىزار قىلىدىغان چاشقان دىسنىينىڭ قەلىمى ئاستىدا، شوخ، كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغان ئوماق چاشقانغا ئايلانغان. دىسنىي گەرچە ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ مىككى چاشقىنى ئوبرازى ئەينى يىللاردىكىدەك يەنىلا ياش، شوخ، يۇمۇرىستىك ھالىتىنى ساقلاپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە. 1966-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.

1918-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى ماندېلا دۇنياغا كەلگەن.1990-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ رەھبىرى ماندېلا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن. 23يېشىدا ئۇ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئىككى ئۇنۋېرسىتېتتا ئوقۇغان. 1950-يىلى ماندېلا ئافرىقا ئەللىرى ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 1962-يىلى 11-ئايدا ماندېلا «ئىش تاشلاشقا كۈچكۈرتكەن»،«قانۇنسىز چېگرىدىن كىرگەن» دېگەن جىنايەت بىلەن بەش يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان، كېيىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئايلانغان. ماندېلا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى ھېسابلىنىدۇ. ماندېلا جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، جۇڭگودا كۆپ قېتىم زىيارەتتە بولغان.

1899-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، كيۇرى ئەر-ئايال ئېلېمىنت پولونىينى بايقىغان. 1867-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى، كيۇرى خانىم پولشادا دۇنياغا كەلگەن. 1934-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. كيۇرى خانىم فرانسىيەنىڭ فىزىكا، خىمىيە ئالىمى، دۇنيادىكى داڭلىق ئالىم، رىئاكتىپ ھادىسىسىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا، رادىي بىلەن پولونىيدىن ئىبارەت ئىككى تەبىئىي رىئاكتىپ ئېلىمىنتنى بايقىغان، ئۆمرىدە ئىككى قېتىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، 1-قېتىم نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى، 2-قېتىم نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. رادىينى تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، كيۇرى خانىم يولدىشى بىلەن ئۈچ يىل توققۇز ئاي ئىچىدە نەچچە توننىلىق كان ئەخلەتلىرى ئىچىدىن 0.1 گرام رادىينى چەككىلەپ چىققان. داڭلىق ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، كيۇرى خانىمدا باشقا ئالىملاردا بولمىغان ئىجتىمائىي تەسىرى بار. چۈنكى ئۇ غەلبە قازانغان ئاياللارنىڭ ئاۋانگارتى، ئۇ نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى. نۇرغۇنلىرىمىز كىچىك ۋاقتىمىزدىلا ئۇنىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلىغان. كىشىلەرنىڭ كيۇرى خانىمغا بولغان تونۇشى-ئۇنىڭ 2-قىزىنىڭ 1937-يىلى نەشىر قىلغان «كيۇرى خانىم» دېگەن كىتابىدىن كەلگەن. ئۇنىڭ چوڭ قىزىمۇ فىزىكا ئالىمى، يولدىشى بىلەن سۈنئىي رادىئاكتىپ ماددىنى تاپقاچقا بىرلىكتە نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

بۈگۈن دۇنيا دېڭىز-ئوكيان كۈنى. 1997-يىلى 7-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق خەلقئارا دېڭىز ئوكيان يىلى پائالىيىتىگە قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلىپ. ھەر يىلى 18-ئىيۇلنى «دۇنيا دېڭىز-ئوكيان كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن.
مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-18 03:07:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1918-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى ماندېلا دۇنياغا كەلگەن.1990-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ رەھبىرى ماندېلا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن. 23يېشىدا ئۇ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئىككى ئۇنۋېرسىتېتتا ئوقۇغان. 1950-يىلى ماندېلا ئافرىقا ئەللىرى ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 1962-يىلى 11-ئايدا ماندېلا «ئىش تاشلاشقا كۈچكۈرتكەن»،«قانۇنسىز چېگرىدىن كىرگەن» دېگەن جىنايەت بىلەن بەش يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان، كېيىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئايلانغان. ماندېلا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى ھېسابلىنىدۇ. ماندېلا جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، جۇڭگودا كۆپ قېتىم زىيارەتتە بولغان.

ئۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇگىنىش ئۆلگىمىز!

قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6222
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9612
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 561 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2014-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-19 03:47:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما يولىغىچىغا رەخىمەت.

ئاللا نىڭ ھەر بىر بەرگەن سۇۇغىتى سەۋەپسز ئەمەستور.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش