مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5175|ئىنكاس: 16

كۈلپەت،كۈلكە،زۇلمەت،ئامەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىرسى دىدى تۇخۇم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1550
يازما سانى: 361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3806
تۆھپە نۇمۇرى: 511
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-17 09:15:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،تورداشلىرىم،بۈگۈن سىلەرگە دوستۇمنىڭ دىيىشكە بولمايدىغا،دەۋالمىسا ئىچى بوشىمايدىغان مەخپىيەتلىكلىرىنى ئېلىپ كەلدىم.
نىمە مەخپىيەتلىك دەمسىلەر.................ئالدىراتماڭلار،مانا ھازىرلا سۆزلەپ بېرىمەن.
بۇ ئاداش  ئۈرۈمچىگە قىز بالىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ  بىر ئوبدان كاۋاپچىلىق قىلىدىغان دۇكىنىنى تاشلىۋېتىپ چىققانمىش،تۇرقىدىن قارىسا رومانتىكا دىگەندىن ئەسەرمۇ  يوق،دائىم قاپىقى تۈرۈلۈپلا تۇرغان،شۇنداق جاھىل،ئەمما ئالدىراپ بىرسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالمايدىغان بوي بەستىدىن بوكسىيورچىغىلا ئوخشايدىغان ئاداش،ئەمما ئاغزىدىن چىقىۋاتقان مۇھەببەت ھېكايىسىنى ئاڭلىسىڭىز كىرىشىپلا قالىسىز،ئۇنىڭ ھېكايىسى  كىچىچە ئۇخلىماي ئاڭلىساقمۇ تۈگىمەيدۇ،بولدىلا........قالغان ھېكايىسىنى كېيىن سۆزلەيلى،بۈگۈن مەن ئەغىنەمنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئەڭ يېڭى ھېكايىسىنى سۆزلەپ بىرەي.
بۇ ئاداش بۇلتۇر يۇرتقا قايتىپ خۇتۇن ئالغان،ھەممىمىز مۇبارەكلەشكەن ئىدۇق،شۇ كۆرۈشمىگەنچە مانا  تېخى تۈنۈگۈن كۆرۈشتۇق،ھەيران قالدىم،
ئۇرۇقلاپ كىچىككىنە بولاپ قاپتۇ،قۇچىقىدا  بالىسى،يېنىدا ئايالى،‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاداش،ئەھۋالىڭ قانداراق؟دەپ ئەھۋال سوراپ  بولغىچە بالىسى تەرەت قىلىۋەتتى،ئاغىنەم بالىنى توسۇپ بولغىچە ئايالى سۆزلەپ كەتتى:‹‹بىر بالىنى ئوڭلاپ باقالمىغان،بالا  باقالمىغان ئادەم بالا  تاپقىچە جىم ياتسىڭىز بولمامدۇ؟››‹‹بولدى قىلىڭلا خۇتۇن››دىدى ئاغىنەم بوش ئاۋازدا.
__ مىنىڭ كۈنۈم دادا بالا ئىككىڭنىڭ كىيىمىنى يۇيۇش بىلەن ئۆتەمدۇ زادى.................خىزمەتكار ئالدىم دەپ قالغانمۇ؟قانداق قىلسىڭىز قىلىڭ........
دوستۇم ئالدىمدا خىجىل بولۇپ تۇرۇپ قالدى.‹‹ئاداش،بىردەم پاراڭلاشمامدۇق؟›› دىدىم مەن ئۇنى چاقىرىپ.
__ بولدى ئاداش،كىيىنچە بولسۇن،ساڭا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بار.........................

بۈگۈن ئاغىنەم بىلەن پاراڭلىشىدىغانغا ئاخىرى پۇرسەت كەلدى،بىز پارىڭىمىزغا باشقىلارنىڭ دەخلى قىلماسلىقى ئۈچۈن خىلۋەت بىر يەرگە كېلىپ ئولتۇردۇق.
__ قېنى ئاداش ،بىز ئاغىنە باللا ھەممىمىز  سىنى تۇرمۇش قۇرۇۋالدى دەپ خوش بوپ يۈرگەن ئىدۇق،قارىسام دەردىڭمۇ خېلى باردەك،دىگىنە! نىمە ئىشلار بوپ كەتتى..........................؟
__ ئاداش،سەن مىنىڭ ئەڭ يېقىن ئاغىنەم،دەردىمنى ساڭىلا ئېيتىمەن،بىلىسەن ئاداش،بىر يېرىم يىل بۇرۇن يۇرتقا كەتكەنتىم،يۇرتقا بېرىشىمغىلا ئۆيدىكىلەر ‹‹ئۆيلەپ قويىمىز ››دەپ تۇرۇۋالدى،‹‹ئالدىرىماڭلار،كىيىنراق قىلاي››  دەپ خېلى تارتىشىپ باقتىم،بىراق ئۆيدىكىلەر ئۇنىمىدى،مەنمۇ 25 كە كىرىپ قالغاچقا دادام بەك چىڭ تۇرۇۋالدى،‹‹يا خۇتۇن ئالىسەن،يا ئۆيدىن چىق،سەندەك بالام يوق خۇتۇن ئالمىساڭ››دەپ تۇرۇۋالدى،
بوپتۇلا،ئالاي  خۇتۇننى،مىنى چىشلىۋالماس دەپ ئويلاپ ماقۇل بولدۇم،ئەمما لايىقنى ئۆزۈم تاللاشقا شەرت قويدۇم،ئۆيدىكىلەرمۇ قۇشۇلدى،بىراق راستىمنى ئېيتسام كىمنى تاللاشنى بىلمەيتتىم،چۈنكى مەن بۇ يۇرتتىن چىكەتكىلى نەچچە يىللار بوپ كەتكەنىدى،مەن تۇنۇيدىغان قىزلارنىڭ بىر ئىككىدىن بالىسى بوپ بولغانىدى،يېڭى چوڭ بولغان قىزلارنى بولسا تۇنۇمايتىم،ئۈرۈمچىدە قىزلارغا گەپ قىلىش ئاسان بولغان بىلەن يۇرتتىكى قىزلارغا بارغان پېتى گەپ قىلغىلى بولمىدى،ئاخىرى ئۆيدىكىلەر  تاقات قىلالماي ماڭا ئۆزى لايىق تاپتى،تاپقاندىمۇ يۇرتتىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان،نەچچە يەردە زىمىنى بار  باينىڭ يالغۇز قىزىنى تاپتى،قىزغۇ  بولىدىكەن،بىراق شەرتى باكەن،ماڭا  تويلۇق  سالماسمىش،پەقەت شۇلارنىڭ ئىگىلىكىنى باشقۇرۇپ بەرسەم بولارمىش،مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئىچ كۈيئوغۇل  بولىدىكەنمەن،بۇنىڭغا ھەرگىز قۇشۇلمۇدۇم.
__ نىمىشقا،باي  بوپ كىتىكەنسەنغۇ ئۇ قىزنى ئالساڭ،بىز  شۇ پۇلنى تاپىمىز دەپ شۇنچە جاپا تارتىپ  يۈرىيمىزغۇ؟
__ ئاداش،ئۆزەڭ بىلىسەن،بىز پۇلنى شۇنداق جاپادا تاپىمىز،شۇڭا خاتىرجەم خەجلەيمىز.براق خۇتۇننىڭ پۇلى  دىگەن خەقنىڭ پۇلى،يىگەن ئېغىز ئۇيىلىدۇ ئاداش،خۇتۇننىڭ مېلىنى يىگەنكەنسەن خۇتۇنغا گېپىڭ ئۆتمەيدۇ.شۇڭا بۇ قىزنى قەتئى رەت قىلدىم،دادامنىڭ يالۋۇرۇشلىرى،تەھدىت سېلىشلىرى كار قىلمىدى،ئاخىرى شەھەر ئىچىدە ئاشخانا ئېچىۋاتقان تاغامنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى،مەخسىتى تاغامنى ماڭا نەسىھەت قىلدۇرۇش ئدى،تاغامنىڭ دىنى بىلىمى  يۇقىرى بولۇپ يۇرتتا ھۆرمىتى يۇقىرى ئىدى،تاغام ماڭا نۇرغۇن  نەسىھەتلەرنى قىلدى،ئەمما مەن  گېپىمدە چىڭ تۇرىۋېلىپ تاغامنى دادامغا نەسىھەت قىلىشقا يالۋۇردۇم،ھېچ بولمىسا ئازراق ۋاقىت بېرىشنى ئۆتۈندۈم،تاغاممۇ دادامغا دەپ مىنى يېنىدا بىر مەزگىل تۇرغۇزماقچى بولدى،بۇيەردە ئاشخانىغا ياردەملەشتىم.ئاشخانىمىزدا قاچا قۇچا يۇيىدىغان بىر ئايال بار ئىدى،بىر كۈنى تاغام بىلەن ئولتۇرۇپ مىنىڭ تۇيۇم توغرىلىق پاراڭلىشىۋاتساق يېنىمىزغا كېلىپ ئولتۇردى.تاغام چاخچاق قىلىپ :‹‹سىزنىڭ قىزىڭىزنى ئەپ بىرەمدۇق يا  ئىنىمغا؟››دېدى.
ھېلىقى ئايال ئوڭايسىزلانغان ھالدا‹‹ۋىيەي....قىزىم تېخى ئەمدى 16 گە كىرگەن تۇرسا،كىچىك تېخى.›› دىۋىدى ھەممەيلەن كۈلۈشتى.مەنمۇ  شۇن چاغدىلا دۇكىنىمىزغا كۈندە ئىككى ئۈچ قېتىم كىرىدىغان،تۇرقىدىن 14 -15 ياشلاردا كۆرۈنىدىغان قىزنىڭ بۇ ئايالنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى بىلدىم،بۇ قىز  خېلىلا چىرايلىق قىز ئىدى،يېنىمىزدىكى دوختۇرخانىدا شاگىرت ئىدى،ئەتىسىدىن باشلاپ بۇ قىزغا دىققەت قىلىدىغان بوپ قالدىم،قىزنىڭ ئاپىسىمۇ قىزغا ئاخشامقى گەپلەرنى دەپ بەرگەن چېغى،قىزمۇ ماڭا  يۇشۇرۇنچە قارايدىغان بوپ قالدى،ئەپ تاپساملا بىرەر ئىشنى باھانە قىلىپ قىزنى گەپكە سېلىپ باقىمەن،‹‹ۋاي..........ئاكا ›› دەپ نىمە دىسەم شۇنى قىلىدۇ،خوجايىننىڭ ئىنىسى بولغاچقا ئىناۋىتىممۇ چوڭ دۇكاندا،شۇنداق قىلىپ خېلى جىق پاراڭلاشتۇق،بارا بارا  چاخچاق راسقا ئايلانغىلى تۇردى،مەنمۇ قىزنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغانسىرى ئۇنىڭغا بولغان قىزىقىشىم ئاشماقتا ئىدى،قىزنىڭ دىيىشىچە ئاپىسى  بىلەن  دادىسى قىز يېشىغا توشمايلا ئاجرىشىپ كەتكەن،قىز ئاپىسىنىڭ بېقىشىغا قالغان،كىيىن ئاپىسى قايتا ياتلىق بولغان،قىز شۇنىڭدىن باشلاپ چوڭ داداچوڭ ئانىسىنىڭ  يېنىدا چوڭ بولغان،ئاپىسىنىڭ باشقا قېرىنداشلىرىمۇ شۇ ئۆيدە بولغاچقا  چوڭلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆيدە گېپى ئۆتمەس بوپ قالغان،ئاپىسىنىڭ باشقا قېرىنداشلىرى بولسا قىزنى بىكار  يەيدىغان تەييار تاپ  دەپ ھە دىسە دۈشكەللەپ،ئۇرۇپ تىللىغان،ئاچ قويغان،بىچارە قىز 6 ياشقا كىرگەندىن باشلاپ مەكتەپتىن،ئۆينىڭ ئىشلىرىدىن ئېشىنغان ۋاقىتلىرىدا باشقىلارغا ياللىنىپ كىۋەز تەرگەن،ئوت ئوتىغان،ئىشقىلىپ  ھەممە جاپالارنى تارتىپ تاپقان پۇلىغا پۇتىغا ئاياق ،ئۇچىسىغا كۆينەك ئېلىپ كىيگەن،ھەتتا بىر قىشلىقى ئايىقى يىرتىلىپ كېتىپ ياماتقىلى پۇل  يوق  سوغۇقتا پۇتى ئۈششۈپ قالغان ئىدى،گېپىنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە كىچىكلەپ كەتكەن ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىنى كۆرسەتكەندە بولسا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي كۆزلىرىمگە ياش كەلدى،قىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن ئۆيدىن ئايرىلىپ مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇشقا توغرا كەلگەن،ياتاق  تاماقنى مەكتەپتىن كۆتۈرسىمۇ  باشقا پارچە خىراجەتنى تۆلەشكە قىزنىڭ ھامما تاغىلىرى ئۇنىمىغان،‹‹ئاپاڭ،داداڭ ھايات،شۇلار تۆلىسۇن.................››دەپ بەرمىگەن،ئاپىسىنىڭ يېنىغا بارغادا بولسا  ئاپىسى:‹‹مەن ئەرنىڭ قولىدىكى ئايال،ئەمدى مىنى ئىزدەپ كەلمە!››دەپ ھەيدىگەن،دادىسىنىڭ يېنىغا بارغاندا بولسا بۇ نا ئەھلى ‹‹نىمە قىلىسەن ئۇقۇپ،ئەرگە تەگ جېنىڭنى باقالمىساڭ زادىئوقۇيمەن دىسەڭ كوچىغا چىقىپ ئۆزەڭنى سات››دىگەن.بىچارە ئۆز دادىسىدىن مۇشۇ گەپنى ئاڭلاپ قان زار يىغلاپ ئاخىرى 10 كۈن مەكتەپكە بارماي پاختا تېرىپ 300 يۈەن پۇل تاپقان،بىراق بۇ پۇلنى ئاپىسىنىڭ كىچىك ئىنىسى ‹‹سۇ پۇلىغا بېرىمىز ››دەپ ئېلىۋالماقچى بولغان،قىز  بەرمىگەندە بولسا ‹‹سەن مۇشۇ ئۆينىڭ نېنىنى يەپ مۇشۇنچىلىك چوڭ بولغان،ئەمدى قايتۇر يىگەنلىرىڭنى!››دەپ ئۇرۇپ  قۇۋۇرغىسىنى سۇندۇرۋەتكەن،بىچارە قىز دورا ئىچىپ ئۆلۈۋالماقچى بولغاندا باشقىلار قۇتقۇزۇۋالغان..................................................
قىزنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم لەختە لەختە بولۇپ كەتتى.
__ ماڭا تىگەمسىز؟دىدىممەن قىزغا قاراپ.
__ مىنى تولا زاڭلىق قىلماڭ،سىزمۇ  يىتىمنى بوزەك قىلاي دەمسىز......؟
قىز يىغلاپ كەتتى.
__خاپا بولماڭ،سىزنى راسلا زاڭلىق قىلمىدىم،مەن قارار قىلىپ بولدۇم،سىزنى ئەمرىمگە ئالىمەن،ئەمدى سىزنى ھېچكىم يىغلاتمايدۇ.
__ ئۇنداقتا  مىنى يىراق يىراقلارغا ئېلىپ كىتىڭ بولامدۇ؟
__ بولىدۇ،سىزنى يىراقلارغا ئېلىپ كىتىمەن،ھېچكىم سىزنى بوزەك قىلمايدۇ،سىزگە ئەمدى ھېچكىم يۇقىرى ئاۋازدا گەپمۇ قىلالمايدۇ.
قىز بېشىنى يەلكەمگە قويدى.مەن قىزنىڭ بېشىنى سىلاپ باغرىمغا باستىم.
شۇنداق قىلىپ تاغانىڭ مۇنداقلا  قىلىپ قويغان چاخچىقى راسقا ئايلاندى،مەن دەسلەپتە  قىز ئىشلەۋاتقان دوختۇرخانىغا يۇشۇرۇن ھالدا كاۋاپ،سامسا تۇشۇپ يۈردۈم،بارا  بارا  بۇنى تاغام سېزىپ قالدى،ئەمما ئارتۇقچە بىر نىمە دىمىدى،بەزىدە مىنى  قىزغا چېتىپ بەزى چاخچاقلارنى قىلىپ قوياتتى،كىيىنچە مەن قىزغا ئاشكارا ھالدا تاماق تۇشۇيدىغان بولدۇم،قىز بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئۆيىگە ئەلچى ئەۋەتمەكچى بولدۇق،قىزنىڭ مەيلىچە بولسا تويمۇ قىلماي،نىكامۇ قىلماي ،ھېچكىمگە بىلىندۈرمەي بۇ يۇرتتىن چىقىپ كەتكىسى بارئىكەن،ئۆزىنى بىر ياشقا كىرمەي تۇرۇپ  تاشلىۋەتكەن دادىسى بىلەن ئاپىسىنىڭ،خورلىغان ھامما تاغىلىرىنىڭ  ئالدىغا بارغۇسى يوق ئىكەن،بۇنىڭغا مەن قۇشۇلمىدىم،نىمىلا بولمىسۇن مۇسۇلمان بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن قىزنىڭ ئىگە چاقىسىنى تېپىپ ،ئاز بولسىمۇ مەھرىنى بېرىپ  نىكالاپ ئېلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم.قىزنىڭ مەسلىھىتى  بويىچە قىزنىڭ ئاپىسىنى تېپىپ سۆزلەشمەكچى بولدۇم.
بىر كۈنى ئاشخانىنى تاقاپ ھەممەيلەن ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن قىزنىڭ ئاپىسىنى چاقىرىپ  گەپنىڭ ئۇچۇقىنى ئېيتتىم.
__ بەلكىم ئايگۈل سىزگە دىگەن بولىشى مۇمكىن،بىز  توي قىلىشنى پۈتۈشتۇق،ئەسلىدە ئالدىڭىزغا  چوڭلارنى ئەۋەتىشىم كىرەكتى،ئەمما  سىلەر تۇنۇشمايسىلەر،تاغامغا بولسا خىجىل بولۇپ ئويلىغىنىڭىزنى دىيەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن،شۇڭا يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ ئالدىڭىزدا تۇرۇپتىمەن،بولسا ئىككىمىزنىڭ ئىشىمىزغا قۇشۇلسىڭىز.....................
__ بوپتۇ _ دىدى قىزىڭ ئاپىسى،نىمە دەيتىم،قىزىمنى تۇغۇپلا قويغان يېرىم بار،ئەمما مەن ئانىلىق مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلالمىدىم،دادىسى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن ،قايتا  توي قىلماسمەن دەپ ئويلىغان،ئەمما  مۇمكىن بولمىدى،ئەردىن ئاجراشقان ئايالنىڭ كەينىدىن سۆز چۆچەك كۆپ بولىدىكەن،ئامال بولماي توي قىلدىم،يېڭى ئېرىمنىڭ ئۆيىگە مەن پاتقان بىلەن قىزىم پاتمىدى،ئۇ  ئۆيدىمۇ مەن باقىدىغان 4 بالا بار ئىدى،ېرىمنىڭ تىللاشلىرىدىن قورقۇپ بىچارە قىزىمنى چوڭلارنىڭ قېشىغا قالدۇردۇم،بىراق دادام بىلەن ئاپام 70-80  ياشقا كىرگەندە ئۆزىگىمۇ ئىگە بولالمىدى،بىچارە قىزىم  تېخمۇ قېقىندى سۇقۇندى بوپ كەتتى،مەن ‹‹مۇشۇ تەككەن ئېرىمدىن ھەرگىز ئاجراشمايمەن ››دەپ شۇنچە تىرىشساممۇ ئۆگەي باللىلىرىم چوڭ بولغاندا مىنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى،قىزىممۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ مەكتەپنى پۈتتۈردى،باشقىلار ماڭا  يەنە لايىق تاپتى،ئەمما مۇشۇ قىزىمنىڭ ھازىرغىچە تارتقان خورلۇقلىرىنىڭ ئورنىنى ئازراق بولسىمۇ تولدۇرۇپ بېرىش،بۇندىن كېيىنكى مۇھەببىتىمنى قىزىمغا بېغىشلاش ئۈچۈن لايىقلارنى رەت قىلدىم،ئاكا  ئىلىرىمنىڭ ئالدىدا پاتمىدۇق،ئۇلارنىڭ قولىغا قاراپ ياشىغىمىز كەلمىدى،شۇنىڭ بىلەن قىزىمنى دوختۇرلۇققا بېرىپ ئۆزەم ئاشخانىدا ئىشلەۋاتىمەن،ئەگەر سىلەر شۇنداق كىلىشكەن بولساڭلار مىنىڭ باشقا گېپىم يوق،بىراق قىزىم بەك كىچىك،مەن تېخى ئۇنىڭغا ئەرگە قانداق خىزمەت قىلىشنى،تاماق ئىتىشنىمۇ ئۆگەتمىدىم،خىزمىتىڭىزنى ياخشى قىلالماي تۆت كۈندە ھەيدەپ سالسىڭىز بۇمۇ ماڭا ئوخشاش كۈنگە قالارمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن........................دەپ قىزىغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى.
داۋامى بار.
مەنبە ئۆزۈم.تۇرمۇش.
تورداشلار،مەن بۇ  تېمىنى تورخانىدا ئوتۇرۇپ  يېزىۋاتىمەن،شۇڭا بەزىبىر قولايسىزلىقلارغا ئۇچراپ تۇرىمەن،تېمىنى پارچىلىۋەتتى دەپ  رەنجىمەستىن داۋاملىق دىققىتىڭلارنى مەن تەرەپكە قارىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

مۇنارلار نەيزە،قۇببىلەر قالقان، مەسجىدلەر گازارما،مۇئمىنلەر ئەسكەر، بۇ ئىلاھى قۇشۇن دىنىمنى قوغدار، ئاللاھۇ ئەكبەر! ئاللاھۇ ئەكبەر!!! بىز ھەممىمىز كۆرۈنمەس قورغاندىكى مەھبۇس.........!!!

ئۇرخۇن باتۇرى تا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14553
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5376
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1942 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-17 10:07:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېشىدىكى قىز مۇشۇ قىز شۇما ؟!~!ئۇنداق ئەمەستۇ ؟؟؟؟
ھەي،مۇشۇ ئىشزە،ئاتا-ئانىلار بالىسىنى تويغا زورلىسا تېخى زورلىمسا تېخى~~!

ئۆزەڭنى ھەقىقىي ئىنسان دىيىشتىن بۇرۇن،ئۆزەڭدىن: باشقىلارغا ھېچقانداق مەقسەتسىزلا ياردەم قىپباقتىممۇ دەپ سورا

كەڭ قۇرساق بولاي

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 2587
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17418
تۆھپە نۇمۇرى: 394
توردا: 5801 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-17 10:08:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يائاللا،ھازىرقى ئايالى دەل شۇ قىزچاق شۇ دىمەڭ ھە،ئەر ھە دەپ بەرسە بېشىغا مىنىپتۇ دەيمەن بۇ قىزنى جۇمۇ،ھا ھا ھا.داۋامىغا تەشنامەن،

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  ئاتا  قىل  ،  لىكىن  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46064
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1624
تۆھپە نۇمۇرى: 448
توردا: 738 سائەت
تىزىم: 2011-6-29
ئاخىرقى: 2011-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-17 10:36:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست گەپنى قلسام،مەن ھىچ نىمنى چۈشەنمىدىم!       قارىغاندا مىنڭ چۈشۈنىش ئقتىدارىم تۆۋەن ئوخشايدۇ!  قارىغاندا داۋامىنى تىزراق يازسىڭىز بولغىدەك!

دىللار پەقەت ئال

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1071
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12064
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 7512 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-17 10:40:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ،،،،،،،،،،،، داۋامى . قىنى  ئەجەپ  بىر ، تىز  يىزىڭە؟

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

ئەقىلسىز دوستۇڭ

دائىملىق ئــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 1054
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20922
تۆھپە نۇمۇرى: 1221
توردا: 2692 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-17 11:30:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىنىدىكى ئايالى شۇ قىز بولسا بۇ يىگىتكە بەك ئادالەتسىزلىك بولغۇدەك ،شۇڭا داۋامىنى تىزرەك يازارسىز.

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

دىللار پەقەت ئال

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1071
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12064
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 7512 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-18 12:18:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  nazila998 كە 2011-07-17 11:30 PMئەۋەتىلدى  :
يىنىدىكى ئايالى شۇ قىز بولسا بۇ يىگىتكە بەك ئادالەتسىزلىك بولغۇدەك ،شۇڭا داۋامىنى تىزرەك يازارسىز.
مەنچە  ئۇ  قىز  ئەمەس .
يىندىكى    ھازازۇل  ئايال چوقۇم  ھىلقى  باي  تويلۇق  
خەجىلەتىمەي  تەگمەكچى  بولغان  قىز،

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47388
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-7-10
ئاخىرقى: 2011-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-18 06:57:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتۇن ئىشىدا خوتۇننىڭ ئائىلە تەربىيلىنىشىگە قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدۇ،ئەقىدە ئېتىقادلىق ،ئاتا-ئانىسىنىڭ يۇرت ئىچىدە ياخشى نامى بار،ئاتا ئانىسى ئاجرىشىپ كەتمىگەن ئائىلىلەرنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىش ئەرنىڭ بەختى.چۈنكى ئىرسىيەت ئامىلىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى،‹‹قابۇسنامە››دە بۇھەقتە سۆزلەنگەن،كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.

بۇ دۇنيادا ھېچكى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7064
يازما سانى: 670
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40797
تۆھپە نۇمۇرى: 476
توردا: 8107 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-18 11:12:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىڭىز ياخشى باشلىنىپتۇ، داۋامىنى تېزرەك يېزىۋېتەرسىز

كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن كۆڭۈل،
قىينىمىسۇن يۈرەكنى ھەسرەت.
يازنىڭ ئالتۇن ئاپتىپىدەك،
ھەممىمىزگە ياغسۇن ئامەت.

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-18 11:55:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى تىزرەك يېزىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48080
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1589
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 2095 سائەت
تىزىم: 2011-7-16
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-18 01:56:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە باشتىكى قىز ئەمەسقۇ دەيمەن؟ ناۋادا شۇ قىز بوپ قالسا ئاغىنىڭىزنىڭ ھالىغا ۋاي ؟ ئۆزىنىڭ مەسۇليەت مەجبۇريتىنى بىلمىگەن قىزنى....... ئاخىرىنى تىزراق يازسىڭىز بوپتىكەن.

ۋاپاسىز ياردىن ۋ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1873
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2561
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 6941 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 01:36:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇمۇ باشقا ئەسەرلەرگە ئوخشاش ئاخىرى يوق تىمىمۇ نىمە؟ مىسرانىمدا مۇشۇنداق يىرىم يولدا توختاپ قالغان ئەسەرلەر خىلى كۆپ جۇمۇ.......

ئىمان بار يەردە،

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48530
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 872
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 960 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2011-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 01:54:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 11قەۋەت  mahliya كە 2011-07-27 01:36 AMئەۋەتىلدى  :
بۇمۇ باشقا ئەسەرلەرگە ئوخشاش ئاخىرى يوق تىمىمۇ نىمە؟ مىسرانىمدا مۇشۇنداق يىرىم يولدا توختاپ قالغان ئەسەرلەر خىلى كۆپ جۇمۇ.......
\\
\\بۇ ئەسەرگە بىر يىلدىن ئىشىپ كىتىپتۇ ،قارىغاندا ئاپتۇر تىخىچە يىزۋاتقان ئوخشايدۇ . قىنى كۈتۈپ باقايلى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50330
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 373
تۆھپە نۇمۇرى: 149
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2011-8-3
ئاخىرقى: 2011-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-7 03:26:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېزراق  ئاخىرىنى  يازسىڭىز  بوپتىكەن

يۇپۇرماقنىڭ  چۈشۈپ  كېتىشى،شامالنىڭ ئۇچۇرتۇپ كېتىشىدىنمۇ ياكى  دەرەخنىڭ  ئۇنى  تۇتۇپ  قالمىغانلىقىدىنمۇ؟؟؟

كۈلۈپ ياشاش كېرە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49711
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 850
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4002 سائەت
تىزىم: 2011-7-30
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-9 02:03:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى يوق  ئوخشايدۇ............................

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېـتىدۇ.过一天算一天
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش