مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1173|ئىنكاس: 24

بەزىلەر شېئىرنى كىم ئۈچۈن، نېمە ئۈچۈن يازى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەمەتجان مۇھەممەت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1176
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13837
تۆھپە نۇمۇرى: 1151
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2013-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-17 07:02:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

رۇخسەتسىز باشقا مۇنبەرگە يۆتكىمەڭ!
بەزىلەر شېئىرنى كىم ئۈچۈن،نېمە ئۈچۈن يازىدۇ؟
ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات

[align=justify]        مەن يېقىندىن بېرى مەتبۇئاتلاردا ۋە تورلاردا مەنىسىنى ئاۋام خەلق زادىلا چۈشەنمەيدىغان«گوڭگا»شېئىرلارنى تولا ئۇچرىتىدىغان بولۇپ قالدىم(بۇنىڭغا مىسال كەلتۈرۈش ھاجەتسىز).بۇنداق شائىرلارغا «بۇ شېئىرىڭىز قاملاشماپتۇ،مەن چۈشىنەلمىدىم»دەيدىغان بولسىڭىز بولدى،  ئۇلار سىزگە:«سىزدە شېئىرىي سەۋىيە بەكلا تۆۋەن ئىكەن، شۇڭا چۈشىنەلمەپسىز...»دەپ چىرايلىق قالپاقتىن بىرنى كەيدۈرۈپ قويىدۇ. شېئىرىيەت توغرىسىدا مەرھۇم  شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، جامائەت ئەربابى ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىم:«شېئىر خەلقتىن ۋاز كەچسە،خەلقمۇ شېئىردىن ۋاز كېچىدۇ» دېگەن ئىدى.
       « يېڭى دەۋر ئۇيغۇر شېئىرىيىتى» دەپ ئىسىم قويۇۋېلىپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ كونا قېلىپىنى بۇزۇپ تاشلىغۇچىلار ھەتتا پىشقەدەم شائىرلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرىغا قوشاق ياكى قاپىيە ئويۇنى دەپ لەقەم قويۇپ، ئۆزىنىڭ كىشى چۈشەنگىلى بولمايدىغان ئاتالمىش«ئەركىن شېئىر»لىرىنى«شېئىرىيەتنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى، شېئىرىيەت شەكلىنىڭ ئىسلاھات قىلىنىشى، ئەركىن ئىپادە قىلىش...»دېگەندەك بىر توقاي سۆزلەر بىلەن نىقاپلاپ ماڭماقتا.مەن بىر قارىسام ئۇنداق «شېئىر»لار نەسىرنىڭ قىسقارتىلمىسىغا ئوخشايدۇ، يەنە بىر قارىسام نەسىرى شېئىرغا ئوخشايدۇ. لېكىن ھېچقايسىسى ئەمەس. بۇنداق «شېئىر»لارنى ئوقۇغاندا كىشى يا نەسىر ئوقۇغاندەك بولمايدۇ ياكى شېئىر ئوقۇغاندەك بولمايدۇ،بۇنداق«شېئىر»لاردىكى سۆزلەرنىڭ بۇزۇلۇشى ئېغىر ، بۇنىمۇ ئۇلار «بىر ئېقىم، شېئىرىيەتنىڭ يېڭى ئېھتىياجى، يېڭى شېئىرىي شەكىل...» دەپ تەرپلىشىدۇ. شەخسەن مەن ئىستېتىك زوق ئالالمايمەن، ئويلاپ قالىمەن: بۇنداق ئاپتۇرلار شېئىرلىرىنى نېمە مەقسەتتە يازىدىغاندۇر؟ ئۇلار ئۆزىگە-ئۆزىلا ئادەممۇ ؟ نېمىشقا ئاۋامنىمۇ ئويلاپ قويمايدۇ؟بۇنداق چۈشنۈكسىز نەرسىلەرنى مەتبۇئاتقا ياكى تورغا يوللاپ ئاۋامغا تېڭىش دەل شۇلار دەۋاتقان كۆز قاراش زوراۋانلىغىدۇر، شۇنداقلا ئاۋامنى كۆزگە ئىلمىغانلىقتۇر. ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي شەكىللىرىدىن بىرى بولغان شېئىرىيەتنىڭ مەقسىدى ئادەم تەربىيەلەش، كىشىلەرنىڭ خۇشاللىقى،خاپىلىقى، ئىنتىلىشى... قاتارلىق روھى دۇنياسىنى ئىپادىلەشتۇر.ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ھاتتا خېلى ياخشى چىققان ناخشا تېكىستلىرىمۇ شېئىر ھىساپلانمايدىكەن. دەبدەبىلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىپ ئەنە شۇنداق چۈشىنىكسىز «شېئىر»لارنى يېزىپ، بۇ كوچىدا تەمتىرەپ يۈرگەن بۇ بىر قىسىم قەلەمكەشلەر زادى نېمە دېمەكچى؟شېئىرنى ئۇلار كىم ئۈچۈن، نېمە ئۈچۈن يازىدۇ؟
         يۇقۇرقىلار يالغۇز مېنىڭلا يۈرەك سۆزۈم ئەمەس،خېلى كۆپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ، ھەتتا بەزى قەلەم تۇتقانلارنىڭ يۈرەك سۆزى، ئويلىشىپ باقساق!
2011-7-17


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
Aytugh + 300 يېڭىچە، دادىل پىكىر!
OTYAK + 300

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 600   باھا خاتىرىسى

شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئۇن بولىدۇ. http://bbs.karahijran.com  قارا ھىجران مۇنبىرى

گەپنىڭ ئېزى ھەسە

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48109
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5461
تۆھپە نۇمۇرى: 590
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2011-7-17
ئاخىرقى: 2011-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-17 08:01:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەل كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلىپسىز...بۈگۈن ئۇشبۇ مۇنبەرەە ئەزا بۇۇلۇپ كىرىپ كۆرگىنىم ئەنە شۇ غەلىتە گۇڭگا شېئىر بولدى. بىردىنلا  ئىلھامىم كىلىپ شۇ شېئىرغا يانداش شېئىرمۇ يېزىپ ئۈلگۈردۈم.......بەلكىم ھەممە ئادەمنىڭ ئوي پىكرى ئوخشىمىغاچ مۇشۇنداقتۇ ئەمما نىمىسىنى دەي.........................

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1648
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11941
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 8187 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-17 08:26:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوپتۇ  يازالمايدىغانلار.  ئاشۇنداق  يىزىپ  ئۇگەنمەمدۇ.

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

ئادەمگە بىلىم كى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 3529
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165122
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 7741 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2013-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-17 08:32:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
5قول تەڭ بولمايدۇ ، بەلكى ئۈگىنۋاتقاندۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45034
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4766
تۆھپە نۇمۇرى: 238
توردا: 3635 سائەت
تىزىم: 2011-6-20
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-17 08:40:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك توغرا گەپ قىلىپسىز . ئۇنداق شېئىر يېزىۋاتقانلار بەلكىم نىمە دەۋاتقانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ. 17 يىللىق ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمدا  ئۇنداق قاملاشمىغان تىزمىلارنى شېئىر دەپ ئاتايدىغانلىقى توغۇرلۇق ھىچنىمە كۆرمەپتىكەنمەن. ئادىل تۇنىياز نى دورايمەن دەپ دورىيالمايۋاتامدىغاندۇ ياكى شۇنداق بىر نىمىلەرنى يېزىپ ئۆزىنى ئالاھىدە كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتامدىغاندۇ بۇ بىچارىلەر .  تېخى كۆزگە كۆرۈنگەن ،ھەممە ئىتراپ قىلغان يازغۇچىلىرىمىزنىمۇ ‹‹ شېئىرنى چۈشەنمەيدۇ ›› دەپ ئىنكاس يېزىپتۇ  شۇنداق شېئىر يازىدىغان بىرى. ئادىل تۇنىيازغا ئوخشاش داڭلىق يازغۇچى بولماقچى بولسا ، ئاۋال ئۇنىڭ ئىسىل ئەسەرلىرىنى، ئەسەرلىرىدىكى مەزمۇننى ئوبدان تەھلىل قىلىپ، ئۆزىدە شۇنداق ئەخلاق، بىلىم قۇرۇلمىسى يىتىلدۈرۈپ ئاندىن يازسىمۇ كېچىكمەيتى ئۇلار.  
                            پىنھان سۆيگۈ
     
                  گۈل گۈزەل بولىدۇ ئېچىلماستىلا،
                ئېچىلىپ كۆپ ئۆتمەي توزۇيدۇ غۇنچە.
                بىپايان ئوكياننىڭ تېگىدە مارجان،
                مەرۋايىت قېپىدا ئۇز بولار شۇنچە.
  
                يېتىلگەچ پوستىنىڭ ئىچىدە ئانار،
                 يېرىلىپ پىشقۇچە بولىدۇ تاتلىق.
                شۇ قەدەر قىممەتلىك كۆڭۈلدىكى سىر،
                ئاشكارا تۇيغۇلار بېرەلمەس شاتلىق.

                كۆزلىگەن نىشانغا تەككۈزەر ئوۋچى،
                چاتقاللار ئىچىگە ئالغاندا مۆكۈپ،
                مەن كۆڭۈل ساقلىدىم ئاشۇ تەرىزدە،
                بىراۋغا سىرىمنى يۈرمىدىم تۆكۈپ.

                ئىنتىلىپ ئۈن-تۈنسىز كۆيدۈم بىرىگە،
                ۋە لىكىن سۆيگۈمنى قىلمىدىم ئىزھار.
                 بولغاچقا ئاھ شۇنداق شېرىن لەززەتلىك،
                كۆڭۈلنىڭ قېتىدا يېتىلگەن سىرلار.

                 مەيلى دەر كۆيۈمسىز باشقىلار مېنى،
                 كۆيۈمسىز سۆيگۈمدە كۆيىمەن پىنھان.
                 قەلبىمگە لىق تولار ۋىسال شەربىتى،
                 سىرىمنى،سۆيگۈمنى بىلمەس ھىچ ئىنسان.

                                                     ئادىل تۇنىياز‹‹چۈمبەلدىكى كۆز››

روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ.(سۈرە شەمىس 9-ئايەت).

مۇھەببەت تۈگىگە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3630
يازما سانى: 325
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21388
تۆھپە نۇمۇرى: 3694
توردا: 5182 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2012-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-17 08:57:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈستىدىكى تورداش دىگەندەك بەش قول تەڭ بولمايدۇ. شېئىرغا قىزىقىدىغانلار مۇشۇنداق يېزىپ ئۈگۈنىدۇ. ئەمدى ئۇلارنى قوپۇپ، يازغىنىڭ نىمە ؟! دەپ سۆككىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ يازغىنى ياخشى بۇلامدۇ ياكى يامان بۇلامدۇ، ئۇ پەقەت سىزنىڭ قۇبۇل قىلىش ، قىلماسلىقىڭىزغا باغلىق.

بىراق ئۆزىنى شېئىرى ھۆجەيرىسى يوق تۇرۇپ شېئىر يازىتىم دەپ ، ئۆز ۋاقتىنى ئىسراپ قىلغاندىن كۆرە، بىر موچەننى ئىككى قىلىش ئۈچۈن تىرىشقىنى مىڭ ئەۋزەل! شائىرلارنىڭ تولىلىقىدا ، خەلىقىمىزنى غەپلەتتىن ئويغۇتىدىغان كىشىلەرنىڭ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئاز بولسۇن ئەمما ساز بولسۇن دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ.

مەنغۇ شېئىر يازالمايمەن لىكىن ھەقىقى شائىرنىڭ چىن يۈركىدىن چىققان شېئىرلارنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيمەن. ۋە مۇشۇنداق شېئىرلار ھەقىقى يۈركىمگە تىگىدۇ. مۇنبىرىمىزدە بىر قانچە شائىرلاربار ساناقلىقلا ،شۇلارنىڭ شېئىرلىرىنى قوغلاپ يۈرۈپ ئوقۇيمەن.  ئۇلارنىڭ شېئىرلىرى ھەقىقى غورورىدىن ئۇرغۇپ چىقىدۇ.

مىنىڭ ھىس قىلىشىم ، شېئىر ھەجىمى ئىنتايىن كىچىك ، بىراق مەزمۇنى پۈتۈن بىر مىللەتنى ئويغۇتالايدىغان نەرسە.

سېنى بويسۇندۇرغان كىشنىڭ ساڭا قىلغان ۋەدىسى ۋە تەسەللىسى، غەلبىدىن كېيىن سىنىڭ ئالدىڭدا كۆرەڭلىگىنىدۇر!

ئەمەتجان مۇھەممەت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1176
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13837
تۆھپە نۇمۇرى: 1151
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2013-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-17 09:11:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى تورداشلار شېئىر يېزىشنى يېڭىدىن ئۆگۈنۈۋاتقانلار شۇنداق يازىدۇ دەپتۇ.مېنىڭ دەۋاتقىنىم مەتبۇئاتلاردا يامان ئەمەس شېئىرلارنى ئېلان قىلىۋاتقان  بەزى قەلەمكەشلىرىمىزمۇ«يېڭىچە ئۇسلۇب» قاينىمىغا كىرىپ كېتىۋاتىدۇ.

شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئۇن بولىدۇ. http://bbs.karahijran.com  قارا ھىجران مۇنبىرى

كۈنلەر ئۇزۇن.ئەت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5434
يازما سانى: 1680
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9809
تۆھپە نۇمۇرى: 934
توردا: 3746 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-17 09:19:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

5قەۋەتتىكى(Kunduz^_^ay) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قال

مەنمۇ شۇنداق قاراشتا.

قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر، ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر. قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا، نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر. ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.

بىز نېمىلەرنى يوقىتىۋاتىمىز ؟.

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36864
يازما سانى: 877
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6854
تۆھپە نۇمۇرى: 615
توردا: 4533 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2013-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-17 09:19:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
            مېنىڭچە شئېرنى خەلق ئۈچۈن يېزىش كېرەك . مۇھەممەتجان راشىدىن ، روزى سايىتلارنىڭ شىئېىرىنى نېمە ئۈچۈن خەلق سۆيىدۇ ؟  تىلى ئاممىباپ ، يەڭگىل ، چىن ، ھەقىقىي ...
            بۇنىڭدىن سىرت ، بوغدا ئابدۇللا ، ئادىل تۇنىيازلار مۇ بار ، بولۇپمۇ ئادىل تۇنىياز دەك گۇڭگا يېزىش ماھارىتى ۋە ئىقتىدارى ھەممىلا ئادەمگە نېسىپ بولمايدۇ .
            شئېىرىيەتكە قىزىقىش ۋە ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىش ئۈچۈن نۇرغۇن مۇساپە كېرەك ، شۇڭا ، بىر قىسىم شئېىر ھەۋەسكارلىرىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ ...
      

گۈل ئۆستۈر ، لېكىن كىمنىڭ پۇرىشى بىلەن ھېساپلاشما ؛ يول ياسا ، بىراق ئۇنىڭدا كىمنىڭ مېڭىشى بىلەن ھېساپلاشما ؛ ئۆمرۈڭنى مەنىلىك ئۆتكۈز ، بىراق ئۇنىڭ قانچىلىك قالغانلىقى بىلەن ھېساپلاشما ؛ ھەممە چىرايلارغا كۈلكە سېلىپ قوي ، بىراق ئۇلاردىن بەدەل تەلەپ قىلما . ھايات تەبىرىنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39057
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3660
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 388 سائەت
تىزىم: 2011-4-29
ئاخىرقى: 2012-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-17 10:11:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوبدان تىما بوپتۇ بۇ،
ناخشا تىكىستى بىلەن شىئىرنىڭ قايسى جەھەتتە پەرقى بار.
ماڭا ناخشا تىكىستى توغۇرلۇق بىر چۇشەنچە بەرسەڭلا .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش