مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 557|ئىنكاس: 5

تارىختىكى بۈگۈن(16-ئىيۇل) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-16 07:10:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1997-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، چاۋشيەن بىلەن كورىيە ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. چاۋشيەن خەلق ئارمىيىسى بىلەن كورىيە ئارمىيىسى چاۋشيەن ئۇرۇش توختىتىش ھەربىي چېگرا سىزىقى ئەتراپىدا توقۇنۇشقان. كورىيە خەلق ئارمىيىسى 3060 نەچچە پاي ئوق ئېتىپ، چاۋشيەن ئارمىيىسىدىكىلەرنى يارىلاندۇرغان.

1994-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز بىلەن يۇپېتىر ئۆزئارا سوقۇلغان. ئامېرىكا ئاسترونومىلىرى 46 سانتېمىتىرلىق تېلىسكوپ بىلەن بۇ ھادىسىنى كۆزەتكەن. بۇ ھادىسە ئادەتتە نەچچە ئون مىڭ يىلدا بىر قېتىم يۈز بېرىدۇ. بۇ قېتىملىق سوقۇلۇش ئورنى دەل يەرشارىنىڭ كەينى تەرىپىدىكى قاراڭغۇ جايغا توغرا كەلگەچكە كىشىلەر يەرشارىدا تۇرۇپ بۇ ھادىسىنى كۆزىتەلمەيدۇ. قۇيۇقلۇق يۇلتۇز بىلەن يۇپېتېرنىڭ سوقۇلۇشىنىڭ يەرشارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 800 مىليون كىلومېتىر بولغاچقا، يەرشارى ۋە قۇياش سېستىمىسىغا زىيان ئېلىپ كەلمەيدۇ.

1985-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، بىر توپ ياش بالىلار بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ كومپىيوتېرىغا تاجاۋۇز قىلغان. بۇ يېڭى جېرسى شىتاتىدىكى يەتتە بالا كومپىيوتېر ئارقىلىق مەخپىي مەلۇماتلار بىلەن ئۇچرىشىپ، قالايمىقانچىلىق چىقارغان.

1979-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سادام ھۈسەيىن ئىراق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پىرېزىدېنتى بولغان. ئۇ ئېراقنىڭ 5-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى. سادام 1937-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىراقتا تۇغۇلغان. 2006-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى دارغا ئېسىش جازاسى بېرىلگەن. سادام 1960-يىلى 2-ئايدا قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ئۆگەنگەن. سادام زۇڭتۇڭ بولۇش جەريانىدا نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، لېكىن سىياسىي ھوقۇقنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇپ كەلدى.ئامېرىكا ئارمىيىسى 2003-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېراقنىڭ پايتەختى باغدادقا ھۇجۇم قىلغان، شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامېرىكا ئارمىيىسى «قارت شەكلىدىكى تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقارغان. 2003-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى سادام يۇرتى تىكرىتتا تۇتۇلغان، شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئالتىدىن بەش مىنۇت ئۆتكەندە دارغا ئېسىش جازاسى بېرىلگەن.

1967-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا تۆمۈر يول ئىدارىسىدىكى ئىشچىلار ئىش تاشلىغان. 137 مىڭ تۆمۈر يول ئىشچىسى مەملىكەت خارەكتىرلىك ئىش تاشلىغان، بۇ ۋەقە ئامېرىكىنىڭ ۋېيتنام ئۇرۇشىدىن كېيىن مال باھاسىنىڭ تېزدىن ئۆسۈشى، ئىشچىلارنىڭ مائاشىنىڭ ئىزچىل تۆۋەنلىشىدىن كېلىپ چىققان. ئىشچىلار ئىش تاشلىغان 48 سائەت ئىچىدە تۆمۈر يولنىڭ زىيىنى 75 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

1945-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادىكى تۇنجى ئاتوم بومبىسى ئامېرىكىنىڭ يېڭى مېكسىكا شىتاتىدا غەلبىلىك پارتلىغان. بۇ پىلانغا ئەينى ۋاقتىدا ئىككى مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغ كەتكەن. 100 مىڭدەك پەن-تېخنىكا خادىمى بىرلىكتە تەتقىق قىلغان.

مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-16 07:39:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سادامنى كۆرۈپ بوشنى ئەسلەپ قالدىم.

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

تېخى ئوماق بالىمەن!!!!!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9646
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14073
تۆھپە نۇمۇرى: 2147
توردا: 2917 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2014-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-16 08:35:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سادام بىر ئەزىمەت!

تېخى ئوماق بالىمەن!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41753
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5355
تۆھپە نۇمۇرى: 292
توردا: 1093 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-16 09:18:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2قەۋەتتىكى(arman81) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

سادام ھەرگىزمۇ ئەزىمەت ئەمەس،ئۇ ئۆلۈپ ياخشى بولدى،ئۇ بىر دۆلەتنىڭ رەھبىرى تۇرۇپ،خەلقىنى ئەزدى،ئۇرۇشتا ئۆلۈم شارابىدىن قورقۇپ،سۇقۇنۇپ يۈردى،خەلقىنى تاشلىۋەتتى،ئاخىرى قۇربان ھېيتتا ئۆلتۈرۋەتتى،مەن بوشقا قايىل،ئۇ بىر تەلۋە زۇڭتۇڭ،دۇنيادا ئامىېركا تارىخىدىلا ئەمەس،دۇنيادا مۇھىم تارىخىنى قالدۇرۇپ كەتتى،سادام ئۆلمىسە بولمايتى،خەلقىنى پارچىلغان،ئەزگەن ئادەم ئۆلۈشكە لايىق،ئۇ گەرچە مۇسۇلمان بولسىمۇ،ئۇنى مەدىھىلەشكە ئەرزىمەيدۇ!

ۋىجدان ئەخلاقنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45065
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3525
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 3756 سائەت
تىزىم: 2011-6-20
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-16 11:05:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتور(tumurkala) نىڭ تېمىسىغا

مەنمۇ بىلىۋالدىم،رەھمەت.

ئىللىق ئائىلەم ئىللىق ماكانىم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12698
يازما سانى: 381
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9030
تۆھپە نۇمۇرى: 544
توردا: 2364 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2014-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-17 11:07:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سادام باغداد كوچىسىدا تىك تۇرۇپ ئۆلگەن بولسا،ئۇ كىشىلەر ئۇنتىمايدىغان ھەقىقى ‹ئەرەب رەھبىرى› بولغان بولاتتى.......

ئاتىنىڭ ھۆرمىتى بولمىغان ئائىلە مەجرۇھ  ئائىلە!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش