|
|
|
|
‹‹ئەخلەت ئوغىرسى››ark-zat ھويلىسىدا
كەسپىي ۋە ئۇنېۋېرسال بىلىم ،ئەمەلىي خىزمەت،تۇرمۇشتا باشقىلارغا بەك بوزەك بولۇپ كەتمەيدىغان مۇنبىرىمىز ئەزاسى ark-zat ئەپەندىم يېقىندا ‹‹ئەخلەت ئوغىرسى››غا بوزەك بولۇپ ئوغىسى بەك قاينىدى. بۇ ۋەقەنى ئۇ ماڭا ئۆز ئېغىزى بىلەن سۆزلەپ بەرگەندە مەن ھەيران قالدىم ھەم كۈلگۈممۇ كەلدى.
مېنىڭ ‹‹ئەخلەت ئوغىرسى››دېگىنىم كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىپ ساتقۇچىلار ئىچىدىكى ئوغرىلاردۇر.
يۇرتىمىزدا مېنى تەسىرلەندۈرگەن بىر كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىپ ساتقۇچى بوۋاي بار. ئۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىپ سېتىپ پۇل تېپىپ ،مۇشۇ پۇل بىلەن ئىككى بالىسىنى داڭلىق ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇپ ياراملىق ئادەم قىلغان.جەمئىيەتتە مۇشۇ بوۋايدەك كېرەكسىز نەرسە يىغىشنى مەينەت ،جاپالىق ئىش دېمەي شوغۇللۇنۇپ كېلىۋاتقان ئىشچانلار خېلى كۆپ.بۇلار بىر تەرەپتىن ھالال مېھنىتى ئارقىلىق پۇل تاپسا ،يەنە بىر تەرەپتىن كېرەكسىز‹‹ئەخلەت››لەرنى بىر تەرەپ قىلىپ مۇھىتنى ئاسىراشقا تۆھپە قوشىدۇ.لېكىن ark-zat ئەپەندىمگە چېقىلغان بۇ ‹‹ئەخلەت ئوغىرسى›› كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىپ ساتقۇچى ئىشچان،تۆھپىكار يولداشلارنىڭ شەنىگە ئېغىر داغ چۈشۈردى.
بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق؛ark-zat ئەپەندىم ئىلگىرى ناھىيە بازىرى ئەتىراپىدىكى ئۆزى سالغان بىر قەۋەتلىك ئۆيىدە ئولتۇراتتى.بۇلتۇر بېنا ئۆي سېتىۋېلىپ كۆچۈپ كەتكەن.بۇ بىر قەۋەتلىك ئۆيىدە نۇرغۇن ئائىلە بىساتلىرى بولۇپ،بۇ ئۆيدە ئىنىسى ئولتۇرىۋاتاتتى.بىر كۈنى ئىنىسى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلسە دەرۋاز ۋە ئۆينىڭ قۇلۇپى بۇزۇق،ھويلا،ئۆي ئىچى قالايمىقان تۇرغىدەك.ئۇ دەرھال ئاكىسى ark-zat ئەپەندىمگە تېلىفۇن قىلغان. ark-zat ئەپەندىم كېلىپ تەكشۈرسە ئۆيدىكى كىر يۇيۇش ماشىنىسى،مەش،سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز باكى،قازان، ۋېلىسپىت،بالىسى بوۋاق ۋاقتىدا مىنگەن بوۋاقلار ۋېلىسپىتى ...قاتارلىق مىتالغا ئائىت نەرسىلەرلا يوق تۇرغۇدەك.باشقا ياغاچ بويۇم، لاتا-پۇتا،كىگىز،گېلەم قاتارلىق نەرسىلەر جايىدا تۇرۇپتۇ.ئەقىللىق ark-zat ئەپەندىم دەرھاللا ‹‹بۇ ئىشنى چوقۇم كېرەكسىز نەرسە يىغىپ ساتقۇچىلار قىلغان››دېگەن ئويغا كېلىپ ،ئىنىسى بىلەن بىرگە كېرەكسىز نەرسىلەرنى توپ سېتىۋېلىش ئورۇنلىرىنى ‹‹رازۋېتكا ››قىلغان.دېگەندەك،بىر كېرەكسىز نەرسىلەرنى توپ سېتىۋېلىش ئورنىدا يوقاپ كەتكەن نەرسىللىرىنى ئۇچىراتقان ۋە ساقچىخانىغا دىلو مەلۇم قىلغان.ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئوغرىنىمۇ تۇتقان.ئۇ ئوغرى، ئوغىرلىغان بۇ نەرسىلەرنى چېقىپ،ماكچايتىپ ئىشلەتكىلى بولمايدىغان قىلىۋەتكەن.لېكىن ساقچىلار دىلو پاش قىلىش جەريانىدا ark-zat ئەپەندىمنى تولا چاقىرىپ ۋە زاڭ مال بىلەن بىرگە رەسىمگە تارتىمىز دەپ بەك ئاۋارە قىلىۋەتكەن. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقتىن زېرىككەن ark-zat ئەپەندىم بۇ 3مىڭ يۈەنلىك نەرسىللىرىگە 800يۈەنلا تۆلەم ئېلىپ بولدى قىلغان.بۇ بىر ئاددىي دىلو مىسالى بولۇپلا قالماي، ئىبرەت ئېلىشقا تېگىشلىك دىلو.بۇ خىل دىلو كۆپىنچە كىشىلەر ئىشقا كەتكەن كۈندۈزى يۈز بېرىدۇ. شۇڭا ھەممىمىز ‹‹ئەخلەت ئوغرىسى››دىن ھۇشيار بولايلى!!
مەنبە:ئۆزۈم.
ئەسكەرتىش؛( ark-zat ئەپەندىمنىڭ قوشۇلىشى بىلەن يوللاندى)
|
|
|
|
|
|